شىنجاڭ ئاكادېمىيە تورى
«1 - ئاۋغۇست»لۇق ھال سوراش خېتى
يوللانغان ۋاقىت :2023-08-01 |   ئاپتور :   |   مەنبە : شىنجاڭ گېزىتى

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق كومىتېتى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ

«1 - ئاۋغۇست»لۇق ھال سوراش خېتى

شىنجاڭدا تۇرۇشلۇق خەلق ئازادلىق ئارمىيەسىنىڭ كوماندىر - جەڭچىلىرى، قوراللىق ساقچى قىسىم ئوفىتسېر - ئەسكەرلىرى، خەلق ئەسكەرلىرى - زاپاس ھەربىيلەر، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى پېشقەدەم قىزىل ئارمىيە جەڭچىلىرى، ئارمىيەدىن دەم ئېلىشقا، پېنسىيەگە چىققان كادىرلار، قۇربان بولغان ھەربىيلەرنىڭ ئائىلە تەۋەلىرى، مېيىپ بولغان ھەربىيلەر، كەسىپ ئالماشتۇرغان، ئارمىيەدىن قايتقان، چېكىنگەن ھەربىيلەر:

جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 96 يىللىقى يېتىپ كېلىش پەيتىدە، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر مىللەت خەلققە ۋاكالىتەن بايرىمىڭلارنى تەبرىكلەيمىز ۋە سىلەردىن سەمىمىي ھال سورايمىز!

خەلق ئارمىيەسى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، يوقلۇقتىن بارلىققا كېلىپ، ئاجىزلىقتىن كۈچىيىپ، ئۇرۇش ئوتىدا تاۋلىنىپ، يول بويى بوران - چاپقۇن ۋە جەبىر - جاپالارنى باشتىن كەچۈرۈپ، جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەپ، پارتىيە ۋە خەلق ئۈچۈن قالتىس تۆھپە قوشتى، تارىخ ۋە رېئاللىق شۇنى تولۇق ئىسپاتلىدىكى: خەلق ئارمىيەمىز باشتىن - ئاخىر پارتىيە ۋە خەلق تامامەن ئىشىنىدىغان قەھرىمان ئارمىيە، دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، خەۋپسىزلىكى ۋە تەرەققىياتىنى قوغدايدىغان يىمىرىلمەس سېپىل، يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنى قۇرۇشتىكى مۇھىم كۈچ.

ئۇزاقتىن بۇيان، شىنجاڭدا تۇرۇشلۇق قىسىملار شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، شى جىنپىڭ ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، «ئىككىنى تىكلەش»نى قەتئىي قوغداپ، «ئىككىنى قوغداش»نى سادىقلىق بىلەن ئەمەلدە كۆرسىتىپ، ئارمىيەنى سىياسىي جەھەتتىن قۇرۇش، ئارمىيەنى ئىسلاھات ئارقىلىق قۇدرەت تاپقۇزۇش، ئارمىيەنى پەن - تېخنىكا ئارقىلىق قۇدرەت تاپقۇزۇش، ئارمىيەنى ئىختىساسلىقلار ئارقىلىق قۇدرەت تاپقۇزۇش، ئارمىيەنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيە ئىسلاھاتىدىن ئىبارەت ئىستراتېگىيەلىك پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ ئۇرۇشقا تەييارلىق كۆرۈپ، جەڭ قىلىپ، توغرا يولدا مېڭىپ يېڭىلىق يارىتىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، خىزمەتلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇپ، چاقىرغان ھامان كېلىدىغان، كەلگەن ھامان ئۇرۇش قىلالايدىغان، ئۇرۇشتا جەزمەن غەلىبە قىلىدىغان سەرخىل قوشۇننى بارلىققا كەلتۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىشلىرىنى ئۈزلۈكسىز ئالغا سىلجىتتى. كەڭ ئوفىتسېر - ئەسكەرلەر «بىر مېھىرلىك تۇپراقتا تۇرغان ئىكەن، شۇ جاينىڭ مۇقىملىقىنى قوغداش، شۇ جاينىڭ ئامانلىقىنى ساقلاش، شۇ جاينىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش»تەك تولۇپ تاشقان قىزغىنلىق بىلەن، شىنجاڭنىڭ ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىققا دائىر تۈرلۈك ئىشلىرىغا پائال قاتناشتى ۋە ئۇنى قوللىدى، بولۇپمۇ يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش، خەۋپ - خەتەر، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش، نامراتلارنى يۆلەش - قىيىنچىلىقى بارلارغا ياردەم بېرىش، مۇقىملىقنى قوغداش، تاسادىپىي ۋەقەلەرنى بىر تەرەپ قىلىش قاتارلىق خىزمەتلەردە ئېغىر يۈكنى باتۇرلۇق بىلەن زىممىگە ئېلىپ، ئاتاكىدا ئالدىدا مېڭىپ، جەڭگىۋار قوشۇنلۇق، زەربىدار ئەترەتلىك ۋە باشلامچىلىق رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ جەمئىيەت مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن پائال كۈچ قوشۇپ، شىنجاڭدىن ئىبارەت بۇ كەڭ تۇپراقتا ئارمىيە - ھۆكۈمەت تەڭ كۈچ چىقىرىش، ئارمىيە - خەلق قەلبداش بولۇش، ئارمىيە - يەرلىك ئوخشاش يۆنىلىشتە بولۇشتىن ئىبارەت يېڭى سەھىپىنى پۈتتى. پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى پېشقەدەم قىزىل ئارمىيە جەڭچىلىرى، ئارمىيەدىن دەم ئېلىشقا، پېنسىيەگە چىققان كادىرلار، قۇربان بولغان ھەربىيلەرنىڭ ئائىلە تەۋەلىرى، مېيىپ ھەربىيلەر ۋە كەسىپ ئالماشتۇرغان، ئارمىيەدىن قايتقان، ئارمىيەدىن چېكىنگەن ھەربىيلەر باشتىن - ئاخىر ئەسلىي مەقسىتىنى ئۆزگەرتمەي، خىسلىتىنى ئۆزگەرتمەي، ئوخشاش بولمىغان ساھە، ئوخشاش بولمىغان سەپ، ئوخشاش بولمىغان ئىش ئورۇنلىرىدا داۋاملىق نۇر چېچىپ، ھارارەت تارقىتىپ، تۆھپە قوشۇپ نەتىجە ياراتتى. بۇ يەردە سىلەرگە چىن كۆڭلىمىزدىن رەھمەت ئېيتىمىز ھەم ئالىي ئېھتىرام بىلدۈرىمىز!

