21 خىل 56 تۈرلۈك خەلققە نەپ يەتكۈزۈش، يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلارغا نەپ يەتكۈزۈش مالىيە ياردەم تولۇقلىمىسى تۈرىنىڭ ھەممىسى سىستېمىغا كىرگۈزۈلۈپ تارقىتىلدى
شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 7 - ئاينىڭ 17 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى رەن خۇ خەۋەر قىلىدۇ: يېقىندا، ئۆزگەرتىش، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى تاماملىغان شىنجاڭ خەلققە نەپ يەتكۈزۈش، يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلارغا نەپ يەتكۈزۈش مالىيە ياردەم تولۇقلىمىسى مەبلىغى «ھەممىباب كارتا» تارقىتىشنى باشقۇرۇش ئۇچۇر سىستېمىسى (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ يېڭى «ھەممىباب كارتا» سىستېمىسى دېيىلىدۇ) رەسمىي تورغا چىقىرىلىپ يۈرۈشتۈرۈلدى، 21 خىل 56 تۈرلۈك خەلققە نەپ يەتكۈزۈش، يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلارغا نەپ يەتكۈزۈش مالىيە ياردەم تولۇقلىمىسى تۈرىنىڭ ھەممىسى بۇ سىستېمىنىڭ تارقىتىش دائىرىسىگە كىرگۈزۈلدى.
يېڭى «ھەممىباب كارتا» سىستېمىسىدا تارماقلار كىرگۈزۈش، بانكا چىقىم قىلىش، دېھقان ئائىلىلىرى تەكشۈرۈش، مالىيە نازارەتچىلىكىدىن ئىبارەت پۈتۈن جەريانلىق نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش ئەندىزىسى شەكىللەندۈرۈلۈپ، مالىيە ياردەم تولۇقلىمىسى مەبلىغى تارقىتىشنىڭ پۈتۈن جەريانىنى قاپلىغان «تۈزۈم + پەن - تېخنىكا» نازارەت قىلىش مېخانىزمى بەرپا قىلىنىپ، ياردەم تولۇقلىمىسى مەبلىغىنىڭ ئاشكارا تارقىتىلىشى ۋە ئاشكارا نازارەت قىلىنىشى - باشقۇرۇلۇشى ئىشقا ئاشۇرۇلدى.
شىنجاڭ خەلققە نەپ يەتكۈزۈش، يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلارغا نەپ يەتكۈزۈش مالىيە ياردەم تولۇقلىمىسى مەبلىغى «ھەممىباب كارتا» سىنى مەخسۇس تۈزەش خىزمىتىنى ماسلاشتۇرۇش گۇرۇپپىسى ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى، ئاپتونوم رايونلۇق مالىيە نازارىتىنىڭ مۇئاۋىن نازىرى جۇ نيەن مۇنداق دەپ تونۇشتۇردى: يېڭى «ھەممىباب كارتا» سىستېمىسىنىڭ رەسمىي تورغا چىقىرىلىشىغا ئەگىشىپ، ھازىر بار بولغان بىرلا خىل مالىيە باشقۇرۇش ئەندىزىسى مالىيە بىلەن كەسىپنى ئاساسلىق باشقۇرغۇچى ئورۇنلارنىڭ توغرا يۆنىلىشلىك نازارەت قىلىشى - باشقۇرۇشى ۋە ئاپتونوم رايون، ۋىلايەت - ئوبلاست - شەھەر، ناھىيە - شەھەر - رايون، يېزا - بازارلارنىڭ تىك يۆنىلىشلىك نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش بىرلەشتۈرۈلگەن ئەندىزىگە ئۆزگەرتىلىپ، قاتلام - دەرىجە ھالقىغان، تارماق ھالقىغان، كەسىپ ھالقىغان ھەمكارلىشىپ باشقۇرۇش ۋە مۇلازىمەت قىلىش ئىشقا ئاشۇرۇلۇپ، مەسئۇل تارماقلار «تىزىملىك تۈزۈش، سانلىق مەلۇمات كىرگۈزۈش»، مالىيە تارماقلىرى «پۇل ئاجرىتىشنى تەكشۈرۈپ بېكىتىش، تارقىتىشنى نازارەت قىلىش»، پۇل مۇئامىلە تارماقلىرى «ئەلا مۇلازىمەت قىلىش، تېز نەقلەشتۈرۈش»تىن ئىبارەت ئۇچۇرلاشتۇرۇشقان تەرتىپ شەكىللەندۈرۈلدى.
