شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 8 - ئاينىڭ 6 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى يۈ جياڭيەن خەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايوننىڭ پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئۈچۈن، 8 - ئاينىڭ 6 - كۈنى، ئاپتونوم رايون دۆلەت يۇقىرى، يېڭى تېخنىكا كارخانىلىرىنى بەرپا قىلىش خىزمىتىنى ئالغا سىلجىتىش يىغىنى ئاچتى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسى يۈسۈپجان مەمەت يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى.
يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: ھازىر، شىنجاڭ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭنى كۆزدىن كەچۈرگەندە قىلغان مۇھىم سۆزى، بەرگەن مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، «سەككىز چوڭ كەسىپ توپى»نى تېز بەرپا قىلىشنىڭ ئاچقۇچلۇق مەزگىلىدە تۇرۇۋاتىدۇ. ھەرقايسى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەر سىياسىي يۈكسەكلىكنى ئۆستۈرۈپ، تەرەققىيات ۋەزىيىتىنى ئېنىق تونۇپ يېتىپ، يۇقىرى، يېڭى تېخنىكا كارخانىلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشنىڭ مۇھىم، زور ئەھمىيىتىنى تولۇق تونۇپ، شىنجاڭدىكى يۇقىرى، يېڭى تېخنىكا كارخانىلىرىنى بېكىتىش خىزمىتىدە ساقلانغان يېتەرسىزلىكلەرگە توغرا قاراپ، بەرپا قىلىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتىكى مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى، تەخىرسىزلىك تۇيغۇسىنى كۈچەيتىپ، مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىش، نىشاننى چىڭ كۆزلەشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، پۈتۈن يىللىق بەرپا قىلىش ۋەزىپىسىنى سۈپەتكە، سانغا كاپالەتلىك قىلغان ھالدا تاماملىشى كېرەك.
يىغىندا مۇنداق تەلەپ قىلىندى: دۆلەت يۇقىرى، يېڭى تېخنىكا كارخانىلىرىنى يېتىلدۈرۈشتە ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزم ئورنىتىپ، يېتىلدۈرۈشنى كۈچەيتىشكە دەل جايىدا كۈچەپ، سىجىل كۈچەپ، ۋاسىتىگە تايىنىپ يېتىلدۈرۈش، مەخسۇس تۈردىن ياخشى پايدىلىنىپ يېتىلدۈرۈش، سۇپىغا تايىنىپ يېتىلدۈرۈش، يېتەكچىلىك قىلىپ يېتىلدۈرۈشنى يەنىمۇ كۈچەيتىش كېرەك؛ رىغبەتلەندۈرۈشنى يەنىمۇ كۈچەيتىشكە دەل جايىدا كۈچەپ، سىجىل كۈچەپ، مەبلەغ، سالاھىيەتنى بېكىتىش، تەرەققىياتىغا ئىلھام بېرىش، ئىختىساسلىقلارنى جەلپ قىلىش، ئاقىللارنى كىرگۈزۈش جەھەتلەردە قوللاش كېرەك؛ مۇلازىمەتنى ئۆستۈرۈشكە دەل جايىدا كۈچەپ، سىجىل كۈچەپ، باجنى تۆۋەنلىتىپ، يۈكنى يېنىكلىتىش سىياسىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش مۇھىتى سىياسىتىنى ئۈزلۈكسىز ئەلالاشتۇرۇپ، بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغداش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، كارخانىلارنى تەتقىق قىلىپ ئېچىش سېلىنمىسىنى ئاشۇرۇشقا رىغبەتلەندۈرۈش كېرەك؛ ئىش قىلىشتا دادىل بولۇش، ئىش قىلىشقا ماھىر بولۇش جەھەتتە دەل جايىدا كۈچەش، سىجىل كۈچەش كېرەك.
قەيسەر ئابدۇكېرىم يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.
مەنبە: