شىنجاڭ ئاكادېمىيە تورى
جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتى ئۈچۈن خەلق قۇرۇلتىيى تۆھپىسىنى قوشۇش كېرەك
يوللانغان ۋاقىت :2023-08-07 |   ئاپتور :   |   مەنبە : شىنجاڭ گېزىتى

زۇمرەت ئوبۇل تۇرپان شەھىرىدە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندا مۇنداق تەكىتلىدى

جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتى ئۈچۈن خەلق قۇرۇلتىيى تۆھپىسىنى قوشۇش كېرەك

شىنجاڭ گېزىتى، تۇرپان، 8 ـ ئاينىڭ 5 ـ كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاڭ لېي خەۋەر قىلىدۇ: 8 ـ ئاينىڭ 4 ـ كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى زۇمرەت ئوبۇل تۇرپان شەھىرىدە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، باش تېما تەربىيەسىنى پۇختا قانات يايدۇرۇپ، پارتىيە 20 ـ قۇرۇلتىيى، مەركەز خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق 10 ـ نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 8 ـ ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىنى كۈچەيتىپ ۋە ياخشىلاپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتى ئۈچۈن خەلق قۇرۇلتىيى تۆھپىسىنى قوشۇش كېرەك.

تۇرپان شەھىرى ئىدىقۇت رايونى يار بازىرى يېڭىشەھەر غەربىي قوۋۇق كەنتىدە، ئۈزۈمچىلىك بازىرى باغرى مەھەللىسىدە، زۇمرەت ئوبۇل ۋەكىللەر ئالاقىلىشىش پونكىتى، ئاساسىي قاتلام نىزام چىقىرىش ئالاقە نۇقتىسىغا بېرىپ، پونكىت قۇرۇلۇشىنىڭ يۈرۈشۈش ئەھۋالى توغرىسىدىكى تونۇشتۇرۇشنى ئاڭلىدى، ھەربىر جايغا بارغاندا خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى بىلەن چوڭقۇر سۆھبەتلىشىپ، ئۇلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش ۋە قانۇن بويىچە مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش ئەھۋالىنى ئىگىلىدى. ئۇ مۇنداق كۆرسەتتى: ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتايلىرى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭنى كۆزدىن كەچۈرگەنلىكىنىڭ بىر يىللىقىنى يېڭى كۈرەشنىڭ باشلىنىش نۇقتىسى قىلىپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇپ، ۋەزىپە ـ مەسئۇلىيىتىنى قانۇن بويىچە تولۇق ئادا قىلىپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ نەتىجە يارىتىپ، يېڭى دەۋردىكى خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشى كېرەك. پۈتۈن جەريانلىق خەلق دېموكراتىيەسىنى ئەمەلدە كۆرسىتىپ، ئاساسىي قاتلام نىزام چىقىرىش ئالاقە نۇقتىسى، ۋەكىللەر «ئائىلىسى، ئىشخانىسى، پونكىتى» قاتارلىق دېموكراتىيە، خەلق رايىنى ئىپادىلەش سۇپىسى ۋە ۋاسىتىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، خەلق رايىنى قوبۇل قىلىش، خەلقنىڭ ئەقىل ـ پاراسىتىنى مۇجەسسەملەش خىزمەت مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىنىڭ ھەرقايسى ھالقىلىرىدا خەلقنىڭ ساداسىنى ئاڭلاشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. ۋەكىللەرنىڭ خىزمەت ئىقتىدارى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ۋەكىللەر ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىش ئېڭىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، «ئىككى ئالاقىلىشىش» تۈزۈمىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «ئونمىڭ ۋەكىل ئونمىڭ ئائىلىگە كىرىش» باش تېما ئەمەلىيەت پائالىيىتىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، ۋەكىللەرنىڭ قانۇن بويىچە مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشىغا تېخىمۇ ياخشى كاپالەتلىك قىلىش ۋە ئۇنى قوللاش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى خەلقنىڭ مەنپەئىتىگە سادىقلىق بىلەن ۋەكىللىك قىلىپ، ۋەكىللىك ۋەزىپىسىنى قانۇن بويىچە ئىجرا قىلىپ، شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى ئالغا سىلجىتىش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتىش، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش قاتارلىق جەھەتلەردە ۋەكىللىك رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇشى كېرەك. يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى باش تېما، مىننەتدارلىق تەربىيەسىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى ئاساسىي لىنىيە، قانۇننى ئومۇملاشتۇرۇش تەشۋىقاتىنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، ئامما ئارىسىغا چوڭقۇر چۆكۈپ، كەڭ تەشۋىق قىلىپ، ھەر مىللەت ئاممىنى «بەشنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش»نى كۈچەيتىش، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشكە يېتەكلەپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنىڭ كىشىلەر قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئېلىشىغا تېخىمۇ ياخشى تۈرتكە بولۇش كېرەك.

زۇمرەت ئوبۇل يەنە يېزا ـ كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش، مەدەنىيەت ـ ساياھەت كەسىپلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قوغداش، غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىغا ۋارىسلىق قىلىش قاتارلىق جەھەتلەردىكى خىزمەت ئەھۋالىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: خەلق قۇرۇلتىيى ۋەزىپە ـ مەسئۇلىيىتىنى قانۇن بويىچە ئادا قىلىپ، مەسىلە يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، «كىچىك دائىرىلىك» «كىچىك، تېز ئۈنۈم بېرىدىغان، جانلىق» نىزام چىقىرىشنى قانات يايدۇرۇش ئارقىلىق، كۆپ خىل نازارەت قىلىش شەكلى قاتارلىقلاردىن ئۇنىۋېرسال پايدىلىنىپ، مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ۋە مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداش سالمىقىنى زورايتىپ، خاس كەسىپلەرنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، يېزا ـ كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشكە كۈچ قوشۇپ، شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتى ئۈچۈن خەلق قۇرۇلتىيى كۈچىنى قوشۇش كېرەك.

مەنبە:

مەسئۇل مۇھەررىر: رەشىدە مامۇت