ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتى باش تېما تەربىيەسى بويىچە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش نەتىجىلىرىنى ئالماشتۇرۇش يىغىنى ئاچتى
تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش نەتىجىلىرىنى مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش، تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشتىكى ئەمەلىي ھەرىكەتكە ئايلاندۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنىڭ يېڭى ئۈنۈمى ئارقىلىق باش تېما تەربىيەسىنىڭ نەتىجىلىرىنى تەكشۈرۈش كېرەك
ما شىڭرۇي يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم سۆز قىلدى ۋاڭ گوشېڭ يىغىنغا كېلىپ يېتەكچىلىك قىلدى
شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 7 - ئاينىڭ 31 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋاڭ شىڭرۇي خەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتى 7 - ئاينىڭ 31 - كۈنى شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش باش تېما تەربىيەسى بويىچە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش نەتىجىلىرىنى ئالماشتۇرۇش يىغىنى ئاچتى، يىغىندا، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشتىكى ئەھۋاللارنى رەتلەپ، خۇلاسىلەپ، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش نەتىجىلىرىنى مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش، تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشتىكى ئەمەلىي ھەرىكەتكە تېخىمۇ ياخشى ئايلاندۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، باش تېما تەربىيەسىنىڭ چوڭقۇرلىشىشى، پۇختىلىنىشى، ئەمەلىي ئۈنۈم ھاسىل قىلىشىغا تۈرتكە بولۇش تەلەپ قىلىندى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ما شىڭرۇي يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم سۆز قىلدى، باش تېما تەربىيەسى بويىچە مەركەز 15 - يېتەكچىلىك گۇرۇپپىسىنىڭ گۇرۇپپا باشلىقى ۋاڭ گوشېڭ يىغىنغا كېلىپ يېتەكچىلىك قىلدى.
باش تېما تەربىيەسى قانات يايدۇرۇلغاندىن بۇيان، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېت بەنزىسى باشلامچىلىق بىلەن شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى كەڭ ئەۋج ئالدۇرۇش توغرىسىدىكى ئورۇنلاشتۇرما - تەلەپلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، دىققەتنى يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇشقا مەركەزلەشتۈرۈپ، ئۆزى مەسئۇل بولۇپ باشقۇرىدىغان خىزمەتلەرگە بىرلەشتۈرۈپ، پۇختا، چوڭقۇر بولغان تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇپ، باسقۇچلۇق نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى.
ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېت بەنزىسىنىڭ ئەزالىرى يىغىندا بىرمۇبىر پىكىر ئالماشتۇرۇپ سۆز قىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى پارتىيە گۇرۇپپىسى، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش پارتىيە گۇرۇپپىسىدىكى ئاساسلىق مەسئۇل يولداشلار يىغىنغا سىرتتىن قاتناشتى. كۆپچىلىك سۆزىدە ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مەركىزىي ۋەزىپىسى ۋە ئۆزى مەسئۇل بولۇپ باشقۇرىدىغان ساھەدىكى خىزمەتلەرگە زىچ بىرلەشتۈرۈپ، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ «شاھمات كۆزى»نى جانلاندۇرۇش، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ بىڭتۇەن ئەمەلىيىتىنى ئالغا سىلجىتىش، «ئۈرۈمچى - سانجى - شىخەنزە» رايونىنىڭ ئاتموسفېرا بۇلغىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش، ئۈرۈمچى شەھىرى ئىقتىسادىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىش قاتارلىق باش تېمىلارنى چۆرىدەپ، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى قانات يايدۇرۇش، مەسىلىلەرنى بايقاش، ھەل قىلىش، نۇقتىلىق خىزمەتلەرنى ئالغا سىلجىتىشقا ئالاقىدار ئەھۋاللار توغرىسىدا چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇردى. كۆپچىلىك مۇنداق بىلدۈردى: تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى پۇختا، چوڭقۇر قانات يايدۇرۇش ئارقىلىق، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ قۇدرەتلىك ھەقىقەت كۈچى ۋە ئەمەلىيەت كۈچىگە ئىگە ئىكەنلىكىنى، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنىڭ شىنجاڭ خىزمىتىدە توغرا يولدا مېڭىپ يېڭىلىق يارىتىش، غەلىبىسېرى ئالغا ئىلگىرىلەشكە يېتەكلەيدىغان قۇدرەتلىك ئىدىيەۋى قورال ئىكەنلىكىنى تېخىمۇ چوڭقۇر ھېس قىلدۇق، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا باش تېما تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇش بىلەن مەركىزىي خىزمەتكە تۈرتكە بولۇشنى بىرلەشتۈرۈپ، دىققەتنى مەسىلىلەرگە مەركەزلەشتۈرۈپ، قىيىنچىلىققا پىسەنت قىلماي ئىلگىرىلەپ، ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەپ، ئەمەلىي ئۈنۈمنى كۆزلەپ، تىرىشىپ ئۆگىنىش ئارقىلىق روھنى تاۋلاش، ئۆگىنىش ئارقىلىق ئەقىل - پاراسەتنى ئاشۇرۇش، ئۆگىنىش ئارقىلىق ئىستىلنى توغرىلاش، ئۆگىنىش ئارقىلىق ئىشلەشنى ئىلگىرى سۈرۈشتە ئۈنۈم ھاسىل قىلىپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتىدىكى يېڭى ئىلگىرىلەش، يېڭى نەتىجىلەر ئارقىلىق باش تېما تەربىيەسىنىڭ نەتىجىلىرىنى تەكشۈرىمىز.
