□ ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ليۇ يى
بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا، شىنجاڭدىكى ھەرقايسى جايلار دېھقانچىلىق ۋاقتىنى ئۆتكۈزۈۋەتمەي، يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىدىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەپ، مەملىكەت بويىچە ئەلا سۈپەتلىك دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق مەھسۇلاتلىرى مۇھىم تەمىنات بازىسى بەرپا قىلىش، يېزا ئىگىلىكى كۈچلۈك رايونى قۇرۇشنى تېزلىتىشنى نىشان قىلىپ، ئاشلىق ۋە مۇھىم يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش، تەمىنلەش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، يېزا ئىگىلىكى - يېزا ئىقتىسادىي ۋەزىيىتىنىڭ ئومۇمىي جەھەتتىن مۇقىم بولۇشىنى، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلىشىنى ئىشقا ئاشۇردى.
ھازىر، تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىدىن خۇش خەۋەرلەر ئارقا - ئارقىدىن تارقالدى: پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ يازلىق ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشىدا يەنە مول ھوسۇل ئېلىندى، گۆش تۈرى ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى سىجىل ئاشتى، يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىنىڭ پەن - تېخنىكا جابدۇق تىرىكى سەۋىيەسى ئۈزلۈكسىز ئۆستى... ئىشەنچ تولۇپ تاشقان مول ھوسۇل ئارقا كۆرۈنۈشىدە، يارقىن نۇقتىلار ئارقا - ئارقىدىن بارلىققا كەلدى.
يازلىق ئاشلىق ھوسۇلىدا يېڭى يۇقىرى سەۋىيە يارىتىلدى
پۈتۈن يىللىق ئاشلىقتىن مول ھوسۇل ئېلىشقا ئاساس سېلىندى
بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، شىنجاڭ ئاشلىق ۋە مۇھىم يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش، تەمىنلەشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشنى «يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار» خىزمىتىدىكى باش تارتىپ بولمايدىغان مەسئۇلىيەت قىلدى، ھەرقايسى جايلار «ئاپتونوم رايون ئىچىدە ئېشىنچا بولۇش، دۆلەتنى تەمىنلەش»تىن ئىبارەت ئاشلىق خىزمىتى فاڭجېنى بويىچە، پۈتۈن كۈچ بىلەن «ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشنى يەرگە باغلاش، ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشنى تېخنىكىغا باغلاش» ماددىي ئاساسىنى پۇختىلاپ، كۆلەمنى مۇقىملاشتۇرۇپ، بىرلىك ھوسۇلنى ئاساسلىق ھۇجۇم نىشانى قىلىپ، ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشنى ياخشى تۇتۇپ، ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى ۋە تەمىنلەش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، ئاپتونوم رايون بويىچە يازلىق ئاشلىقتىن يۇقىرى سەۋىيەدە مول ھوسۇل ئېلىشنى ئىشقا ئاشۇردى.
دۆلەت ئىستاتىستىكا ئىدارىسى شىنجاڭ تەكشۈرۈش باش ئەترىتى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن باش ئەترەت باشلىقى ۋاڭ ۋېي مۇنداق تونۇشتۇردى: بۇ يىلدىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىز سىياسەت جەھەتتىن قوللاشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، تېرىقچىلىق قۇرۇلمىسىنى تەڭشەش، سۇ بايلىقىنى تەقسىملەشنى ئەلالاشتۇرۇش ئارقىلىق پۈتۈن كۈچ بىلەن ئاتلىنىپ كۆلەمنى كېڭەيتىپ، ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈردى، يازلىق ئاشلىق تېرىلغۇ كۆلىمى، ئومۇمىي ھوسۇل مىقدارى، بىرلىك كۆلەمدىكى ھوسۇل مىقدارىدا «ئۈچ ئېشىش»نى ئىشقا ئاشۇردى.
ئىستاتىستىكىلىق سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، بۇ يىل پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ يازلىق ئاشلىق تېرىلغۇ كۆلىمى 18 مىليون 163 مىڭ 800 مو بولۇپ، بۇلتۇرقىدىن 792 مىڭ 700 مو كۆپىيىپ، %4.6 ئاشقان. مۆلچەرلىنىشىچە، يازلىق ئاشلىق ئومۇمىي ھوسۇل مىقدارى 7 مىليون 12 مىڭ توننىغا يېتىپ، بۇلتۇرقىدىن 460 مىڭ توننا كۆپىيىپ، %7 ئېشىپ، ھوسۇل مىقدارىدا 1978 - يىلىدىن بۇيانقى يېڭى يۇقىرى سەۋىيە يارىتىلىدىكەن. مۆلچەرلىنىشىچە، يازلىق ئاشلىقنىڭ بىرلىك ھوسۇلى مو بېشىغا 386.05 كىلوگىرام بولۇپ، %2.4 ئېشىپ، پۈتۈن مەملىكەتنىڭكىدىن مو بېشىغا 19.93 كىلوگىرام كۆپ بولىدىكەن، يازلىق ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنىڭ سىجىل ئېشىشى پۈتۈن يىللىق ئاشلىقتىن مول ھوسۇل ئېلىشقا كاپالەتلىك قىلىشقا پۇختا ئاساس سالىدىكەن.
