شىنجاڭ ئاكادېمىيە تورى
ئالدىنقى يېرىم يىلدا شىنجاڭ ئىقتىسادىنىڭ «مۇقىم بولۇش، راۋاجلىنىش، ياخشى بولۇش» ھالىتى كۆرۈنەرلىك بولدى
يوللانغان ۋاقىت :2023-07-25 |   ئاپتور :   |   مەنبە : شىنجاڭ گېزىتى

□ ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ليۇ شياڭ

يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇشتىكى باش ۋەزىپە.

تومۇز پەسلى يېتىپ كەلگەندە، بىپايان شىنجاڭ تۇپرىقىدا جۇش ئۇرۇپ راۋاجلىنىشنىڭ ھەرىكەت ئېنېرگىيەسى توختىماي مەۋج ئۇردى.

بۇ يىلدىن بۇيان، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەت پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھىنى ۋە باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭنى كۆزدىن كەچۈرگەندە قىلغان مۇھىم سۆزى، بەرگەن مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش باش تېما تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇشقا بىرلەشتۈرۈپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتتىن ئىبارەت بۇ باش ۋەزىپىنى پۇختا ئىگىلەپ، ۋەزىيەتنى كۆزىتىپ، پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، نىشاننى چىڭ كۆزلەپ، باتۇرانە ئالغا ئىلگىرىلەپ، «مۇقىم بولۇش» «راۋاجلىنىش» «ياخشى بولۇش»نى شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىدىكى ئۈچ ئەڭ روشەن ھالەتكە ئايلاندۇردى.

دەل جايىدا، ئەتراپلىق پىلان تۈزگەندىن كېيىن، ئاندىن ھەرىكەتلەندى، «مۇقىم بولۇش» ھالىتى سىجىل ياخشىلىنىشقا يۈزلەندى

بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا، شىنجاڭنىڭ سانائىتى ۋە مەبلەغ سېلىشى ئاساسىي جەھەتتىن مۇقىم بولدى، تاشقى سودا ئېكسپورتى سىجىل يۇقىرى نىسبەتتە ئاشتى، ئىستېمال بازىرى سىجىل جانلاندى، مالىيە، پۇل مۇئامىلە مۇقىم، ساغلام يۈرۈشتى، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە مال باھاسى ئومۇمىي جەھەتتىن مۇقىم بولدى.

شىنجاڭ ئىقتىسادىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات سۈپىتى تېخىمۇ يېتەرلىك بولدى، بۇ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ يۇقىرى قاتلامدىن لايىھەلەشكە ئەھمىيەت بېرىپ، دەل جايىدا، ئەتراپلىق پىلان تۈزگەندىن كېيىن، ئاندىن ھەرىكەتلەنگەنلىكىدىن بولدى.

يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇشنى زىچ چۆرىدەپ، ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ ئاپتونوم رايونلۇق 10 - نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 7 -، 8 - ئومۇمىي يىغىنىنى ئېچىپ، شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات خىزمىتىنى ئومۇميۈزلۈك پىلانلىدى؛ تۇنجى قېتىم تۈرگە ئايرىپ يېتەكچىلىك قىلىش شەكلىدە، كەينى - كەينىدىن ئۈرۈمچى - قاراماي - سانجى، جەنۇبىي شىنجاڭ، شەرقىي شىنجاڭ، شىمالىي شىنجاڭ بۆلەك رايونلىرىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات نەق مەيدان يىغىنىنى ئېچىپ، تومۇر تۇتۇپ دىياگنوز قويۇپ، ھەرقايسى جايلارنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىدىكى بوغما ھالەتنى ھەل قىلدى؛ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى كەڭ ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئاساسلىق رەھبەرلەر بىرىنچى سەپكە چوڭقۇر چۆكۈپ ئەمەلىي ئەھۋالنى ئىگىلەپ، ھەر دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلارنى ئىدىيەدە يەنىمۇ ئازاد بولۇش، قابىلىيىتىنى ئۆستۈرۈشكە يېتەكلەپ، ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولدى...

يۇقىرى قاتلامدىن لايىھەلەپ، ئومۇمىي جەھەتتىن ئورۇنلاشتۇرۇپ ۋە سىستېمىلىق پىلانلاپ، تۈرلۈك سىياسەتلەر بويىچە ماسلىشىش، ھەمكارلىشىش، ئۆزئارا ئورۇن تولۇقلاش يەنىمۇ كۈچەيتىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى تۈزگەن يولغا قويۇلۇشى ئۈنۈملۈك بولغان بىر قاتار تەدبىرلەر شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادتا «يىل ئوتتۇرىسىدىكى ئىمتىھان»غا ياخشى جاۋاب بېرىشىدىكى ھەل قىلغۇچ ئامىل بولدى.

جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەپ ئەمەلىي ئىشلىگەن جانلىق كۆرۈنۈشلەر، كىشىنى خۇشال قىلىدىغان تۈرلۈك ئىقتىسادىي كۆرسەتكۈچلەر توپلىنىپ شىنجاڭ ئىقتىسادىنىڭ پائال ياخشىلىنىشقا يۈزلىنىپ ئالغا ئىلگىرىلەش ھالىتىنى شەكىللەندۈردى.