ما شىڭرۇي مۇنداق كۆرسەتتى: بۇ قېتىمقى ئالماشتۇرۇش، ئۆگىنىش ئارقىلىق، كۆپچىلىك شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ ئىلمىي سىستېمىسى، جەۋھىرى، مۇھىم مەزمۇنى، ئەمەلىيەت تەلىپىنى يەنىمۇ چوڭقۇر ھېس قىلىپ، ئۇنىڭغا سىڭدۈرۈلگەن رەھبەرلىك ئۇسۇلى، ئىدىيەۋى ئۇسۇل، خىزمەت ئۇسۇلىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، نەزەرىيە ئۆگىنىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىش ئارقىلىق تەرەققىيات ئەمەلىيىتىگە يېتەكچىلىك قىلىشتا، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئارقىلىق تەرەققىياتتىكى قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقا تۈرتكە بولۇشتا يېڭى نەتىجىلەرنىڭ قولغا كەلتۈرۈلۈشىگە تۈرتكە بولدى. بىز باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى سىجىل ئۆگىنىپ، چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش نەتىجىلىرىنى ئايلاندۇرۇشنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، باش تېما تەربىيەسىدە ئەمەلىي نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشىمىز كېرەك. ئۆگىنىش، پىكىر يۈرگۈزۈش، ئەمەلدە كۆرسىتىش، ئۆزلەشتۈرۈشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ئارقىلىق قەلبنى مۇجەسسەملەش، روھنى تاۋلاشتا چىڭ تۇرۇپ، بۇ ئىدىيەدىكى دۇنيا قاراش، مېتودولوگىيە ۋە ئۇنىڭغا سىڭدۈرۈلگەن مەيدان، نۇقتىئىنەزەر، ئۇسۇلنى ئومۇميۈزلۈك ئىگىلەپ، پارتىيەنىڭ ئىجادىي نەزەرىيەسىنى سىياسىي جەھەتتە قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش، ئىدىيە جەھەتتە قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش، نەزەرىيە جەھەتتە قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش، ھېسسىيات جەھەتتە قەلبتىن ئېتىراپ قىلىشنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىشىمىز كېرەك. ئاڭلىق ھالدا ئۆلچەم بويىچە توغرىلىنىپ، تەلەپ بويىچە توغرىلىنىپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى شىنجاڭ خىزمىتىنى ئۆلچەيدىغان مۇھىم ئۆلچەم قىلىپ، شىنجاڭنىڭ ئەبەدىي ئەمىنلىكىگە مۇناسىۋەتلىك نېگىزلىك، ئۇللۇق، ئۇزاق مەزگىللىك خىزمەتلەرنى چۆرىدەپ، ھەقىقىي تۈردە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى پۇختا تۇتۇپ، چوڭقۇر تۇتۇپ، مەسىلىنى توغرا تەھلىل قىلىپ، تولۇق تەتقىق قىلىپ، شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ باشتىن - ئاخىر توغرا يۆنىلىشنى بويلاپ ئالغا ئىلگىرىلىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشىمىز كېرەك. تەتقىقاتنى ئەمەلىيەتكە تەتبىقلاشتا چىڭ تۇرۇپ، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇش داۋامىدا سىياسىي ئىقتىدارىمىز، تەپەككۇر ئىقتىدارىمىز، ئەمەلىيەت ئىقتىدارىمىزنى ئۆستۈرۈپ، قايتا - قايتا دەلىللەشتىن ئۆتكەن، بىرقەدەر پىشىپ يېتىلگەن تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش نەتىجىلىرىنى ۋاقتىدا تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرما دەرىجىسىگە كۆتۈرۈپ، كونكرېت تەدبىرگە ئايلاندۇرۇپ، ئىقتىساد، جەمئىيەتنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىدا تېخىمۇ كۆپ يېڭى بۆسۈشنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشىمىز كېرەك. مەسىلە يۆنىلىشىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، باش تېما تەربىيەسىدە تەكشۈرۈپ تېپىلغان مەسىلىلەر، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشتا بايقالغان مەسىلىلەر، ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىققا تۈرتكە بولۇشتا