شىنجاڭ ئاكادېمىيە تورى
​يۇرتداشلارنىڭ تۇرمۇشى بارغانسېرى باياشات بولىدۇ
يوللانغان ۋاقىت :2023-08-01 |   ئاپتور :   |   مەنبە : شىنجاڭ گېزىتى

يېڭىشەھەر غەربىي قوۋۇق كەنتى:
​يۇرتداشلارنىڭ تۇرمۇشى بارغانسېرى باياشات بولىدۇ


□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى جاڭ رۇيلىن، ۋېي يۇڭگۇي

   مەيىن شامال دالىنى سىيپاپ ئۆتۈپ، ئۈزۈمنىڭ خۇش ھىدىنى ئەتراپقا تاراتتى. 7 - ئاينىڭ 8 - كۈنى سەھەردىكى تۇرپان شەھىرى ئىدىقۇت رايونىنىڭ يار بازىرى يېڭىشەھەر غەربىي قوۋۇق كەنتىدە، ئاپتاپپەرەسلەر قۇياشقا قاراپ تەبەسسۇم قىلىپ تۇراتتى، ئۈزۈم شۇڭلىرى شاخ - يوپۇرماقلىرىنى يېيىپ يۇقىرىغا ياماشقانىدى، ھويلىلاردىن ئاپتوموبىللارنىڭ قوزغالغاندىكى گۈرۈلدىگەن ئاۋازى ئاڭلىنىپ تۇراتتى، مورىلاردىن ئىس كۆتۈرۈلۈپ، ئالدىراش ھەم مەنىلىك بىر كۈن باشلاندى.

    «2022 - يىلى 7 - ئاينىڭ 14 - كۈنى، باش شۇجى شى جىنپىڭ يېڭىشەھەر غەربىي قوۋۇق كەنتىگە كېلىپ كۆزدىن كەچۈردى. بىر يىلدىن بۇيان، يېڭىشەھەر غەربىي قوۋۇق كەنتىدىكى بارلىق كادىرلار، ئامما باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، كەنتتىكى كەسىپلەرنىڭ يېڭى تەرەققىياتىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولدى، كەنت قىياپىتى تېخىمۇ گۈزەللەشتى، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ كىرىمنى ئاشۇرۇپ بېيىش غەيرىتى تېخىمۇ ئاشتى، قىزغىنلىقى تېخىمۇ يۇقىرى بولدى» دېدى تۇرپان شەھەرلىك تۇرالغۇ ۋە شەھەر - يېزا قۇرۇلۇشى ئىدارىسى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى، يېڭىشەھەر غەربىي قوۋۇق كەنتى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ 1 - شۇجىسى نيې جاۋيۈ.

    نيې جاۋيۈنىڭ ئېنىق ئېسىدە قېلىشىچە: باش شۇجى شى جىنپىڭ يېڭىشەھەر غەربىي قوۋۇق كەنتىدە كۆزدىن كەچۈرگەندە نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى ياخشى مۇستەھكەملەپ ۋە كېڭەيتىپ، يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، يېزىلارنى تېخىمۇ بېيىتىش، تۇرمۇشنى تېخىمۇ بەختلىك قىلىش، يېزا - كەنتلەرنى تېخىمۇ گۈزەل قىلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك، دەپ كۆرسەتكەنىدى.

    يېڭىشەھەر غەربىي قوۋۇق كەنتىدىكى قىزىل ئانار مەدەنىيەت مەيدانىنىڭ يېنىدىكى 67 مو يەرنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشى ئاخىرلىشىش باسقۇچىغا كىرگەنىدى. ئۈزۈمزارلىققا يېڭىدىن ئۈزۈم بارىڭى ياسالغان بولۇپ، ئۈزۈم بارىڭىغا چىراغلار ئورنىتىلغان، ئۈزۈم بارىڭىنىڭ ئاستىغا سېمونت ياتقۇزۇلغانىدى، ئۈزۈمزارلىقنىڭ ئەتراپىدا ئەنجۈر، ئانار، ئاپتاپپەرەس قاتارلىق خاس ئۆسۈملۈكلەر ئۆستۈرۈلگەنىدى.

    «دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشى تاماملانغاندىن كېيىن، بۇ جاي كەنتتە يېزا ساياھەتچىلىك كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتىكى مېۋە - كۆكتات ئۈزۈش ۋە تاماشا قىلىش رايونى بولۇپ قالىدۇ، ئۈزۈم بارىڭى ئاستىدا يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى، قول ھۈنەر بۇيۇملىرىنى سېتىش نۇقتىسى ۋە مەززىلىك تائاملار ئاشخانىسى تەسىس قىلىنىدۇ. سىلەر قايتا كەلگىنىڭلاردا، بۇ جاي بىر مەنزىرە نۇقتىسىغا ئايلىنىدۇ» دېدى تۇرپان شەھەرلىك پەن - تېخنىكا ئىدارىسىنىڭ يېڭىشەھەر غەربىي قوۋۇق كەنتىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت باشلىقى رۇسۇل مەمەت مۇخبىرلارغا. 

