شىنجاڭ ئاكادېمىيە تورى
6 ـ نۆۋەتلىك جۇڭگو شىنجاڭ خەلقئارا مىللەتلەر ئۇسسۇل بايرىمى ئاخىرلاشتى
يوللانغان ۋاقىت :2023-08-07 |   ئاپتور :   |   مەنبە : شىنجاڭ گېزىتى

نەق مەيداندا كۆرگەنلەر 100 مىڭ ئادەم قېتىمغا يېقىنلاشتى، توردا قاتناشقانلار 1 مىليارد 260 مىليون ئادەم قېتىمدىن ئاشتى

شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 8 ـ ئاينىڭ 5 ـ كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ليۇ مېڭمېڭ خەۋەر قىلىدۇ: بارچە مىللەت چالدى ساز، يۈتيەنمۇ بار بۇ نەغمىدە، بارچە قابىل جەم بولۇپ، ئۇسسۇلغا چۈشتى بۇ بەزمىدە. 8 ـ ئاينىڭ 5 ـ كۈنى، مەدەنىيەت ۋە ساياھەت مىنىستىرلىقى، گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئىشخانىسى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى بىرلىكتە مەسئۇل بولۇپ ئۆتكۈزگەن 6 ـ نۆۋەتلىك جۇڭگو شىنجاڭ خەلقئارا مىللەتلەر ئۇسسۇل بايرىمى شىنجاڭ خەلق سارىيىدا ئاخىرلاشتى.

بۇ نۆۋەتلىك ئۇسسۇل بايرىمىدا «ئارزۇغا تولۇپ ئۇسسۇلغا چۈشۈش، ئىناق، گۈزەل يىپەك يولى» باش تېما قىلىنغان بولۇپ، 17 كۈن داۋاملاشتى، چەت ئەلدىن 11 تىياتىر(نومۇر)، دۆلەت ئىچى(شياڭگاڭ ـ ئاۋمېن رايونىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)دىن 17 تىياتىر(نومۇر)نى ئۆز ئىچىگە ئالغان دۆلەت ئىچى ـ سىرتىنىڭ 28 مۇنەۋۋەر تىياتىرى(نومۇرى) تەكلىپ بىلەن قاتناشتۇرۇلدى، بۇنىڭ ئىچىدە شىنجاڭدىن قاتناشتۇرۇلغان يەرلىك تىياتىر(نومۇر) تۆت بولۇپ، «چاقناپ تۇرغان يىپەك يولى ئىناق ھەمكارلىشىپ بىللە ياشاش» مودا كىيىم كۆرىكى، شىنجاڭ «يىپەك يولى» كوچا ئۇسسۇلى كۆرىكى، شىنجاڭ ئۇسسۇل ئىجادىيىتى پىكىر ئالماشتۇرۇش يىغىنى، «بىرلىكتە شىنجاڭ ئۇسسۇلى ئوينايلى» مەيدان ئۇسسۇلى كۆرىكى قاتارلىق يۈرۈشلۈك پائالىيەتلەر يانداش ئۆتكۈزۈلدى.

ئۇسسۇل بايرىمى مەزگىلىدە، 100 مىڭغا يېقىن ئادەم قېتىم تىياتىرخانىغا كىردى، 80 مىليوندىن ئارتۇق ئادەم قېتىم بۇلۇت سۇپىسىدا سەنئەت كاتتا مەرىكىسىدىن ئورتاق بەھرىلەندى، ئالاقىدار تېمىلارنىڭ پۈتۈن توردا كۆرۈلۈش مىقدارى 1 مىليارد 180 مىليون قېتىمغا يەتتى.

ئاخىرلىشىش مۇراسىمى نەق مەيدانىدا، 2000دىن ئارتۇق ھەر مىللەت ئامما مەركىزىي بالېت ئۆمىكىنىڭ «ئۆمەك گۆھىرى» − بالېت تىياتىرى «قىزىل ئاياللار قوشۇنى»نى بىرلىكتە كۆردى. جاراڭلىق مۇزىكا، ھەيۋەتلىك سەھنە، مەردانە ئاياللار قوشۇنى، قان كېچىپ جەڭ قىلغان قۇدرەتلىك قوشۇن... ئىككى سائەتلىك ئويۇن پۈتۈن مەيداندىكى تاماشىبىنلارنى 60 يىلغا يېقىن تارىخقا ئىگە بۇ كىلاسسىك تىياتىرغا مەپتۇن قىلدى.