− ھاياتىي كۈچكە نەزەر سالساق، زاكاز كۆپىيىپ، ئىشلەپچىقىرىشقا كۈچ قوشۇلۇپ، زاۋۇت سېخلىرى يۇقىرى سۈرئەتتە ئايلاندى.

ئىقتىسادىي پائالىيەتنىڭ ئاساسىي ھۈجەيرىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، كارخانا ۋە كارخانىچىلارنىڭ كەچۈرمىشى ۋە تەسىراتى بىر جاي ئىقتىسادىنىڭ جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلىگەنلىكىنىڭ ھەقىقىي كارتىنىسى.

7 - ئاينىڭ 20 - كۈنى، شىنجاڭ شېڭشى تەيخې يېمەكلىك چەكلىك شىركىتىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش سېخىدا ماشىنىلارنىڭ گۈرۈلدىگەن ئاۋازى ئاڭلىنىپ تۇراتتى. بۇ يىل، بۇ شىركەت ئون نەچچە ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسىنى يېڭىدىن كۆپەيتىپ، مەھسۇلات مىقدارىنى بەش ھەسسە ئاشۇردى، سېتىش سوممىسى 20 مىليون يۈەندىن ئاشتى. «ھۆكۈمەت تارماقلىرى پۇل مۇئامىلە مەدىتى، ئىشلەپچىقىرىش مۇھىم ئامىلى كاپالىتى قاتارلىق جەھەتلەردە بىزگە ناھايىتى زور مەدەت بېرىپ، شىركىتىمىزنىڭ تەرەققىياتىغا ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشتى.» شىركەتنىڭ باش دىرېكتورى ۋاڭ لاڭ مۇنداق دېدى: كېيىنكى قەدەمدە يېڭىلىق يارىتىش، تەتقىق قىلىپ ئېچىش، ئەلا سۈپەتلىك، يۇقىرى ئۈنۈملۈك ئىشلەپچىقىرىش، سېتىش يوللىرىنى چوڭقۇر قېزىش قاتارلىق جەھەتلەردە زور كۈچ سەرپ قىلىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرىمىز.

− مەبلەغ سېلىشقا نەزەر سالساق، شىنجاڭ 2023 - يىلى تۇنجى پەسىللىك «ئىش باشلاش سىگنالى»نى ياڭرىتىپ، تۈركۈم - تۈركۈم مۇھىم، زور قاتناش، ئېنېرگىيە، سۇچىلىق قۇرۇلۇشلىرىنى تېز ئالغا سىلجىتتى. ئالدىنقى يېرىم يىلدا، ئاپتونوم رايوننىڭ 70 نۇقتىلىق تۈرىدە يېڭىدىن ئىش باشلاندى، ئومۇمىي سېلىنمىسى 337 مىليارد 600 مىليون يۈەن بولدى، ئىش باشلاش نىسبىتى %78كە يەتتى، جەمئىي 51 مىليارد 100 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىش تاماملاندى. مۇھىم، زور تۈرلەر سېلىنمىنىڭ ئېشىشىغا تۈرتكە بولىدىغان ئاساسلىق ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچكە ئايلاندى.

7 - ئاينىڭ 21 - كۈنى، دۇنيادىكى ياسىلىۋاتقان ئەڭ ئۇزۇن يۇقىرى سۈرئەتلىك يول تونېلى بولغان تىيانشان غالىبىيەت تونېلىنىڭ كىرىش ئېغىزىدىن يەنە خۇش خەۋەر تارقالدى! ئوڭ - سول تەشمىدىكى پارتلىتىش ئاۋازىغا ئەگىشىپ، بۇ تونېلنىڭ ئوڭ - سول تەشمىسىنىڭ ئۇزۇنلۇقى جەمئىي 12 كىلومېتىردىن ئېشىپ، تونېلنىڭ ئوڭۇشلۇق تۇتاشتۇرۇلۇشى ۋە ئۈرۈمچى - لوپنۇر يۇقىرى سۈرئەتلىك يولىدا قاتناشنىڭ ئوڭۇشلۇق باشلىنىشىغا ياخشى شارائىت يارىتىلدى.

بۈگۈنكى سېلىنما سالمىقى دەل ئەتىكى تەرەققىيات سۈرئىتىدۇر. تۈردە قاتناش باشلانغاندىن كېيىن، ئۈرۈمچىدىن لوپنۇرغىچە بولغان مۇساپە 200 كىلومېتىرغا يېقىن قىسقىراپ، تىيانشاندىن ھالقىپ ئۆتۈشكە 20 مىنۇتلا كېتىدۇ، بۇ، جەنۇبىي، شىمالىي شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ۋە رايون ئەۋزەل بايلىقلىرىنى ئېچىشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

− سۈپەتكە نەزەر سالساق، بايلىق يوشۇرۇن كۈچى قويۇپ بېرىلىپ، شىنجاڭدا «سەككىز چوڭ كەسىپ توپى» قۇرۇلۇشى جۇشقۇنلۇققا تولۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنىڭ مۇستەھكەم رامكىسىغا تىرەك بولدى.

كۆمۈر، كۆمۈر ئېلېكتىر، كۆمۈر خىمىيە سانائىتى، يېشىل كانچىلىق، يېڭى ئېنېرگىيە، يېڭى ماتېرىيال قاتارلىقلارنى چۆرىدەپ، ھەرقايسى سانائەت كارخانىلىرى تەرەققىيات پۇرسىتىنى چىڭ تۇتۇپ، ئەۋزەل كەسىپلەردە زەنجىرنى ئۇزارتىش، زەنجىرنى تولۇقلاش، زەنجىرنى كۈچەيتىشنى ئالغا سىلجىتىپ، زامانىۋى كەسىپ سىستېمىسى بەرپا قىلىشنى تېزلەتتى. 1 - ئايدىن 5 - ئايغىچە، شىنجاڭنىڭ كۆلەمدىن يۇقىرى سانائەت قوشۇلما قىممىتى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %7 ئاشتى.

يېقىندا، شىنجاڭ شىنيې دۆلەت مۈلكىنى باشقۇرۇش (گۇرۇھ) چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى قارىمىقىدىكى شىنجاڭ شىنيې ئېنېرگىيە، خىمىيە سانائىتى چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ 1 - قارارلىق يىلىغا 40 مىڭ توننا پولى فورمالىن ئىشلەپچىقىرىش تۈرىدە قۇرۇلۇش پۈتۈپ ئىشلىتىشكە تاپشۇرۇلدى. «بۇ، شىنيې ئېنېرگىيە، خىمىيە سانائىتى چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ زامانىۋى كۆمۈر خىمىيە سانائىتى بويىچە ئىسمى جىسمىغا لايىق <كەسىپ زەنجىرىدىكى يېتەكچى> كارخانىغا ئايلىنىپ، كۆمۈر ئاساسىدىكى يېڭى ماتېرىياللارنى يۇقىرى دەرىجىلىكلەشتۈرۈش، كۆپ مەنبەلەشتۈرۈشتە پۇرسەتنى قولغا كەلتۈرگەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ» دېدى شىنيې گۇرۇھى پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، باش مۇدىر ۋەن جېڭ.

ئىشلار باھاردا باشلىنىپ، يازدا جۇش ئۇرۇپ راۋاجلاندى، شىنجاڭ ئىقتىسادىدا «مۇقىم ئېشىش ۋەزىيىتى» شەكىللەندى، ئاكتىپ ئامىللار ۋە پايدىلىق شارائىتلار كۆرۈنەرلىك كۆپەيدى، كۈچلۈك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ، تولۇپ تاشقان ھاياتىي كۈچ سىجىل ئۇرغۇدى.

ھەرىكەت ئېنېرگىيەسى قويۇپ بېرىلىپ، «راۋاجلىنىش» كۈچى تېخىمۇ زورايدى

ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشتا مۇقىم بولۇش ئاساسىي گەۋدە، ئىلگىرىلەش ئاچقۇچلۇق سۆز. شىنجاڭ ئارتۇقچىلىقىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئەۋزەللىكىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئىلاستىكلىقىنى كۈچەيتىپ، «مۇقىم بولۇش»نىڭ ئاچقۇچلۇق نۇقتىسىنى چىڭ تۇتۇپ، «راۋاجلىنىش»نىڭ باشلىنىش نۇقتىسىنى دەل جايىدا تاپتى.

ئېچىۋېتىش مۇقەررەر يول، ئۇ ئەندىزىنىڭ ئۆزگىرىشىگە تۈرتكە بولىدۇ.

ئوتتۇرا ئاسىيادىكى كۆپ دۆلەتنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىلىرى شىنجاڭدا ئېكسكۇرسىيە - زىيارەتتە بولۇپ، ئاپتونوم رايون بىلەن بىرلىكتە نۆۋەتتىكى پورتتا تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈش، ئىقتىساد - سودا ئالاقىسى قاتارلىق جەھەتلەردىكى گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى چوڭقۇر كېڭىشىش ئارقىلىق ھەل قىلدى؛

شىنجاڭ پارتىيە، ھۆكۈمەت ۋەكىللەر ئۆمىكى ئارقا - ئارقىدىن گەنسۇ، چىڭخەي، نىڭشيا قاتارلىق ئۆلكە، ئاپتونوم رايونلارغا بېرىپ تەكشۈرۈش، ئۆگىنىشتە بولۇپ، غەربىي شىمالدىكى ئۆلكە، ئاپتونوم رايونلارنىڭ ماسلىشىپ غەربكە ئېچىۋېتىش خىزمەت مېخانىزمىنىڭ ئورنىتىلىشىغا تۈرتكە بولدى، شىنجاڭنىڭ «غەربتىن كىرگۈزۈپ شەرقتىن ئېلىپ كېلىش» «شەرق بىلەن بىرلىشىپ غەربكە چىقىرىش»تىن ئىبارەت ئىچكى جەھەتتە راۋان، سىرتقا تۇتاشقان ئەندىزىسىنى تېز شەكىللەندۈردى؛

