شىنجاڭ ئاكادېمىيە تورى
شىنجاڭ «بىر» دېگەن سۆزنى باش ئورۇنغا قويۇپ، تىجارەت - سودا مۇھىتىنى ئەلالاشتۇردى
يوللانغان ۋاقىت :2023-08-08 |   ئاپتور :   |   مەنبە : شىنجاڭ گېزىتى

□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جېڭ جو

«كارخانا ئېچىش، كارخانىلارنى ئاددىي تەرتىپتە تىزىمدىن ئۆچۈرۈشتە بىر ئىشنى بىر قېتىمدىلا بېجىرىش» «ئىلتىماس قىلىش تەرتىپىنى بىر قېتىمدىلا ئۇقتۇرۇش» «كارخانىلارنى بىر قېتىملا قاترىتىش» «بارلىق ماتېرىيالنى بىر قېتىمدىلا تاپشۇرۇش»... شىنجاڭدا تىجارەت - سودا مۇھىتى تىلغا ئېلىنسا، «بىر» دېگەن سۆز كۆزگە كۆپ چېلىقىدۇ. باش تېما تەربىيەسى قانات يايدۇرۇلغاندىن بۇيان، شىنجاڭدىكى 1 - تۈركۈمدە باش تېما تەربىيەسىنى قانات يايدۇرغان ئورۇنلار باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ تىجارەت - سودا مۇھىتىنى ئەلالاشتۇرۇش توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ ئىنكاسى كۈچلۈك بولغان، شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى چەكلەپ تۇرۇۋاتقان گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى كۆزلەپ، يۇقىرى - تۆۋەن ھەمتۈرتكە بولۇپ، دەرھال ھەرىكەتكە كېلىپ دەرھال تۈزىتىپ، تۈزىتىش - تۈزەشنى پۇختا قانات يايدۇرۇپ، بازارلاشقان، قانۇنچىللاشقان، خەلقئارالاشقان تىجارەت - سودا مۇھىتىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن بەرپا قىلدى.

بىر ئىشىكتىن كىرىپ، ھەممە ئىشنى بېجىرىپ بولۇش

7 - ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدا، بورتالا شەھىرىدىكى تىجارەتچى ۋۇ جېنلياڭنىڭ قولايلىق دۇكىنى ئوڭۇشلۇق تىجارەت باشلىدى. ئەمما ئالدىنقى يىلى، ئۇ دۇكان ئېچىش تەرتىپىنىڭ مۇرەككەپ بولۇشى قاتارلىق سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ۋاز كەچكەن ئىدى.

ئالدىنقى يىلى كەسىپ بېجىرگەندە، ۋۇ جېنلياڭ بىر قېتىملىق ئۇقتۇرۇش قەغىزىدىكى مۇرەككەپ ماتېرىيال تىزىملىكىدىن چۆچۈپ كېتىپ، ئارقىدىن تۈرلۈك سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن دۇكان ئېچىشنى ۋاقتىنچە كېچىكتۈرگەنىدى.

بۇ يىل 7 - ئايدا، بۇ ئىش يەنە بىر قېتىم كۈنتەرتىپكە كىرگۈزۈلدى. ۋۇ جېنلياڭنى خۇش قىلغىنى، بۇ قېتىم ئۇنى كۈتۈپ تۇرغىنى مۇرەككەپ ئۇقتۇرۇش تىزىملىكى ئەمەس ئىدى. مەمۇرىي مۇلازىمەت مەركىزىنىڭ ئۇنىۋېرسال كەسىپ «بىر ئىشنى بىرلىشىپ بېجىرىش» كۆزنىكىدە، ئۇ پەقەت كىملىك، تىجارەت ئورنى ئىسپاتى قاتارلىق ئاساسىي ماتېرىياللار بىلەن تەمىنلەپلا، بىر سائەتكە يەتمىگەن ۋاقىتتا دۇكان ئېچىشقا ئالاقىدار كىنىشكىلەرنى ئالدى.

باش تېما تەربىيەسى قانات يايدۇرۇلغاندىن بۇيان، شىنجاڭ كۆپ تارماق مەسئۇل بولىدىغان «كۆپ ئىش»نى يىغىنچاقلاپ، كارخانا ۋە ئاممىنىڭ نەزەرىدىكى «بىر ئىش»قا ئايلاندۇرۇپ، ئاممىنىڭ ئىش بېجىرىش ئۈنۈمىنى زور دەرىجىدە ئۆستۈردى.

