شىنجاڭ ئاكادېمىيە تورى
تەرەققىيات، ئۆزگىرىشلەرنى ھېس قىلىپ، بەختلىك تۇرمۇشنى ئالقىشلاش
يوللانغان ۋاقىت :2023-08-03 |   ئاپتور :   |   مەنبە : شىنجاڭ گېزىتى

ئاپتونوم رايون پېشقەدەم كادىرلارنى بايىنغولىن ئوبلاستىغا بېرىپ ئېكسكۇرسىيە ۋە ئۆگىنىشتە بولۇشقا تەشكىللىدى −

تەرەققىيات، ئۆزگىرىشلەرنى ھېس قىلىپ، بەختلىك تۇرمۇشنى ئالقىشلاش

□ ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى يەن شياۋتيەن

«يول بويى مېڭىپ، كۆرۈپ، بىز شىنجاڭ ئىقتىسادىنىڭ تېز سۈرئەتتە تەرەققىي قىلىۋاتقانلىقىغا، جەمئىيەتنىڭ ئىناق، مۇقىم ئىكەنلىكىگە گۇۋاھ بولدۇق.» 7 - ئاينىڭ 24 - كۈنىدىن 30 - كۈنىگىچە، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى پېشقەدەم كادىرلار ئىدارىسى پېشقەدەم كادىرلارنى بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىغا بېرىپ، «ئەنئەنە توغرىسىدا پاراڭلىشىش، گۈللىنىش توغرىسىدا سۆھبەتلىشىش، كۈچنى مۇجەسسەملەش»نى باش تېما قىلغان ئېكسكۇرسىيە، ئۆگىنىش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇشقا تەشكىللىدى. پېشقەدەم كادىرلار بايىنغولىن ئوبلاستىدىكى ئالتە ناھىيە، شەھەر، 23 كۆرەك نۇقتىسىنى زىيارەت قىلىپ، ئىقتىساد، جەمئىيەتنىڭ جۇش ئۇرۇپ راۋاجلىنىۋاتقانلىقىنى نۆل ئارىلىقتىن ھېس قىلىپ، ئاممىنىڭ بەختلىك تۇرمۇشىنى يۈزتۇرا ھېس قىلىپ، يېڭى تەرەققىيات، يېڭى ئۆزگىرىشلەرنى ئالقىشلىدى.

كەسىپنى كۈچەيتىپ، تەرەققىياتنى كۆزلەپ، پايدىدىن ئورتاق بەھرىلەندۈردى

كورلا شاڭكۇ يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونىدا، تۈر قۇرۇلۇشلىرى قىزغىن ئېلىپ بېرىلىۋاتاتتى. پېشقەدەم كادىرلار شىنجاڭ كورلا جۇڭتەي نېفىت خىمىيە چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ كونترول مەركىزىگە كىرگەندە، چوڭ ئېكراندا كۆرسىتىلىۋاتقان ئەمەلىي ۋاقىتلىق سانلىق مەلۇماتلاردىن خام ماتېرىيال توشۇش، ئايرىش، قاچىلاش - چۈشۈرۈش قاتارلىق ھالقىلارنىڭ ناھايىتى تەرتىپلىك ئېلىپ بېرىلىۋاتقانلىقىنى كۆردى. «كەسىپ زەنجىرىنىڭ سىجىل ئەلالاشتۇرۇلۇشىغا ئەگىشىپ، مۇھىم، زور تۈرلەرنىڭ تۈرتكىلىك رولى كۆرۈنەرلىك كۈچىيىپتۇ» دېدى ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ سابىق مۇئاۋىن رەئىسى مۇتەللىپ ئوبۇل ھاياجانلانغان ھالدا.

شىنجاڭ تىيانشان پولات - تۆمۈر بايىنغولىن ئوبلاستى چەكلىك شىركىتىدە ئېكسكۇرسىيەدە بولغاندا، پېشقەدەم كادىرلار كارخانىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، سېتىش مىقدارى، مەھسۇلات قىممىتى، باج تاپشۇرۇش، قوبۇل قىلىپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش قاتارلىق جەھەتلەردە قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرىنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈردى. ئۇلار مۇنداق بىلدۈردى: تەرەققىيات چوقۇم شۇ جايغا نەپ يەتكۈزۈشى، ھەر مىللەت ئاممىنى ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى ئېلىپ كەلگەن پايدىدىن ئورتاق بەھرىلەندۈرۈشى كېرەك.

