لى شى شىنجاڭدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندا مۇنداق تەكىتلىدى
شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، تولۇق ئۆزلەشتۈرۈپ، ئۆگىنىش ئارقىلىق ئىشلەشنى ئىلگىرى سۈرۈشتە ئەمەلىي ئۈنۈم ھاسىل قىلىش كېرەك
7 - ئاينىڭ 25 - كۈنىدىن 29 - كۈنىگىچە، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ شۇجىسى لى شى شىنجاڭدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى. سۈرەتتە: 7 - ئاينىڭ 26 - كۈنى، لى شى ۋۇجياچۈ شەھىرىدە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلماقتا. □شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى جەي جيەنلەن فوتوسى
شىنخۇا ئاگېنتلىقى، ئۈرۈمچى، 7 - ئاينىڭ 29 - كۈنى تېلېگراممىسى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ شۇجىسى لى شى 7 - ئاينىڭ 25 - كۈنىدىن 29 - كۈنىگىچە شىنجاڭغا كېلىپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە ئورگانلىرى باش تېما تەربىيەسى ۋە تەربىيەلەش، تەرتىپكە سېلىشنى سىجىل، چوڭقۇر ياخشى تۇتۇپ، قەتئىي بوشاشماي شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ئارقىلىق كاللىنى قوراللاندۇرۇپ، ئەمەلىيەتكە يېتەكچىلىك قىلىپ، خىزمەتلەرگە تۈرتكە بولۇپ، ئۆگىنىش، پىكىر يۈرگۈزۈش، قوللىنىشنى تۇتاشتۇرۇش، بىلىش، ئىشىنىش، قىلىشنى بىرلىككە كەلتۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىپ، ئىشلەش يۆنىلىشىنى توغرىلاپ، ئىشلەش ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى ئاشۇرۇپ، ئىشلەش بىرىكمە كۈچىنى شەكىللەندۈرۈپ، «ئىككىنى تىكلەش»نى قەتئىي ھىمايە قىلىش، «ئىككىنى قوغداش»نى قەتئىي ئىشقا ئاشۇرۇشنى مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىش، مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىشتىكى ئەمەلىي ھەرىكىتىدە نامايان قىلىشى كېرەك.
لى شى ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ ئۈرۈمچى شەھەرلىك مۇقىملىقنى قوغداش قوماندانلىق مەركىزى، نەنسەن چارۋىچىلىق مەيدانى، شىنجاڭ ئۇيغۇر دورىگەرلىك شىركىتى، ۋۇجياچۈ شەھىرى يىنفېڭ يېزا ئىگىلىك جابدۇقلىرى شىركىتى ۋە قابا ناھىيەسىنىڭ بەيخابا كەنتى، بۇرچىن ناھىيەسىنىڭ قۇم كەنتى قاتارلىق جايلارغا بېرىپ، شىنجاڭنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتى ئەھۋالىنى نەق مەيداندا تەكشۈرۈپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مىللەتلەر خىزمىتىنى كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاش توغرىسىدىكى مۇھىم ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ھېس قىلدى، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنىڭ شىنجاڭ تۇپرىقىدىكى جانلىق ئەمەلىيىتىنى ھېس قىلدى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش يېڭى مۇساپىسىدە ياخشى مېڭىش ھەر مىللەت خەلقنىڭ قەلب ۋە كۈچنى مۇجەسسەملەپ، ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىشىدىن ئايرىلالمايدۇ. ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە ئورگانلىرى دىققەتنى جەمئىيەت مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملەپ، بايرىقى روشەن ھالدا بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشى ئىنتىزامىنى چىڭىتىپ، شىنجاڭنى مۇقىم قىلىپ شىنجاڭنى گۈللەندۈرۈش، خەلققە نەپ يەتكۈزۈپ خەلقنى بېيىتىش سىياسەتلىرىنىڭ ئەمەلىيلىشىش ئەھۋالىنى نازارەت قىلىش - تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىپ، ئاممىنىڭ مەنپەئىتىگە زىيان يەتكۈزىدىغان گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى قەتئىي تۈزەپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرۇپ، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشۇپ، بىرلىكتە گۈزەل تۇرمۇش يارىتىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك.
ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، رېۋىزىيە كومىتېتىدا، لى شى باش تېما تەربىيەسى ۋە تەربىيەلەش، تەرتىپكە سېلىشنى ئالغا سىلجىتىش ئەھۋالىنى چوڭقۇر ئىگىلىدى ھەم بىر قىسىم ئۆلكە، ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى شۇجىلىرى سۆھبەت يىغىنىنى ئاچتى. ئۇ مۇنداق كۆرسەتتى: شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئۆگىنىشتىكى مەقسەت پۈتۈنلەي قوللىنىش، بۇ مۇھىم ئىدىيەنى سۇبيېكتىپ دۇنيا ۋە ئوبيېكتىپ دۇنيانى ئۆزگەرتىدىغان كۈچلۈك ئىدىيەۋى قورالغا ئايلاندۇرۇشتىن ئىبارەت. ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە ئورگانلىرى يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدىكى پارتىيەنىڭ بۇرچى، ۋەزىپىسىنى پۇختا ئىگىلەپ، دىققەتنى «دۆلەتنىڭ چوڭ ئىشى»غا مەركەزلەشتۈرگەن ھالدا سىياسىي نازارەتچىلىكنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى ۋە كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنىڭ پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيىنىڭ تۈرلۈك ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى كەم - كوتسىز ئىزچىللاشتۇرۇشى ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈشىگە ھەيدەكچىلىك قىلىپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئارقىلىق جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى تېخىمۇ ياخشى ھالدا ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىشى كېرەك. چوڭ پارتىيەگىلا خاس قىيىن مەسىلىنى ھەل قىلىشقا تۈرتكە بولۇش سىياسىي مەسئۇلىيىتىنى پۇختا ئىگىلەپ، مەڭگۈ داۋاملاشتۇرىدىغان ئىرادە، غەيرەت بىلەن پارتىيەنىڭ ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىشىنى ئالغا سىلجىتىپ، «قانداق قىلىپ باشتىن - ئاخىر ئالتىنى ئىشقا ئاشۇرۇش»نى چۆرىدىگەن ھالدا سادىقلىق بىلەن ۋەزىپە - مەسئۇلىيەتنى تولۇق ئادا قىلىپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق پارتىيەنىڭ غېمىنى يېيىشى، پارتىيە ئۈچۈن مەسئۇلىيىتىنى تولۇق ئادا قىلىشى كېرەك. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش توغرىسىدىكى تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى پۇختا ئىگىلەپ، مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسى ھەم ئۇنى يولغا قويۇش تەپسىلىي قائىدىسىنىڭ روھىنى ئىزچىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتىيەنىڭ ئىنتىزام قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىپ، چىرىكلىشىشكە پېتىنالمايدىغان، چىرىكلىشەلمەيدىغان، چىرىكلىشىشنى ئويلىمايدىغان بولۇشنى بىرگەۋدىلەشتۈرۈپ ئالغا سىلجىتىپ، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ نازارەتچىلىك سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشىنى ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىشى كېرەك.
تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغان مەزگىلدە، لى شى يەنە 8 - ئارمىيەنىڭ شىنجاڭدىكى ئىش بېجىرىش ئورنى خاتىرە سارىيىغا بېرىپ، ئىنقىلابىي قۇربانلارنىڭ شانلىق نەتىجىلىرىنى ياد ئەتتى، ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە كادىرلىرىدىن پارتىيە تارىخىدىن ئەقىل - پاراسەت ۋە كۈچ - قۇۋۋەت ئېلىپ، سادىق، پاك، مەسئۇلىيەتچان بولۇش، دادىللىق ۋە ماھىرلىق بىلەن كۈرەش قىلىشتىن ئىبارەت پولات قوشۇن ئۆلچىمىنى پۇختا ئىگىلەپ، تېخىمۇ زور سالماق، تېخىمۇ ئەمەلىي تەدبىرلەر ئارقىلىق باش تېما تەربىيەسى ۋە تەربىيەلەش، تەرتىپكە سېلىشنى ئالغا سىلجىتىپ، پىچاقنىڭ بىسىنى ئۆزىگە قارىتىپ، ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىپ، ئىدىيە ۋە تەشكىلنى ئۈزلۈكسىز ساپلاشتۇرۇپ، ھەقىقىي تۈردە قوشۇننى كۈچلۈك قىلىپ قۇرۇش، كادىرلارنى قاتتىق سىناقلارغا بەرداشلىق بېرەلەيدىغان قىلىشنى تەلەپ قىلدى.