بۇ يىل يەنئەن ئىككىنى ھىمايە قىلىش ھەرىكىتىنىڭ 80 يىللىقى، 80 يىلدىن بۇيان، بولۇپمۇ يېڭى دەۋردىكى 10 يىللىق ئىككىنى ھىمايە قىلىش خىزمىتى ئەمەلىيىتىدە، نۇرغۇن قىممەتلىك تەجرىبە يارىتىلدى ۋە توپلاندى. بىز ئېسىل ئەنئەنىگە ۋارىسلىق قىلىپ، دەۋر تەرەققىياتىغا زىچ ئەگىشىپ، دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيە قۇرۇلۇشىنى قەتئىي تەۋرەنمەي قوللاپ، شىنجاڭدا تۇرۇشلۇق قىسىملارنىڭ ئۇرۇشقا تەييارلىق كۆرۈشى، جەڭ قىلىشىغا كۈچلۈك، ئۈنۈملۈك مۇلازىمەت قىلىپ، قىسىملارنىڭ ئۇرۇش قىلىش جىددىي ئېھتىياجى، ۋەزىپە زۆرۈرىيىتى، ئوفىتسېر - ئەسكەرلەر جىددىي تەقەززا بولۇۋاتقان ئەمەلىي قىيىنچىلىقلارنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن ھەل قىلىپ، ئارمىيەنى ھىمايە قىلىش، ئائىلە تەۋەلىرىگە ئېتىبار بېرىش خىزمىتىنى پۇختا ياخشى ئىشلەپ، ئارمىيەدىن چېكىنگەن ھەربىيلەرگە مۇلازىمەت قىلىش ۋە ئۇلارنى كاپالەتلەندۈرۈش سىستېمىسىنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ھەربىيلىك كەسپىگە ھۆرمەت قىلىدىغان، ئارمىيەدىن چېكىنگەن ھەربىيلەرنى ھۆرمەتلەيدىغان قويۇق كەيپىياتنى پائال بەرپا قىلىپ، ئارمىيە - ھۆكۈمەت، ئارمىيە - خەلق ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىدىغان قۇدرەتلىك ئۇلۇغ كۈچنى مۇجەسسەملىشىمىز كېرەك.

بۇ يىل يەنە پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇش باشلانغان يىل، قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش يېڭى مۇساپىسىدە، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتىنى پۇختا ئالغا سىلجىتىش، جەمئىيەت مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى جاسارەت بىلەن ئىشقا ئاشۇرۇش شىنجاڭدا تۇرۇشلۇق قىسىملارنىڭ زور كۈچ بىلەن قوللىشىدىن ئايرىلالمايدۇ. بىز باش تېما تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇشنى پۇرسەت بىلىپ، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى، بولۇپمۇ شى جىنپىڭ ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئارمىيە بىلەن خەلقنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىپ، شىنجاڭدا تۇرۇشلۇق قىسىملارنىڭ پۈتۈن كۈچ بىلەن قوللىشى، پائال قاتنىشىشى ئارقىسىدا، ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ، «ئۈچ جەزمەن»نى ئەستە چىڭ ساقلاپ، بۇرچنى زىممىگە ئېلىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، نىشان - ۋەزىپىلەرنى چىڭ كۆزلەپ، توغرا يولدا مېڭىپ يېڭىلىق يارىتىشتا چىڭ تۇرۇپ، راستچىل - ئەمەلىيەتچىل بولۇپ، ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەپ، جاسارەت بىلەن ئىتتىپاق - ئىناق، ئاۋات - باي، مەدەنىي بولغان، تەرەققىي قىلغان، خاتىرجەم ياشاپ خۇشال - خۇرام ئىشلەيدىغان، ئېكولوگىيەسى ياخشى بولغان گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئارقىلىق جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن يېڭى تېخىمۇ زور تۆھپە قوشىمىز!

يولداشلارنىڭ بايرىمىغا مۇبارەك بولسۇن، تېنىڭلارنىڭ سالامەت، خىزمىتىڭلارنىڭ ئوڭۇشلۇق، ئائىلەڭلەرنىڭ بەختلىك بولۇشىغا تىلەكداشمىز!

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق كومىتېتى

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى

2023 - يىلى 7 - ئاينىڭ 31 - كۈنى

مەنبە:

مەسئۇل مۇھەررىر: رەشىدە مامۇت