− باش تېما تەربىيەسىنى پۇختا ئالغا سىلجىتىش توغرىسىدا يۈرۈشلۈك مۇلاھىزە⒃
□ شىن شىجيەن
پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ ھەرقايسى جايلىرى ئۇرۇقچىلىق تەرەققىياتىدا دۇچ كەلگەن قىيىن مەسىلىلەرنى چوڭقۇر تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ ۋە ئىگىلەپ، ئاپتونوم رايونلۇق يېزا ئىگىلىكى ـ يېزا نازارىتى قاراتمىلىق ياردەم قىلىش ـ يۆلەش تەدبىرلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى؛ ساياھەت بازىرى تەرتىپىنى يەنىمۇ قېلىپلاشتۇرۇش ئۈچۈن، ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت ۋە ساياھەت نازارىتى بازارنى نازارەت قىلىش ـ باشقۇرۇش قاتارلىق كۆپ تارماقلار بىلەن بىرلىكتە «بىر مەقسەتتە ساياھەتچىلىكنى قوغداش» مەخسۇس ھەرىكىتىنى قانات يايدۇردى؛ «ئالاقە تورى + جامائەت خەۋپسىزلىكى ھۆكۈمەت ئىشلىرى مۇلازىمىتى»نى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇش داۋامىدا، ئاپتونوم رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىكى نازارىتى ئاممىنىڭ كۆپ تۈردىكى گۇۋاھنامە، كىنىشكىلەرنى توردا بېجىرىش ئېھتىياجىنى ئەڭ زور دەرىجىدە قاندۇردى... باش تېما تەربىيەسى قانات يايدۇرۇلغاندىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەرقايسى ئورۇنلار دىققەتنى مەسىلىلەرگە مەركەزلەشتۈرۈپ، ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلىدى، بۇ، «ئەمەلىيەتكە ئەھمىيەت بېرىش» تەلىپىنى پائال ئەمەلىيلەشتۈرۈشتىكى بولۇشقا تېگىشلىك مەزمۇن بولۇپلا قالماي، يەنە باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى تەدبىر ـ ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى كەم ـ كوتسىز ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشتىكى مۇقەررەر تەلەپ.
باش شۇجى شى جىنپىڭ يېقىندا جياڭسۇدا تەكشۈرۈشتە بولغاندا مۇنداق تەكىتلىدى: ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنى «ئەمەلىيەتكە ئەھمىيەت بېرىش» تەلىپىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئۆگىنىش، پىكىر يۈرگۈزۈش، قوللىنىشنى تۇتاشتۇرۇش، بىلىش، ئىشىنىش، قىلىشنى بىرلىككە كەلتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، ئىشلەش يۆنىلىشىنى توغرىلاپ، ئىشلەش ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى ئاشۇرۇپ، ئىشلەش بىرىكمە كۈچىنى شەكىللەندۈرۈپ، ئۆگىنىش ئارقىلىق ئىشلەشنى ئىلگىرى سۈرۈشتە ئەمەلىي ئۈنۈم ھاسىل قىلىشقا تەربىيەلىشى، يېتەكلىشى كېرەك. پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر دەرىجىلىك پارتىيەلىك رەھبىرىي كادىرلار باش تېما تەربىيەسىنىڭ ئومۇمىي تەلىپىنى مەھكەم ئىگىلەپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇشتا يېڭى ئەمەلىي ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈشنى ئىلمىي يېتەكچىلىك ۋە ھەرىكەت كۆرسەتمىسى بىلەن تەمىنلىشى كېرەك.
ئەمەلىي ئىشلەشكە ئەھمىيەت بېرىش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇش پارتىيەمىزنىڭ ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇپ كېلىۋاتقان ئېسىل ئەنئەنىسى. يولداش ماۋ زېدۇڭ ئىلگىرى «پارتىيە كومىتېتى يىغىنىنىڭ خىزمەت ئۇسۇلى» دېگەن ماقالىسىدە مۇنداق كۆرسەتكەنىدى: «ھەرقانداق نەرسىنى پەقەت قاتتىق تۇتۇپ، قىلچە بوشاشتۇرۇپ قويمىغاندىلا، ئاندىن تۇتۇپ تۇرغىلى بولىدۇ. تۇتقان بىلەنمۇ چىڭ تۇتماسلىق تۇتمىغانغا باراۋەر.» پارتىيە 18 ـ قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، باش شۇجى شى جىنپىڭ ئەمەلىي ئىشلەشنى ئۇلۇغلاش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى قاتتىق تۇتۇشنى قايتا ـ قايتا تەكىتلەپ، «ئورۇنلاشتۇرما بىر ئۈلۈش بولسا، ئەمەلىيلەشتۈرۈش توققۇز ئۈلۈش بولىدۇ» دەپ مۇپەسسەل بايان قىلىپ ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇشنىڭ مۇھىملىقىنى چۈشەندۈرۈپ بەردى. 100 يىللىق بوران ـ چاپقۇنلۇق مۇساپىگە نەزەر سالساق، ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەش پارتىيەمىزنىڭ پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، خەتەرلىك ساھىللارنى بۆسۈپ ئۆتۈپ، قىيىن ئۆتكەللەرنى يېڭىپ، ئۈزلۈكسىز غەلىبىنى قولغا كەلتۈرۈشىنىڭ مۇھىم كاپالىتى؛ يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىگە قەدەم قويۇپ، مۇرەككەپ، كەسكىن دۆلەت ئىچى ـ سىرتى ۋەزىيىتى ۋە مۈشكۈل، ئېغىر ئىسلاھات، تەرەققىيات ۋەزىپىسى ئالدىدا، تېخىمۇ مۇھىمى كەم ـ كوتسىز ھالدا ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ياخشى تۇتۇپ، جاپاغا چىداپ ئەمەلىي ئىشلەپ خىزمەتلەرگە تۈرتكە بولۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ چوڭقۇر يىلتىز تارتقۇزۇش كېرەك.