جۇ نيەن مۇنداق بىلدۈردى: يېڭى «ھەممىباب كارتا» سىستېمىسى تورغا چىقىرىلغاندىن كېيىن، پۈتۈن شىنجاڭدا «بىر تىزىملىك ئارقىلىق باشقۇرۇش تۈزۈمى» «بىر سۇپا ئارقىلىق تارقىتىشنى باشقۇرۇش» خىزمەت نىشانى ئىشقا ئاشۇرۇلدى، يېڭى «ھەممىباب كارتا» سىستېمىسى بىلەن خامچوت باشقۇرۇش بىر گەۋدىلەشكەن سىستېمىسى يوچۇقسىز ئۇدۇللاشتۇرۇلۇپ، خەلققە نەپ يەتكۈزۈش، يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلارغا نەپ يەتكۈزۈش مالىيە ياردەم تولۇقلىمىسى مەبلىغىنى پۈتۈن جەريانلىق يېپىق ھالقىلىق باشقۇرۇش شەكىللەندۈرۈلدى، مالىيە - بوغالتىرلىق نازارەتچىلىكى بىلەن ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە نازارەتچىلىكى، ئىقتىسادىي تەپتىش نازارەتچىلىكى ۋە ئامما نازارەتچىلىكىنىڭ «ھەممىباب كارتا» ساھەسىدىكى ماسلىشىشى ۋە تۇتاشتۇرۇلۇشى بىرقەدەر ياخشى ئىشقا ئاشۇرۇلدى. «بۇ خىزمەتتە بىزنىڭ شىنجاڭ مەملىكەت بويىچە ئالدىنقى قاتاردا ماڭدى» دېدى جۇ نيەن.
ئىگىلىنىشىچە، يېڭى «ھەممىباب كارتا» سىستېمىسى پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى 14 ۋىلايەت (ئوبلاست، شەھەر)، 96 ناھىيە (شەھەر، رايون)نى قاپلىغان. ھازىرغىچە، مەنپەئەتلەنگەن ئاممىنىڭ ئاساسىي ئۇچۇرىدىن جەمئىي 8 مىليون 120 مىڭ 700ى توپلىنىپ، 33 مىليارد 84 مىليون يۈەن تۈرلۈك ياردەم تولۇقلىمىسى مەبلىغى ۋاقتىدا، دەل جايىدا، تولۇق تارقىتىلىپ، 4 مىليون 118 مىڭ 200 ئامما مەنپەئەتلەنگەن.
تونۇشتۇرۇلۇشىچە، «شىنجاڭ خەلققە نەپ يەتكۈزۈش، يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلارغا نەپ يەتكۈزۈش مالىيە ياردەم تولۇقلىمىسى مەبلىغى <ھەممىباب كارتا> ئۇچۇرىنى سۈرۈشتۈرۈش» ئىككىلىك كودىمۇ رەسمىي ئىشلىتىلىشكە باشلىغان. كەڭ خەلققە نەپ يەتكۈزۈش، يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلارغا نەپ يەتكۈزۈش مالىيە ياردەم تولۇقلىمىسى تۈرىدىن نەپكە ئېرىشكەن كەڭ ئامما يان تېلېفونى ئارقىلىق ئىككىلىك كودنى سىكاننېرلىسىلا، ئاپتونوم رايوننىڭ تۈرلۈك خەلققە نەپ يەتكۈزۈش، يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلارغا نەپ يەتكۈزۈش مالىيە ياردەم تولۇقلىمىسى سىياسىتىنى بىلەلەيدىكەن، ئۆزىنىڭ يېقىنقى ئۈچ يىللىق ياردەم تولۇقلىمىسىنى ئېلىش ئىنچىكە ھېساباتىنى سۈرۈشتە قىلالايدىكەن.