«كارخانا ۋە ئاممىنىڭ رازى بولۇش - بولماسلىقى باش تېما تەربىيەسىنىڭ ئۈنۈمىنى باھالايدىغان تۈپ ئۆلچەم.» ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت ئىشلىرى مۇلازىمىتى ۋە ئاممىۋى بايلىق سودا مەركىزىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى مۇنداق بىلدۈردى: باش تېما تەربىيەسى قانات يايدۇرۇلغاندىن بۇيان، مەركىزىمىز خەلق تۇرمۇشىغا دائىر ئىلتىماس - تەلەپلەرنى كەڭ دائىرىدە ئاڭلاپ، مەسىلىنى «كۆرسىتىش»، ئىلگىرىلەش جەريانىنى ئاشكارىلاش، نەتىجىسىنى ئېلان قىلىش ئارقىلىق، «بىر ئىشنى بىرلا قېتىمدا بېجىرىش»نى زور كۈچ بىلەن يولغا قويۇپ، ھەرقايسى جايلارنىڭ ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ يۈرۈشلۈك ئىسلاھاتلارنى يولغا قويۇشىغا يېتەكچىلىك قىلىپ، ئەمەلىي ئۆزگىرىشلەر ئارقىلىق ئاممىنىڭ ئىشەنچىسىگە ئېرىشتى.

بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى كۆچمەس مۈلۈكنى تىزىملاشتا «ئۆينى تاپشۇرۇپلا كىنىشكا تارقىتىش» «نىمكەش ئۆي سودىسى ھەم سۇ، توك، گازنى بىرلەشتۈرۈپ ئىگىدارنىڭ نامىغا يۆتكەش بىر ئىشى» باش تېمىسىدىكى يۈرۈشلۈك كەسىپنى يولغا قويدى؛ تارباغاتاي ۋىلايىتى بىر پارچە تەكشۈرۈپ تەستىقلاش جەدۋەل تىزىملىكى، بىر يۈرۈش ئىلتىماس قىلىش ماتېرىيالى ئارقىلىقلا تەكشۈرۈپ تەستىقلاش چارىسىنى يولغا قويۇپ، تىجارەت كىنىشكىسى، تامغا قاتارلىقلارنى ھەقسىز ئوراپ كارخانىغا تارقىتىپ بەردى؛ ئۈرۈمچى شەھەرلىك بازار نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش تارماقلىرى «بىر كىنىشكا كۆپ ئادرېس» «بىر گۇۋاھنامە كۆپ ئادرېس» ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، كۆپ جايدا بېجىرىلىدىغان ئىشلارنى «بىر كۆزنەكتە بېجىرىش» ئەندىزىسىنى يولغا قويدى...

بىر مەقسەتتە كۈچ چىقىرىپ، بىر ئىشنى بىرلا قېتىمدا بېجىرىش

ئاينۇر مەتسەيدى شىنجاڭ كالۇلىي يېمەك - ئىچمەك باشقۇرۇش چەكلىك شىركىتىنىڭ ئىجتىمائىي سۇغۇرتا مەخسۇس باشقۇرغۇچىسى. تۇنجى قېتىم شىركەتكە ۋاكالىتەن خىزمەتچىلەر ئۈچۈن ئىجتىمائىي سۇغۇرتا كەسپىنى بېجىرىش جەريانى ئۇنىڭ ئېنىق ئېسىدە. ئۇ مۇنداق دېدى: سانلىق مەلۇماتتىن تارماق ھالقىپ ئورتاق بەھرىلىنىش ئىشقا ئاشۇرۇلغاچقا، شىنجاڭ ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ئاممىۋى مۇلازىمەت سۇپىسىدا، پەقەت كارخانىنىڭ بىرتۇتاش ئىجتىمائىي ئىناۋەت كودىنى كىرگۈزسىلا، كارخانىنىڭ ئاساسىي ئۇچۇرىنى تولۇق كۆرگىلى بولىدۇ. «ئورۇننىڭ ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ئۇچۇرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش» بۆلىكىنى چېكىپ كىرىپ، مەخسۇس باشقۇرغۇچىنىڭ ئىسىم - فامىلىسى، ئالاقىلىشىش ئۇسۇلى ھەمدە بانكىدىن ئالغانلىق، بانكىغا تاپشۇرغانلىق قاتارلىق ئۇچۇرلارنى ياخشى تولدۇرسىلا، شۇ ھامان ئىلتىماس قىلىش مۇۋەپپەقىيەتلىك بولىدۇ.