ئۆگىنىش ئارقىلىق ئىشلەشنى ئىلگىرى سۈرۈشتە، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇش ئاچقۇچ. ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇشنىڭ جەريانى بولسا، مەسىلىلەرنى بايقاش، مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش، بۇ ئارقىلىق خىزمەتلەرگە تۈرتكە بولۇش، تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش جەريانىدۇر. باش تېما تەربىيەسى داۋامىدا، مەيلى مەھەللىلەرگە كىرىپ، ئاممىنىڭ ئەتراپىدىكى ئامما باش قاتۇرىدىغان ئىشلارنى كۈچەپ ھەل قىلىش بولسۇن، ياكى بىرلىشىپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، دىققەتنى يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى چەكلەپ تۇرۇۋاتقان بوغما ھالەت مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىشقا مەركەزلەشتۈرۈپ، «سەككىز چوڭ كەسىپ توپى» قۇرۇشقا تۈرتكە بولۇشنى تېزلىتىش بولسۇن، ھەممىسى ئاپتونوم رايونىمىزدىكى كەڭ پارتىيەلىك رەھبىرىي كادىرلارنىڭ پارتىيەنىڭ ئىجادىي نەزەرىيەسىنى تەتبىقلاپ يېڭى ئەھۋاللارنى تەتقىق قىلىپ، يېڭى مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ، پائال، تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتقانلىقىنىڭ جانلىق ئىپادىسى. قەيەرگىچە ئەمەلىيلەشتۈرۈلىدۇ؟ ئەمەلىيەت جەريانىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاساسىي قاتلامدا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئامما ئارىسىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى تەدبىر ـ ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار، ئاممىنىڭ ئاڭلىق ھەرىكىتىگە ئايلاندۇرۇپ، ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىققا دائىر تۈرلۈك خىزمەتلەرنىڭ پۇختا ئالغا سىلجىتىلىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.
ئەمەلىيلەشتۈرۈش قاتتىق تۇتۇلىدىغان ياخشى ۋەزىيەتنى شەكىللەندۈرۈش ئۈچۈن، جەزمەن پائال، تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇپ، شىنجاڭنىڭ رايون ئەھۋالى ۋە ئەمەلىي خىزمىتىگە بىرلەشتۈرۈپ تەشەببۇسكارلىق بىلەن نەتىجە يارىتىش كېرەك، ئۆلۈك، پاسسىپ ھالدا بۇيرۇق كۈتۈپ تۇرۇشقا بولمايدۇ؛ كۈچنى مۇجەسسەملەپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇپ، سىستېما قارىشى ۋە ئومۇمىي ۋەزىيەت ئېڭىنى كۈچەيتىپ، ئاڭلىق ھالدا شىنجاڭ خىزمىتىنى پارتىيە ۋە دۆلەت خىزمىتى ئومۇمىي ۋەزىيىتىگە قويۇپ ئويلىشىپ، ئورنىنى بېكىتىپ ۋە پىلانلاپ، بىرتۇتاش پىلانلاپ ماسلاشتۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىپ بىرىكمە كۈچ شەكىللەندۈرۈش كېرەك، ئۆزى يالغۇز ئىش قىلسا بولمايدۇ؛ مىخ قېقىش روھى بىلەن ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇپ، جەمئىيەت مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى مەھكەم ئىگىلەپ، خىزمەتلەرنى پۇختا، قەدەم ـ باسقۇچلۇق ئالغا سىلجىتىپ، سىجىل كۈچەش، بوشاشماي كۈرەش قىلىش كېرەك، ھېلى ئۇنىڭغا، ھېلى بۇنىڭغا كۈچەشكە بولمايدۇ؛ دىققەتنى ئەمەلىي مەسىلىلەرگە مەركەزلەشتۈرۈپ ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇشتا، ئەمەلىي مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش نېگىز، پەقەت مەسىلە يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، تۈزىتىشنى تۈرمۇتۈر ياخشى تۇتقاندىلا، ھەر مىللەت ئامما ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇشنىڭ نەتىجىلىرىنى ئاندىن ھەقىقىي ھېس قىلالايدۇ.
ئېغىر مەسئۇلىيەت ئۇيۇل تاشتەك مۇستەھكەم، بۇرچ زىممىمىزدە. بىز يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتتىن ئىبارەت سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇشتىكى بۇ باش ۋەزىپىنى زىچ چۆرىدەپ، قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈشتىكى شىنجاڭنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورنىنى چىڭ كۆزلەپ، ئۆگىنىش ۋە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش نەتىجىلىرىنى ئەبەدىي ئەمىنلىككە مۇناسىۋەتلىك نېگىزلىك، ئۇللۇق، ئۇزاق مەزگىللىك خىزمەتلەردە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنىڭ يېڭى مۇساپىسىدە شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ يېڭى ۋەزىيىتىنى ئۈزلۈكسىز يارىتىشىمىز كېرەك.