□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ليۇ دۇڭلەي ئىختىيارىي مۇخبىر ۋاڭ شۈ
7 - ئاينىڭ 9 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، قاراقاش ناھىيەسىنىڭ زاۋا بازىرى ئاياغ قوقان كەنتىدىكى ئەسلىھەلىك پارنىكتا، پارنىك تېرىقچىلىقى ئاھالىسى ئوسمان ئىمىن ئۆز ئائىلىسىدىكى گىلاسلاردا قوللىنىلغان يېڭىدىن شاخ تارتىش ئۇسۇلىغا قاراپ، چىرايىدا كۈلكە جىلۋىلەنگەن ھالدا مۇنداق دېدى: «ئىلمىي نەرسە ھەقىقەتەن ئوخشىمايدىكەن! 20 نەچچە كۈندىلا ئۆسۈش ئەھۋالى باشقىچە بولۇۋاتىدۇ، جاڭ سوجاڭ يامان ئىكەن!»
ئوسمان تىلغا ئالغان جاڭ سوجاڭ شىنجاڭ ئورمانچىلىق پەنلەر ئاكادېمىيەسى باغ - ئورمانلاشتۇرۇش، كۆكەرتىش تەتقىقات ئورنىنىڭ باشلىقى جاڭ دۇڭيا. يېقىندا، ئۇ يېتەكچىلىك قىلغان ئورمانچىلىق پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ سۈپەتنى ئۆستۈرۈپ ئۈنۈمنى ئاشۇرۇش مۇلازىمەت ئۆمىكى قاراقاش ناھىيەسىدىكى تۆت يېزا - بازاردا سىياسەت توغرىسىدا لېكسىيە سۆزلەپ، ياز پەسلىدە ئوچۇقچىلىقتا مېۋىلىك دەرەخ ئۆستۈرۈش، پەرۋىش قىلىش تېخنىكىسى، ئەسلىھەلىك مېۋىلىك دەرەخ تىكىش تېخنىكىسى بويىچە يېتەكچىلىكنى قانات يايدۇرۇپ، ئون نەچچە كۈن ۋاقىتتا، بىلىمنى قۇياش نۇرىدەك قەلب ئېتىزىغا چېچىپ، دېھقانلارنىڭ بۇ يىل كىرىم قىلىشقا بولغان ئىشەنچىنى تېخىمۇ ئاشۇردى.
جەنۇبىي شىنجاڭدا، باغ - ئورمانچىلىق شۇ جايدىكى دېھقانلار كىرىمىنىڭ ئۈچتىن بىر قىسمىنى ئىگىلەيدۇ، قىسمەن رايونلاردا ھەتتا يېرىمىدىن كۆپرەكىنى ئىگىلەيدۇ. باغ - ئورمانچىلىقنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، ئۈنۈمنى ئاشۇرۇش دېھقانلارغا نەپ يەتكۈزۈش ۋە شۇ جاينىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىدا مۇھىم، زور ئەھمىيەتكە ئىگە. بىراق، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ يېرى كەڭ، كىچىك رايون، كىچىك يەر شەكلى تۈرى كۆپ بولۇپ، قول ئۇچىدا ئىش قىلىش نەزەرىيەسى كۆپ ھاللاردا يەرلىكنىڭ تەرەققىيات ئەمەلىي ئەھۋالىغا ئۇيغۇن كەلمەيدۇ. كۆپ يىل باغ - ئورمانچىلىق تېخنىكىسى تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللانغان جاڭ دۇڭيانىڭ يەرلىكتىكىلەرنىڭ قارشى ئېلىشىغا ئېرىشىشىدىكى سەۋەب، ئۇ ۋە ئۇنىڭ كوللېكتىپىدىكىلەرنىڭ داۋاملىق شۇ جاينىڭ ئەمەلىيىتىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان تېخنىكا مۇلازىمىتى لايىھەسىنى ئوتتۇرىغا قويالايدىغانلىقىدا.
