شىنجاڭ ئاكادېمىيە تورى
ئاپتونوم رايون باش تېما تەربىيەسى بويىچە تۈزىتىش - تۈزەش خىزمىتىنى ئالغا سىلجىتىش يىغىنى ئاچتى
يوللانغان ۋاقىت :2023-08-03 |   ئاپتور :   |   مەنبە : شىنجاڭ گېزىتى

شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 8 - ئاينىڭ 1 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى گۇەن مېڭيىڭ خەۋەر قىلىدۇ: 8 - ئاينىڭ 1 - كۈنى، ئاپتونوم رايوننىڭ شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش باش تېما تەربىيەسى بويىچە تۈزىتىش - تۈزەش خىزمىتىنى ئالغا سىلجىتىش يىغىنى ئۈرۈمچىدە ئېچىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايونلۇق باش تېما تەربىيەسى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن گۇرۇپپا باشلىقى جاڭ جۇ يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى، باش تېما تەربىيەسى بويىچە مەركەز 15 - يېتەكچىلىك گۇرۇپپىسى يىغىنغا كېلىپ يېتەكچىلىك قىلدى.

يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى، شىنجاڭ خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنىڭ تۇتقىسى ۋە جېنى. پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ئۆگىنىش، ئۆزلەشتۈرۈش، تولۇق، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇش داۋامىدا ساقلانغان مەسىلە ۋە يېتەرسىزلىكلەرنى سىجىل، چوڭقۇر تۈزىتىشنى باش تېما تەربىيەسى بويىچە تۈزىتىش - تۈزەشتىكى مۇھىم ۋەزىپە قىلىپ، ئۆز جايى، ئۆز تارمىقى، ئورنىدىكى مەسىلىلەرنى تۈزىتىش - تۈزەش بىلەن بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ ئالغا سىلجىتىپ، بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ تەكشۈرۈپ، بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ ئۈنۈمنى تەكشۈرۈپ، شىنجاڭ خىزمىتىدە توغرا يولدا چىڭ تۇرۇپ يېڭىلىق يارىتىش، مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش داۋامىدا ئۈزلۈكسىز يېڭى ۋەزىيەت يارىتىشقا تۈرتكە بولۇشى كېرەك. خىزمەت شەكلى ۋە ئۇسۇلىنى ئىگىلەشكە دىققەت قىلىپ، يۇقىرى - تۆۋەن ھەمتۈرتكە بولۇش، ھەرقايسى تەرەپلەر ماسلىشىشتا چىڭ تۇرۇپ، تۈزىتىش خىزمىتىدە بىرىكمە كۈچ شەكىللەندۈرۈشى كېرەك. ھادىسىدىنمۇ، ماھىيەتتىنمۇ تۈزەش، نۇقتا بىلەن دائىرىنى بىرلەشتۈرۈش، نۇقتا ئارقىلىق دائىرىنى يېتەكلەش، كېسەلگە قاراپ دورا بېرىش، ئۇنىۋېرسال تەدبىر يۈرگۈزۈشتە چىڭ تۇرۇشى كېرەك. ئاممىنىڭ رازى بولۇش - بولماسلىقىنى باھالاش ئۆلچىمى قىلىپ، ئاممىنى قاتناشتۇرۇشى، ئاممىنى نازارەت قىلدۇرۇشى، ئاممىغا باھالاتقۇزۇشى كېرەك. ھەيدەكچىلىك، يېتەكچىلىكنى كۈچەيتىپ، شەكىلۋازلىقتىن قاتتىق ساقلىنىپ، خىزمەت مەسئۇلىيىتىنى چىڭىتىپ، تۈزىتىش - تۈزەش خىزمىتىدە ئەمەلىي ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

ئاپتونوم رايونلۇق باش تېما تەربىيەسى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى ئىشخانىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ سەييارە يېتەكچىلىك گۇرۇپپىسى، 1 - تۈركۈمدە باش تېما تەربىيەسىنى قانات يايدۇرغان ئورۇنلار، ھەرقايسى ۋىلايەت (ئوبلاست، شەھەر)لەردىكى ئالاقىدار مەسئۇل يولداشلار يىغىنغا قاتناشتى.

مەنبە:

مەسئۇل مۇھەررىر: رەشىدە مامۇت