شىنجاڭ ئاكادېمىيە تورى
تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش نەتىجىلىرىنى ھەقىقىي تۈردە خىزمەت ئەمەلىي ئۈنۈمىگە ئايلاندۇرۇش كېرەك
يوللانغان ۋاقىت :2023-08-07 |   ئاپتور :   |   مەنبە : شىنجاڭ گېزىتى

بىڭتۇەن پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتى باش تېما تەربىيەسى بويىچە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش نەتىجىلىرىنى ئالماشتۇرۇش يىغىنى ئاچتى

تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش نەتىجىلىرىنى ھەقىقىي تۈردە خىزمەت ئەمەلىي ئۈنۈمىگە ئايلاندۇرۇش كېرەك

شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 8 ـ ئاينىڭ 5 ـ كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى مېھرىگۈل غوپۇر خەۋەر قىلىدۇ: 8 ـ ئاينىڭ 4 ـ كۈنى، بىڭتۇەن پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتى باش تېما تەربىيەسى بويىچە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش نەتىجىلىرىنى ئالماشتۇرۇش يىغىنى ئېچىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ئەھۋالى توغرىسىدا چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇرۇپ، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش نەتىجىلىرىنى مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش، خىزمەتلەرنى ياخشىلاش، تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى ئەمەلىي ھەرىكەتكە تېخىمۇ ياخشى ئايلاندۇرۇشقا تۈرتكە بولدى، باش تېما تەربىيەسىنىڭ چوڭقۇرلىشىشى، پۇختا بولۇشى، ئەمەلىي ئۈنۈم ھاسىل قىلىشىغا تۈرتكە بولدى. باش تېما تەربىيەسى بويىچە مەركەز 15 ـ يېتەكچىلىك گۇرۇپپىسىنىڭ گۇرۇپپا باشلىقى ۋاڭ گوشېڭ يىغىنغا قاتنىشىپ يېتەكچىلىك قىلدى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، بىڭتۇەننىڭ جېڭۋېيسى لى يىفېي يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم سۆز قىلدى.

باش تېما تەربىيەسى قانات يايدۇرۇلغاندىن بۇيان، بىڭتۇەن پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتى بەنزىسىنىڭ ئەزالىرى شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزى، مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇش، يېڭى دەۋردىكى بىڭتۇەننىڭ مەسئۇلىيىتى، بۇرچىنى سادىقلىق بىلەن ئادا قىلىش، زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى يۇقىرى سۈپەتلىك ئالغا سىلجىتىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش يولى قاتارلىق تېمىلارنى چۆرىدەپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى قانات يايدۇرۇپ، باسقۇچ خاراكتېرلىك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى.

ئالماشتۇرۇش يىغىنىدا، بىڭتۇەن پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتى بەنزىسىنىڭ ئەزالىرى بىرمۇبىر سۆز قىلىپ، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى قانات يايدۇرۇش، مەسىلىلەرنى بايقاش، ھەل قىلىش، نۇقتىلىق خىزمەتلەرنى ئالغا سىلجىتىشقا ئالاقىدار ئەھۋاللار توغرىسىدا چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇردى. كۆپچىلىك بىردەك مۇنداق قارىدى: تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش نەتىجىلىرىنى ئالماشتۇرۇش ۋە تىپىك مىساللارنى ئىنچىكە تەھلىل قىلىشنى قانات يايدۇرۇش ئارقىلىق، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ دۇنيانى بىلىش ۋە دۇنيانى ئۆزگەرتىشتىكى قۇدرەتلىك ئىدىيەۋى قورال ئىكەنلىكىنى، ئۆگىنىش ئارقىلىق روھنى تاۋلاش، ئۆگىنىش ئارقىلىق ئەقىل ـ پاراسەتنى ئاشۇرۇش، ئۆگىنىش ئارقىلىق ئىستىلنى توغرىلاش، ئۆگىنىش ئارقىلىق ئىشلەشنى ئىلگىرى سۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، مەسىلىنى ھەل قىلىش ئۈنۈمى ئارقىلىق باش تېما تەربىيەسىنىڭ نەتىجىلىرىنى تەكشۈرۈش كېرەكلىكىنى يەنىمۇ چوڭقۇر تونۇپ يەتتۇق.

ۋاڭ گوشېڭ كۆپچىلىكنىڭ باش تېما تەربىيەسىنى پۇختا قانات يايدۇرۇش، بولۇپمۇ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇشتا قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرىنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈردى. ئۇ مۇنداق كۆرسەتتى: بىڭتۇەن پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتى بەنزىسىنىڭ ئەزالىرى ئۆزى ئۈلگە بولۇپ، يۇقىرىدىكىلەر تۆۋەندىكىلەرگە باشلامچى بولۇپ، ھەر دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلارنىڭ ئاساسىي قاتلامغا چوڭقۇر چۆكۈپ، مەسىلىنى بايقاپ، مەسىلىنى ھەل قىلىشىغا يېتەكچىلىك قىلىپ، تۈرلۈك خىزمەتلەردە ئۈزلۈكسىز يېڭى نەتىجىلەرنىڭ قولغا كەلتۈرۈلۈشىگە تۈرتكە بولدى. نەزەرىيە بىلەن قوراللىنىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، پارتىيەنىڭ ئىجادىي نەزەرىيەسىنى قەتئىي بوشاشماي ئۆگىنىپ ئىگىلەپ، پۇختا ئۆزلەشتۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىدىيە ئۇلىنى پۇختىلاپ، نەزەرىيە ساپاسىنى ئۆستۈرۈپ، ئىقتىدار ـ قابىلىيەتنى كۈچەيتىش كېرەك. چوڭقۇر تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، ئامما ئارىسىغا بېرىش، ئەمەلىيەت جەريانىغا بېرىشتا چىڭ تۇرۇپ، راست گەپنى ئاڭلاپ، ھەقىقىي ئەھۋالنى تەكشۈرۈپ، ئەمەلىي ئىش قىلىپ، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنىڭ ئەمەلىي ئۈنۈمى ئارقىلىق تەرەققىياتتىكى تۈرلۈك قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش كېرەك.

لى يىفېي سۆزىدە مۇنداق كۆرسەتتى: قەتئىي بوشاشماي شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ئارقىلىق قەلبنى مۇجەسسەملەپ، روھنى تاۋلاپ، ئاساسنى چىڭىتىپ، چوڭقۇر ئۆگىنىپ تولۇق ئۆزلەشتۈرۈش، ئۆگىنىپ ئىگىلەپ پۇختا ئۆزلەشتۈرۈپ ئەمەلىي ئىشلەشكە كۈچ سەرپ قىلىش كېرەك. تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى پۇختا قانات يايدۇرۇپ، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش نەتىجىلىرىنى ۋاقتىدا تەدبىر ـ ئورۇنلاشتۇرما دەرىجىسىگە كۆتۈرۈش، كونكرېت تەدبىرگە ئايلاندۇرۇش، ئەمەلىي خىزمەتتە ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. نەزەرىيە ئۆگىنىش، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش، تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش، تەكشۈرۈش ـ تۈزىتىشنى تۇتاشتۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ئورگانىك يۇغۇرۇپ، بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ ئالغا سىلجىتىپ، باش تېما تەربىيەسىنىڭ چوڭقۇر تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك. بىڭتۇەننىڭ ئىقتىساد، جەمئىيىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا سىجىل تۈرتكە بولۇپ، گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش، شىنجاڭ خىزمىتى باش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇش كېرەك.

مەنبە:

مەسئۇل مۇھەررىر: رەشىدە مامۇت