بۇ يىل ئاپتونوم رايونىمىزدا يازلىق ئاشلىقتىن يەنە مول ھوسۇل ئېلىنىشى ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلارنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقىنىڭ نەتىجىسى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى، ھۆكۈمەت ھەرقايسى جايلار بىلەن «ئاشلىق بىخەتەرلىكى ۋەدىنامىسى» ئىمزالاپ، ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشنى نەق مەيداندا ئالغا سىلجىتىش يىغىنىنى جەنۇبىي - شىمالىي شىنجاڭ بۆلەك رايونى بويىچە ئايرىپ ئېچىپ، ھەرقايسى جايلارنىڭ ئاشلىق بىخەتەرلىكىنى قوغداش ۋە ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشتىكى ئاساسىي گەۋدىلىك مەسئۇلىيىتىنى چىڭىتتى، پۇختىلىدى.
ھەرقايسى جايلار ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشتىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ياخشى تۇتتى، ئاپتونوم رايون ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشتا يۇقىرى سۈپەتلىك، يۇقىرى ئۈنۈملۈك «توننىلىق ئاشلىق ئېتىزى» بەرپا قىلىش بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىشنى ماس قەدەمدە باشلاپ، ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى بويىچە مۇتەخەسسىسلەر مۇلازىمەت ئۆمىكى تەشكىللەپ قۇرۇپ، نىشانلىق ھۆددە ئېلىپ ئالاقە باغلاپ، ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشىنىڭ پۈتكۈل جەريانىدىكى تېخنىكا جەھەتتىن مۇلازىمەت قىلىش، يېتەكچىلىك قىلىشنى ياخشى ئىشلىدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، دېھقانلارغا نەپ يەتكۈزۈش ياردەم تولۇقلىمىسىنىڭ ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشىغا بولغان قوللاش سالمىقىنى سىجىل زورايتىپ، مەركەز ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ تېرىلغۇ يەرنىڭ مۇنبەتلىكىنى قوغداش ياردەم تولۇقلىمىسى ۋە ئاشلىق تېرىيدىغان دېھقانلارغا بىر قېتىملىق ياردەم تولۇقلىمىسى بېرىش مەبلىغىدىن 3 مىليارد 290 مىليون يۈەننى بىرتۇتاش غەملەپ، ھەممىسىنى ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشىنى قوللاشقا ئىشلىتىپ، كۈزگى بۇغداي، يازغى بۇغداي ياردەم تولۇقلىمىسى ئۆلچىمىنى مو بېشىغا 230 يۈەنگە ئۆستۈرۈپ، ياردەم تولۇقلىمىسىنى بېرىشكە تېگىشلىكلەرنىڭ ھەممىسىگە بېرىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، دېھقانلارنىڭ ئاشلىق تېرىشتىن كىرىم قىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىپ، ئاشلىق ھوسۇلىنى ئاشۇرۇپ، مول ھوسۇل ئېلىش ئاساسىنى يەنىمۇ پۇختىلىدى.
چارۋىچىلىق كەسپىدە تەمىنلەش بىرقەدەر تېز ئاشتى
«كۆكتات سېۋىتى»دىكى تۈرلەر تېخىمۇ مول بولدى
ئالدىنقى يېرىم يىلدا، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىدا تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش ئىقتىدارىنىڭ ئۆسۈشى يەنە ئاھالىلەر «كۆكتات سېۋىتى» مەھسۇلاتلىرىغا كاپالەتلىك قىلىش جەھەتتە ئىپادىلەندى، بولۇپمۇ چارۋىچىلىق كەسپىدە تەمىنلەش بىرقەدەر تېز ئاشتى.
ۋاڭ ۋېي مۇنداق تونۇشتۇردى: ئالدىنقى يېرىم يىلدا پۈتۈن ئاپتونوم رايوندا چوشقا، كالا، قوي گۆشى مەھسۇلات مىقدارى ئومۇميۈزلۈك ئېشىپ، بازار باھاسىنى مۇقىملاشتۇرۇش، خەلق تۇرمۇشىغا ئۈنۈملۈك كاپالەتلىك قىلىشنى كۈچلۈك تىرەك بىلەن تەمىنلىدى.
