پارتىيە سىرتىدىكى ئاكادېمىكلار، مۇتەخەسسىسلەر ۋە چەت ئەلدە ئوقۇۋاتقانلار دۆلەت ئەھۋالىنى تەكشۈرۈش مۇلازىمەت ئۆمىكى شىنجاڭغا كەلدى −
يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن «ئەقلىي» كۈچنى مۇجەسسەملەش
□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى مېھرىگۈل غوپۇر
7 - ئايدىكى شىنجاڭ، بارلىق مەۋجۇدات گۈللەنگەنىدى. 7 - ئاينىڭ 23 - كۈنىدىن 30 - كۈنىگىچە، مەركىزىي كومىتېت بىرلىك سەپ بۆلۈمى تەشكىللىگەن پارتىيە سىرتىدىكى ئاكادېمىكلار، مۇتەخەسسىسلەر ۋە چەت ئەلدە ئوقۇۋاتقانلار دۆلەت ئەھۋالىنى تەكشۈرۈش مۇلازىمەت ئۆمىكى شىنجاڭغا كېلىپ، ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ قەشقەر، ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى، ئۈرۈمچى قاتارلىق جايلارغا بېرىپ، ھۆكۈمەت تارمىقى، پەن تەتقىقات ئورنى، باغچە رايونى، كارخانا، ئالىي مەكتەپ، پورت قاتارلىقلارغا چوڭقۇر چۆكۈپ، شىنجاڭنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىيات ئەھۋالىنى ئومۇميۈزلۈك ئىگىلەپ، ئۆزلىرىنىڭ كەسىپ ئەۋزەللىكىدىن پايدىلىنىپ، شىنجاڭنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن «ئەقلىي» كۈچنى مۇجەسسەملىدى.
جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسى شىنجاڭ فىزىكا - خىمىيە تېخنىكىسى تەتقىقات ئورنى، جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسى شىنجاڭ رەسەتخانىسى، شىنجاڭ داشۆ، قەشقەر داشۆ قاتارلىق جايلاردا، مۇلازىمەت ئۆمىكىدىكىلەر پەن تەتقىقات نەتىجىلىرىنى ئايلاندۇرۇش، پەن قۇرۇلۇشى، ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلەش، شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتىغا مۇلازىمەت قىلىشقا ئالاقىدار ئەھۋاللارنى تەپسىلىي ئىگىلەپ، تەتقىقات خادىملىرى ۋە ئوقۇتقۇچىلار بىلەن يۈزتۇرا پىكىر ئالماشتۇرۇپ، پىكىر ۋە تەكلىپلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
تەكشۈرۈش مۇلازىمەت ئۆمىكىنىڭ ئۆمەك باشلىقى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ سابىق مۇئاۋىن باشلىقى گاۋ خۇڭجۈن مۇنداق دېدى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭ ئىختىساسلىقلار كۈچلۈك رايونى ئىستراتېگىيەسىنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، ئىختىساسلىقلار، پەن - تېخنىكا تەرەققىياتى بويىچە تۈزۈلمە - مېخانىزمى ئىسلاھاتىنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىختىساسلىقلار تەرەققىياتى مۇھىتىنى ئەلالاشتۇرۇپ، پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ۋە ئىختىساسلىقلارنى كىرگۈزۈش - يېتىشتۈرۈش ئۈچۈن ياخشى كەيپىيات ياراتتى.
«ئىختىساسلىقلار، بولۇپمۇ پەن - تېخنىكا ئىختىساسلىقلىرى شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇشىدىكى ئاچقۇچ.» گاۋ خۇڭجۈن مۇنداق دېدى: شىنجاڭنىڭ تۈرلۈك ئىختىساسلىقلارنى، بولۇپمۇ ئىستراتېگىيەلىك ئالىملارنى جەلپ قىلىش كۈچى كۆرۈنەرلىك كۈچەيدى، يېڭىلىق يارىتىشقا ئىلھام بېرىدىغان، ئىختىساسلىقلارنى تونۇيدىغان، ئىختىساسلىقلارنى قەدىرلەيدىغان كەيپىيات تېخىمۇ قويۇقلاشتى، بۇ مۇقەررەر جاھاندىكى ئىختىساسلىقلار شىنجاڭغا توپلىنىدىغان ۋەزىيەتنى شەكىللەندۈرىدۇ.