يۇقىرى دەرىجىلىك جۇڭگو شىنجاڭ دوستلۇق ئالماشتۇرۇش زىيارەت ئۆمىكى ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىگە زىيارەتكە چىقىپ، غەربكە ئېچىۋېتىش «دوستلار چەمبىرىكى»نى داۋاملىق كېڭەيتتى؛

13 - نۆۋەتلىك جۇڭگو شىنجاڭ قەشقەر. ئوتتۇرا ئاسىيا - جەنۇبىي ئاسىيا تاۋارلار يەرمەنكىسى داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈلۈپ، تارىختىن بۇيانقى يەرمەنكىگە قاتناشقان چەت ئەل سودىگەرلىرى ئەڭ كۆپ، قولغا كەلتۈرۈلگەن نەتىجىلەر ئەڭ ياخشى بولغان بىر قېتىملىق «قەشقەر سودا يەرمەنكىسى»گە ئايلاندى؛

بۇلارنىڭ ھەممىسى بۇ يىل شىنجاڭنىڭ تەشەببۇسكارلىق بىلەن نەتىجە يارىتىپ يۇقىرى سەۋىيەلىك سىرتقا ئېچىۋېتىشنى ئالغا سىلجىتقانلىقىنىڭ ئەڭ يېڭى ئىزاھاتى.

يۇقىرى سەۋىيەلىك سىرتقا ئېچىۋېتىش ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈش، تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش، يېڭىلىق يارىتىشنى ئىلگىرى سۈرۈشكە پايدىلىق، يېڭى ھەرىكەت ئېنېرگىيەسىنى يېتىلدۈرۈپ ۋە زورايتىپ، يەرشارىۋى بازار ۋە يەرشارىۋى بايلىق بىلەن تولۇق تۇتاشتۇرۇشقا پايدىلىق.

قەشقەر ئۇنىۋېرسال باجدىن خالىي رايونىدا، جۇڭشۇن ئېلېكتىرونلۇق سودا (شىنجاڭ) چەكلىك شىركىتى بۇ يەردە مەخسۇس تاشقى سودا تىجارىتى بىلەن شۇغۇللىنىدۇ. «ماللارنى چاڭجياڭ دېلتىسى، جۇجياڭ دېلتىسىدىن بۇ يەرگە يىغىپ، ئاندىن ئوتتۇرا ئاسىيا، ياۋروپا قاتارلىق جايلارغا يولغا سالىمىز، ھەر كۈنى 120 مىڭ ئېلېكتىرونلۇق سودا زاكاز تالونىنى بىر تەرەپ قىلىمىز» دېدى بۇ شىركەتنىڭ باش دىرېكتورى جاڭ چى.

تارماق ئېقىنلارنى توسۇپ قويمىغاندىلا، دەريا - دېڭىز ھاسىل بولىدۇ. «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇش تەشەببۇسى ئوتتۇرىغا قويۇلغان 10 - يىلدا، شىنجاڭ رايون ئورنى ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، دۆلەتنىڭ غەربكە ئېچىۋېتىش ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسىغا پائال سىڭىشىپ، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونىنى تېز قۇرۇشنى ئالغا سىلجىتتى، ئۈرۈمچى خەلقئارا قۇرۇقلۇق پورتى رايونى تۈگۈنىنىڭ ئىقتىدار دەرىجىسىنى پۇختا ئۆستۈردى، قەشقەر، قورغاس ئىقتىسادىي تەرەققىيات رايونىنىڭ تىرەكلىك رولىنى سىجىل كۈچەيتتى، «بەش چوڭ مەركەز» قاتارلىق قۇرۇلۇشلارنى تېز ئالغا سىلجىتىپ، پورتلارنىڭ ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈردى.

ئالدىنقى يېرىم يىلدا، شىنجاڭنىڭ تاشقى سودا ئىمپورت - ئېكسپورت ئومۇمىي قىممىتى 149 مىليارد 620 مىليون يۈەنگە يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %65.2 ئاشتى، ئىمپورت - ئېكسپورت ئېشىش سۈرئىتى پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئېشىش سۈرئىتىدىن 63.1 پىرسەنت پوئېنت يۇقىرى بولدى. شىنجاڭنىڭ تاشقى سودا ئومۇمىي قىممىتىدە ئون يىلدىن بۇيانقى ئوخشاش مەزگىلدىكى يېڭى يۇقىرى سەۋىيە يارىتىلىپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتى ئۈچۈن «راۋاجلىنىش» كۈچى ئۈزلۈكسىز توپلاندى.

يېڭىلىق يارىتىش بىرىنچى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ، ئۇ تەرەققىيات ئەۋزەللىكىنى قايتا يارىتىدۇ.