ئىستاتىستىكىلىق سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ چوشقا، كالا، قوي، ئۆي قۇشلىرى گۆشى ئومۇمىي مەھسۇلات مىقدارى 924 مىڭ 600 توننا بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %8.1 ئاشقان. بۇنىڭ ئىچىدە چوشقا گۆشى مەھسۇلات مىقدارى 301 مىڭ 500 توننا بولۇپ، %17.6 ئاشقان؛ كالا گۆشى مەھسۇلات مىقدارى 254 مىڭ 300 توننا بولۇپ، %9.1 ئاشقان؛ قوي گۆشى مەھسۇلات مىقدارى 271 مىڭ 100 توننا بولۇپ، %3.6 ئاشقان. سېتىپ چىقىرىلغان تىرىك چوشقا 3 مىليون 832 مىڭ 700 بولۇپ، %14.8 ئاشقان؛ سېتىپ چىقىرىلغان كالا 1 مىليون 491 مىڭ 700، سېتىپ چىقىرىلغان قوي 16 مىليون 937 مىڭ بولۇپ، ئايرىم - ئايرىم ھالدا %8.3 ۋە %5.3 ئاشقان. كالا سۈتى مەھسۇلات مىقدارى 989 مىڭ 600 توننا بولۇپ، %5 ئاشقان؛ تۇخۇم مەھسۇلات مىقدارى 195 مىڭ 300 توننا بولۇپ، %5.8 ئاشقان.
بۇ يىلدىن بۇيان، پۈتۈن ئاپتونوم رايون گۆش قويى ئۇنىۋېرسال ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇشقا تۈرتكە بولۇپ، گۆش كالىسى مەھسۇلاتىنى ئاشۇرۇشنى سىجىل ئالغا سىلجىتىپ، بىر تۈركۈم چوڭ تىپتىكى چارۋا، ئۆي قۇشلىرى باقمىچىلىق بازىسى قۇرۇلۇشى تۈرلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، كەسىپ زەنجىرىنى ئۇزارتىش، زەنجىرنى تولۇقلاش، زەنجىرنى كۈچەيتىشكە تۈرتكە بولۇپ، چارۋىچىلىقنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئىشقا ئاشۇردى.
ئاپتونوم رايونلۇق چارۋىچىلىق - مال دوختۇرلۇق ئىدارىسىنىڭ باش چارۋىچىلىق تېخنىكى شيۇڭ بىن مۇنداق تونۇشتۇردى: ھەرقايسى جايلار ئاپەتتىن مۇداپىئەلىنىش، ئاپەت زىيىنىنى ئازايتىش تەدبىرلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، چارۋىلارنىڭ ئەتىيازلىق بىخەتەر ئوتلاق كۆچۈشى، تۆل ئېلىپ قوزىلارنى پەرۋىش قىلىشنىڭ ئوڭۇشلۇق بولۇشىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، پۈتۈن يىللىق چارۋىچىلىقتا مەھسۇلاتنى ئاشۇرۇش، مول ھوسۇل ئېلىشقا پۇختا ئاساس سالدى.
شۇنىڭ بىلەن بىللە، پۈتۈن ئاپتونوم رايون كۆكتات ئىشلەپچىقىرىشنى مۇقىملاشتۇرۇش، تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىشنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، «كۆكتات سېۋىتى»گە شەھەر باشلىقى مەسئۇل بولۇش تۈزۈمىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، جەنۇبىي شىنجاڭدا ئەسلىھەلىك كۆكتاتچىلىق كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۈچ يىللىق ھەرىكىتىنىڭ نەتىجىلىرىنى سىجىل مۇستەھكەملەپ، كۆكتات ئىشلەپچىقىرىش ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ئەلالاشتۇرۇپ، كۆكتات تۈرى، ئېڭىز ئورنىغا تېرىش قاتارلىقلارنى ئىلمىي ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ كۆكتات ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى پۇختا ئۆستۈردى.