كۆپ يىللاردىن بۇيان، جاڭ دۇڭيا كوللېكتىپىدىكىلەر جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ھەرقايسى ناھىيە، شەھەرلەرنىڭ ھەممىسىگە باردى. ھەربىر جايغا بارغاندا، كوللېكتىپتىكىلەر تەدبىر قوللىنىشقا ئالدىرىماي، ئالدى بىلەن شۇ جاينىڭ تەبىئىي ئەھۋالى، كىلىماتى، جۇغراپىيەلىك قاتنىشى، دېھقانلارنىڭ كەسىپكە بولغان تونۇشى قاتارلىقلارنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى، بولۇپمۇ شۇ جايدىكى دېھقانلار باغ - ئورمانچىلىق تېرىقچىلىقىدا يولۇققان قىيىن مەسىلىلەرنى چوڭقۇر ئىگىلەپ، ئاندىن ئەمەلىي ئەھۋالغا ئاساسەن تاقابىل تۇرۇش تەدبىرلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى. «كېسەلگە قاراپ دورا بەرگەندە، ئۈنۈمى ناھايىتى ياخشى بولىدۇ، دېھقانلارمۇ سىزنىڭ ئۆزىگە مەخسۇس لايىھە تۈزۈپ بېرىۋاتقانلىقىڭىزنى ھېس قىلىدۇ، ئەھمىيەت بېرىش دەرىجىسىمۇ ئوخشاش بولمايدۇ» دېدى جاڭ دۇڭيا.
كوللېكتىپتىكىلەر شۇ جايدىكى بىكار تۇرغان پارنىكنىڭ جۇغراپىيەلىك ئورنى، تۇپراق مۇھىتى قاتارلىقلارنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ئارقىلىق، بىكار تۇرغان پارنىكتىن پايدىلىنىش يېڭى پىكىر يولى، چارىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ناھىيەلىك ھۆكۈمەتكە دېھقانلارنى پارنىكتىن پايدىلىنىپ، قوشۇلما قىممىتى يۇقىرى ئەسلىھەلىك گۈل - گىياھ، مېۋە - كۆكتات كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا، يېزا ئىگىلىك سەيلە - ساياھەت باغچىسى ۋە ئېكولوگىيەلىك مېۋە - كۆكتات ئۈزۈش باغچىسى قۇرۇلۇشى بىلەن شۇغۇللىنىشقا ئىلھاملاندۇرۇپ، تېرىقچىلىق ئائىلىلىرىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇش تەكلىپىنى بەردى.
قاراقاش ناھىيەلىك ئورمانچىلىق ۋە ئوتلاق ئىدارىسىنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن، مۇلازىمەت ئۆمىكى يەنە يېڭىيەر يېزىسىدىكى ئۈچ بىكار تۇرغان كۆچەت يېتىشتۈرۈش ئورنىغا قارىتا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى قانات يايدۇردى. بۇ بىكار تۇرغان بايلىقلار مۇلازىمەت ئۆمىكىدىكىلەرنىڭ نەزەرىدە گۆھەرگە ئايلاندى، ئۇلار ھەربىر كۆچەت يېتىشتۈرۈش ئورنىنىڭ ئوخشاش بولمىغان جۇغراپىيەلىك ئورنى، تۇپراق شارائىتى، سۇ مەنبەسى قاتارلىق ئالاھىدىلىكلىرىنى چۆرىدەپ، شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ، تۈرلەرگە ئايرىپ تەدبىر يۈرگۈزۈپ، ئايرىم - ئايرىم ھالدا مۇناسىپ ئىقتىدار ئورنى، يېتىشتۈرۈش لايىھەسىنى بېكىتىپ، كۆچەت يېتىشتۈرۈش ئورنىنىڭ ئىقتىسادىي ئۈنۈمىنى ئاشۇردى.
«كۆچەت يېتىشتۈرۈش ئورنى جەنۇبىي شىنجاڭدا ئىنتايىن مۇھىم، يەرلىكلەشتۈرۈلگەن دەرەخ تۈرلىرى بىلەن سىجىل تەمىنلەش ۋە سىرتتىن دەرەخ تۈرلىرىنى كىرگۈزۈش، ئومۇملاشتۇرۇش باغ - ئورمانچىلىقنىڭ تەرەققىيات تەننەرخى ۋە خەۋپىنى زور دەرىجىدە تۆۋەنلىتىدۇ. بىز ئىلمىي پىلانلاش ۋە تېخنىكا قوشۇش ئارقىلىق، نۆل پايدا ئېلىنىدىغان كۆچەت يېتىشتۈرۈش ئورۇنلىرىنى بەش يىل ئىچىدە يۇقىرى ئۈنۈملۈك كۆچەت يېتىشتۈرۈش ئورۇنلىرىغا ئايلاندۇرۇپ، يىللىق ئوتتۇرىچە كىرىمنى 250 مىڭ يۈەندىن ئاشۇرۇشنى پىلانلىدۇق» دېدى جاڭ دۇڭيا.