شىنجاڭ شىنيەن مۇشېن پەن - تېخنىكا چەكلىك شىركىتىنىڭ ئومۇمىي قۇراشتۇرۇش سېخىدا، ئەڭ يېڭى تەتقىق قىلىپ ياسالغان 3 - ئەۋلاد ئاپتوماتىك سىلوس يەم - خەشىكى يىغىش ماشىنىلىرى قاتار توختىتىپ قويۇلغانىدى.

«بۇ ماشىنىنىڭ قوبۇل قىلىش مىقدارى ۋە مەشغۇلات سۈرئىتىدىن تارتىپ ئۆزلۈكىدىن ماسلىشىشقىچە بولغان ئون نەچچە تۈرلۈك ئىقتىدارىنى ئەقلىي ئىقتىدارلىق كونترول قىلىش ئىشقا ئاشۇرۇلدى، تېخنىكا سەۋىيەسى دۆلەت ئىچىدە ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدۇ.» بۇ شىركەتنىڭ تېخنىكا مەركىزى چارۋىچىلىق ماشىنىلىرى تۈر گۇرۇپپىسىنىڭ تەتقىق قىلىپ ئېچىش ئىنژېنېرى شيې شىنيا مۇنداق دېدى: بولۇپمۇ ماشىنىنىڭ ھەرىكەتچان پىچاق ئارىلىقىنى ئاپتوماتىك تەڭشەش - تەكشۈرۈپ ئۆلچەش سىستېمىسى دۆلەت ئىچىدە يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى تېخنىكىسىدىكى بوشلۇقنى تولدۇردى.

شىنجاڭ پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشنى تېخىمۇ گەۋدىلىك ئورۇنغا قويۇپ، يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش ئىستراتېگىيەسى، شىنجاڭنى پەن - تېخنىكا ئارقىلىق روناق تاپقۇزۇش ئىستراتېگىيەسى ۋە ئىختىساسلىقلار كۈچلۈك رايونى ئىستراتېگىيەسىنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش سەۋىيەسىنى سىجىل ئۆستۈرۈپ، يۇقىرى، يېڭى تېخنىكا كارخانىلىرى توپىنى ئۈزلۈكسىز زورايتتى، يېڭى ھەرىكەت ئېنېرگىيەسىنىڭ يېتەكلەش رولىنى كۈنسېرى گەۋدىلەندۈردى.

ھازىرغىچە، شىنجاڭدىكى يۇقىرى، يېڭى تېخنىكا كارخانىلىرى 1368گە يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %43.4 ئېشىپ، سانى ۋە ئېشىش نىسبىتىنىڭ ھەر ئىككىلىسىدە تارىختىكى يېڭى يۇقىرى سەۋىيە يارىتىلدى.

ئاپتونوم رايونلۇق پەن - تېخنىكا نازارىتى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى ۋاڭ چېڭ مۇنداق بىلدۈردى: پەن - تېخنىكا تىپىدىكى كارخانىلارنى يېتىلدۈرۈش سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇش، يۇقىرى، يېڭى تېخنىكا كارخانىلىرىنى ھەسسىلەپ كۆپەيتىش ھەرىكىتىنى يولغا قويۇشنى يەنىمۇ كۈچەيتىش، «ئاۋام ئىگىلىك تىكلەش، ئاۋام يېڭىلىق يارىتىش» ۋاسىتىسىنى يېتىلدۈرۈش سالمىقىنى زورايتىش قاتارلىق تەدبىرلەر ئارقىلىق، كارخانىلارنىڭ ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى تولۇق قوزغىتىپ، يېڭىلىق يارىتىپ تەرەققىي قىلىش ئاساسىنى پۇختىلايمىز.

ئىستېمال ئاخىرقى ئېھتىياج، ئۇ ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ ئۇللۇق ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى.

ئەتىياز كېتىپ ياز كەلدى، شىنجاڭنىڭ ساياھەت قىزغىنلىقى سىجىل ئۆرلىدى. 6 - ئايدا، 2023 - يىللىق ئاپتونوم رايوننىڭ ساياھەت تەرەققىيات يىغىنى ئېچىلىپ، ساياھەتچىلىكنى تېخىمۇ جانلاندۇردى. ھەرقايسى چوڭ ساياھەت مەنزىرە رايونلىرى «ساياھەتچىلەرنى جەلپ قىلىش» ئەندىزىسىنى يولغا قويدى، ئاپتوبۇسلار كەينى - كەينىدىن يولغا چىقىپ، ساياھەتچىلەر ئۈزۈلمەي كېلىپ، ساياھەت كىرىمى سىجىل ئاشتى.

ئالدىنقى يېرىم يىلدا، شىنجاڭدا جەمئىي 102 مىليون ئادەم قېتىم ساياھەتچى كۈتۈۋېلىنىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %31.49 ئاشتى، ئىشقا ئاشۇرۇلغان ساياھەت كىرىمى 92 مىليارد 276 مىليون يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %73.64 ئاشتى.

ساياھەت بازىرىنىڭ تېز سۈرئەتتە جانلىنىشى شىنجاڭ ئىستېمال بازىرىنىڭ جۇشقۇن ھاياتىي كۈچى ۋە غايەت زور يوشۇرۇن كۈچىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بەردى.

