شىنجاڭ ئاكادېمىيە تورى
ئاپتونوم رايون، ۋىلايەت، ناھىيە بىر گەۋدىلەشكەن پۈتۈن تاراتقۇ تارقىتىش سىستېمىسىنى تېز بەرپا قىلىش كېرەك
يوللانغان ۋاقىت :2023-08-08 |   ئاپتور :   |   مەنبە : شىنجاڭ گېزىتى

ئاپتونوم رايون تاراتقۇلارنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرما تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىش نەق مەيدان يىغىنى ئاچتى

ئاپتونوم رايون، ۋىلايەت، ناھىيە بىر گەۋدىلەشكەن پۈتۈن تاراتقۇ تارقىتىش سىستېمىسىنى تېز بەرپا قىلىش كېرەك

شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 8 - ئاينىڭ 6 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى گۇەن مېڭيىڭ خەۋەر قىلىدۇ: 8 - ئاينىڭ 6 - كۈنى، ئاپتونوم رايوننىڭ تاراتقۇلارنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرما تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىش نەق مەيدان يىغىنى ئاقسۇ شەھىرىدە ئېچىلدى. يىغىندا مۇنداق تەلەپ قىلىندى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ تەشۋىقات - ئىدىيە خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئاپتونوم رايون، ۋىلايەت، ناھىيە بىر گەۋدىلەشكەن پۈتۈن تاراتقۇ تارقىتىش سىستېمىسىنى تېز بەرپا قىلىپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى تاراتقۇلارنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرما تەرەققىياتىغا يەنىمۇ تۈرتكە بولۇش كېرەك.

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ بۆلۈم باشلىقى ۋاڭ جيەنشىن يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى.

يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ تاراتقۇلارنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتى توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئۆزلەشتۈرۈپ، تاراتقۇلارنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىنىڭ مۇھىملىقى، تەخىرسىزلىكىنى تولۇق تونۇپ، تاراتقۇلارنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرما تەرەققىياتىنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئالغا سىلجىتىش كېرەك. توغرا يۆنىلىشتە چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە تاراتقۇلارنى باشقۇرۇش پىرىنسىپىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىدىيەدە ئازاد بولۇپ، توغرا يولدا مېڭىپ يېڭىلىق يارىتىپ، سىستېما تەپەككۇرى، ئالاقە تورى تەپەككۇرىدا چىڭ تۇرۇپ، ئۇچۇرلاشتۇرۇش ئارقىلىق تىپ ئۆزگەرتىش، رەقەملەشتۈرۈش ئارقىلىق كۈچ قوشۇشنى كۈچەش مۇھىم نۇقتىسى قىلىپ، تېخىمۇ كۆپ بايلىق كۈچىنىڭ ئالاقە تورى ئاساسىي بازىسىغا توپلىنىشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك. ئىلمىي تەرەققىياتتا چىڭ تۇرۇپ، پۈتۈن تاراتقۇ تارقىتىش سىستېمىسىنى بەرپا قىلىش كېرەك، ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك تاراتقۇلار «باشلامچى» بولۇشى، ۋىلايەت، شەھەر دەرىجىلىك تاراتقۇلار يۇقىرى بىلەن تۆۋەننى باغلاش رولىنى جارى قىلدۇرۇشى، ناھىيە دەرىجىلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركەزلىرى «ئاساسىي ئېقىم ئاممىۋى پىكىر بازىسى، ئۇنىۋېرسال مۇلازىمەت سۇپىسى، مەھەللە ئۇچۇر تۈگۈنى»نى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇپ چىقىشى كېرەك. كۆچمە تېرمىنالنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش، مەزمۇننى ئاساس قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئىسلاھ قىلىش، يېڭىلىق يارىتىش، ئىختىساسلىقلارنى مۇھىم ئورۇنغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ئاممىۋى لۇشيەن، كۆپ مەنبەلىك تەرەققىياتتا چىڭ تۇرۇپ، ئاساسىي ئېقىم تاراتقۇلىرىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك.

يىغىندا مۇنداق تەلەپ قىلىندى: تەشكىلىي رەھبەرلىكنى كۈچەيتىپ، بىرتۇتاش پىلانلاپ ماسلاشتۇرۇشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، سىياسەت، مەبلەغ، ئىختىساسلىقلار قاتارلىق جەھەتلەردىن تاراتقۇلارنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىغا بولغان قوللاش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، ھەر دەرىجىلىك ئاساسىي ئېقىم تاراتقۇلىرىنىڭ تارقىتىش كۈچى، يېتەكلەش كۈچى، تەسىر كۈچى، ئاممىۋى ئىشەنچلىكلىكىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتىنى ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن كۈچلۈك كۈچ مۇجەسسەملەش كېرەك.

مەنبە:

مەسئۇل مۇھەررىر: رەشىدە مامۇت