ئاپتونوم رايونىمىزدىكى يېزا ئىگىلىكى - يېزا تارماقلىرى مەخسۇس تېمىدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى قانات يايدۇرۇپ، چۆللۈك ئەسلىھەلىك يېزا ئىگىلىكى قۇرۇلۇشى يىرىك پىلانىنى تۈزۈپ، تۈر مەبلىغىنى قولغا كەلتۈرۈپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى يەتتە ۋىلايەت (ئوبلاست، شەھەر)، توققۇز ناھىيە(شەھەر)دە چۆل ئېكولوگىيەسى ئەسلىھەلىك يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشى بويىچە ئەسلىھە شارائىتىنى ياخشىلاش تۈرىنى يولغا قويۇپ، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى بەش ۋىلايەت(ئوبلاست)تىكى سەككىز ناھىيە(شەھەر)دە چۆل ئېكولوگىيەسى ئەسلىھەلىك يېزا ئىگىلىكى ئۈلگە كۆرسىتىش نۇقتىسى قۇرۇلۇشى تۈرىنى قانات يايدۇرۇپ، تۈرنى تۇتقا قىلىپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئەسلىھەلىك يېزا ئىگىلىكىنىڭ تەرەققىيات سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، چۆل ئېكولوگىيەسى ئەسلىھەلىك يېزا ئىگىلىكىنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئاھالىلەر «كۆكتات سېۋىتى» مەھسۇلاتلىرىغا كاپالەتلىك قىلىش ئىقتىدارىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈپ، ئاممىنىڭ تاماق ئۈستىلىنى تېخىمۇ بېيىتتى.
كۆپ تەرەپتىن تۈرتكە بولۇش كۈچلۈك بولدى
ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش غەيرىتى ئاشتى
ئالدىنقى يېرىم يىلدا، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنىڭ ئۆسۈشى مۇنبەت ئېتىز، سورتلۇق ئۇرۇق، ياخشى پۇرسەت، ياخشى ئۇسۇل قاتارلىق كۆپ خىل ئامىللارنىڭ ئورتاق تۈرتكە بولغانلىقىنىڭ نەتىجىسى.
سۇ بايلىقىدىن يۇقىرى ئۈنۈملۈك پايدىلىنىش شىنجاڭ يېزا ئىگىلىكىنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشتىكى «مۇھىم تۇتقا». بۇ يىل، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر دەرىجىلىك يېزا ئىگىلىكى - يېزا تارماقلىرى دېھقانچىلىق زىرائەتلىرىنى تېرىش ئەھۋالىنى ئىگىلەشنى پائال ياخشى ئىشلەپ، سۇچىلىق تارماقلىرى بىلەن ھەمكارلىشىپ زىرائەتلەرنى ئايرىپ، ناھىيە، شەھەرلەر بويىچە ئايرىپ، سۇغىرىش دەۋرىيلىكىنى ئايرىپ، يېزا ئىگىلىكىدە سۇغىرىشقا ئىشلىتىلىدىغان سۇ بىلەن تەمىنلەش پىلانىنى ئىلمىي تۈزۈپ، دېھقانچىلىق زىرائەتلىرىنى سۇغىرىشقا ئىشلىتىلىدىغان سۇ، بولۇپمۇ ئاشلىق زىرائەتلىرىنى سۇغىرىشقا ئىشلىتىلىدىغان سۇ ئېھتىياجىغا تولۇق كاپالەتلىك قىلدى. مۇشۇ ئاساستا «قۇرۇق تېرىپ، ئاز - ئازدىن تېمىتىپ سۇغىرىش»تىن ئىبارەت ئېتىزدا سۇ تېجەش تېخنىكىسىنى زور كۈچ بىلەن كېڭەيتىپ، بۇنى سۇ تېجەپ تېمىتىپ سۇغىرىش، سۇ بىلەن ئوغۇتنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش قاتارلىق تېخنىكىلار بىلەن توپلاشتۇرۇپ ئۈلگە كۆرسىتىپ، سۇغىرىش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ، سۇ تېجەپ ھوسۇلنى ئاشۇرۇشنىڭ ئەڭ زور رولىنى جارى قىلدۇردى.
تېرىلغۇ يەر ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشىنىڭ «جېنى». بۇ يىل، ئاپتونوم رايونىمىز يېڭىدىن كۆپەيتىپ قۇرۇش بىلەن ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە تەڭ ئەھمىيەت بېرىشتە چىڭ تۇرۇپ، يۇقىرى ئۆلچەملىك ئېتىز قۇرۇلۇشىنى سىستېمىلىق پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىپ، 4 مىليون 350 مىڭ مو ئېتىز بەرپا قىلىش ۋەزىپىسى چۈشۈردى ھەم 13 ۋىلايەت(ئوبلاست، شەھەر)تىكى 77 ناھىيە(شەھەر، رايون)گە تەقسىملەپ بەردى. ھەرقايسى تۈر يولغا قويۇلغان ۋىلايەت، ناھىيەلەر ئالدىنقى باسقۇچلۇق تەييارلىق، قۇرۇلۇش باشلاش، سۈرئەتنى باشقۇرۇش - تىزگىنلەش، پۈتكەن قۇرۇلۇشنى تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىش، كۈندىلىك نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش، باھالاش - تەكشۈرۈش قاتارلىق خىزمەتلەرنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ياخشى تۇتۇپ، شۇ يىلى تۈر تۇرغۇزۇش، شۇ يىلى قۇرۇلۇشنى تاماملاشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى.
