شىنجاڭ ئاكادېمىيە تورى
ئاپتونوم رايون پارتىيە سىرتىدىكى ئاكادېمىكلار، مۇتەخەسسىسلەر، چەت ئەلدە ئوقۇۋاتقانلار دۆلەت ئەھۋالىنى تەكشۈرۈش مۇلازىمەت ئۆمىكىدىكىلەر بىلەن سۆھبەت يىغىنى ئۆتكۈزدى
يوللانغان ۋاقىت :2023-07-31 |   ئاپتور :   |   مەنبە : شىنجاڭ گېزىتى

​ما شىڭرۇي سۆز قىلدى​

ئەركىن تۇنىياز رىياسەتچىلىك قىلدى   زۇمرەت ئوبۇل، نۇرلان ئەبىلمەجىن، جاڭ چۇنلىن قاتناشتى

شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 7 - ئاينىڭ 29 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋاڭ شىڭرۇي خەۋەر قىلىدۇ: يېقىندا، مەركىزىي كومىتېت بىرلىك سەپ بۆلۈمى تەشكىللەنگەن پارتىيە سىرتىدىكى ئاكادېمىكلار، مۇتەخەسسىسلەر ۋە چەت ئەلدە ئوقۇۋاتقانلار دۆلەت ئەھۋالىنى تەكشۈرۈش مۇلازىمەت ئۆمىكى شىنجاڭغا كېلىپ خىزمەتلەرنى قانات يايدۇردى. 7 - ئاينىڭ 29 - كۈنى، ئاپتونوم رايون تەكشۈرۈش مۇلازىمەت ئۆمىكىدىكىلەر بىلەن سۆھبەت يىغىنى ئۆتكۈزدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ما شىڭرۇي يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى.

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى زۇمرەت ئوبۇل، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى نۇرلان ئەبىلمەجىن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى جاڭ چۇنلىن يىغىنغا قاتناشتى.

سۆھبەت يىغىنىدا، تەكشۈرۈش مۇلازىمەت ئۆمىكىنىڭ ئۆمەك باشلىقى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ سابىق مۇئاۋىن باشلىقى گاۋ خۇڭجۈن تەكشۈرۈش مۇلازىمەت ئۆمىكىنىڭ شىنجاڭغا كېلىپ خىزمەت قىلىش ئەھۋالىنى تونۇشتۇردى ھەم شىنجاڭنىڭ پەن - تېخنىكا خىزمىتى توغرىسىدا پىكىر - تەكلىپ بەردى. ئۇ مۇنداق بىلدۈردى: تەكشۈرۈش مۇلازىمەت ئۆمىكى بۇ قېتىم شىنجاڭغا كېلىپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، شىنجاڭنىڭ كەسىپلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش، يۇقىرى سەۋىيەلىك ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىشتىكى جانلىق ئەمەلىيىتى، ئىشقا ئورۇنلىشىشقا كاپالەتلىك قىلىش، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئىتتىپاقلىشىپ تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى غايەت زور نەتىجىلىرى، ئىختىساسلىقلارنى كىرگۈزۈش - يېتىشتۈرۈشنى يۇقىرى سەۋىيەدە قانات يايدۇرۇش، پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشتىكى كۆرۈنەرلىك نەتىجىلىرىنى نەق مەيداندا ئىگىلەپ، گۈللەپ ياشناۋاتقان، ئىتتىپاق ۋە ئىناق بولغان تەرەققىيات مەنزىرىسىنى كۆرۈپ، شىنجاڭنىڭ ھاياتىي كۈچى، جەلپكارلىقى، يوشۇرۇن كۈچىنى چوڭقۇر ھېس قىلدى. ھەرقايسى ئاكادېمىكلار، مۇتەخەسسىسلەر، چەت ئەلدە ئوقۇۋاتقانلار كەسپىي ئارتۇقچىلىقىنى جارى قىلدۇرۇپ، بىرىنچى سەپكە چوڭقۇر چۆكۈپ مەسلىھەت بېرىش، مۇلازىمەت قىلىش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇپ، كېيىنكى قەدەمدە شىنجاڭ بىلەن بولغان ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىشىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا ياخشى ئاساس سالدى. شىنجاڭنىڭ ئىختىساسلىقلارنى كىرگۈزۈشنى يەنىمۇ كۈچەيتىشىنى، بولۇپمۇ تېخىمۇ كۆپ يۇقىرى سەۋىيەلىك ئىختىساسلىقلارنى ئالىي مەكتەپ، پەن تەتقىقات ئورۇنلىرى قاتارلىق جايلارغا بېرىپ خىزمەت قىلىشقا جەلپ قىلىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك ئوقۇتۇش، پەن تەتقىقات ئېھتىياجىنى قاندۇرۇشىنى؛ مۇنەۋۋەر ئىختىساسلىقلارنىڭ تەرەققىياتىنى يەنىمۇ قوللاپ، تېخىمۇ زور سالماق، تېخىمۇ ئەمەلىي تەدبىرلەر ئارقىلىق پەن تەتقىقات خىراجىتى، پەن تەتقىقات سۇپىسى، يانداش سىياسەت جەھەتتە زور كۈچ بىلەن قوللىشىنى؛ شىنجاڭدىكى ئالىي مەكتەپلەر، پەن تەتقىقات ئورۇنلىرىنىڭ دۆلەتنىڭ پەن تەتقىقات ئاپپاراتلىرى بىلەن بولغان چوڭقۇر ھەمكارلىقىنى يەنىمۇ زورايتىپ، شىنجاڭنىڭ پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ئومۇمىي سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشكە كۈچ قوشۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ ئاكادېمىكى ۋۇ شياڭپىڭ، بېيجىڭ شەھەرلىك قۇرۇلۇش لايىھەلەش تەتقىقات ئورنىنىڭ باش بىناكارلىق ئۇستىسى، باش پىلانلىغۇچىسى، پايتەخت پولات - تۆمۈر گۇرۇھىنىڭ باش بىناكارلىق ئۇستىسى ۋۇ چېن، گوۋۇيۈەننىڭ مەسلىھەتچىسى تاڭ مىن، جۇڭگو - ياۋروپا بىرلەشمە مەبلەغ سېلىش چەكلىك شىركىتىنىڭ مۇئاۋىن باش مۇدىرى گاۋ جىكەي، چىڭخۇا داشۆ ۋۇداۋكوۋ پۇل مۇئامىلە شۆيۈەنىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى تيەن شۈەن، جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسى ئۆسۈملۈك تەتقىقات ئورنىنىڭ تەتقىقاتچىسى ليۇ گۇڭشې، جياڭسۇ رىتو يورۇقلۇق ۋولت پەن - تېخنىكا پاي چەكلىك شىركىتىنىڭ باش مۇدىرى جاڭ فېڭمىڭ، جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ ئاكادېمىكى جياڭ جيې، بېيجىڭ داشۆ خەلقئارا دوختۇرخانىسىنىڭ دوختۇرخانا باشلىقى ياردەمچىسى جاڭ چى ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ سۆز قىلىپ، شىنجاڭدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ئەھۋالى ۋە ئۆز كەسپىي ساھەسىگە بىرلەشتۈرۈپ، پىكىر ۋە قاراشلىرىنى كەڭ - كۇشادە بايان قىلدى ھەم خەلقئارا پەن - تېخنىكا ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىشىشتىن پايدىلىنىپ، شىنجاڭنىڭ خەلقئارا ئوبرازىنى ئۆستۈرۈش، ئۈرۈمچى شەھىرى، قەشقەر شەھىرى، غۇلجا شەھىرىگە تايىنىپ، زامانىۋىلاشقان شەھەر توپى بەرپا قىلىش، سىرتقا يۈزلەنگەن ئىقتىسادنى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇرۇپ، سىرتقا ئېچىۋېتىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش، شۇ جايدىكى يېزا - كەنتلەردە ئىگىلىك تىكلەش ئىختىساسلىقلىرى ۋە يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش باشلامچىلىرىنى تېز يېتىشتۈرۈش، كۆپ خىل يول، كۆپ خىل شەكىللەر ئارقىلىق شىنجاڭ ھېكايىسىنى ياخشى سۆزلەش، پۇل مۇئامىلە تەمىناتىنى ئەلالاشتۇرۇپ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا كۈچ قوشۇش، ئوت - چۆپ ئۇرۇقى جەھەتتىكى بوغۇق نۇقتىلاردا بۆسۈش ھاسىل قىلىپ، ئوتلاق چارۋىچىلىقىنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش، شىنجاڭنىڭ يورۇقلۇق ۋولت كەسپىنى يېشىل تەرەققىي قىلدۇرۇش قاتارلىقلارنى چۆرىدەپ كونكرېت تەكلىپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى. ما شىڭرۇي ئۇلار بىلەن پات - پات پىكىر ئالماشتۇرۇپ، كۆپچىلىك ئوتتۇرىغا قويغان توغرا ھەم ئېنىق كۆزقاراشلارنى يۈكسەك مۇئەييەنلەشتۈردى، ئۇلارنىڭ كەسپىي ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ نۇقتىلىق خىزمەتلەرنى تېخىمۇ ياخشى پىلانلىشى، قانات يايدۇرۇشىغا ياردەم بېرىپ ۋە يېتەكچىلىك قىلىپ، مۇھىم، زور تۈرلەرنى يولغا قويۇشقا تۈرتكە بولۇپ، قىممەتلىك تەكلىپلەرنى كونكرېت خىزمەت تەدبىرلىرىگە ۋە ئەمەلىي خىزمەت ئۈنۈمىگە ئايلاندۇرۇشىنى ئۈمىد قىلدى.

ما شىڭرۇي ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەتكە ۋاكالىتەن، مەركىزىي كومىتېت بىرلىك سەپ بۆلۈمىنىڭ شىنجاڭ خىزمىتىگە باشتىن - ئاخىر كۆڭۈل بۆلگەنلىكى ۋە قوللىغانلىقىغا، ھەرقايسى ئاكادېمىكلار، مۇتەخەسسىسلەر، چەت ئەلدە ئوقۇۋاتقانلارنىڭ شىنجاڭغا چوڭقۇر چۆكۈپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغانلىقى ۋە چارە - تەدبىر كۆرسەتكەنلىكىگە رەھمەت ئېيتتى. ئۇ مۇنداق بىلدۈردى: شىنجاڭ خىزمىتى پارتىيە ۋە دۆلەت خىزمىتى پۈتۈن ۋەزىيىتىدە ئالاھىدە مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنغا ئىگە. باش شۇجى شى جىنپىڭ ئۆزى شىنجاڭ ئۈچۈن ئۇلۇغۋار پىلان تۈزۈپ، يۆنىلىشنى كۆرسىتىپ بېرىپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى بېكىتىپ، بىزنىڭ ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىققا دائىر تۈرلۈك ئىشلارنى ئالغا سىلجىتىشىمىزنى تۈپ قوللانما بىلەن تەمىنلىدى. شىنجاڭ باش شۇجىنىڭ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇشنىڭ ئۈنۈملۈك چارىسى ئۈستىدە ئۈزلۈكسىز ئىزدىنىپ، ئەبەدىي ئەمىنلىككە مۇناسىۋەتلىك نېگىزلىك، ئۇللۇق، ئۇزاق مەزگىللىك خىزمەتلەرنى پۇختا ئالغا سىلجىتتى، بولۇپمۇ يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش ئىستراتېگىيەسىنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، يېڭىلىق يارىتىشچان شىنجاڭ قۇرۇلۇشىنىڭ ئۈزلۈكسىز چوڭقۇر بولۇشى، پۇختا بولۇشىغا تۈرتكە بولدى. يېڭى مۇساپىدە جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتىنى ئالغا سىلجىتىش مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك پۇرسەت مەزگىلىگە دۇچ كەلدى، ھەرقايسى ئاكادېمىكلار، مۇتەخەسسىسلەر، چەت ئەلدە ئوقۇۋاتقانلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھەرقايسى تەرەپلەردىكى كۈچلەرنىڭ پائال قاتنىشىشى، زور كۈچ بىلەن قوللىشىغا ئېھتىياجلىق. بۇ قېتىم شىنجاڭغا كېلىپ، كۆپچىلىك تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىغا، ئاساسىي قاتلامنىڭ بىرىنچى سېپىگە چوڭقۇر چۆكۈپ تەكشۈرۈپ، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنىڭ شىنجاڭدىكى جانلىق ئەمەلىيىتىگە قارىتا تېخىمۇ چوڭقۇر تونۇشقا ئىگە بولدى. كۆپچىلىكنىڭ شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتىنى داۋاملىق قوللاپ، دۆلەتنىڭ مۇھىم، زور ئىستراتېگىيەلىك ئېھتىياجى ۋە رايون ئىقتىسادى، جەمئىيىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا مۇلازىمەت قىلىشنى چۆرىدەپ، پەن - تېخنىكا كۈچلىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇش، يېڭىلىق يارىتىش سۇپىسى قۇرۇش، ئاچقۇچلۇق، يادرولۇق تېخنىكا ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش، پەن - تېخنىكا نەتىجىلىرىنى ئايلاندۇرۇش قاتارلىق جەھەتلەردە شىنجاڭ بىلەن بولغان ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىشىشنى كۈچەيتىپ، شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى كۈچلۈك تىرەك بىلەن تەمىنلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز. كۆپچىلىكنىڭ دائىم شىنجاڭغا كېلىپ تەكشۈرۈپ، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، پىكىر ئالماشتۇرۇپ، زىيارەت قىلىپ، خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلىشىمىزنى تېخىمۇ كۆپ پايدىلىق تەجرىبە، كۈچلۈك يېتەكچىلىك بىلەن تەمىنلەپ، گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىشقا تېخىمۇ ياخشى كۈچ قوشۇشىنى قىزغىن قارشى ئالىمىز.

سۆھبەت يىغىنىدا، مەركىزىي كومىتېت بىرلىك سەپ بۆلۈمىنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرىدىكى مەسئۇل يولداشلار تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش مۇلازىمەت ئۆمىكى ئېرىشكەن ھاسىلاتلارنى خۇلاسىلەپ مۇنداق بىلدۈردى: ئاساسىي قاتلامدىكى نەق مەيدانلارغا ۋە كەسىپنىڭ بىرىنچى سېپىگە چوڭقۇر چۆكۈش ئارقىلىق، شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا پۈتۈن كۈچ بىلەن تۈرتكە بولۇشتا پائال نەتىجە ياراتقانلىقىنى تولۇق ھېس قىلدۇق، بىلىمگە ھۆرمەت قىلىش، ئىختىساسلىقلارغا ھۆرمەت قىلىش، پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تۈرتكە بولۇش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇشتىكى جانلىق ئەمەلىيىتىنى تولۇق ھېس قىلدۇق، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ خاتىرجەم ياشاپ خۇشال - خۇرام ئىشلەۋاتقان بەختلىك تۇرمۇشىنى تولۇق ھېس قىلدۇق. ھەرقايسى ئاكادېمىكلار، مۇتەخەسسىسلەر يېڭى ئېنېرگىيە كەسپى، ئېكولوگىيە - مۇھىت، كونا شەھەرنى قوغداش، مەدەنىيەت - ساياھەت، يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش، چوڭ سانلىق مەلۇمات تېخنىكىسى قاتارلىقلارنى چۆرىدەپ پائال چارە - تەدبىر كۆرسىتىپ، كۆپ تۈرلۈك كەسىپلەرنى ئۇدۇللاشتۇرۇش، تېخنىكىنى ئايلاندۇرۇش، ئىختىساسلىقلارنى ئالماشتۇرۇش قاتارلىق جەھەتلەردە ھەمكارلىق مۇددىئانامىسى ھاسىل قىلدى. شىنجاڭدىكى ئالاقىدار تەرەپلەر بىلەن بىرلىكتە ئىز قوغلاپ مۇلازىمەت قىلىش ۋە ئىنچىكە ئۇدۇللاشتۇرۇشنى ياخشى ئىشلەپ، بالدۇرراق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئەمەلىي ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرىمىز.

جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ ئاكادېمىكلىرىدىن جاڭ ۋېيخۇڭ، چېن شيەنخۇي، جاڭ دۇڭخۇي ۋە جۇڭگو ئىنژېنېرلار ئاكادېمىيەسىنىڭ ئاكادېمىكلىرىدىن لى ۋېي، شى بى، گاۋ زۇڭيۈ، ئالاقىدار مۇتەخەسسىس، ئالىملار؛ چېن ۋېيجۈن، ئېلزات ئەخمەتجان، سۈن خۇڭمېي، ۋاڭ گاڭ، شۈ شيەنيى، ئاپتونوم رايوندىكى ئالاقىدار تارماقلار ۋە ئورۇنلاردىكى ئاساسلىق مەسئۇل يولداشلار سۆھبەت يىغىنىغا قاتناشتى.

مەنبە:

مەسئۇل مۇھەررىر: رەشىدە مامۇت