شىنجاڭ ئاكادېمىيە تورى
فۇجيەنلىك ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلار 4000 كېلومېتىردىن ئارتۇق مۇساپىنى بېسىپ شىنجاڭغا كېلىپ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بىرلەشمە دوستلۇقىنى ئورتاق بەرپا قىلىش پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى
يوللانغان ۋاقىت :2023-08-03 |   ئاپتور :   |   مەنبە : ئانار بۇلۇت

  ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر گو خۇڭلېي) جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى يەنىمۇ مۇستەھكەملەش، فۇجيەن- شىنجاڭ ئىككى جايدىكى ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئالاقىلىشىش، ئالماشتۇرۇش، يۇغۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن، 7- ئاينىڭ 18- كۈنى سائەت 10دا، فۇجيەن ئۆلكىسىنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش ئالدىنقى سەپ قوماندانلىق شىتابى، گۇچۇڭ ناھىيەلىك پارتىيە كومىتېتى، فۇجيەن چاڭلې خۇاچياۋ ئوتتۇرا مەكتىپى بىرلىشىپ ئۆتكۈزگەن «تىيانشان قارىغايلىرىنىڭ يىلتىزى بىرتۇتاش، فۇجيەن- شىنجاڭ خەلقلىرى قەلبداش» مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بىرلەشمە دوستلۇقىنى ئورتاق بەرپا قىلىش پائالىيىتى فۇجيەن ئۆلكىسىنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش ئالدىنقى سەپ قوماندانلىق شىتابى جەنۇبىي مەيدانىدا باشلاندى. فۇجيەن ئۆلكىلىك چاڭلې خۇاچياۋ ئوتتۇرا مەكتىپىدىن كەلگەن 27 ئوقۇتقۇچى- ئوقۇغۇچى باشلىنىش مۇراسىمىغا قاتناشتى.

«تىيانشان قارىغايلىرىنىڭ يىلتىزى بىرتۇتاش، فۇجيەن- شىنجاڭ خەلقلىرى قەلبداش» مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بىرلەشمە دوستلۇقىنى ئورتاق بەرپا قىلىش پائالىيىتىنىڭ باشلىنىش نەق مەيدانى. ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى گو خۇڭلېي فوتوسى

  چاڭلې خۇاچياۋ ئوتتۇرا مەكتىپى مائارىپ گۇرۇھىنىڭ باش مەكتەپ مۇدىرى چېن بىيۈننىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، 2010- يىلىدىن باشلاپ، چاڭلې خۇاچياۋ ئوتتۇرا مەكتىپى شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپى ئېچىشنى ئۈستىگە ئالغان، ئوقۇغۇچى مەنبەسى ئون نەچچە مىللەت بولۇپ، ھازىرغىچە 421 ئادەم ئوقۇش پۈتكۈزگەن. ئۇزاق مەزگىل بىللە ئۆگىنىش، تۇرمۇش كەچۈرۈش جەريانىدا، ھەر مىللەت ساۋاقداشلار خۇددى ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشقان.

چاڭلې خۇاچياۋ ئوتتۇرا مەكتىپىنى 2019- يىلى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلار ۋەكىلى ئېلزاي قاپاس سۆز قىلغاندا مۇنداق دېدى: «ئانا مەكتىپىم تەربىيەلەپ يېتىشتۈرگەچكە، ئەلا نەتىجە بىلەن خاربىن سانائەت داشۆسىگە كىرىپ ئوقۇيالىدىم. يۇرتۇمنىڭ فۇجيەن ئۆلكىسىنىڭ ياردىمىدە بارغانسېرى ياخشى بولۇپ كېتىۋاتقانلىقىنى كۆردۈم، تېزراق ئىختىساسلىق بولۇپ يېتىشىپ چىقىپ، يۇرتۇمنىڭ قۇرۇلۇشىغا قاتنىشىنى ئۈمىد قىلىمەن».

  باشلىنىش مۇراسىمىدىن كېيىن، چاڭلې خۇاچياۋ ئوتتۇرا مەكتىپىدىكى ئوقۇتقۇچى- ئوقۇغۇچىلار فۇجيەن ئۆلكىسىنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش ئالدىنقى سەپ قوماندانلىق شىتابى، شىنجاڭغا ياردەم بېرىش سارىيى ھەمدە فۇجيەن ئۆلكىسىنىڭ چۈەنجوۋ شەھىرى نىشانلىق ياردەم بېرىپ قۇرغان سانجى شەھەرلىك 11-باشلانغۇچ مەكتەپ، سانجى شەھەرلىك ئاشلى قازاق يېزىسى مەركىزىي ئوتتۇرا مەكتەپنى ئېكسكۇرسىيە قىلدى.

چاڭلې خۇاچياۋ ئوتتۇرا مەكتىپىدىكى ئوقۇتقۇچى- ئوقۇغۇچىلار سانجى ئاشلى قازاق يېزىسى مەركىزىي ئوتتۇرا مەكتىپىنى ئېكسكۇرسىيە قىلغاندا دومبىرا چېلىشنى ئۆگەنمەكتە. ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى گو خۇڭلېي فوتوسى

   ئىگىلىنىشىچە، بۇ قېتىملىق مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بىرلەشمە دوستلۇقىنى ئورتاق بەرپا قىلىش پائالىيىتى سەككىز كۈن داۋاملىشىدىكەن، بۇ مەزگىلدە، چاڭلې خۇاچياۋ ئوتتۇرا مەكتىپىدىكى ئوقۇتقۇچى- ئوقۇغۇچىلار سانجى شەھىرى، گۇچۇڭ ناھىيەسى، ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى مەكتەپلەرگە بېرىپ ئېكسكۇرسىيە، زىيارەت، ئۆگىنىشتە بولۇپ، شىنجاڭنىڭ ئادىمىيەت مۇھىتى ۋە تەبىئىي شارائىتى، ئۆرپ- ئادەتلىرىنى ھېس قىلىدىكەن ھەمدە شىنجاڭدىكى ئوقۇغۇچىلار بىلەن قوشماقلىشىش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرىدىكەن.

تەرجىمان: دىلنۇر ئەنۋەر

مەنبە:

مەسئۇل مۇھەررىر: رەشىدە مامۇت