كەچ كىرىپ، رەڭدار چىراغلار يورۇدى. 7 - ئاينىڭ 22 - كۈنى كەچتە، ئۈرۈمچى شەھىرى شىمىگو رايونىدىكى تىيانشان مىڭيۆ شەھەرچىسىدە، ھەرخىل مەززىلىك تائاملار يايمىلىرىنىڭ ئالدى ئادەملەر بىلەن لىق تولدى. «كۆپچىلىك تەرتىپلىك ئۆچرەتتە تۇرۇڭلار، ھازىرلا تەييار بولىدۇ!» سودىسىنىڭ بۇنچە جانلىنىپ كەتكەنلىكىنى كۆرۈپ، يايما لوبەنىنىڭ چىرايىدىن كۈلكە ياغدى.

قەدەمدە بىر مەنزىرە، ئەگرى - بۈگرى ۋە خىلۋەت كوچىلار. قەشقەر قەدىمىي شەھىرى مول، ئۇزاق تارىخىي ئاساسقا تايىنىپ، ساياھەت قىلىشتىكى نۇرغۇن «ئالقىشلانغان جاي» ۋە خاس كوچا رايونى بەرپا قىلىپ، سانسىزلىغان ساياھەتچىنى ئۆزىگە جەلپ قىلدى. «ياتاقلار كۈندە توشۇپ كېتىدۇ، ئالدىن زاكاز قىلىشقا توغرا كېلىدۇ» دېدى قەشقەر قەدىمىي شەھىرىدىكى ئائىلىۋى قونالغۇ تىجارەتچىسى گاۋ ليەنشياڭ.

ئاپتوموبىل توختاتقاندا ئۆچرەتتە تۇرۇش، ئاشخانىلاردا ئورۇن ساقلاش... بۇ يىل، شىنجاڭ ئىستېمالنى ئىلگىرى سۈرىدىغان تۈرلۈك سىياسەتلەرنىڭ ئەمەلىيلىشىپ ئۈنۈم ھاسىل قىلىشىغا پائال تۈرتكە بولۇپ، يېمەك - ئىچمەك ئىستېمالىنى جانلاندۇرۇپ، ئاپتوموبىل ئىستېمالىغا ئىلھام بېرىپ، مەدەنىيەت - ساياھەت ئىستېمالىنى كېڭەيتىپ، كېچىلىك ئىستېمالنى جانلاندۇرۇپ، ئىستېمال كەسىپ ھالىتى ۋە ئىستېمال كۆرۈنۈشىدە يېڭىلىق يارىتىپ، ئىستېمال بازىرىنى بۇ يازدا سىجىل جانلاندۇردى.

ئىستېمال ئېھتىياجىنىڭ ئېشىشى دەل ئىقتىسادنىڭ ياخشىلىنىشقا يۈزلىنىشىدىكى يۆنىلىش بەلگىسى − كىشىلەرنىڭ كەلگۈسىگە بولغان ئىشەنچى ۋە ئۈمىدى تولۇپ تاشتى. 1 - ئايدىن 5 - ئايغىچە، شىنجاڭدا جەمئىيەت ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ پارچە سېتىلىش ئومۇمىي سوممىسى 141 مىليارد 297 مىليون يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %7.6 ئېشىپ، ئېشىش سۈرئىتى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 5.9 پىرسەنت پوئېنت يۇقىرى بولدى.

كەلگۈسى ئۈمىدكە تولۇپ، «ياخشى بولۇش» مۇھىم ئامىللىرى تېز سۈرئەتتە توپلاندى

كارخانىنى تىزىمغا ئالدۇرۇش ئۈچۈن قانچىلىك ۋاقىت كېتىدۇ؟ ئەڭ تېز بولغاندا ئىككى كۈن كېتىدۇ؛ كىچىك كارخانىلار ئىش بېجىرگەندە كىنىشكىسىنى ئۇنتۇپ قالسا قانداق قىلىدۇ؟ رەسمىيەتلىرى تولۇق بولمىسىمۇ قوبۇل قىلىشقا بولىدۇ؛ ئادەتتىكى كارخانىلارغا بارلىق ئىشلىرىنى بىر توردا بىرتۇتاش بېجىرىش، پۈتۈن جەريانلىق توردا بېجىرىش يولغا قويۇلدى، ئۈچ خىزمەت كۈنى ئىچىدە بىر قېتىمدىلا بېجىرىپ بولالايدۇ؛ كارخانىلارغا ئالاقىدار بەلگىلىمىگە خىلاپ ھەق ئېلىشنى تۈزەش سالمىقى زورايتىلىپ، تىجارەت سۇبيېكتلىرىنىڭ يۈكى يېنىكلىدى...

مېخانىزم راۋانلاشتۇرۇلۇپ، مۇھىت ئەلالاشتۇرۇلۇپ، پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ ئىشەنچى تېخىمۇ ئاشتى.

