شىنجاڭ ئاكادېمىيە تورى
2023 - يىللىق ئاپتونوم رايوننىڭ مۇھىم، زور تۈرلىرىدە مەركەزلىك ئىش باشلاش ھەم 3 - پەسىللىك ئاپتونوم رايون بويىچە مۇھىم، زور تۈرلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇش يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى
يوللانغان ۋاقىت :2023-08-01 |   ئاپتور :   |   مەنبە : شىنجاڭ گېزىتى

ما شىڭرۇي قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى

ئەركىن تۇنىياز رىياسەتچىلىك قىلدى خې جۇڭيوۋ قاتناشتى

شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 7 - ئاينىڭ 30 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋاڭ شىڭرۇي خەۋەر قىلىدۇ: 2023 - يىللىق ئاپتونوم رايوننىڭ مۇھىم، زور تۈرلىرىدە مەركەزلىك ئىش باشلاش ھەم 3 - پەسىللىك ئاپتونوم رايون بويىچە مۇھىم، زور تۈرلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇش يىغىنى 7 - ئاينىڭ 30 - كۈنى ئۆتكۈزۈلدى، شىنجاڭدىكى 70 بەلگە خاراكتېرلىك مۇھىم، زور تۈردە مەركەزلىك ئىش باشلاندى، ئومۇمىي سېلىنمىسى 180 مىليارد يۈەندىن ئاشتى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ما شىڭرۇي يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى، ئۇ مۇنداق تەلەپ قىلدى: ھەرقايسى جايلار يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ۋەزىيەت، ۋەزىپىلەرنى دەل جايىدا ئىگىلەپ، تەرەققىيات ئىشەنچى ۋە ئىرادىسىنى چىڭىتىپ، 3 - پەسىلدىكى ئالتۇن مەزگىلنى چىڭ تۇتۇپ، نۇقتىلىق ۋەزىپىلەرنى چىڭ كۆزلەپ، كۈچنى مۇجەسسەملەپ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ، تۇراقلىق مۈلۈك سېلىنمىسىنى پۇختا ياخشى تۇتۇپ، كېيىنكى يېرىم يىللىق ئىقتىساد خىزمىتىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ياخشى ئىشلەپ، پۈتۈن يىللىق نىشان - ۋەزىپىلەرنى تاماملاشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، شىنجاڭ ئىقتىسادىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشى كېرەك.

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى خې جۇڭيوۋ يىغىنغا قاتناشتى.

يىغىندا ئاپتونوم رايوننىڭ بۇ يىلدىن بۇيان مەبلەغ سېلىش تۈرلىرىنىڭ قۇرۇلۇش ئەھۋالى ئاڭلاپ ئۆتۈلدى. ئالدىنقى يېرىم يىلدا، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندا ئىقتىسادنىڭ ئايلىنىشى ئوڭۇشسىز ۋەزىيەتتە ئېشىپ، تەرەققىيات سۈپىتى، ئۈنۈمى سىجىل ئېشىپ، ئىقتىسادنىڭ ھاياتىي كۈچى ئۈزلۈكسىز كۈچەيدى، تۇراقلىق مۈلۈك سېلىنمىسى ئىككى خانىلىق سان بويىچە ئېشىشنى ساقلاپ، مەملىكەت بويىچە ئالدىنقى قاتاردا تۇردى. ئاپتونوم رايون بويىچە 2896 يېڭىدىن قۇرۇلىدىغان تۈردە قۇرۇلۇش باشلاش ئىشقا ئاشۇرۇلدى، ئاپتونوم رايوننىڭ 400 نۇقتىلىق تۈرىگە ئەمەلىي خىزمەت مىقدارى بويىچە جەمئىي 136 مىليارد 200 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىش تاماملىنىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىگە سېلىشتۇرغاندا 19 مىليارد يۈەن ئاشتى. يىغىندا مۇنداق ئوتتۇرىغا قويۇلدى: 3 - پەسىل تۈر قۇرۇلۇشىنىڭ ئالتۇن مەزگىلى، ھەرقايسى جايلار نىشاننى چىڭ كۆزلەپ، مىنۇت - سېكۇنتنى قولدىن بەرمەي، ئاپتونوم رايون بويىچە 350 مىليارد يۈەندىن ئارتۇق مەبلەغ سېلىشنى تاماملاشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

يىغىندا، 14 ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەردىكى ئاساسلىق مەسئۇل يولداشلار سۆز قىلىپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات نەق مەيدان يىغىنىنىڭ ئورۇنلاشتۇرما - تەلەپلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش، بەلگە خاراكتېرلىك مۇھىم، زور تۈرلەرنى ئالغا سىلجىتىش ئەھۋالى ۋە 3 -، 4 - پەسىللىك تۈر قۇرۇلۇشى ئومۇمىي پىلانىنى دوكلات قىلدى ھەم كېيىنكى قەدەمدىكى نۇقتىلىق خىزمەت تەدبىرلىرىنى تونۇشتۇردى.

