شىنجاڭ ئاكادېمىيە تورى
ئالدىنقى يېرىم يىلدا شىنجاڭدا رايون سىرتىدىن جەلپ قىلىنىپ نەقلەشتۈرۈلگەن مەبلەغ بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %21.67 ئاشتى
يوللانغان ۋاقىت :2023-08-07 |   ئاپتور :   |   مەنبە : شىنجاڭ گېزىتى

شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 8 ـ ئاينىڭ 5 ـ كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى خېي خۇڭۋېي، پىراكتىكانت مەھلىيا مەمەتنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق سودا نازارىتىدىن ئىگىلىشىچە، ئالدىنقى يېرىم يىلدا، شىنجاڭدا ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈپ ئىجرا قىلىنغان سودىگەر چاقىرىپ مەبلەغ جەلپ قىلىش تۈرى 4017 بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 191ى ئاشقان، رايون سىرتىدىن جەلپ قىلىنىپ نەقلەشتۈرۈلگەن مەبلەغ 432 مىليارد 276 مىليون يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %21.67 ئاشقان.

سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، ئاپتونوم رايون بويىچە 14 ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەر ئىچىدە، ئۈرۈمچى شەھىرى، ئاقسۇ ۋىلايىتى، ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى، سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ رايون سىرتىدىن جەلپ قىلىنىپ نەقلەشتۈرگەن مەبلىغى بىردەك 50 مىليارد يۈەندىن ئاشقان، ئومۇمىي مەبلەغ جەمئىي 258 مىليارد 755 مىليون يۈەن بولۇپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايون ئومۇمىي مىقدارىنىڭ %59.86ىنى ئىگىلىگەن.

رايونلاردىن قارىغاندا، شىمالىي شىنجاڭ رايونىدا رايون سىرتىدىن نەقلەشتۈرۈلگەن مەبلەغ 251 مىليارد 491 مىليون يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %19.25 ئاشقان؛ جەنۇبىي شىنجاڭ رايونى(تۇرپان شەھىرى، قومۇل شەھىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)دا رايون سىرتىدىن نەقلەشتۈرۈلگەن مەبلەغ 180 مىليارد 785 مىليون يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %25.2 ئاشقان.

ئېشىشقا تۆھپە قوشۇش جەھەتتىن قارىغاندا، ئاقسۇ ۋىلايىتى، قەشقەر ۋىلايىتى، قاراماي شەھىرى، سانجى ئوبلاستى، ئىلى ئوبلاستىنىڭ پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ رايون سىرتىدىن نەقلەشتۈرۈلگەن مەبلىغىنىڭ ئېشىشىغا تۆھپە قوشۇش نىسبىتى بىردەك %10تىن يۇقىرى بولۇپ، تۆھپە قوشۇش نىسبىتى جەمئىي %72.66 بولغان.

كەسىپ قۇرۇلمىسىدىن قارىغاندا، 2 ـ كەسىپتە رايون سىرتىدىن نەقلەشتۈرۈلگەن مەبلەغنىڭ ئىگىلىگەن نىسبىتى يەنىمۇ ئاشقان، ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈپ ئىجرا قىلىنغان تۈر 2122 بولغان، رايون سىرتىدىن جەلپ قىلىنىپ نەقلەشتۈرۈلگەن مەبلەغ 279 مىليارد 69 مىليون يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %37.56 ئاشقان. ئۈچ كەسىپتە رايون سىرتىدىن نەقلەشتۈرۈلگەن مەبلەغ قۇرۇلمىسى 32.1:64.56:3.34كە تەڭشەلگەن، 2 ـ كەسىپتە رايون سىرتىدىن نەقلەشتۈرۈلگەن مەبلەغنىڭ ئىگىلىگەن نىسبىتى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 7 پىرسەنت پوئېنت ئاشقان. «سەككىز چوڭ كەسىپ توپى»غا ئالاقىدار تۈردىن 2258ى ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈپ ئىجرا قىلىنغان، رايون سىرتىدىن جەلپ قىلىنىپ نەقلەشتۈرۈلگەن مەبلەغ 280 مىليارد 583 مىليون يۈەن بولۇپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايون ئومۇمىي مىقدارىنىڭ %64.91ىنى ئىگىلەپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %53.64 ئاشقان.

«يېڭى ئېنېرگىيە ۋە ئالاقىدار كەسىپلەرگە مەبلەغ سېلىش قىزغىنلىقىنىڭ تۈرتكىسىدە، ئىچكىرى جايلاردىكى كارخانىلارنىڭ شىنجاڭغا كېلىپ مەبلەغ سېلىش قىزغىنلىقى ناھايىتى يۇقىرى بولدى.» ئاپتونوم رايونلۇق سودا نازارىتى سودىگەر چاقىرىش باشقارمىسىنىڭ باشقارما باشلىقى جۇ شېڭ مۇنداق دېدى: مەسىلەن، ئالدىنقى يېرىم يىلدا شامال ئېلېكتىر، يورۇقلۇق ئېلېكتىر تۈرىدىن 194ى ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈپ ئىجرا قىلىندى، رايون سىرتىدىن جەلپ قىلىنىپ نەقلەشتۈرۈلگەن مەبلەغ 79 مىليارد 400 مىليون يۈەن بولۇپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايون ئومۇمىي مىقدارىنىڭ %18ىنى ئىگىلەپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 2.62 ھەسسە ئاشتى.

كېيىنكى يېرىم يىلدا، ئاپتونوم رايونىمىز داۋاملىق تۈردە «سەككىز چوڭ كەسىپ توپى» قۇرۇلۇشىنى چۆرىدەپ، بىرتۇتاش پىلانلاشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، سودىگەر چاقىرىشتىكى تۈرلۈك بايلىقلارنى بىرىكتۈرۈپ، ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەرنىڭ كەسىپلەر بويىچە سودىگەر چاقىرىش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇشىغا مەدەت بېرىپ، تۈرلەرنى ئۇدۇللاشتۇرۇش مۇلازىمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، ئاپتونوم رايون سىرتىدىكى تېخىمۇ كۆپ كارخانىلارنى شىنجاڭغا كېلىپ تەكشۈرۈش، كېڭىشىشكە ئالاقىلىشىپ، تۈرتكە بولىدۇ؛ 2023 ـ يىللىق (جۇڭگو) ئاسىيا ـ ياۋروپا تاۋار سودىسى كۆرگەزمىسىدە كېلىشىم ئىمزالاش پائالىيىتىنى ياخشى ئۆتكۈزۈپ، نۇقتىلىق كېلىشىم ئىمزالانغان تۈرلەرنى ئالغا سىلجىتىش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ياخشى تۇتۇپ، سودىگەر چاقىرىپ مەبلەغ جەلپ قىلىش خىزمىتىنىڭ سۈپىتى ۋە ئۈنۈمىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرىدۇ.

مەنبە:

مەسئۇل مۇھەررىر: رەشىدە مامۇت