قەشقەر ئۇنىۋېرسال باجدىن خالىي رايونىدا، يۈك ساندۇق ئاپتوموبىللىرى ئاستا - ئاستا قوزغىلىپ، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى، يېنىك سانائەت مەھسۇلاتلىرى قاتارلىقلارنى «بىر بەلباغ، بىر يول» لىنىيەسى بويىدىكى دۆلەتلەرگە توشۇدى؛ قورغاس تاشيول پورتىدا تاۋار ئاپتوموبىل، قۇرۇلۇش ئاپتوموبىلى، يۈك ئاپتوموبىلى قاتارلىق ئاپتوموبىللار تەرتىپلىك ھالدا چازىدىن ئۆتۈپ، قازاقىستاننىڭ ئالتۇنكۆل پورتىغا قاراپ ماڭدى... تەكشۈرۈش مۇلازىمەت ئۆمىكىنىڭ ئەزالىرى بەس - بەستە مۇنداق بىلدۈردى: شىنجاڭ رايون ئورنى ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىپ، دۆلەتنىڭ غەربكە ئېچىۋېتىش ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسىغا پائال سىڭىشىپ، قەشقەر، قورغاس ئىقتىسادىي تەرەققىيات رايونىنىڭ تىرەكلىك رولىنى سىجىل كۈچەيتىپتۇ.
«شىنجاڭ ھاياتىي كۈچكە تولغان مۇنبەت تۇپراق، تەرەققىيات ۋەزىيىتى كۈچلۈك، يوشۇرۇن كۈچى زور.» جۇڭگو ئىنژېنېرلار ئاكادېمىيەسىنىڭ ئاكادېمىكى، جۇڭگو گاڭيەن پەن - تېخنىكا گۇرۇھى چەكلىك شىركىتىنىڭ مۇئاۋىن باش ئىنژېنېرى لى ۋېي مۇنداق قارىدى: شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتىدا ئۆز جايىنىڭ ئالاھىدىلىكىگە بىرلەشتۈرۈپ، يېڭىلىق يارىتىشقا كۆپرەك كۈچ سەرپ قىلىپ، پەن - تېخنىكا كۈچىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، 1 -، 2 -، 3 - كەسىپنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، زەنجىرنى ئۇزارتىش، زەنجىرنى تولۇقلاش، زەنجىرنى كۈچەيتىش ئارقىلىق پۈتكۈل كەسىپ زەنجىرى مۇكەممەللەشتۈرۈلسە، كەلگۈسىدە تېخىمۇ زور، تېخىمۇ تېز ئىلگىرىلەشنى قولغا كەلتۈرگىلى بولىدۇ.
«بىر مو يەردىن قانچىلىك كىرىم قىلغىلى بولىدۇ؟» «قانچىلىك ئادەم كۈچى كېتىدۇ؟»... 7 - ئاينىڭ 25 - كۈنى، كوناشەھەر ناھىيەسىنىڭ ئوغۇساق بازىرى زامانىۋى يېزا ئىگىلىك كەسىپلەر باغچىسىدىكى 400 مودىن ئارتۇق يەردىكى كېۋەزلىكتە، ئاكادېمىكلار، مۇتەخەسسىسلەر پاختىكار مىرئادىل ئۇرايىم بىلەن قىزغىن، سەمىمىي پىكىر ئالماشتۇردى.
«بىر مو يەردىن 1500 يۈەندىن كۆپرەك كىرىم قىلغىلى بولىدۇ. كېۋەز تېرىشتا يەر ئاغدۇرۇش، ئۇرۇق سېلىش، پەرۋىش قىلىش، يىغىش ھالقىلىرىنىڭ ھەممىسىدە ماشىنىلاشتۇرۇش ئىشقا ئاشتى.» مىرئادىلنىڭ تولۇق ئىشەنچ بىلەن بەرگەن جاۋابىنى ئاڭلاپ، ئاكادېمىكلار، مۇتەخەسسىسلەر بەس - بەستە باش بارمىقىنى چىقاردى.