دوكلاتنى ئەستايىدىل ئاڭلىغاندىن كېيىن، ما شىڭرۇي مۇنداق كۆرسەتتى: تۇراقلىق مۈلۈك سېلىنمىسى يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتتىكى مۇھىم تۇتقا. ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار سىستېما تەپەككۇرى، پۈتۈن ۋەزىيەت ئېڭىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، پۈتۈن شىنجاڭ، ھەتتا پۈتۈن مەملىكەتنىڭ تەرەققىيات ئومۇمىي ۋەزىيىتىنى كۆزلەپ، مۇھىم، زور تۈرلەرنى ئىلمىي پىلانلاپ، ئورۇنلاشتۇرۇپ، دىققەتنى نۇقتىلىق ۋەزىپىلەرگە مەركەزلەشتۈرۈپ ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەپ، پۈتۈن يىللىق نىشان - ۋەزىپىلەرنى جاسارەت بىلەن تاماملىشى كېرەك. پۈتۈن كەسىپ زەنجىرىنىڭ تەرەققىياتىنى چۆرىدەپ تۇراقلىق مۈلۈك سېلىنمىسىنى تۇتۇپ، دىققەتنى «سەككىز چوڭ كەسىپ توپى» قاتارلىق ئەۋزەل كەسىپلەرگە مەركەزلەشتۈرۈپ، زور كۈچ بىلەن زەنجىرنى ئۇزارتىپ، زەنجىرنى تولۇقلاپ، زەنجىرنى كۈچەيتىپ، سودىگەر چاقىرىپ مەبلەغ جەلپ قىلىشنى دەل جايىدا قانات يايدۇرۇپ، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى كەسىپ زەنجىرىنى كۈچەپ تاكامۇللاشتۇرۇپ، شىنجاڭ خاسلىقىغا ئىگە زامانىۋىلاشقان كەسىپ سىستېمىسىنى بەرپا قىلىش كېرەك. ئۇل ئەسلىھەلەرگە مەبلەغ سېلىش، قۇرۇشنى ئىلمىي ئالغا سىلجىتىپ، ئوبيېكتىپ ئەمەلىيەت ۋە تەرەققىيات قانۇنىيىتىگە ئەمەل قىلىپ، ھەم مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەپ، چامىنىڭ يېتىشىچە ئىش كۆرۈپ، ھەم پائال نەتىجە يارىتىپ، قۇربىنىڭ يېتىشىچە ئىشلەپ، زامانىۋىلاشقان ئۇل ئەسلىھە سىستېمىسىنى بەرپا قىلىش كېرەك. تۈرلەرنىڭ يولغا قويۇلۇشىنى پۈتكۈل جەريانلىق باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، قىيىن نۇقتا، بوغۇق نۇقتا، توسۇق نۇقتا مەسىلىلىرىنى كۈچەپ ھەل قىلىپ، قەرەلىدە ئوڭۇشلۇق ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈش، مەھسۇلات كۆزلىمە نىشانىغا يېتىش، ئۈنۈم يارىتىشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، مۇھىم، زور تۈرلەرنىڭ يېتەكلەش، تۈرتكە بولۇش ۋە ئۈنۈملۈك مەبلەغ سېلىشتىكى ئاچقۇچلۇق رولىنى ھەقىقىي جارى قىلدۇرۇش كېرەك. ئېغىر، زور خەۋپ - خەتەر يوشۇرۇن خەۋپىنىڭ گەۋدىلىك ئالدىنى ئېلىپ ۋە ئۇنى تۈگىتىپ، پۇل مۇئامىلە، يەرلىك قەرز خەۋپ - خەتىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنى كۈچەيتىپ، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ياخشى تۇتۇپ، سىستېما خاراكتېرلىك خەۋپ - خەتەر يۈزبەرمەسلىك تۆۋەن چېكىنى ساقلاش كېرەك. خىزمەت مەسئۇلىيىتىنى ھەقىقىي ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ھەرقايسى فۇنكسىيەلىك تارماقلار باشلامچىلىق بىلەن ماسلاشتۇرۇش ۋە ئاپتونوم رايون بويىچە يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە يۇقىرى ئۈنۈملۈك ھەمتۈرتكە بولۇشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، بىرىگە تەگسە ھەممىسىگە تەسىر كۆرسىتىدىغان مەسىلىلەرنى دەل جايىدا تېپىپ، تۇراقلىق مۈلۈك سېلىنمىسى خىزمىتىنى پۇختا ئالغا سىلجىتىش كېرەك.