بۇلتۇردىن باشلاپ، شىنجاڭ تىجارەت - سودا مۇھىتىنى ئەلالاشتۇرۇش خىزمىتىنى زور كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتىپ، «ئاپتونوم رايوننىڭ تىجارەت - سودا مۇھىتىنى ئەلالاشتۇرۇپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى يولغا قويۇش ئۈچ يىللىق ھەرىكەت لايىھەسى (2022 - يىلىدىن 2025 - يىلىغىچە)» نى بېسىپ تارقاتتى، كارخانىلارغا نەپ يەتكۈزۈش، كارخانىلارغا پايدا يەتكۈزۈشتىكى تۈرلۈك سىياسەتلەرنى كەينى - كەينىدىن ئوتتۇرىغا قويۇپ، كارخانىلارنىڭ مۇقىم تىجارەت قىلىشى ۋە يېڭىلىق يارىتىپ تەرەققىي قىلىشىنى قوغدىدى.

ئېھتىياجى سورىلىپ، قىيىن مەسىلىلەر ھەل قىلىنىپ، كارخانىلار تېخىمۇ خاتىرجەم بولدى.

بۇ يىل 2 - ئايدا، ئاپتونوم رايون كارخانىچىلار سۆھبەت يىغىنى ئېچىپ، شىنجاڭدىكى مەركەز كارخانىلىرى، ئاپتونوم رايونغا قاراشلىق دۆلەت كارخانىلىرى ۋە ئاپتونوم رايونىمىزدىكى پۇقراۋى كارخانىلار، تاشقى مەبلەغ كارخانىلىرى ۋەكىللىرى بىلەن تەرەققىيات پىلانى ئۈستىدە ئورتاق كېڭىشىپ، شىنجاڭنى مەبلەغ سېلىپ كەسىپلەرنى گۈللەندۈرىدىغان مۇنبەت تۇپراققا ئايلاندۇردى.

5 - ئاينىڭ ئاخىرىدا، 2023 - يىللىق پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش يىغىنى قەشقەر شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلدى، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرى ھەم شىنجاڭ ئىچىدىن كەلگەن 600دىن ئارتۇق پۇقراۋى كارخانىچى ھەم ئەزىز مېھمان جەنۇبىي شىنجاڭدا ئۇچرىشىپ، سودا ئارقىلىق ئالاقە باغلاپ، ھەمكارلىق ئۈستىدە كېڭەشتى.

«<بىرىنچى قاتاردا تۇرىدىغان مۇلازىمەتچى> <ئەلا سۈپەتلىك مۇلازىم> بولۇش» «ئەڭ زور تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ تۈرلەرنىڭ ئەمەلىيلىشىشى، كارخانىلارنىڭ تەرەققىي قىلىشى ئۈچۈن ئەڭ ئەلا مۇھىت يارىتىش»... يىغىندا، ھەرقايسى جايلارنىڭ تىجارەت - سودا مۇھىتىنى ئۈزلۈكسىز ئەلالاشتۇرۇش توغرىسىدا بەرگەن تەنتەنىلىك ۋەدىلىرى كارخانىچىلارنىڭ قەلبىنى ئىللىتتى. شىنجاڭنىڭ پۇقراۋى ئىگىلىككە ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقى، پۇقراۋى ئىگىلىكنى قوللايدىغانلىقى، پۇقراۋى كارخانىچىلارنى ھۆرمەتلەيدىغانلىقىدىن ئىبارەت كۈچلۈك سىگنال يەنىمۇ قويۇپ بېرىلدى.

7 - ئايدا، ئاپتونوم رايونغا قاراشلىق دۆلەت كارخانىلىرى يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات سۆھبەت يىغىنى ئېچىلىپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى دۆلەت مۈلكى، دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئورنىنى توغرا تېپىپ، پىكىر يولىنى راۋانلاشتۇرۇپ، ۋەزىپىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، ئۈزلۈكسىز كۈچىيىشى، ئەلالىشىشى، زورىيىشىغا تۈرتكە بولۇندى.

……

بىر قاتار تەدبىرلەر بازارغا تېخىمۇ كۆپ ئىشەنچ قوشتى، كارخانىچىلار ئۆزىنى قويۇۋېتىپ، يەڭگىل جابدۇنۇپ سەپەرگە ئاتلىنىپ، پۈتۈن زېھنى بىلەن تەرەققىياتنى كۆزلىدى، تىجارەت سۇبيېكتلىرى تېخىمۇ زورايدى.

2 مىليون 300 مىڭدىن ئارتۇق تىجارەت سۇبيېكتى قوبۇل قىلىپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشتىكى تۈۋرۈك ۋە ئاساسىي قوشۇن بولدى، تىجارەت سۇبيېكتلىرى مۇقىم بولسا، ئىشقا ئورۇنلىشىش ئىش ئورنىمۇ مۇقىم بولىدۇ.