يېرىم ئايدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان، دۆلەت ئىچى ـ سىرتىدىن كەلگەن 800دىن ئارتۇق تاراتقۇ نەچچە ئونمىڭ پارچە خەۋەر ئارقىلىق ئۇسسۇل بايرىمىدىكى ئېسىل نومۇرلارنى پۈتۈن دۇنياغا تارقىتىپ، «بۇ يىل يازدا، ئۇسسۇلغا ئەڭ ماھىرلار شىنجاڭدا» «چەت ئەللىك ئۇسسۇلچىلارنىڭ شىنجاڭ ھەققىدە ئېيتقانلىرى» «پۇقرالارنىڭ ئۇسسۇل بايرىمى ھەققىدە ئېيتقانلىرى» قاتارلىق قىزىق نۇقتا پاراڭ تېمىلىرىنى شەكىللەندۈردى، بۇلار بەيدۇ، ۋېيبو، دوۋيىن، شياۋخۇڭشۇ قاتارلىق ئىجتىمائىي ئالاقە تاراتقۇ سۇپىلىرىدا مۇۋەپپەقىيەتلىك ئالقىشلاندى.

بۇ نۆۋەتلىك ئۇسسۇل بايرىمىدا نۇرغۇن قالتىس دەقىقىلەر ۋە تەسىرلىك ھېكايىلەر بارلىققا كەلدى: ئايروپىلاندىن چۈشۈپلا، جەنۇبىي ئافرىقىدىن كەلگەن ئۇسسۇلچىلار شىنجاڭ ئۇسسۇلى ئويناشنى ئۆگەندى؛ شىنجاڭ سەنئەت تىياتىر ئورنىدىكى كىچىك باغدا، جۇڭگو ـ تايلاند سەنئەتكارلىرى بىرلىكتە مەشرەپ ئۆتكۈزدى؛ سانجى شەھىرىدە، ئۆزبېكىستاندىن كەلگەن سەنئەتكارلار تۇنجى قېتىم جۇڭگو كوچا ئويۇنى بىلەن ئۇچراشتى... جۇڭگو شىنجاڭ خەلقئارا مىللەتلەر ئۇسسۇل بايرىمى شىنجاڭدىكى «ئالاھىدە دەرىجىلىك» مەدەنىيەت ھادىسىسىگە ئايلاندى، مۇھىم مەدەنىيەت بەلگىسىگە ۋە جۇڭگو ھېكايىسىنى ياخشى سۆزلەيدىغان گۈزەل نام كارتىسىغا ئايلاندى، «بىر بەلباغ، بىر يول» لىنىيەسى بويىدىكى دۆلەت ۋە رايونلارنىڭ مەدەنىيلىك ئالماشتۇرۇشى، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىشىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان مۇھىم تۈگۈنگە ئايلاندى.

«ئۇسسۇل بايرىمى كەسپىي، خەلقئارالىق سەھنە ھازىرلاپ بەردى، ئوخشاش بولمىغان ئىرق، ئوخشاش بولمىغان تىل، ئوخشاش بولمىغان رايونلاردىكى ئۇسسۇلچىلار بۇ يەردە پىكىر ئالماشتۇرۇپ، ھەمتۈرتكە بولۇپ، بىزگە بىر مەيدان كاتتا سەنئەت مەرىكىسىنى تەقدىم قىلدى» دېدى شىنجاڭلىق ئەدەبىيات ـ سەنئەت خىزمەتچىسى رەخمەت نىيازقۇدۇق.

«6 ـ نۆۋەتلىك جۇڭگو شىنجاڭ خەلقئارا مىللەتلەر ئۇسسۇل بايرىمى ئىسمى ـ جىسمىغا لايىق جۇڭگو بىلەن چەت ئەلنىڭ مەدەنىيەت ـ سەنئەت ئالماشتۇرۇشىدىكى <مېھمان كۈتۈش زالى>غا، غەربكە ئېچىۋېتىش ۋە ئادىمىيەت جەھەتتىكى دوستانە ئالاقىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى <قەلبداشلىق كۆۋرۈكى>گە، جۇڭگو شىنجاڭ ھېكايىسىنى بايان قىلىشتىكى <يېڭى كۆزنەك>كە ئايلاندى» دېدى ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت ۋە ساياھەت نازارىتى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى شۈ رۇيجۈن.

مەنبە:

مەسئۇل مۇھەررىر: رەشىدە مامۇت