يولۇققان مەسىلىلەر، ئاممىنىڭ ئىنكاسى كۈچلۈك بولغان مەسىلىلەرنى سىستېمىلىق رەتلەپ، قىيىنىغا تېگىشكە جۈرئەت قىلىپ، ھەقىقىي تۈزىتىپ، ئەمەلىي تۈزىتىپ، مەسىلىلەرنى ئۈزلۈكسىز ھەل قىلىش، قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش ئارقىلىق خىزمەتتە يېڭى ۋەزىيەت يارىتىشىمىز كېرەك. مېخانىزمنى سىجىل مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنىڭ دائىملىشىشى ۋە ئۇزاق ئۈنۈملۈك بولۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، مەسىلىنى ھەقىقىي ھەل قىلىدىغان تېخىمۇ كۆپ پىكىر يولى ۋە تەدبىرلەر ئارقىلىق، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتىگە تۈرتكە بولۇشتا تېخىمۇ چوڭ قەدەم ئېلىشىمىز كېرەك.
ۋاڭ گوشېڭ كۆپچىلىكنىڭ باش تېما تەربىيەسىنى پۇختا قانات يايدۇرۇشتا بولۇپمۇ چوڭقۇر تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشتا قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرىنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈردى. ئۇ مۇنداق دېدى: ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتى بەنزىسى ئۆزى ئۈلگە بولۇپ، ھەر دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلارنىڭ ئاساسىي قاتلامغا چوڭقۇر چۆكۈشى، ئەمەلىيەتكە زىچ بىرلەشتۈرۈپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى قانات يايدۇرۇشىغا تۈرتكە بولدى، مەسىلىلەرنى بايقاشنىڭ قاراتمىلىقى كۈچلۈك، مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش ئەمەلىي، ئۈنۈملۈك بولۇپ، تۈرلۈك خىزمەتلەرگە تۈرتكە بولۇشتا يېڭى نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى. نەزەرىيە بىلەن قوراللىنىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، كامالەتكە يەتكەن ماھارەتنى تىرىشىپ ئىگىلەپ، پارتىيەنىڭ ئىجادىي نەزەرىيەسىنى قەتئىي بوشاشماي ئۆگىنىپ ئىگىلەپ، پۇختا ئۆزلەشتۈرۈپ، ئەمەلىي تەتبىقلاپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆگىنىپ، ئۆزلەشتۈرۈپ، تولۇق، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇپ، شىنجاڭ خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتىكى ئىقتىدار، قابىلىيەتنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش كېرەك. تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئاساسىي ماھارەتنى ھەقىقىي تاۋلاپ، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى بىر خىل ئادەتكە ئايلاندۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ئامما ئارىسىغا بېرىش، ئەمەلىيەت ئارىسىغا بېرىشتا چىڭ تۇرۇپ، راست گەپنى ئاڭلاپ، ئەمەلىي ئەھۋالنى كۆزىتىپ، ئەمەلىي ئىش قىلىپ، ئۈزلۈكسىز تۈردە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنىڭ ئەمەلىي نەتىجىلىرى ئارقىلىق تەرەققىياتتىكى قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش كېرەك. يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئۈلگە كۆرسىتىپ يېتەكلەشنى كۈچەيتىپ، نۇقتىلىق خىزمەتلەرنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ نەتىجە يارىتىش، چىڭ تۇتۇپ ئەمەلىيلەشتۈرۈشتىكى تەشەببۇسكارلىق، ئاڭلىقلىقنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، بىرىگە تەگسە ھەممىسىگە تەسىر كۆرسىتىدىغان ئاچقۇچلۇق مەسىلىلەرنى تۇتۇپ، كۈچنى مۇجەسسەملەپ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ، شىنجاڭنىڭ ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىقىغا دائىر تۈرلۈك خىزمەتلەرنىڭ يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈلۈشىگە تۈرتكە بولۇش كېرەك.