كاۋاك يېزىسى ئاچچىق كەنتىدىكى قۇملۇق تېرىقچىلىقى باغچىسىدا، جاڭ دۇڭيا ئىككى يىلغا يېقىن تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ، بۇ چۆللۈكتە زامانىۋى تېخنىكىدىن پايدىلىنىپ ئالما، قىزىل ئالۇچا، پىندىق ياڭىقى، شۇمتال، قويۇق توغراق قاتارلىق ھۆل مېۋىلىك دەرەخلەر ۋە ئىھاتە ئورمان دەرەخ تۈرلىرىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تىكتى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئورمانغا كىرىشتۈرۈپ تېرىشنى يۈرەكلىك سىناق قىلىپ، قاشقا بېدە، ئاق بۇيا، ئاچچىق پۇرچاق قاتارلىق ئىقتىسادىي ئۈنۈمگە ئىگە ئورمانغا كىرىشتۈرۈپ تېرىلىدىغان ئوت - چۆپلەرنى مۇۋەپپەقىيەتلىك يېتىشتۈرۈپ چىقىپ، سېرىق قۇمنى يېشىللىققا ئايلاندۇرۇپلا قالماي، شۇ جايدىكى دېھقانلارغا يېڭى ئىقتىسادىي ئېشىش نۇقتىسى ئېلىپ كەلدى. بۈگۈنكى كۈندە ئورمانغا كىرىشتۈرۈپ ئوت - چۆپ ئۆستۈرۈش ئارقىلىقلا ھەرمو يەردىن قىلىنغان كىرىمنى 2000 يۈەن ئاشۇرغىلى بولىدىغان بولدى.
مۇلازىمەت ئۆمىكى بىلىمنىڭ ئۆزىگىلا ئەمەس، بىلىم تارقىتىش ئۇسۇلىغىمۇ ئوخشاشلا ئەھمىيەت بەردى. چوڭقۇر مەزمۇنلۇق ۋە چۈشىنىشلىك شەكىلدە دېھقانلارغا ئىلمىي، سىستېمىلىق ھەل قىلىش ئۇسۇلىنى يەتكۈزۈش، مۇلازىمەت ئۆمىكى ئەزالىرىنىڭ زۆرۈر ماھارىتىگە ئايلاندى. «ئۇلار ئارتۇق گەپ قىلمايدۇ، ھەممىنى ئاددىي ئۇسۇلدا چۈشەندۈرىدۇ، ئىش ئاددىي بولسا، بىزمۇ ئاسان ئۆگىنىۋالىدىكەنمىز، ئاڭلاپلا چۈشىنەلەيدىكەنمىز.» ئوسماننىڭ قارىشىچە، دېھقانلارغا بىلدۈرۈشنىڭ مۇھىملىقى بىلىمنىڭ ئۆزىدىن قېلىشمايدۇ.
ئىخچام، يۇقىرى ئۈنۈملۈك سۆھبەتلىشىش جەريانىدا، جاڭ دۇڭيا ئوسماننىڭ قىزىل ئالۇچا، گىلاس كۆچىتى شېخىنى تارتىش ئۇسۇلى، تۈپ ئارىلىقىنى ساقلاش قاتارلىق جەھەتلەردە ساقلانغان مەسىلىلىرىنى نەق مەيداندا تۈزەتتى، لەنمېي ئۆستۈرۈش ۋە تۇپراقنى ياخشىلاشنىڭ ئىلغار ئۇسۇللىرىنى ئۆگەتتى، مېۋىلىك دەرەخلەردىكى كېسەللىك ۋە زىيانداش ھاشاراتلىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاش ئۇسۇلى قاتارلىقلارنى تەپسىلىي چۈشەندۈردى. «بۇ ئۇسۇللار ئارقىلىق ھەربىر پارنىكتىن قىلىنغان كىرىمنى 10 مىڭ يۈەندىن 20 مىڭ يۈەنگىچە ئاشۇرغىلى بولىدۇ، شىنجاڭ ئورمانچىلىق پەنلەر ئاكادېمىيەسى ھازىر بىزنىڭ ئۇزاق مەزگىللىك تەرەققىياتىمىزنىڭ ئارقا تىرىكى بولۇپ قالدى» دېدى ئوسمان.