شىنجاڭ ئاكادېمىيە تورى
ئاپتونوم رايوننىڭ يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش خىزمىتى ئەھۋالى توغرىسىدا مەخسۇس تېمىدا سوئال سورىدى
يوللانغان ۋاقىت :2023-08-01 |   ئاپتور :   |   مەنبە : شىنجاڭ گېزىتى

ئاپتونوم رايونلۇق 14 - نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى 4 - يىغىنى بىرلەشمە گۇرۇپپا يىغىنى ئۆتكۈزدى

ئاپتونوم رايوننىڭ يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش خىزمىتى ئەھۋالى توغرىسىدا مەخسۇس تېمىدا سوئال سورىدى

شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 7 - ئاينىڭ 30 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاڭ لېي خەۋەر قىلىدۇ: «ئاپتونوم رايوننىڭ داڭلىق ماركا ئارقىلىق يېزا ئىگىلىكىنى كۈچەيتىش خىزمىتىنى ئالغا سىلجىتىشتا قانداق كونكرېت ۋە قاراتمىلىققا ئىگە تەدبىرلىرى بار» «ئاپتونوم رايون نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ئاخىرلاشقاندا شەكىللەنگەن تىجارەت خاراكتېرلىك مۈلۈكنى قانداق نازارەت قىلىپ باشقۇرىدۇ» «ئاپتونوم رايوننىڭ، بولۇپمۇ جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ يېزا ئىگىلىك سۇغىرىش ئۆستەڭلىرىنى يۈرۈشلەشتۈرۈش قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش جەھەتتە قانداق كونكرېت تەدبىرلەر بار»... بۇ، 7 - ئاينىڭ 27 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، ئاپتونوم رايونلۇق 14 - نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى 4 - يىغىنى بىرلەشمە گۇرۇپپا يىغىنىنىڭ ئاپتونوم رايوننىڭ يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش خىزمىتى توغرىسىدا مەخسۇس تېمىدا سوئال سوراش نەق مەيدانىدا، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى تەركىبىدىكىلەر، مەخسۇس كومىتېت تەركىبىدىكىلەر ۋە خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىدىن بولۇپ سەككىز كىشىنىڭ ھازىرقى يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش خىزمىتىگە ئالاقىدار ئەھۋاللار ۋە گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى چۆرىدەپ سورىغان سوئاللىرى.

ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى زۇمرەت ئوبۇل يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم سۆز قىلدى.

ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ھەم ئۇنىڭ ئالاقىدار فۇنكسىيەلىك تارماقلىرىدىكى مەسئۇل يولداشلار يىغىنغا قاتنىشىپ سورالغان سوئاللارغا جاۋاب بەردى، «بىر سوئالغا بىر جاۋاب» شەكلىدىكى سوئال سوراشنى قوبۇل قىلىپ ھەم كونكرېت ھەل قىلىش چارىسى ۋە ياخشىلاش تەدبىرلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسى مەردان مۇقىيىت ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىگە ۋاكالىتەن ئىپادە بىلدۈرۈپ سۆز قىلدى.

يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ خىزمەت ئورۇنلاشتۇرۇشىنى ئىزچىللاشتۇرۇشتىكى مۇھىم تەدبىر ئىكەنلىكىنى، شىنجاڭنىڭ يېزا ئىگىلىكى كۈچلۈك رايونى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىشتىكى مۇھىم ۋەزىپە ئىكەنلىكىنى، ئىقتىساد، جەمئىيەتنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىدىكى مۇھىم تىرەك ئىكەنلىكىنى چوڭقۇر تونۇش كېرەك. يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا قانۇن بويىچە تۈرتكە بولۇپ، پارتىيە رەھبەرلىكىدە باشتىن - ئاخىر چىڭ تۇرۇپ، كەسىپ تەرەققىياتى، يېزا - كەنت قۇرۇلۇشى ۋە يېزا - كەنت ئىدارە قىلىشنى يۇقىرى سۈپەتتە ئالغا سىلجىتىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى يۇقىرى سۈپەتتە مۇستەھكەملەپ ۋە كېڭەيتىپ، يېزا ئىگىلىكىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك، يۇقىرى ئۈنۈملۈك بولۇشى، يېزا - كەنتلەرنىڭ ئولتۇراقلىشىشقا، كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىشقا ماس كېلىشى، دېھقانلارنىڭ باي - باياشات بولۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش خىزمىتىدە يېڭى تېخىمۇ زور نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك.

يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: باش تېما تەربىيەسىگە زىچ بىرلەشتۈرۈپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنىڭ قانۇنچىللىق تىرىكىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، نىزام چىقىرىشنىڭ سىستېمىلىقلىقى، بىر پۈتۈنلۈكى ۋە ماسلىشىشچانلىقىنى كۈچەيتىش كېرەك؛ يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشكە بولغان نازارەتچىلىك خىزمىتى سالمىقىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش خىزمىتىدە ساقلىنىۋاتقان گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى ھەقىقىي ياخشى ھەل قىلىش كېرەك؛ يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، خەلق ئاممىسىنىڭ يېزا - كەنت كەسىپلىرى، ئىختىساسلىقلىرى، مەدەنىيىتى، ئېكولوگىيەسى قاتارلىق جەھەتلەردىكى پىكىر - تەكلىپلىرىنى كەڭ دائىرىدە ئاڭلاپ، خەلقنىڭ ساداسىغا جاۋاب قايتۇرۇشنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك.

ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرلىرىدىن لى نىڭپىڭ، توختى ياقۇپ، مۇقىيات جارمۇقامەت، دىلشات قىدىرخان، پىڭ شىنلەي، ۋاڭ گوخې، مەمتىمىن قادىر، باش كاتىپ مۇتەللىپ روزى يىغىنغا قاتناشتى.

ئاپتونوم رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ باش تەپتىشى گاۋ جىمىڭ، ئاپتونوم رايونلۇق رېۋىزىيە كومىتېتى، ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسىدىكى ئالاقىدار مەسئۇل كىشى قاتارلىقلار يىغىنغا سىرتتىن قاتناشتى.

مەنبە:

مەسئۇل مۇھەررىر: رەشىدە مامۇت