1 - پەسىلدىكى ئىستاتىستىكا سانلىق مەلۇماتىدىن قارىغاندا، شىنجاڭنىڭ شەھەر - بازارلىرىدا 164 مىڭ 800 كىشى يېڭىدىن ئىشقا ئورۇنلىشىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %71 ئاشقان؛ ئىشقا ئورۇنلىشىشتا قىيىنچىلىقى بار 8500 خادىم ئىشقا ئورۇنلىشىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %30.9 ئاشقان؛ يېزىلاردىكى ئەمگەك كۈچلىرىدىن سىرتقا چىقىپ ئىشلىگەنلەر 1 مىليون 135 مىڭ ئادەم قېتىم بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %13.8 ئاشقان.

بۇ ئۈچ گۇرۇپپا سانلىق مەلۇماتنىڭ زور دەرىجىدە ئېشىشى خەلق تۇرمۇشى بەخت - سائادىتىنى ئاشۇرۇشنىڭ شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنىڭ مەۋقەسى ۋە مەقسىتى ئىكەنلىكىنى تولۇق چۈشەندۈرۈپ بەردى، ئىقتىسادىي تەرەققىيات نەتىجىلىرى ئەڭ ئاخىرىدا خەلق ئاممىسىنىڭ بەخت تۇيغۇسىنىڭ كۈچلۈك، ئېرىشىش تۇيغۇسىنىڭ يېتەرلىك بولغانلىقىدا ئەكس ئەتتى.

پۇقرالار ئەڭ كۆڭۈل بۆلىدىغان ساھەلەردە ئاساسىي خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش نەتىجىلىرى كۆرۈنەرلىك بولدى.

مال باھاسىدىن قارىغاندا، ئىلغار بولغان كۆمۈر ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى قۇرۇلۇشى كۈچەيتىلگەن، پاكىز ئېنېرگىيە تەمىناتى كېڭەيتىلگەن، ئاساسلىق ئېنېرگىيە مەھسۇلاتلىرى بىلەن تەمىنلەش يېتەرلىك بولغان، تۈرلۈك يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرى يېتەرلىك، باھاسى مۇقىم بولغان. 1 - ئايدىن 5 - ئايغىچە، ئاھالىلەر ئىستېمال باھاسى (CPI) بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %1.2 ئۆرلەپ، سىجىل مۇۋاپىق دائىرىدە بولۇپ، پۈتۈن يىللىق مال باھاسىنىڭ مۇقىم بولۇشىغا ئاساس سالغان.

كىرىمدىن قارىغاندا، 1 - پەسىلدە، شىنجاڭدا ئىشقا ئورۇنلىشىش ۋەزىيىتى سىجىل ياخشىلىنىپ، ئاھالىلەرنىڭ كىرىمى مۇقىم ئاشقان، ئاپتونوم رايون بويىچە ئاھالىلەر ئىلكىدىكى ئوتتۇرىچە كىرىم 5939 يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %4 ئاشقان. ھەر مىللەت ئاممىنىڭ تۇرمۇش لازىمەتلىكلىرى، ئۈچ ۋاق تامىقى، كىيىم - كېچەك، يېمەك - ئىچمەك، تۇرالغۇ، يۈرۈش - تۇرۇشى كۈچلۈك كاپالەتلەندۈرۈلگەن.

تىجارەت - سودا مۇھىتى ئەلالاشتۇرۇلدى، دەرىجىسى ئۆستۈرۈلدى، بازار كۆزلىمىسى كۆرۈنەرلىك ياخشىلاندى، ئىشقا ئورۇنلىشىش، مال باھاسى ئومۇميۈزلۈك مۇقىم بولدى، ئاھالىلەرنىڭ كىرىمى سىجىل ئاشتى... ماكرو قاتلامدىن قارىغاندا، شىنجاڭ ئىقتىسادىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا مەدەت بېرىدىغان ئاكتىپ ئامىللار ۋە پايدىلىق شارائىتلار كۆرۈنەرلىك كۆپەيگەن.

تاغنىڭ قاپتىلىغا چىققاندا، كېمە ئوتتۇرا ئېقىنغا كەلگەندە تايىنىشقا تېگىشلىكى ۋەزىيەتتۇر، چىڭ تۇتۇشقا تېگىشلىكى پۇرسەتتۇر. ۋەزىيەتكە تايىنىپ ئالغا ئىلگىرىلەش داۋامىدا تېخىمۇ زور بۆسۈش ھاسىل قىلىپ، بەس - بەستە تەرەققىي قىلىش داۋامىدا پاسسىپ ۋەزىيەتنى بۇزۇپ تاشلاش كېرەك.

يىل ئوتتۇرىسىدا شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىنى كۆزەتسەك، شۇنى كۆرۈۋالالايمىزكى: «يېرىم يىللىق ئىشنى غەلىبىلىك ئورۇنداش»نى يېڭى باشلىنىش نۇقتىسى قىلىش ئارقىلىق، «پۈتۈن يىللىق ئىشنى غەلىبىلىك ئورۇنداش»قا جاسارەت بىلەن ئاتلىنىشتا شىنجاڭنىڭ ئىقتىدارى بار، غەيرىتى بار، ئىشەنچى كامىل!

مەنبە:

مەسئۇل مۇھەررىر: رەشىدە مامۇت