شىنجاڭ ئاكادېمىيە تورى
شىنجاڭنىڭ ئالدىنقى يېرىم يىلدا سىرتقا يەتكۈزگەن توك مىقدارى 61 مىليارد 600 مىليون كىلوۋات سائەت بولدى
يوللانغان ۋاقىت :2023-08-08 |   ئاپتور :   |   مەنبە : شىنجاڭ گېزىتى

شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 8 - ئاينىڭ 6 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى چېن چياڭۋېينىڭ شىنجاڭ ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى سودا مەركىزى چەكلىك شىركىتىدىن ئىگىلىشىچە، ئالدىنقى يېرىم يىلدا، شىنجاڭنىڭ سىرتقا يەتكۈزگەن توك مىقدارى جەمئىي 61 مىليارد 610 مىليون كىلوۋات سائەت بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %2.87 ئاشقان، بۇنىڭ ئىچىدە، سىرتقا يەتكۈزۈلگەن يېڭى ئېنېرگىيەلىك توك مىقدارى 20 مىليارد 436 مىليون كىلوۋات سائەت بولۇپ، سىرتقا يەتكۈزۈلگەن ئومۇمىي توك مىقدارىنىڭ %30تىن كۆپرەكىنى ئىگىلىگەن.

6 - ئايدىن بۇيان، مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا تېمپېراتۇرا سىجىل ئۆرلىدى، ئېنېرگىيە كارخانىلىرىمۇ يازلىق توك ئىشلىتىش يۇقىرى پەللە مەزگىلىدىكى توك بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش مەزگىلىگە كىردى. 6 - ئايدا، شىنجاڭنىڭ يەككە ئايدا سىرتقا يەتكۈزگەن توك مىقدارى 10 مىليارد 675 مىليون كىلوۋات سائەت، بۇنىڭ ئىچىدە سىرتقا يەتكۈزۈلگەن يېڭى ئېنېرگىيەلىك توك مىقدارى 3 مىليارد 714 مىليون كىلوۋات سائەت بولۇپ، سىرتقا يەتكۈزۈلگەن ئومۇمىي توك مىقدارىنىڭ %34.79ىنى ئىگىلىدى.

شىنجاڭنىڭ سىرتقا يەتكۈزگەن 61 مىليارد 610 مىليون كىلوۋات سائەت توك مىقدارى 100 مىليون كىشىنىڭ 266 كۈنلۈك توك ئىشلىتىش ئېھتىياجىنى قامدىيالايدۇ، ئەگەر يېقىلغۇ كۆمۈر مىقدارى بويىچە ھېسابلىغاندا، 18 مىليون 640 مىڭ توننىغا باراۋەر كېلىدۇ، ھەربىر پويىز ۋاگونىنىڭ يۈك كۆتۈرۈش مىقدارىنى 60 توننا بويىچە ھېسابلىغاندا، تەخمىنەن 280 مىڭ ۋاگون بولغاندا ئاندىن توشۇغىلى بولىدۇ، بۇ، توك يەتكۈزۈلگەن ئۆلكە (شەھەر)لەر ئۈچۈن 50 مىليون 320 مىڭ توننا كاربون Ⅳ ئوكسىدى، 160 مىڭ توننا گۈڭگۈرت Ⅳ ئوكسىدى، 140 مىڭ توننا ئازوت ئوكسىدىنى ئاز قويۇپ بەرگەنگە باراۋەر.

شىنجاڭنىڭ مول ئېنېرگىيە بايلىقى ئەۋزەللىكى ۋە «ئىچكى قىسىمنى تەمىنلەيدىغان تۆت ھالقىسىمان تور، سىرتقا يەتكۈزىدىغان تۆت يول» ئاساسىي تور رامكىسىغا تايىنىپ، دۆلەت ئېلېكتىر تورى شىنجاڭ ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى چەكلىك شىركىتى شىنجاڭنىڭ ئېلېكتىر ئېنېرگىيە ئىقتىدارى ۋە يول ئىقتىدارىنى تولۇق قېزىپ، سىرتقا يەتكۈزۈش كۆلىمىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن كېڭەيتتى. ئالدىنقى يېرىم يىلدا، ئىككى ئۆزگىرىشچان توك لىنىيەسىدە سىرتقا يەتكۈزۈلگەن توك مىقدارى 8 مىليارد 495 مىليون كىلوۋات سائەت، قومۇلنىڭ جەنۇبى − جېڭجوۋ 800± كىلوۋولتلۇق ئالاھىدە يۇقىرى بېسىملىق تۇراقلىق توك يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشى بويىچە سىرتقا يەتكۈزۈلگەن توك مىقدارى 23 مىليارد 768 مىليون كىلوۋات سائەت، سانجى − گۇچۈەن 1100± كىلوۋولتلۇق ئالاھىدە يۇقىرى بېسىملىق تۇراقلىق توك يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشى بويىچە سىرتقا يەتكۈزۈلگەن توك مىقدارى 29 مىليارد 347 مىليون كىلوۋات سائەت بولدى.

ئالدىنقى يېرىم يىلدا، شىنجاڭنىڭ ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى ئاساسلىقى 14 ئۆلكە، شەھەرگە يەتكۈزۈلدى، بۇنىڭ ئىچىدە خېنەن، ئەنخۇي، جېجياڭ، جياڭسۇغا يەتكۈزۈلگەن توك ئايرىم - ئايرىم ھالدا 25 مىليارد 400 مىليون كىلوۋات سائەت، 14 مىليارد 600 مىليون كىلوۋات سائەت، 7 مىليارد 400 مىليون كىلوۋات سائەت، 7 مىليارد 300 مىليون كىلوۋات سائەت بولدى.

مەنبە:

مەسئۇل مۇھەررىر: رەشىدە مامۇت