شىنجاڭ ئاكادېمىيە تورى
​توغرا يولدا مېڭىپ يېڭىلىق يارىتىپ، كۈچنى مۇجەسسەملەپ، شىنجاڭ خەلق قۇرۇلتىيى ھېكايىسىنى ياخشى سۆزلەش كېرەك
يوللانغان ۋاقىت :2023-08-02 |   ئاپتور :   |   مەنبە : شىنجاڭ گېزىتى

ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ئاخبارات - تەشۋىقات خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى​

توغرا يولدا مېڭىپ يېڭىلىق يارىتىپ، كۈچنى مۇجەسسەملەپ، شىنجاڭ خەلق قۇرۇلتىيى ھېكايىسىنى ياخشى سۆزلەش كېرەك

شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 7 - ئاينىڭ 31 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋاڭ نا خەۋەر قىلىدۇ: يېقىندا ئېچىلغان ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ئاخبارات - تەشۋىقات خىزمىتى يىغىنىدا مۇنداق تەكىتلەندى: پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مەركەز خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاپتونوم رايونلۇق 10 - نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 8 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، توغرا يولدا مېڭىپ يېڭىلىق يارىتىپ، كۈچنى مۇجەسسەملەپ، جۇڭگو شىنجاڭ ھېكايىسىنى، پۈتۈن جەريانلىق خەلق دېموكراتىيەسى ھېكايىسىنى، شىنجاڭ خەلق قۇرۇلتىيى ھېكايىسىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ياخشى سۆزلەپ، قەتئىي تەۋرەنمەي جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك دېموكراتىك قانۇنچىللىق يولىدا مېڭىش، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىنىڭ شىنجاڭدىكى جانلىق ئەمەلىيىتىگە تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن ياخشى ئاممىۋى پىكىر كەيپىياتى يارىتىش، گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىشنى كۈچلۈك ئىدىيە كاپالىتى ۋە قۇدرەتلىك مەنىۋى كۈچ بىلەن تەمىنلەش كېرەك.

ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، مۇدىر زۇمرەت ئوبۇل يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ بۆلۈم باشلىقى ۋاڭ جيەنشىن يىغىنغا قاتناشتى.

يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: خەلق قۇرۇلتىيى ئاخبارات - تەشۋىقات خىزمىتى پارتىيە ئاخبارات - تەشۋىقات خىزمىتىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى، تونۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، يۈكسەكلىكنى ئۆستۈرۈپ، خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمى ۋە خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىنى تەشۋىق قىلىش، نامايان قىلىشنى بىر تۈرلۈك مۇھىم ۋەزىپە ۋە مەسئۇلىيەت دەپ بىلىپ، تەشۋىقات مەزمۇنىغا دەل جايىدا كۈچەپ، يۆنىلىشنى ئىگىلەپ، تەشۋىقات ئۇسۇلىدا ئىدىيەنى ئۆزگەرتىپ، يېڭىلىق يارىتىشقا ئەھمىيەت بېرىپ، تەشۋىقات سۇپىسىنى مۇستەھكەملەپ، مۇكەممەللەشتۈرۈپ، كۆڭۈل قويۇپ مەشغۇلات قىلىپ، تىرىشىپ يېڭى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈش كېرەك.

يىغىندا مۇنداق تەلەپ قىلىندى: مۇھىم نۇقتىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، دىققەتنى مەركىزىي خىزمەتلەرگە مەركەزلەشتۈرۈپ، كۆزىتىش نۇقتىسىنى دەل جايىدا تاللاش، خاسلىق يارىتىپ، يېڭى، قالتىس نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈش، كۆڭۈل قويۇپ پىلانلاپ، نادىر ئەسەرلەرنى بارلىققا كەلتۈرۈشكە كۈچ سەرپ قىلىپ، خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمىنىڭ ئەۋزەللىكى، پۈتكۈل جەريانلىق خەلق دېموكراتىيەسىنىڭ جانلىق ئەمەلىيىتىنى ھەر تەرەپلىمە، كۆپ نۇقتىدىن، ئىستېرېئولۇق خەۋەر قىلىپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتايلىرىنىڭ پارتىيە كومىتېتىنىڭ تەدبىرلىرىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇش، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش، خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ياخشىلاشتىكى يېڭى پىكىر يولى، يېڭى نەتىجىلىرىنى ئومۇميۈزلۈك نامايان قىلىپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتايلىرى خىزمىتىنىڭ خاسلىقى، يارقىن نۇقتىلىرى ۋە ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتايلىرى ۋەكىللىرىنىڭ مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىش، مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىشتىكى يېڭى نەتىجىلىرى، يېڭى ئوبرازىنى تولۇق نامايان قىلىش كېرەك.

يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: «پارتىيە كومىتېتىنىڭ ياردەمچىسى، ھۆكۈمەتنىڭ تۈرتكە بولغۇچىسى، خەلقنىڭ ھەمدەم بولغۇچىسى» بولۇشتىن ئىبارەت ئاچقۇچلۇق مەسئۇلىيەتنى ياخشى ئادا قىلىپ، ئاساسىي ئېقىم ئىدىيە، ئاممىۋى پىكىرنى مۇستەھكەملەپ ۋە زورايتىپ، ئاساسىي مېلودىيەنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئاكتىپ كۈچ تارقىتىپ، خەلقنىڭ مەيدانىدا چىڭ تۇرۇپ، «ئاساسىي جەڭ مەيدانى»نى چىڭ ساقلاش كېرەك. «چوڭ تەشۋىقات» ئىدىيەسىنى پۇختا تۇرغۇزۇپ، تەشكىلىي رەھبەرلىك، تۈزۈم - مېخانىزم، قوشۇن قۇرۇلۇشى، ئالاقىلىشىش - ماسلىشىشتىن ئىبارەت «تۆت ئاچقۇچ»نى چىڭ تۇتۇپ، «پارتىيە كومىتېتى ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىك قىلىدىغان، تەشۋىقات تارماقلىرى ماسلىشىپ يېتەكچىلىك قىلىدىغان، خەلق قۇرۇلتىيى تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئالغا سىلجىتىدىغان، ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتايلىرى ھەمتۈرتكە بولۇپ كۈچەيدىغان، ئاخبارات ئورۇنلىرى زىچ ماسلىشىدىغان» خەلق قۇرۇلتىيى ئاخبارات - تەشۋىقات خىزمىتى چوڭ ئەندىزىسىنى تىرىشىپ بەرپا قىلىپ، ئاپتونوم رايوننىڭ خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىدە يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات يېڭى ۋەزىيىتىنى يارىتىش، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇشنىڭ شىنجاڭ سەھىپىسىنى ياخشى پۈتۈپ چىقىش ئۈچۈن يېڭى تۆھپە قوشۇش كېرەك.

يىغىندا 2022 - يىللىق خەلق قۇرۇلتىيى ئاخبارات - تەشۋىقات خىزمىتىدىكى ئىلغار ئورۇنلار ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىنىپ تەقدىرلەندى، بەش ئىلغار كوللېكتىپنىڭ ۋەكىللىرى پىكىر ئالماشتۇرۇپ سۆز قىلدى، «يېڭى دەۋردىكى ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ئاخبارات - تەشۋىقات خىزمىتىنى كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاش توغرىسىدىكى يولغا قويۇش پىكرى» بېسىپ تارقىتىلدى.

مەنبە:

مەسئۇل مۇھەررىر: رەشىدە مامۇت