يۇقىرى سۈرئەتلىك يول تۇتاشتۇرۇلسا، ھەممە ساھە گۈللىنىدۇ. ئېكسكۇرسىيە جەريانىدا، ساياھەت ئاپتوبۇسى، لىق يۈك قاچىلانغان چوڭ يۈك ئاپتوموبىلى قاتارلىقلار ياندىن ئۇچقاندەك ئۆتۈپ تۇراتتى، قولايلىق يۇقىرى سۈرئەتلىك يولنى پېشقەدەم كادىرلار ئاغزى - ئاغزىغا تەگمەي ماختاشتى. ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ سابىق مۇئاۋىن مۇدىرى مۇتەللىپ قاسىم مۇنداق دېدى: كۈنسېرى تەرەققىي قىلىۋاتقان يۇقىرى سۈرئەتلىك يول تورى بىلىم ئېقىمى، ئۇچۇر ئېقىمى، مەبلەغ ئېقىمىغا تۈرتكە بولۇپ، بايىنغولىن ئوبلاستىنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىغا تۈگىمەس ھەرىكەت ئېنېرگىيەسى قوشۇپتۇ.

ئېكولوگىيەسى گۈزەللىشىپ، پۇقرالار بېيىپ، ھەممە شادلىققا چۆمدى

«كۆپچىلىك قاراڭلار، بۇ بىزنىڭ مۇشۇ يەردىن چىقىدىغان لوپنۇر كەندىرى ھەسىلى، يېشىل، ساپ، تەبىئىي...» لوپنۇر ناھىيەسى داشى ئېلېكتىرونلۇق سودا كەسىپلەر باغچىسىدا، رىياسەتچى ليۇ يۈەنجيې تورداشلارغا لوپنۇر كەندىرى ھەسىلى، لوپنۇر كەندىرى چېيى قاتارلىق مەھسۇلاتلارنى تونۇشتۇرۇۋاتاتتى. 2022 - يىلى، بۇ كەسىپلەر باغچىسى تور سىرتىدىكى ئەمەلىي گەۋدىلەر، توردا بىۋاسىتە كۆرسىتىشكە تايىنىپ، خاس يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى ساتتى، سېتىش سوممىسى 170 مىليون يۈەنگە يەتتى.

بۇ مەنزىرىنى كۆرۈپ، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ سابىق مۇئاۋىن رەئىسى ما شيۇڭچېڭ سۆيۈنگەن ھالدا مۇنداق دېدى: يېشىل تەرەققىياتنى يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنىڭ ئاساسى قىلىپ، پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، خاس، ئەۋزەل كەسىپلەرنى زورايتىپ، لوپنۇر كەندىرىنىڭ ئېكولوگىيە ئۈنۈمى، ئىقتىسادىي ئۈنۈمى ۋە جەمئىيەت ئۈنۈمىنى چوڭقۇر قېزىپ، يەرلىكتىكى تېخىمۇ كۆپ ئاممىنى نەپكە ئېرىشتۈرۈش كېرەك.