    مەيداندىن ئانچە يىراق بولمىغان جايدا، تۇرپان سىلۇ مىڭجۇ يېزا ئىگىلىك بىيو پەن - تېخنىكا چەكلىك شىركىتى 3000 كىۋادرات مېتىر كېلىدىغان قۇرۇق ئۈزۈم پىششىقلاش ئۆلچەملەشكەن زاۋۇت ئۆيى ۋە 2000 كىۋادرات مېتىر كېلىدىغان شېكەرلەنگەن مېۋە، مېۋە شەربىتىنى ئىنچىكە پىششىقلاش زاۋۇت ئۆيى قۇرۇۋاتقان بولۇپ، قۇرۇلۇش پات ئارىدا تاماملىنىدىكەن. بۇ شىركەتنىڭ مەسئۇلى مۇنداق بىلدۈردى: يېڭى زاۋۇت ئۆيى ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەندىن كېيىن، قۇرۇق ئۈزۈم، قوغۇن قېقى قاتارلىق تۈرلۈك مەھسۇلاتلارنى يىللىق ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى بىر قاتلىنىپ، 5000 توننىدىن كۆپرەككە يەتكۈزۈلىدۇ.

    ياخشى مەھسۇلات بار بولغاندىن كېيىن، يەنە راۋان بولغان سېتىش يولى بولۇشى كېرەك. بۇ يىل، يېڭىشەھەر غەربىي قوۋۇق كەنتى شىنجاڭ سىلۇ جياۋزى ئېلېكتىرونلۇق سودا چەكلىك شىركىتىنى ماكانلىشىشقا جەلپ قىلدى، تور سۇپىسى ئارقىلىق، كەنتنىڭ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا سېتىلدى. «6 - ئاي قوغۇن سېتىلىدىغان پەسىل، قوبۇل قىلغان زاكازلار بىزنىڭ سېتىۋېلىش مىقدارىمىزدىن ئېشىپ كەتتى. بۇ بىرنەچچە كۈندە بىۋاسىتە كۆرسىتىش رىياسەتچىلىرى دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىلدى، ئەمدى زاكاز قوبۇل قىلالمايمىز.» بۇ شىركەتنىڭ باش دىرېكتورى جۇ يەنلىن مۇنداق دېدى: ھەمكارلىشىپ ئورتاق نەپ ئېلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن، شىركىتىمىز كەنت بىلەن بىرلىكتە ئېلېكتىرونلۇق سودا بىۋاسىتە كۆرسىتىش بويىچە يېتىشتۈرۈش بازىسى قۇردى، بىر يىلدىن بۇيان 20دىن كۆپرەك توردا ئالقىشلانغان بىۋاسىتە كۆرسىتىش رىياسەتچىسى يېتىشتۈرۈلدى، «توردا زاكاز كۆپ، ماللار ياندىكى ئامباردىن بىۋاسىتە تارقىتىلىدۇ، ئوراش، قاچىلاش - چۈشۈرۈش قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسىدە ئادەمگە ئېھتىياجلىق بولىمىز، نۆۋەتتە دائىملىق ئىشلىتىلىدىغان ئادەم 60تىن ئاشىدۇ، ئۇلارنىڭ ھەممىسى كەنتتىكى ئارتۇق ئەمگەك كۈچلىرى». 

    «بۈگۈنكى كۈندە، كەنتنىڭ قۇرۇلۇشى بارغانسېرى ياخشىلاندى، تەرەققىيات پۇرسىتىمۇ بارغانسېرى كۆپەيدى. يۇرتىغا قايتىپ ئىشقا ئورۇنلىشىش، ئىگىلىك تىكلەشنىڭ ئىستىقبالى ناھايىتى ياخشى.» مەكتەپنى پۈتكۈزگەندىن كېيىن يۇرتىغا قايتىپ ئىگىلىك تىكلىگەن بىۋاسىتە كۆرسىتىش رىياسەتچىسى ئاينۇرگۈل جاپپار مۇنداق دېدى: شىركىتىمىزنىڭ بىۋاسىتە كۆرسىتىش ئۆيىنىڭ ئۈسكۈنىلىرى تولۇق، بېزىلىشى چىرايلىق، كۆركەم. ھەرقايسى بىۋاسىتە كۆرسىتىش كوللېكتىپلىرى يەنە دائىم تەربىيەلىنىپ سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش پۇرسىتىگە ئېرىشەلەيدۇ، بىۋاسىتە كۆرسىتىپ مال تونۇشتۇرۇپ سېتىش دائىرىسى تۇرپان شەھىرى ئالدىن تاللىغان تۈرلۈك يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، «مەستانىلىرىمىز سانىنىڭ تېز سۈرئەتتە كۆپىيىۋاتقانلىقىنى، مال تونۇشتۇرۇپ سېتىش مىقدارىنىڭ ئۈزلۈكسىز ئېشىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، ئىشلىگەنسېرى ناھايىتى كۈچلۈك مۇۋەپپەقىيەت تۇيغۇسىغا ئىگە بولىمىز».