ئۇرۇقچىلىقنىڭ «ئۆزەك»لىك رولى ئۈزلۈكسىز گەۋدىلەندى. بۇ يىل، ئاپتونوم رايونىمىز «جەنۇبىي شىنجاڭدا چىلگە، يۇقىرى ھوسۇللۇق، ئەلا سۈپەتلىك كۈزگى بۇغداي يېڭى سورتىنى تاللاپ يېتىشتۈرۈش ھەم ئاچقۇچلۇق، يادرولۇق تېخنىكىلاردا قابىللار باشلامچى بولۇش تۈرى» قاتارلىق ئۇرۇقچىلىقتا ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىدىغان تۆت تۈرنى يولغا قويدى. گۆش كالىسى، گۆش قويى يېڭى نەسلىنى يېتىشتۈرۈش قاتارلىق پەن تەتقىقات ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش تۈرلىرىنى تەشكىللەپ قانات يايدۇردى، ئۈچ تۈرلۈك چارۋىچىلىق پەن تەتقىقات نەتىجىسى ئاپتونوم رايوننىڭ پەن - تېخنىكا تەرەققىيات مۇكاپاتى بويىچە 1 - دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشتى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، يېزا ئىگىلىك ماشىنا - جابدۇقلىرىنى تەتقىق قىلىپ ياساش، كېڭەيتىپ قوللىنىشنى سىجىل ياخشى ئىشلەپ، ئەتىيازلىق تېرىلغۇ ۋە «يازنىڭ ئۈچ ئىشى» بويىچە بۇغداينى كومبايىندا يىغىۋېلىشقا كاپالەتلىك قىلىشنى ياخشى ئىشلىدى. نۆۋەتتە، ئاپتونوم رايون بويىچە ئاشلىق زىرائەتلىرى تېرىقچىلىقىنىڭ ئەلا سورت بىلەن قاپلىنىش نىسبىتى %98تىن ئاشتى، دېھقانچىلىق زىرائەتلىرى بويىچە ئۇنىۋېرسال ماشىنىلىشىش سەۋىيەسى %86.74كە يېتىپ، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئوتتۇرىچە سەۋىيەسىدىن 13 پىرسەنت پوئېنت يۇقىرى بولدى، بۇغداي، كۆممىقوناق، كېۋەز قاتارلىق ئاساسلىق دېھقانچىلىق زىرائەتلىرى تېرىقچىلىقىدا ئاغدۇرۇش، تېرىش، يىغىشنىڭ پۈتۈن جەريانىنى ماشىنىلاشتۇرۇش ئىشقا ئاشۇرۇلدى.
كۆپ تەرەپتىن تۈرتكە بولۇش كۈچلۈك بولدى، يېزا ئىگىلىكىدە ھوسۇلنى ئاشۇرۇش تەدبىرلىرى يولغا قويۇلدى. ياز كىرگەندىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىز ئۆزى يېتىشتۈرگەن كۆپلىگەن كۈزگى بۇغداي سورتىدا يۇقىرى ھوسۇل رېكورتى مۇۋەپپەقىيەتلىك يېڭىلاندى. «شىندۇڭ 60 - نومۇر» ئوتتۇرىچە مو بېشى ھوسۇلى 771.88 كىلوگىراملىق نەتىجە بىلەن جەنۇبىي شىنجاڭدىكى بۇغداي تېرىلىدىغان رايونلاردا چىلگە كۈزگى بۇغداينىڭ يۇقىرى ھوسۇل رېكورتىنى 3 - قېتىم يېڭىلىدى. «شىدۇڭ 0358» ئوتتۇرىچە مو بېشى ھوسۇلى 880.3 كىلوگىراملىق نەتىجە بىلەن شىنجاڭ بويىچە كۈزگى بۇغدايدىن يۇقىرى ھوسۇل ئېلىش رېكورتىنى ياراتتى. «شىندۇڭ 52 - نومۇر» ئوتتۇرىچە مو بېشى ھوسۇلى 782.9 كىلوگىراملىق نەتىجە بىلەن مەملىكەت بويىچە كەڭ كۆلەمدە تېرىلغان كۈزگى بۇغدايدىن يۇقىرى ھوسۇل ئېلىش رېكورتىنى ياراتتى.