ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتى يىغىن ئاچتى
جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى يىغىنىنىڭ روھى ۋە باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھى يەتكۈزۈلدى، ئۆگىنىلدى، ئىزچىللاشتۇرۇلدى
ما شىڭرۇي يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى
شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 7 - ئاينىڭ 30 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋاڭ شىڭرۇي خەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتى 7 - ئاينىڭ 30 - كۈنى يىغىن ئېچىپ، 7 - ئاينىڭ 24 - كۈنى ئېچىلغان جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى يىغىنىنىڭ روھى ۋە پارتىيە سىرتىدىكى زاتلار سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھىنى يەتكۈزدى، ئۆگەندى ۋە ئىزچىللاشتۇردى، ئاپتونوم رايوننىڭ ئالدىنقى يېرىم يىللىق ئىقتىسادىنىڭ ئايلىنىش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتنى ئاڭلاپ ئۆتتى، كېيىنكى يېرىم يىللىق ئىقتىساد خىزمىتىنى مۇھاكىمە قىلدى ۋە ئورۇنلاشتۇرما قىلدى؛ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ سىچۇەن، شەنشى خەنجۇڭدا تەكشۈرۈشتە بولغاندا ۋە چېڭدۇ 31 - نۆۋەتلىك دۇنيا داشۆ ئوقۇغۇچىلىرى يازلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ باشلىنىش مۇراسىمىغا قاتناشقاندا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى يەتكۈزدى، ئۆگەندى ۋە ئىزچىللاشتۇردى؛ يولداش لى شىنىڭ شىنجاڭدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندا بەرگەن خىزمەت تەلىپىنى مۇھاكىمە قىلدى، ئىزچىللاشتۇردى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ما شىڭرۇي يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.
يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى يىغىنىدا ھازىرقى ئىقتىسادىي تەرەققىيات دۇچ كېلىۋاتقان يېڭى ئۆزگىرىش، يېڭى خىرىسلار ئىلمىي تەھلىل قىلىنىپ، كېيىنكى يېرىم يىللىق ئىقتىساد خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش توغرىسىدا مۇھىم، زور ئورۇنلاشتۇرما قىلىنىپ، بىزنى تۈپ قوللانما بىلەن تەمىنلىدى. ئاپتونوم رايون بويىچە يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە ھەقىقىي تۈردە ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ھازىرقى ئىقتىسادىي ۋەزىيەت توغرىسىدىكى تەھلىلى، ھۆكۈمى ۋە كېيىنكى يېرىم يىللىق ئىقتىساد خىزمىتى توغرىسىدىكى تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىغا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت باش رىتىمىدا چىڭ تۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىچكى ئېھتىياجنى كېڭەيتىش، ئىشەنچنى ئاشۇرۇش، خەۋپ - خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا كۈچەپ، ئىقتىسادتا سۈپەتنىڭ ئۈنۈملۈك ئۆسۈشى ۋە مىقدارنىڭ مۇۋاپىق ئېشىشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك. مەركەزنىڭ سىياسەتلىرىنى پائال، ئۈنۈملۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، دىققەتنى شىنجاڭنىڭ پۈتۈن يىللىق ئىقتىسادىي تەرەققىيات نىشان - ۋەزىپىلىرىگە مەركەزلەشتۈرۈپ، تۈرلۈك سىياسەتلەردىن تولۇق، ياخشى پايدىلىنىپ، كۈچەش يۆنىلىشىنى ھەقىقىي تۈردە دەل جايىدا تېپىپ، نۇقتىلىق خىزمەتلەرنى ئالغا سىلجىتىشنى تېزلىتىپ، ئىقتىسادنىڭ ئايلىنىشىنىڭ سىجىل ياخشىلىنىشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك. زامانىۋىلاشقان كەسىپ سىستېمىسى بەرپا قىلىپ، ئەۋزەل ئېنېرگىيە بايلىقى يوشۇرۇن كۈچىنى سىجىل قويۇپ بېرىپ، «سەككىز چوڭ كەسىپ توپى» قۇرۇلۇشىدا يېڭى ئىلگىرىلەشلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، شىنجاڭنىڭ دۆلەتنىڭ ئاشلىق، ئېنېرگىيە ۋە ئاچقۇچلۇق قېزىلما بايلىق بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشقا تۆھپە قوشۇش سالمىقىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. سىرتقا ئېچىۋېتىشنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، جۇڭگو − ئوتتۇرا ئاسىيا باشلىقلار يىغىنى نەتىجە تىزىملىكىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تېزلىتىپ، تاشقى سودىنىڭ يۇقىرى سۈرئەتتە ئېشىش ياخشى ۋەزىيىتىنى ساقلاپ، جۇڭگو - ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزىنىڭ مۇقىم، راۋان قاتنىشىغا كاپالەتلىك قىلىپ، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشىدىكى نۇقتىلىق ۋەزىپىلەرنىڭ جايىدا ئەمەلىيلىشىپ ئۈنۈم ھاسىل قىلىشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك. ئىستېمالنىڭ ئېشىش ۋەزىيىتىنى مۇستەھكەملەپ ۋە يۈكسەلدۈرۈپ، ساياھەتچىلىكنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، تىرىشىپ كۆپ مىقدارلىق ئىستېمالنى جانلاندۇرۇپ، ئىستېمالنىڭ ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىغا تۈرتكە بولۇشتىكى ئۇللۇق رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇش كېرەك. خەلق تۇرمۇشىنى ھەقىقىي كاپالەتلەندۈرۈپ ۋە ياخشىلاپ، مۇقىم ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمىتىنى ئىستراتېگىيەلىك يۈكسەكلىكتىن ياخشى ئىشلەپ، «ئۈچ كاپالەت» تۆۋەن چېكىنى تولۇق مۇستەھكەملەپ، تولۇق پۇختىلاپ، يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى پۇختا ئالغا سىلجىتىش كېرەك. ئاپتونوم رايوندىكى ھەرقايسى دېموكراتىك پارتىيە - گۇرۇھلار، سودا - سانائەتچىلەر بىرلەشمىسى ۋە پارتىيەسىز - گۇرۇھسىز زاتلارنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، پائال تەكلىپ ۋە مەسلىھەت بېرىپ، شىنجاڭنىڭ ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىقىغا دائىر تۈرلۈك ئىشلىرىغا تېخىمۇ ياخشى تۈرتكە بولۇشقا يېتەكلەش كېرەك.
يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ سىچۇەن، شەنشى خەنجۇڭدا تەكشۈرۈشتە بولغاندا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ ۋە ئۆزلەشتۈرۈپ، باش شۇجىنىڭ شىنجاڭنى كۆزدىن كەچۈرگەندە قىلغان مۇھىم سۆزى، بەرگەن مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ تەرەققىيات ئىستراتېگىيەلىك ئورنىنى چىڭ كۆزلەپ، يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئاپتونوم رايوننىڭ پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش يىغىنىدىكى ۋەزىپە، تەلەپلەرنى ئالغا سىلجىتىپ، يېڭىلىق يارىتىشچان شىنجاڭ قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشقا تايىنىپ ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ ئۆزگىرىشى ۋە ھەرىكەت ئېنېرگىيەسىنىڭ ئالمىشىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. تاغ، دەريا، ئورمان، ئېتىز، كۆل، ئوتلاق، قۇملۇقنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ قوغداش ۋە سىستېمىلىق تۈزەشتە چىڭ تۇرۇپ، ئېكولوگىيەنى قوغداش قىزىل سىزىقى ۋە تۆۋەن چېكىنى قەتئىي ساقلاپ، «ئۈرۈمچى − سانجى − شىخەنزە» رايونىنىڭ ئاتموسفېرا بۇلغىنىشىنى تىزگىنلەش قاتارلىق نۇقتىلىق ۋەزىپىلەرنى ئالغا سىلجىتىشنى تېزلىتىپ، ئېكولوگىيە توسۇقىنى ھەقىقىي مۇستەھكەملەش كېرەك. نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى سىجىل مۇستەھكەملەپ، ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش ۋەزىپىسىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ياخشى تۇتۇپ، يېزا - كەنت قۇرۇلۇشى ۋە يېزا ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، يېزا ئىگىلىكى ۋە يېزىلارنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىش كېرەك. ئارخېئولوگىيەلىك تەكشۈرۈش بىلەن تارىخىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداش، ئۇنىڭغا ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىشنى كۈچەيتىپ، مەدەنىيەت يادىكارلىقى - مۇزېي ئاپپاراتى، مەدەنىيەت مەيدان - سارايلىرىنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، شىنجاڭدىكى تېخىمۇ كۆپ مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى جانلاندۇرۇپ، شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇشنى ئۈزلۈكسىز كۈچەپ ئالغا سىلجىتىش كېرەك.
يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ چېڭدۇ 31 - نۆۋەتلىك دۇنيا داشۆ ئوقۇغۇچىلىرى يازلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە قاتناشقاندا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى شىنجاڭ ياشلىرى خىزمىتىنى پۇختا ياخشى ئىشلەپ، كەڭ ياشلارنى سەمىمىي تاپشۇرۇقنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، دەۋر مۇھىم ۋەزىپىسىنى باتۇرلۇق بىلەن زىممىگە ئېلىپ، مەدەنىيلىك جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇش، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىشقا پائال قاتنىشىپ، گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش قايناق ئەمەلىيىتىگە ئاتلىنىشقا يېتەكلەش كېرەك. «بىر بەلباغ، بىر يول» لىنىيەسى بويىدىكى دۆلەتلەر بىلەن ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىشىشنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، شىنجاڭدا ئاسىيا - ياۋروپا ئالتۇن يولى ۋە غەربكە ئېچىۋېتىشتىكى كۆۋرۈك بېشى ئىستىھكامى بەرپا قىلىشتا تېخىمۇ كۆپ نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك.
يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ شۇجىسى لى شىنىڭ شىنجاڭغا كېلىپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشى ھەم قىسمەن ئۆلكە، ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى شۇجىلىرى سۆھبەت يىغىنىنىڭ ئېچىلىشى بىزنىڭ شىنجاڭ خىزمىتىنى يەنىمۇ ياخشى ئىشلىشىمىز، بولۇپمۇ پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشىمىزدا مۇھىم يېتەكچى ئەھمىيەتكە ئىگە. باش تېما تەربىيەسىنى ئەستايىدىل قانات يايدۇرۇپ، پارتىيەنىڭ ئىلمىي نەزەرىيەسى ئارقىلىق قەلبنى مۇجەسسەملەش، روھنى تاۋلاشتا چىڭ تۇرۇپ، ئىستىلنى توغرىلاش، ئىنتىزامنى چىڭىتىش، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇشنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئالغا سىلجىتىپ، بايراق روشەن ھالدا پارتىيەنىڭ سىياسىي ئىنتىزامى ۋە سىياسىي قائىدىسىنى چىڭىتىپ، سىياسىي نازارەتچىلىكنى كونكرېتلاشتۇرۇش، تۈجۈپىلەشتۈرۈش، دائىملاشتۇرۇشنى ئۈزلۈكسىز ئالغا سىلجىتىپ، ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە كادىرلىرىنى تەربىيەلەش، تەرتىپكە سېلىشنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، ھەقىقىي تۈردە كۈچلۈك قوشۇن قۇرۇش، كادىرلارنى قاتتىق سىناقلاردىن ئۆتەلەيدىغان قىلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، شىنجاڭدا يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇش، جەمئىيەت مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا تېخىمۇ ياخشى يېتەكچىلىك ۋە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.