ئىلگىرى، كارخانا ۋە ئامما بىر ئىشنى بېجىرگەندە، ئەگەر ئىككى ھەم ئۇنىڭدىن ئارتۇق ھۆكۈمەت ئىشلىرى مۇلازىمىتىگە چېتىشلىق ئىش بولسا، كۆپ ھاللاردا ئوخشاش بولمىغان تارماق، ئوخشاش بولمىغان قاتلام، دەرىجىدىكى ئوخشاش بولمىغان كۆزنەكلەرگە بېرىپ ئايرىم - ئايرىم بېجىرىشكە توغرا كېلەتتى. شىنجاڭدا «بىر ئىشنى بىرلا قېتىمدا بېجىرىش» باش تېمىسىدىكى مەركەزلىك مۇلازىمەت يولغا قويۇلۇپ ئىشلارنى بىرىكتۈرۈش، تەرتىپنى قايتا تۈزۈش، ئۇچۇردىن ئورتاق بەھرىلىنىش ئارقىلىق تور سۇپىسى ياكى تور سىرتىدىكى كۆزنەكتە بىرتۇتاش بېجىرىلىپ، تور سىرتىدا توپلاشتۇرۇش، توردا ھەمتۈرتكە بولۇشتىن ئىبارەت ئۇسۇللار ئارقىلىق تەرتىپ ئەلالاشتۇرۇلۇپ، «بىر ئىشنى بىر ئىشىكتىن كىرىپ، بىر كۆزنەكتە بېجىرىپ، بىر قېتىمدىلا بېجىرىپ بولۇش» ئىشقا ئاشۇرۇلدى.

توسۇقنى بۇزۇپ تاشلاپ، ھەمكارلىشىپ ئالغا سىلجىتىش. باش تېما تەربىيەسى قانات يايدۇرۇلغاندىن بۇيان، ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى، ئاپتونوم رايونلۇق بازار نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش ئىدارىسى، ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت ئىشلىرى مۇلازىمىتى ۋە ئاممىۋى بايلىق سودا مەركىزى، جامائەت خەۋپسىزلىكى تارماقلىرى قاتارلىق نۇرغۇن ئورۇن بىر نىيەتتە ئويلاپ، بىر مەقسەتتە كۈچ چىقىرىپ، كارخانا، شەخسلەرنىڭ «پۈتۈن ھايات دەۋرىيلىكى»نى چۆرىدەپ، باش تېمىلىق مەركەزلىك مۇلازىمەتنى شەكىللەندۈردى.

نۆۋەتتە، ئاپتونوم رايوننىڭ «بىر ئىشنى بىر قېتىمدىلا بېجىرىش» بويىچە 18 باش تېمىلىق مەركەزلىك مۇلازىمەت يۈرۈشلۈك كەسپىنى يولغا قويۇش لايىھەسى ۋەزىپىسى تولۇق تاماملاندى، كارخانىلارغا چېتىلىدىغان «يۈرۈشلۈك كەسىپ» كارخانا ئېچىش، كارخانىلارنى ئاددىي تەرتىپتە تىزىمدىن ئۆچۈرۈش، دۆلەت ئىلكىدىكى يەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقىنى سېتىپ بېرىش كىرىمى، قېزىلما بايلىق مەخسۇس تۈر كىرىمى بويىچە باجدىن باشقا ھەق تاپشۇرۇش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، ئوتتۇرا ھېساب بىلەن ھەربىر باش تېمىلىق يۈرۈشلۈك كەسىپتە 4.85 پارچە ماتېرىيال ئازايتىلدى، 3.63 ھالقا ئازايتىلدى، 2.11 قېتىم قاتراش ئازايتىلدى.

ياخشى «مۇلازىم» بولۇپ، «بىرگە بىر» مۇلازىمەت قىلىش

كارخانىلارنىڭ ئېھتىياجىنى كۆزلەپ، شىنجاڭ «بىرلا ئىش» مۇلازىمىتىنى يولغا قويۇش ئاساسىدا، «بىرگە بىر» «بىر پونكىت شەكلى»دە مۇلازىمەت قىلىشنى قاراتمىلىق ھالدا ياخشى ئىشلىدى.

ئالتاي ۋىلايىتىنىڭ تەبىئىي گاز ئارقىلىق خەلققە نەپ يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشى ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ «بىر كارخانىغا بىر مەخسۇس بەن» مۇلازىمەت ئەندىزىسىنى قانات يايدۇرغانلىقىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك مىسالى. تۈرنىڭ ئالدىنقى باسقۇچلۇق رەسمىيەتلىرىنى بېجىرىش جەريانىدا توسۇق نۇقتا، قىيىن نۇقتىلار مەۋجۇت ئىدى. شۇڭا، ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى جۇڭگو نېفىت - تەبىئىي گاز گۇرۇھى شىركىتىگە كۆپ قېتىم بېرىپ پىكىر ئالماشتۇرۇپ ئۇدۇللاشتۇردى، ئالتاي ۋىلايىتى، تارباغاتاي ۋىلايىتىگە بېرىپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، مەسىلىلەرنى بايقىدى، تونۇدى ۋە ھەل قىلدى.