«شىنجاڭ پاختىسى دۇنيادىكى ئەڭ ياخشى پاختا.» جۇڭگو - ياۋروپا بىرلەشمە مەبلەغ سېلىش چەكلىك شىركىتىنىڭ مۇئاۋىن باش مۇدىرى گاۋ جىكەي مۇنداق دېدى: ماشىنىلاشقان پاختا تېرىش پاختىكارلارنىڭ يۈكىنى تېخىمۇ يېنىكلىتىپ، يانچۇقىنى تومپايتتى، تۇرمۇشىمۇ بارغانسېرى ياخشىلاندى. غەربتىكى بىر قىسىم دۆلەتلەرنىڭ پىتنە - ئىغۋا توقۇپ، قارا چاپلىشى ۋە بېسىم ئىشلىتىپ چەكلىشى شىنجاڭنىڭ پاختا كەسپىنى ۋەيران قىلالمىدى، ئەكسىچە بۇ كەسىپ بارغانسېرى تەرەققىي قىلىپ زورايدى. «يول بويى مېنىڭ ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆرگەنلىرىم، بىۋاسىتە ھېس قىلغانلىرىمنىڭ ھەممىسى گۈزەللىك بولدى، مەن تاشقى دۇنياغا ھەقىقىي شىنجاڭنى تېخىمۇ كۆپ چۈشەندۈرىمەن» دېدى گاۋ جىكەي.
قويۇق مىللىي خاسلىق ۋە يەرلىك مەدەنىيەت خاسلىقىغا ئىگە قەشقەر قەدىمىي شەھىرى، غۇلجا شەھىرى قازانچى خەلق ئۆرپ - ئادىتى ساياھەت رايونىغا باردى... بىرنەچچە كۈندىن بۇيان، چىڭخۇا داشۆسى ۋۇداۋكوۋ پۇل مۇئامىلە شۆيۈەنىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى تيەن شۈەندە ئەڭ زور تەسىرات قالدۇرغىنى قىزغىنلىق، ئىناقلىق، ئازادىلىك بولدى.
«شىنجاڭنىڭ مەدەنىيەت ۋە ساياھەت بايلىقى مول، تارىخ، ئادىمىيەت جەھەتتە رەڭدارلىققا، ئۆزگىچە جەلپ قىلىش كۈچىگە ئىگە.» تيەن شۈەن مۇنداق تەكلىپ بەردى: ساياھەت بايلىقىنى يەنىمۇ قېزىپ، ساياھەت سۈپىتى ۋە مۇلازىمەت سۈپىتىنى سىجىل ئۆستۈرۈپ، ياخشى ساياھەت بازىرى مۇھىتىنى كۈچەپ يارىتىپ، ساياھەتچىلىكنى ھەقىقىي تۈردە شىنجاڭ ئىقتىسادىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولىدىغان گۈللىنىۋاتقان كەسىپكە ئايلاندۇرۇش كېرەك.
يول بويى تەكشۈرۈش مۇلازىمەت ئۆمىكىدىكىلەر ماڭغاچ كۆرۈپ، بىر تەرەپتىن ئاڭلاپ، بىر تەرەپتىن سوراپ، شىنجاڭغا بولغان تونۇشى ۋە چۈشەنچىسىنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇردى. كۆپچىلىك بەس - بەستە مۇنداق بىلدۈردى: بۇ بىر قېتىملىق ئۆگىنىش سەپىرى، ھېس قىلىش سەپىرى، تەسىرلىنىش سەپىرى، ھەمكارلىشىش سەپىرى بولدى، ئىنتايىن زور ھاسىلاتقا ئېرىشتۇق، نەزەر دائىرىمىز كېڭەيدى، دۆلەت ئەھۋالىنى ئىگىلىدۇق، شىنجاڭنىڭ بۇرۇنقى، ھازىرقى ئەھۋالى ۋە گۈزەل كەلگۈسىنى كۆردۇق.
«بۇ قېتىمقى سەپەر بىزنى يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنىڭ جانلىق ئەمەلىيىتىگە قارىتا تېخىمۇ چوڭقۇر تونۇشقا ئىگە قىلدى.» گاۋ خۇڭجۈن مۇنداق بىلدۈردى: شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتىغا سىجىل كۆڭۈل بۆلۈپ ھەم مەدەت بېرىپ، ئۆزىمىزنىڭ كەسىپ ئەۋزەللىكىمىزنى پائال جارى قىلدۇرۇپ، تېخىمۇ كۆپ پايدىلىق تەجرىبە ۋە يېتەكچىلىك بىلەن تەمىنلەپ، گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىشقا كۈچ قوشىمىز.
مەنبە: