شىنجاڭ ئاكادېمىيە تورى
كۇڭزىنىڭ يۇرتىدا رۇجيا ئەنئەنىسىنىڭ جەلپكارلىقىنى ھېس قىلدى
يوللانغان ۋاقىت :2023-08-03 |   ئاپتور :   |   مەنبە : شىنجاڭ گېزىتى

«شىنجاڭ يېڭى دەۋر ياخشى ئۆسمۈرلىرىنىڭ ۋەتەن سەپىرى»دىكىلەر شەندۇڭ چۈفۇغا باردى

كۇڭزىنىڭ يۇرتىدا رۇجيا ئەنئەنىسىنىڭ جەلپكارلىقىنى ھېس قىلدى

شىنجاڭ گېزىتى، چۈفۇ، 7 - ئاينىڭ 31 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لى جيانى خەۋەر قىلىدۇ: يېقىندا، «شىنجاڭدىكى يېڭى دەۋر ياخشى ئۆسمۈرلىرىنىڭ ۋەتەن سەپىرى»گە قاتناشقان 14 ساۋاقداش شەندۇڭ ئۆلكىسىنىڭ چۈفۇ شەھىرىگە يېتىپ بېرىپ، رۇجيا ئىدىيەسىنىڭ چوڭقۇر ئىچكى خاس مەزمۇنىنى نەق مەيداندا ھېس قىلدى.

شەندۇڭ ئۆلكىسىنىڭ چۈفۇ شەھىرىدىكى «يېڭى دەۋر ياخشى ئۆسمۈرلىرى» بىلەن شىنجاڭدىن بارغان «يېڭى دەۋر ياخشى ئۆسمۈرلىرى» پىكىر ئالماشتۇرۇش، سۆھبەتلىشىش پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى، ساۋاقداشلار ئۆگىنىش، تۇرمۇشتىكى ھېكايىلىرىدىن ھەمبەھرىلەندى، ئۆزئارا سوۋغا تەقدىم قىلىشتى، كىلاسسىك ئەسەرلەرنى بىرلىكتە دېكلاماتسىيە قىلدى.

«يىراقتىن دوستۇڭ كەلسە، خۇشال بولماي تۇرالامسەن...» پىكىر ئالماشتۇرۇش، سۆھبەتلىشىش پائالىيىتى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، ئىككى جايدىكى «يېڭى دەۋر ياخشى ئۆسمۈرلىرى» چۈفۇدىكى كۇڭزى ئىبادەتخانىسى داچېڭ قەسىرىنىڭ ئۆرۈكلۈك سۇپىسى ئالدىدا «مۇھاكىمە ۋە بايان»نى بىرلىكتە دېكلاماتسىيە قىلدى، ئارقىدىن چۈشەندۈرگۈچىگە ئەگىشىپ كۇڭزى ئىبادەتخانىسى، كۇڭزى قەسىرىنى بىرلىكتە ئېكسكۇرسىيە قىلىپ، جۇڭخۇا مەدەنىيلىكىنىڭ ئاساسىنى ھېس قىلىپ، مول ۋە چوڭقۇر مەزمۇنغا ئىگە رۇجيا ئىدىيەسىنى ئۆزلەشتۈردى.

«ئەينى يىللىرى كۇڭزى دەرس سۆزلىگەن ئۆرۈكلۈك سۇپىدا خاتىرە سۈرەتكە چۈشكىنىمدە، شېئىر دېكلاماتسىيە قىلغىنىمدا ئىنتايىن ھاياجانلاندىم، ئاشۇ دەقىقىدە خۇددى زامان - ماكاندىن ھالقىپ كۇڭفۇزىنىڭ تەلىمىنى ئاڭلىغاندەك بولدۇم» دېدى ئارشاڭ ناھىيەلىك تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئوقۇغۇچىسى سىرۇڭ.

«كۇڭزى ئىبادەتخانىسىنىڭ داچېڭ سارىيىنى تۇنجى قېتىم ئېكسكۇرسىيە قىلىشىم، ھەيۋەتلىك سىرتقى كۆرۈنۈش ۋە ئۇنىڭغا تىزىپ قويۇلغان مۇراسىم بۇيۇملىرى ماڭا رۇجيانىڭ خۇش پېئىل، ئەدەپلىك، سۈرلۈك، تەرتىپلىك بولغان مۇراسىم مەدەنىيىتىنى ھېس قىلدۇردى.» ئۈرۈمچى شەھەرلىك گاسلار مەكتىپىنىڭ ئوقۇغۇچىسى جوۋ شياۋچىن بارماق تىلى ئارقىلىق مۇخبىرغا كۇڭزىنىڭ يۇرتىغا كېلىپ، جۇڭگو ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنىڭ مول ۋە چوڭقۇر مەزمۇنىنى چوڭقۇر ھېس قىلغانلىقىنى، بۇ سەپەرنىڭ چوڭقۇر تەسىرات قالدۇرغان بىر قېتىملىق مەدەنىيەتنى ھېس قىلىش سەپىرى بولغانلىقىنى بىلدۈردى.

كۇڭزىنىڭ ئالتە ماھارەت شەھەرچىسىدە كۇڭزى بىر ئۆمۈر قەدىرلىگەن، تەشەببۇس قىلغان ۋە ئەمەلدە كۆرسەتكەن «قائىدە - يوسۇن، مۇزىكا، ئوقيا ئېتىش، ئات ھارۋىسى ھەيدەش، خەتتاتلىق، ھېسابلاش»تىن ئىبارەت ئالتە ماھارەتنىڭ جەلپكارلىقى نامايان قىلىنغانىدى. ساۋاقداشلار بۇ يەردە جوۋ يۇسۇنلىرىنى كۆردى، كۈي - ئۇسسۇللاردىن ھۇزۇرلاندى، ئوقيا ئېتىش ماھارىتىدە بەسلەشتى...

«بەكلا ھەيران قالدىم! كۇڭزىنىڭ يۇرتى بولۇشقا مۇناسىپ ئىكەن، خۇددى نەچچە مىڭ يىل بۇرۇنقى دەۋرگە قايتقاندەك بولدۇم» دېدى نىلقا ناھىيەسى ۋۇجىن تەجرىبە مەكتىپىنىڭ ئوقۇغۇچىسى مەنزىرە نۇرالدىن ھاياجانلانغان ھالدا.

مەنبە:

مەسئۇل مۇھەررىر: رەشىدە مامۇت