    يېزىلارنى تېخىمۇ بېيىتىش، تۇرمۇشنى تېخىمۇ بەختلىك قىلىش، يېزا - كەنتلەرنى تېخىمۇ گۈزەل قىلىش پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنىڭ تىرىشچانلىق كۆرسىتىشى ۋە ئەجىر سىڭدۈرۈشىدىن ئايرىلالمايدۇ.

    بىر يىلدىن بۇيان، يېڭىشەھەر غەربىي قوۋۇق كەنتى پارتىيە - ئامما مۇلازىمەت مەركىزىدىكى بارلىق خىزمەتچى خادىملار باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئۆز خىزمىتىنى يۇقىرى سۈپەتتە ياخشى ئىشلەپ، ئاممىغا قىزغىن مۇلازىمەت قىلىپ، تۈرلۈك ئىشلارنىڭ بېجىرىلىش نىسبىتى، ئاممىنىڭ رازى بولۇش دەرىجىسىنى بىردەك %100كە يەتكۈزدى. 

    «بۇ بىرنەچچە كۈندە، بىز 76 ئادەم قېتىم ئاممىنى كۈتۈۋېلىپ ئۇلارغا مۇلازىمەت قىلدۇق.» يېڭىشەھەر غەربىي قوۋۇق كەنتى كەنت ئاھالە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ھەسەنجان ئۆمەر مۇنداق دېدى: مەيلى چوڭ ئىش ياكى كىچىك ئىش بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ئامما قىيىنچىلىق ۋە مەسىلىگە يولۇقسىلا، پارتىيە - ئامما مۇلازىمەت مەركىزى ئامال - چارە تېپىپ ياردەم قىلىپ ھەل قىلىپ بېرىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، بۇ مەركەز يەنە كەنتكە ئېكسكۇرسىيە قىلىشقا كەلگەن تەتقىقات - ئۆگىنىش ئۆمەكلىرىنى كۈتۈۋېلىشقا مەسئۇل بولۇپ، يېڭىشەھەر غەربىي قوۋۇق كەنتىنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشىنىڭ يېتەكچىلىكىدە نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەش، كېڭەيتىش، يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش تەشۋىقات - تەربىيەسىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇش قاتارلىق جەھەتلەردىكى تىپىك تەجرىبىلىرىنى تونۇشتۇرىدۇ. 

    «كېيىنكى قەدەمدە، يېڭىشەھەر غەربىي قوۋۇق كەنتى پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتى ۋە بەنزە قۇرۇلۇشىنى داۋاملىق ياخشى تۇتۇپ، ئاممىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىدۇ.» نيې جاۋيۈ مۇنداق دېدى: كەسىپلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇش جەھەتتە، كەنت داۋاملىق تۈردە يېڭى كارخانىلارنى كىرگۈزۈپ، ئۈزۈمچىلىك كەسىپ زەنجىرىنى ئۈزلۈكسىز ئۇزارتىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىللە، ساياھەتچىلىك ۋە گۆش كەپتىرى باقمىچىلىقىنى تېز تەرەققىي قىلدۇرۇپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ پائال ئىگىلىك تىكلىشى، ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا تۈرتكە بولۇپ، كەنت كوللېكتىپىنىڭ كىرىمى ۋە كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئوتتۇرىچە كىرىمىنى قوش ئاشۇرۇش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرىدۇ، «بىزنىڭ نىشانىمىز يېڭىشەھەر غەربىي قوۋۇق كەنتىنى شىنجاڭنىڭ يېزا ئىگىلىكى، يېزىلارنى زامانىۋىلاشتۇرۇشىدىكى ئۈلگىلىك كەنت قىلىپ قۇرۇپ چىقىپ، باش شۇجىنىڭ ئۈمىد قىلغىنىدەك، يۇرتداشلارنىڭ تۇرمۇشىنى بارغانسېرى باياشات قىلىش».

مەنبە:

مەسئۇل مۇھەررىر: رەشىدە مامۇت