نۆۋەتتە، بۇ تۈر ئوڭۇشلۇق يولغا قويۇلدى، ئالتاي ۋىلايىتى، تارباغاتاي ۋىلايىتى قاتارلىق جايلاردىكى ئۈچ تۈردە قۇرۇلۇش باشلاندى.

ئۆزگەرتىشتە ھەقىقىي ئىشلەشكە، قىيىنىغا تېگىش قىلىشقا توغرا كېلىدۇ، چىڭ كۆزلەپ بوشاشماسلىققا توغرا كېلىدۇ.

ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى خىزمەت ئىستىلىنى يەنىمۇ ياخشىلاپ، كارخانىلارغا چېتىلىدىغان مۇلازىمەتنى ئەلالاشتۇرۇشقا دائىر بىرقانچە تەدبىرنى تۈزۈپ ئوتتۇرىغا قويدى، بۇ، مۇھىم، زور تۈرلەرنىڭ ئالدىنقى باسقۇچلۇق خىزمەتلىرىنى تەكشۈرۈپ تەستىقلاش مۇلازىمەت ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش، مۇھىم، زور تۈرلەردە «بىرگە بىر» كۆزنەكتە يېتەكچىلىك قىلىشنى يولغا قويۇش، ئېنېرگىيە سەرپىياتىنى باشقۇرۇش سەۋىيەسى ۋە ئېنېرگىيە ئىشلىتىشكە كاپالەتلىك قىلىش مۇلازىمىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

ئاپتونوم رايونلۇق بازار نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش ئىدارىسى «خەلق ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىش سۈپىتى، ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش»نى باش تېما تەربىيەسىنىڭ ئۈنۈمىنى تەكشۈرۈشنىڭ مۇھىم مەزمۇنى قىلىپ، فۇنكسىيەلىك مۇلازىمەت ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، «ئاددىي، قولاي بېجىرىش»نى ئالغا سىلجىتىپ، بىر قېتىمدىلا كىرگۈزۈپ، ھۆججەتلەرنى ئۆزى تەييارلاپ، بىۋاسىتە ئارخىپقا سېلىپ، مۇلازىمەتتە «ئۇچراشماسلىق» «توختىتىپ قويماسلىق» «ئۈزۈپ قويماسلىق»نى ئىشقا ئاشۇردى.

شىنجاڭدىكى ھەر دەرىجىلىك خەلق سوت مەھكىمىلىرى زىددىيەت، ماجىرالارنى «بىر پونكىت شەكلى»دە كۆپ مەنبەلىك ھەل قىلىش، مۇرەسسە قىلىش سۇپىسىنى كېڭەيتىپ، سۇغۇرتا، ئاكسىيەنى نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش ئورگانلىرى بىلەن كۆپ مەنبەلىك ھەل قىلىش ھەمكارلىق مېخانىزمى ئورنىتىپ، بازار ئاساسىي گەۋدىسىنىڭ ھوقۇقىنى قوغداش تەننەرخىنى ئۈنۈملۈك يېنىكلەتتى.

«بىر ئىشىك»تىن كىرىپلا ھەممىنى بېجىرىش، «بىر كۆزنەك»تە قوبۇل قىلىش، «بىر تور»دا بىرتۇتاش بېجىرىش، «بىر ئىش»نى بىرلىشىپ بېجىرىش، «بىر قېتىم»دىلا ياخشى بېجىرىش، «بىرگە بىر» مۇلازىمەت قىلىش... بىر قاتار مەمۇرىيەتنى ئىخچاملاپ، كارخانىلار ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىش تەدبىرلىرىنىڭ يولغا قويۇلۇشى كارخانىلارغا شىنجاڭنىڭ تىجارەت - سودا مۇھىتىنى ئەلالاشتۇرۇشتىكى «سالمىقى» ۋە «ئىللىقلىقى»نى ھەقىقىي ھېس قىلدۇردى شۇنداقلا شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى كۈچلۈك تىرەك بىلەن تەمىنلىدى.

مەنبە:

مەسئۇل مۇھەررىر: رەشىدە مامۇت