شىنجاڭ ئاكادېمىيە تورى
ئەقلىي ئىقتىدارلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك
يوللانغان ۋاقىت :2023-08-07 |   ئاپتور :   |   مەنبە : شىنجاڭ گېزىتى

ئاپتونوم رايوننىڭ كۆمۈر كانلارنى ئەقلىي ئىقتىدارلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى نەق مەيداندا ئالغا سىلجىتىش يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى

ئەقلىي ئىقتىدارلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك

شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 8 ـ ئاينىڭ 5 ـ كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى يۈ جياڭيەن خەۋەر قىلىدۇ: 8 ـ ئاينىڭ 4 ـ كۈنىدىن 5 ـ كۈنىگىچە، ئاپتونوم رايوننىڭ كۆمۈر كانلارنى ئەقلىي ئىقتىدارلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى نەق مەيداندا ئالغا سىلجىتىش يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسى يۈسۈپجان مەمەت يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى.

نۆۋەتتە، ئاپتونوم رايوندا نورمال كۆمۈر ئىشلەپچىقىرىۋاتقان كۆمۈر كاندىن 74ى بار، بۇنىڭ ئىچىدە ئۈستى ئوچۇق كۆمۈر كان 24، قۇدۇقلۇق كۆمۈر كان 50. شىنجاڭ بويىچە ئەقلىي ئىقتىدارلاشتۇرۇلغان كۆمۈر كانلارنىڭ 169 مىليون توننىلىق ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى دەسلەپكى قەدەمدە شەكىللەندۈرۈلدى.

يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: كۆمۈر كانلارنى ئەقلىي ئىقتىدارلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىشنى تېزلىتىش شىنجاڭ كۆمۈرچىلىك ساھەسىنىڭ جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش، تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش ئىقتىدار سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ بايلىق ئەۋزەللىكىنى ئىقتىسادىي ئەۋزەللىككە ئايلاندۇرۇشقا تۈرتكە بولۇشتىكى كۈچلۈك تەدبىر. ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار، ھەرقايسى كانچىلىق كارخانىلىرى جەزمەن يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، كۆمۈر كانلارنى ئەقلىي ئىقتىدارلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىغا تېز تۈرتكە بولىدىغان ئەمەلىي تەدبىر، قاتتىق تەدبىرلەرنى پىلانلاپ تۈزۈپ، كۆمۈرچىلىك كەسپىنى يۇقىرى دەرىجىلىكلەشتۈرۈش، ئەقلىي ئىقتىدارلاشتۇرۇش، يېشىللاشتۇرۇش بويىچە تىپ ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك.

يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: ھەرقايسى جايلار يېقىندا ئېلان قىلىنغان «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ كۆمۈر كانلارنى ئەقلىي ئىقتىدارلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى ئۈچ يىللىق ھەرىكەت پىلانى (2023 ـ يىلىدىن 2025 ـ يىلىغىچە)»نى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تەۋەلىكىدىكى كۆمۈر كانلارنى ئەقلىي ئىقتىدارلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى خىزمىتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ياخشى تۇتۇپ، بىخەتەرلىككە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش ئالدىنقى شەرتىدە بېكىتىلگەن نىشان ـ ۋەزىپىلەرنى ئوڭۇشلۇق تاماملىشى كېرەك.

يىغىندىن ئىلگىرى، يىغىنغا قاتنىشىدىغان رەھبەرلەر ۋە خادىملار شىنجاڭ تيەنچى ئېنېرگىيە چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ جەنۇبىي ئۈستى ئوچۇق كۆمۈر كېنى ۋە دۆلەت ئېنېرگىيە گۇرۇھى شىنجاڭ ئېنېرگىيە چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ ۋۇدۇڭ كۆمۈر كېنىدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى ھەم كۆمۈر كانلارنى ئەقلىي ئىقتىدارلاشتۇرۇش ئۈسكۈنە ـ جابدۇقلىرى، نەتىجىلىرى كۆرگەزمىسىنى ئېكسكۇرسىيە قىلدى.

جۇڭگو ئىنژېنېرلار ئاكادېمىيەسىنىڭ ئاكادېمىكى ھوشۇر ئىسلام قاتارلىق مۇتەخەسسىس، ئالىملار كۆمۈر كانلارنى ئەقلىي ئىقتىدارلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى قاتارلىقلار توغرىسىدا مەخسۇس تېمىلىق لېكسىيە سۆزلىدى.

مەردان مۇقىيىت يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم ئالاقىدار پائالىيەتلەرگە قاتناشتى.

مەنبە:

مەسئۇل مۇھەررىر: رەشىدە مامۇت