يەنجى خۇيزۇ ئاپتونوم ناھىيەسى بېيداچۈ يېزىسى بىڭتۇەن 2 - شى 22 - تۇەن 2 - ليەن بىلەن تۇتاش بولۇپ، بۇ ئىككى جاي دىققەتنى «تەشكىلات ئارقىلىق كەنتنى قۇدرەت تاپقۇزۇش، كەسىپ ئارقىلىق خەلقنى بېيىتىش، پەن - تېخنىكا ئارقىلىق كەنتنى گۈللەندۈرۈش، مائارىپ ئارقىلىق خەلققە نەپ يەتكۈزۈش»كە مەركەزلەشتۈرۈپ، بىڭتۇەن بىلەن يەرلىكنىڭ يۇغۇرۇلۇشىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، «2<1+1»نىڭ ئۈنۈمىنى ئىشقا ئاشۇردى. 7 - ئاينىڭ 28 - كۈنى، پېشقەدەم كادىرلار بۇ يەرگە ئېكسكۇرسىيەگە كەلدى، شوخلا ئېتىزىدا، قىپقىزىل شوخلىلار قۇياش نۇرىدا كىشىنى تولىمۇ جەلپ قىلاتتى. ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ سابىق مۇدىرى نەيىم ياسىن كۈلۈپ تۇرۇپ مۇنداق دېدى: «بىڭتۇەن بىلەن يەرلىك بىر تاختا شاھمات، بىڭتۇەن بىلەن يەرلىك بىر ئائىلە كىشىلىرى. 2 - شى بىلەن بايىنغولىن ئوبلاستى مۇشتنى چىڭ تۈگۈپ بىرىكمە كۈچ توپلاپتۇ، پۇقرالارنىڭ تۇرمۇشى خۇددى مۇشۇ قىپقىزىل شوخلىغا ئوخشاش بارغانسېرى باياشاتلىققا تولۇپتۇ».

7 - ئاينىڭ 24 - كۈنى كەچتە، پېشقەدەم كادىرلار كورلا شەھىرىدىكى كۆنچى دەرياسى بويىدا سەيلە قىلدى، كىچىك كۆۋرۈك، ئېقىن سۇ، ئادەملەر بىر - بىرىگە ماسلىشىپ، بىر - بىرىگە ھۆسن قوشۇپ، ئادەم بىلەن تەبىئەت ئىناق بىللە ئۆتىدىغان ئېكولوگىيە مەنزىرىسىنى شەكىللەندۈرگەنىدى.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، كورلا شەھىرى تۇرمۇشتىن چىققان كېرەكسىز سۇنى بىر تەرەپ قىلىپ ھاسىلىي پايدىلىنىش قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇپ، كۆنچى دەرياسى، دۇجۈەن دەرياسىنى بويلاپ شەھەر سۇلۇق يېرى بەرپا قىلىپ، يېڭى يېشىل ئېكولوگىيە تەرەققىيات كارىدورىنى شەكىللەندۈرۈپ، دەريا يولى ئەتراپىدىكى ئېكولوگىيە - مۇھىتنى ۋە ئاھالىلەرنىڭ تۇرالغۇ مۇھىتىنى زور دەرىجىدە ياخشىلىدى.

دەريا بويىدا ئويناۋاتقان بالىلار، سالقىنداۋاتقان ياشانغانلار، يۈگۈرۈۋاتقان ياشلارغا قاراپ، ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ سابىق شۇجىسى يەن فېنشىن ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: «ياخشى ئېكولوگىيە - مۇھىت ئەڭ ئومۇمىي مەنپەئەتدار بولغان خەلق تۇرمۇشى بەخت - سائادىتىدۇر، بۈگۈنكى كۈندە ئېكولوگىيە گۈزەللەشتى، پۇقرالار بېيىدى، تۇرمۇش سۈپىتى ئۆستى، تەبەسسۇملۇق چىرايلارمۇ بارغانسېرى كۆپەيدى».

مائارىپقا ئەھمىيەت بېرىپ، مەدەنىيەتنى گۈللەندۈرۈپ، كىشىلەر قەلبىنى ئوزۇقلاندۇردى

مائارىپ دۆلەتنىڭ ئۇلۇغۋار پىلانى، پارتىيەنىڭ ئۇلۇغۋار پىلانى. پېشقەدەم كادىرلار بايىنغولىن ئوبلاستلىق 2 - ئوتتۇرا مەكتەپكە كېلىپ، ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلارنى باشقۇرۇشقا ئالاقىدار خىزمەتلەرنى تەپسىلىي ئىگىلىدى، مەكتەپنىڭ ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈش ئەھۋالىنى سورىدى. «ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىدا جەزمەن ئىختىساسلىقلار، ئەقلىي كۈچ تىرەك بولۇشى كېرەك، بىز چوقۇم مائارىپ ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىشىمىز كېرەك» دېدى ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ سابىق مەھكىمە باشلىقى باھارگۈل سەمەت.