ما شىڭرۇي مۇنداق كۆرسەتتى: قەتئىي تۈردە ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ھازىرقى ئىقتىسادىي ۋەزىيەت توغرىسىدىكى تەھلىلى، ھۆكۈمى ۋە كېيىنكى يېرىم يىللىق ئىقتىساد خىزمىتى توغرىسىدىكى تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىغا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتتىن ئىبارەت بۇ باش ۋەزىپىنى مەھكەم ئىگىلەپ، تەرەققىيات بىلەن خەۋپسىزلىكنى تېخىمۇ ياخشى بىرتۇتاش پىلانلاپ، شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتى دۇچ كەلگەن پۇرسەت ۋە خىرىس، ۋەزىيەت ۋە ۋەزىپىلەرنى دەل جايىدا تونۇپ، بۆسۈش ئېغىزى ۋە كۈچەش نۇقتىسىنى يەنىمۇ دەل جايىدا تېپىپ، ئۈنۈملۈك بولغان پىكىر يولى ۋە تەدبىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئىقتىسادنىڭ ئايلىنىشىدىكى قىيىنچىلىق، مەسىلىلەرنى ئۈنۈملۈك ھەل قىلىش داۋامىدا تۈرلۈك خىزمەتلەردە يېڭى بۆسۈش ھاسىل قىلىشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلار توغرا سىياسىي نەتىجە قارىشىنى ھەقىقىي مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، باتۇرلۇق بىلەن مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ نەتىجە يارىتىپ، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ قىيىنچىلىقلارنى يېڭىشكە ماھىر بولۇپ، شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىقنى قەتئىي تۈگىتىپ، يۇقىرىنىڭكىنىلا ئاساس قىلىپ، ئەمەلىيەتنى ئاساس قىلماسلىق ھادىسىلىرىنى قەتئىي تۈگىتىپ، قەيەردە ئەمەل تۇتسا شۇ يەرگە بەخت يارىتىشنى ھەقىقىي ئىشقا ئاشۇرۇشى كېرەك.

ئەركىن تۇنىياز يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلغاندا مۇنداق كۆرسەتتى: ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرما - تەلەپلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىشەنچنى ئۇرغۇتۇپ، پائال نەتىجە يارىتىپ، كېيىنكى يېرىم يىلدا پۈتۈن ئاپتونوم رايون ئىقتىسادىدا سۈپەتنى ئۈنۈملۈك ئۆستۈرۈش ۋە مىقدارنى مۇۋاپىق ئاشۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇشى كېرەك. تۇراقلىق مۈلۈك سېلىنمىسى جەھەتتىكى نۇقتىلىق ۋەزىپىلەرنى چىڭ كۆزلەپ، باشقۇرۇش، مۇلازىمەت قىلىش، كاپالەتلەندۈرۈشنى يەنىمۇ كۈچەيتىش كېرەك، ئاساسلىق مەسئۇل يولداشلار بىرىنچى سەپكە چوڭقۇر چۆكۈپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى كۈچەپ ھەل قىلىپ، تارماقلارنىڭ ماسلىشىپ ھەمتۈرتكە بولۇشىنى كۈچەيتىپ، تۇراقلىق مۈلۈك سېلىنمىسىنى ئاشۇرۇش ۋە مۇھىم، زور تۈرلەرنى ئالغا سىلجىتىشنىڭ يېڭى ئۈنۈمى ئارقىلىق ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا كۈچلۈك تىرەك بولۇشى كېرەك. ھەقىقىي تۈردە مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىپ، مەسئۇلىيەتچان بولۇپ ئەمەلىي ئىشلەپ، قاتتىق سىناقلاردىن ئۆتەلەيدىغان خىزمەت ئىستىلى ئارقىلىق نۇقتىلىق ۋەزىپىلەرنى يۇقىرى سۈپەتلىك، يۇقىرى ئۈنۈملۈك ئالغا سىلجىتىش، ئىقتىسادنىڭ مۇقىم، ساغلام تەرەققىياتىغا كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

چېن ۋېيجۈن، ۋاڭ جيەنشىن، يۈسۈپجان مەمەت، ئېلزات ئەخمەتجان، قادېن كەبىن، سۈن خۇڭمېي، ۋاڭ گاڭ، ئاپتونوم رايون (مەركەز)غا بىۋاسىتە قاراشلىق ئالاقىدار ئورۇنلار ۋە نۇقتىلىق كارخانىلاردىكى ئاساسلىق مەسئۇل يولداشلار ئاساسىي يىغىن مەيدانىدا يىغىنغا قاتناشتى. ئورۇنلاشتۇرۇش يىغىنى تېلېۋىزىيە - تېلېفون يىغىنى شەكلىدە ئېچىلدى، ھەرقايسى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەردە شۆبە يىغىن مەيدانى تەسىس قىلىندى.

مەنبە:

مەسئۇل مۇھەررىر: رەشىدە مامۇت