جاڭ چۇنلىن ئۈرۈمچى شەھىرى، ئالتاي ۋىلايىتىدە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندا مۇنداق تەكىتلىدى
بىخەتەر قۇرۇلۇش قىلىش، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى كۈچەيتىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا كۈچ قوشۇش كېرەك
شىنجاڭ گېزىتى، ئالتاي، 7 - ئاينىڭ 29 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ليۇ شياڭ خەۋەر قىلىدۇ: 7 - ئاينىڭ 26 - كۈنىدىن 28 - كۈنىگىچە، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى جاڭ چۇنلىن ئۈرۈمچى شەھىرى، بۇرۇلتوقاي ناھىيەسى، ئالتاي شەھىرىدە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ ئۈرۈمچى ئولىمپىك تەنتەربىيە مەركىزى، جۇڭگو نېفىت - تەبىئىي گاز گۇرۇھى قارامايلى گازلىقى، شىنجاڭ ۋاڭيۈەن بىيو پەن - تېخنىكا گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى، G681 لىنىيەسى ئالتاي - قۇمقاناس تاشيول قۇرۇلۇشى تۈرىنىڭ قۇرۇلۇش نەق مەيدانى، ئالتاي كەسپىي تېخنىكا شۆيۈەنى قاتارلىق جايلارغا بېرىپ، قۇرۇلۇش تۈرلىرىنىڭ قۇرۇلۇش ئەھۋالى، كارخانىلارنىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش ھەم مەكتەپلەرنىڭ مائارىپ ئوقۇتۇشى قاتارلىق خىزمەتلەرنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى.
جاڭ چۇنلىن مۇنداق تەكىتلىدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، تەرەققىيات بىلەن خەۋپسىزلىكنى بىرتۇتاش ياخشى پىلانلاپ، تۆۋەن چەك تەپەككۇرىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، مەسئۇلىيەت زەنجىرىنى چىڭىتىپ، بىخەتەرلىك مۇداپىئە سېپىنى ھەقىقىي مۇستەھكەملەپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك بىخەتەرلىك ئارقىلىق يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. سىستېما تەپەككۇرىدا چىڭ تۇرۇپ، مەسىلە يۆنىلىشىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، بىرنى بىلىش ئارقىلىق باشقىلىرىنىمۇ بىلىپ، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش ئىبرەت تەربىيەسى بويىچە تەربىيەلەشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، كەسىپكارلارنىڭ بىخەتەرلىك مەسئۇلىيەت ئېڭى ۋە جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش - بىر تەرەپ قىلىش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىش كېرەك. بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش قائىدە - تۈزۈمى ۋە مەشغۇلات قائىدىسىنى قاتتىق ئىجرا قىلىپ، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى ئۆلچەملەشتۈرۈش، قېلىپلاشتۇرۇشنى ھەربىر ھالقا، ھەربىر ئىش ئورنىغىچە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش ئاساسىنى ئومۇميۈزلۈك پۇختىلاش كېرەك. قۇرۇلۇش نەق مەيدانىنىڭ بىخەتەرلىكىنى نازارەت قىلىش - باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، تۈرلۈك خەۋپ - خەتەر يوشۇرۇن خەۋپلىرىنى چوڭقۇر، ئىنچىكە بىرمۇبىر تەكشۈرۈپ تۈزەپ، تۈرنىڭ بىخەتەر، ئوڭۇشلۇق ئالغا سىلجىتىلىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. پارتىيەنىڭ مائارىپ خىزمىتىگە بولغان ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى كۈچەيتىپ، ئەخلاق ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەشتىن ئىبارەت تۈپ ۋەزىپىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىدىيەۋى - سىياسىي خىزمەتنى مائارىپ ئوقۇتۇشىنىڭ پۈتۈن جەريانىغا سىڭدۈرۈپ، دۆلەت ئورتاق تىل - يېزىقى مائارىپ ئوقۇتۇشى ۋە ئومۇملاشتۇرۇش، ئىشلىتىشنى سىجىل كۈچەيتىپ، ئاپتونوم رايوننىڭ «سەككىز چوڭ كەسىپ توپى» قۇرۇلۇشىغا زىچ بىرلەشتۈرۈپ، پەن، كەسىپ قۇرۇلمىسىنى ئەلالاشتۇرۇپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتىنى ئالغا سىلجىتىشنى پۇختا ئىختىساسلىقلار تىرىكى بىلەن تەمىنلەش كېرەك.