بىر مۇزېي − بىر چوڭ مەكتەپ. بايىنغولىن ئوبلاستلىق مۇزېينىڭ كىروران تارىخى مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى كۆرگەزمە رايونىدا، قەغەز ھۆججەت - كىتابلار ۋە ئۇزۇن ياغاچ تارىشالاردىن كىرىشتۈرۈپ ياسالغان ھەمتۈرتكىلىك تام نۇرغۇن ئېكسكۇرسىيە قىلغۇچىنى جەلپ قىلدى. بىر ياغاچ تارىشا ياكى ھۆججەت - كىتابنى خالىغانچە چەكسىڭىز، بۇ مەدەنىيەت يادىكارلىقىنىڭ قېزىۋېلىنىش ئەھۋالى ۋە خاتىرىسى كۆز ئالدىڭىزدا ئېنىق نامايان بولىدۇ. پېشقەدەم كادىرلار ئۈستىدىكى خەتلەرنى تەپسىلىي ئوقۇدى، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ سابىق مۇئاۋىن رەئىسى رىزۋان ئەبەي رەقەملەشكەن ئەقلىي ئىقتىدارلىق مۇزېي قۇرۇلۇشىنى مۇئەييەنلەشتۈردى، «دەۋرنىڭ ئېھتىياجىغا ئۇيغۇنلىشىپ، ئىلغار تېخنىكىدىن پايدىلىنىپ مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى جانلاندۇرۇپ، كۆرگۈچىلەرنىڭ سەزگۈ ئەزالىرى ئارقىلىق ھېس قىلىشىنى كۈچەيتىپ، شىنجاڭ ھېكايىسىنى ياخشى سۆزلەپتۇ، بۇ ئۇسۇلنى كېڭەيتىشكە ئەرزىيدىكەن» دېدى ئۇ.

جاپاغا چىداپ كۈرەش قىلىپ جاھاننى زىلزىلىگە سالىدىغان ئىشلارنى قىلىش، خالىس ئۆزىنى بېغىشلاپ ئەسلىي ئىسمىنى يوشۇرىدىغان كىشى بولۇش. خوشۇت ناھىيەسى مالەن خۇڭشەن ھەربىيلەر مۇزېي باغچىسىدا، پېشقەدەم كادىرلار «مالەن روھىنى ئۆگىنىپ، قىزىل تومۇرنى داۋاملاشتۇرۇش» باش تېمىسىدىكى پارتىيە كۈنى پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، پارتىيەگە كىرىش قەسىمىنى قايتا ئەسلىدى، ھاۋا مۇداپىئە ئۆڭكۈرىنى ئېكسكۇرسىيە قىلىپ، قايناق ھېسسىياتقا تولغان ئاشۇ يىللارنى ھېس قىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ سابىق ئەزاسى، ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ سابىق شۇجىسى فۇ چياڭ مۇنداق دېدى: «پېشقەدەم ئەجدادلارنىڭ جاپادىن قورقمايدىغان، جاسارەت بىلەن كۈرەش قىلىدىغان ئىنقىلاب روھى بىزنىڭ مەڭگۈ ئۆگىنىشىمىزگە ئەرزىيدۇ».

ئۆمرىنىڭ ئاخىرىغىچە ئەسلىي مەقسەتنى ساقلاش، ھەممە جايدا تۆھپە قوشۇش. بايىنغولىن ئوبلاستىنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىدا بارلىققا كەلگەن يارقىن نۇقتىلار پېشقەدەم كادىرلارنى ئىنتايىن سۆيۈندۈردى. كۆپچىلىك بىردەك مۇنداق بىلدۈردى: ئەسلىي مەقسەت، بۇرچنى ئۇنتۇماي، سىياسىي خىسلىتىمىزنى مەڭگۈ ساقلاپ، ئۆز ئەۋزەللىكىمىزنى جارى قىلدۇرۇپ، تىرىشىپ يېڭى دەۋردىكى جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن ئەقىل - پاراسىتىمىز ۋە كۈچىمىزنى قوشىمىز.

مەنبە:

مەسئۇل مۇھەررىر: رەشىدە مامۇت