شىنجاڭ ئاكادېمىيە تورى
ئاپتونوم رايونلۇق دېلوغا چېتىشلىق كارخانىلارنى بەلگىلىمىگە ئۇيغۇنلاشتۇرۇش بويىچە 3 - تەرەپ نازارەت قىلىش - باھالاش مېخانىزمىنى باشقۇرۇش كومىتېتى قۇرۇلدى
يوللانغان ۋاقىت :2023-08-01 |   ئاپتور :   |   مەنبە : شىنجاڭ گېزىتى

شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 7 - ئاينىڭ 29 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋاڭ نا خەۋەر قىلىدۇ: شى جىنپىڭ ئىقتىساد ئىدىيەسى ۋە شى جىنپىڭ قانۇنچىللىق ئىدىيەسىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇپ، دېلوغا چېتىشلىق كارخانىلارنى بەلگىلىمىگە ئۇيغۇنلاشتۇرۇش ئىسلاھاتى بويىچە 3 - تەرەپ نازارەت قىلىش - باھالاش مېخانىزمىنى ئورۇنلاشتۇرما قىلىش، مۇكەممەللەشتۈرۈش ئۈچۈن، ئاپتونوم رايونلۇق دېلوغا چېتىشلىق كارخانىلارنى بەلگىلىمىگە ئۇيغۇنلاشتۇرۇش بويىچە 3 - تەرەپ نازارەت قىلىش - باھالاش مېخانىزمىنى باشقۇرۇش كومىتېتىنىڭ قۇرۇلۇش يىغىنى ھەم كەسپىي خادىملار تىزىملىكى ئامبىرىنى قۇرۇش يىغىنى 7 - ئاينىڭ 28 - كۈنى ئۈرۈمچىدە ئېچىلدى.

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، سىياسىي - قانۇن كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ۋاڭ مىڭشەن يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى.

يىغىندا مۇنداق تەلەپ قىلىندى: باش تېما تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇشنى پۇرسەت بىلىپ، ئۆگىنىش ئارقىلىق ئىستىلنى توغرىلاپ، ئۆگىنىش ئارقىلىق ئىشلەشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، خىزمەتلەرنى قېلىپلاشتۇرۇش ۋە تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى ماس ھالدا ياخشى تۇتۇپ، باشقۇرۇش كومىتېتى بىرلەشمە يىغىنى، ئىشخانا ھەم ئالاقىلەشكۈچى قاتارلىق تۈرلۈك تۈزۈم - مېخانىزملارنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، مۇكەممەللەشتۈرۈپ، 3 - تەرەپ مېخانىزمىنى كەسىپلەشتۈرۈش، قېلىپلاشتۇرۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشكە كۈچ قوشۇش كېرەك؛ ئۆتكەلنى ئىگىلەش مەسئۇلىيىتىنى ماسلىشىپ زىممىگە ئېلىپ، 3 - تەرەپ مېخانىزمىنىڭ «قوزغىتىش ئۆتكىلى» «تاللاش ئۆتكىلى» «تەكشۈرۈش ئۆتكىلى»نى ياخشى ئىگىلەش كېرەك؛ يېڭىلىق يارىتىش مەسئۇلىيىتىنى ماسلىشىپ زىممىگە ئېلىپ، 3 - تەرەپ مېخانىزمىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، جانلىق پايدىلىنىپ، شىنجاڭ خاسلىقىغا ئىگە كارخانىلارنى بەلگىلىمىگە ئۇيغۇنلاشتۇرۇش يېڭى ئۈلگىسىنى تىرىشىپ بەرپا قىلىش كېرەك.

يىغىندا مۇنداق تەلەپ قىلىندى: ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي - قانۇن ئورگانلىرىنىڭ قانۇنچىللاشقان تىجارەت - سودا مۇھىتىنى ئەلالاشتۇرۇشقا دائىر 50 ماددىلىق تەدبىرىگە بىرلەشتۈرۈپ، ماس، يۇقىرى ئۈنۈملۈك بولغان مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىش سۇپىسى قۇرۇپ، راۋان، تەرتىپلىك بولغان جازا ئىجرا قىلىشنى جىپسىلاشتۇرۇش مېخانىزمى ئورنىتىش كېرەك. 3 - تەرەپ نازارەت قىلىش - باھالاش خىزمىتىنى ھەرقايسى ئەزا ئورۇنلار ھازىر قانات يايدۇرۇۋاتقان قانۇن مۇلازىمىتى، كارخانىلارنى ئۆلچەملەشتۈرۈش قۇرۇلۇشى، كارخانىلارنىڭ ئىناۋەت سىستېمىسى قۇرۇلۇشى قاتارلىق خىزمەتلەر بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، كارخانىلارنى قانۇنغا رىئايە قىلىش، سەمىمىي بولۇشقا يېتەكلەپ، زامانىۋى كارخانا تۈزۈمى ئورنىتىشنى تېزلىتىپ، كارخانىلارنىڭ تىجارەت باشقۇرۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، كارخانىلارنىڭ ساغلام تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، شىنجاڭ ئىقتىسادىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن كۈچ قوشۇش كېرەك.

ئاپتونوم رايونلۇق دېلوغا چېتىشلىق كارخانىلارنى بەلگىلىمىگە ئۇيغۇنلاشتۇرۇش بويىچە 3 - تەرەپ نازارەت قىلىش - باھالاش مېخانىزمىنى باشقۇرۇش كومىتېتى ئاپتونوم رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسى، ئاپتونوم رايونلۇق سودا - سانائەتچىلەر بىرلەشمىسى قاتارلىق 27 ئەزا ئورۇندىن تەشكىللەنگەن.

مەنبە:

مەسئۇل مۇھەررىر: رەشىدە مامۇت