تۇنجى نۆۋەتلىك «ياخشىمۇسىز، يىپەك يولى» تور خەلقئارا تارقىتىش بويىچە ئالماشتۇرۇش يىغىنى قاراماي شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلدى
دۇنياغا ھەقىقىي شىنجاڭنى كۆرسىتىش
شىنجاڭ گېزىتى، قاراماي، 7 - ئاينىڭ 23 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جەزىرە نېسپبېك خەۋەر قىلىدۇ: 7 - ئاينىڭ 23 - كۈنى، تۇنجى نۆۋەتلىك «ياخشىمۇسىز، يىپەك يولى» تور خەلقئارا تارقىتىش بويىچە ئالماشتۇرۇش يىغىنى قاراماي شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلدى. فۇدەن داشۆ، جۇڭگو خەلق داشۆسى، جۇڭگو تاراتقۇ داشۆسى قاتارلىق كۆپلىگەن ئالىي مەكتەپلەرنىڭ خەلقئارا تارقىتىش ساھەسىدىكى مۇتەخەسسىس، ئالىملىرى ھەمدە جۇڭگو ۋە چەت ئەل ئاساسىي ئېقىم تاراتقۇلىرى ۋەكىللىرى، تور دارېنلىرىدىن بولۇپ 200دىن كۆپرەك كىشى بىر يەرگە جەم بولۇپ، ساھە ھالقىغان سۆھبەتلىشىشنى قانات يايدۇردى.
شۇ كۈنى قىرغىزىستان «كابار» دۆلەت ئاگېنتلىقىنىڭ باشلىقى مەجىربەك شەرمەتاليېف، خەلق گېزىتخانىسى بەنگۇڭتىڭىنىڭ مۇدىرى جېڭ جيەن يىغىنغا قاتنىشىپ سۆز قىلدى.
بىرىنچى مەيدان يۇمىلاق ئۈستەل سۆھبەتلىشىش، ئالماشتۇرۇشتا فۇدەن داشۆ جۇڭگو تەتقىقات ئورنىنىڭ باشلىقى جاڭ ۋېيۋېي، جۇڭگو خەلق داشۆسى چۇڭياڭ پۇل مۇئامىلە تەتقىقات ئورنىنىڭ ئىجرائىيە باشلىقى ۋاڭ ۋېن، ئۆزبېكىستان تەپسىلىي خەۋەرلەر تورىنىڭ باش دىرېكتورى قوشۇمچە مەسئۇل مۇھەررىرى ئاندىرى جېشايېۋ، جۇڭگو تور دارېنى بى شياۋتيەن، كولومبىيە تەۋەلىكىدىكى ھۆججەتلىك فىلىم رېژىسسورى گاۋ فېي قاتارلىقلار «خەلقئارا تارقىتىش . قىممەت يارىتىش» تېمىسىنى چۆرىدەپ مۇھاكىمە ئېلىپ باردى.
جاڭ ۋېيۋېي مۇنداق دېدى: شىنجاڭنىڭ قاراماي ۋەكىللىكىدىكى شەھەرلىرى ئىنتايىن زامانىۋىلاشتى، شىنجاڭدىن ئىبارەت بۇ تۇپراقتا يۈزبەرگەن زامانىۋىلاشتۇرۇش ھېكايىلىرىنى سۆزلىسەكلا، خەلقئارا جەمئىيەتنى ھەيران قالدۇرغىلى بولىدۇ. بۈگۈنكى كۈندە ئالاقە تورى تارقىتىش ۋاسىتىلىرى ئىنتايىن مول بولۇپ، جۇڭگو ھېكايىسى، شىنجاڭ ھېكايىسىنى ياخشى سۆزلەشكە تېخىمۇ پايدىلىق.
ئۆزبېكىستان تەپسىلىي خەۋەرلەر تورى نۆۋەتتە ئۆزبېكىستاندىكى ئەڭ چوڭ ئاساسىي ئېقىم تاراتقۇسى بولۇپ قالدى. ئاندىرى جىشايېۋ مۇنداق دېدى: ھازىر ئۇچۇرلار زىيادە كۆپ، لېكىن ھەقىقىي ئۇچۇرلار كەمچىل، ئاخبارات مۇخبىرلىرى ئىنسانلاردا ئەزەلدىن بار بولغان تىنچلىق، ئۆزىنى قۇدرەت تاپقۇزۇش قاتارلىقلارغا بولغان قىممەت ئىنتىلىشىنى قاندۇرۇشى كېرەك. جۇڭگو چەت ئەللىك مۇخبىرلارنى جۇڭگوغا كېلىپ پائالىيەتكە قاتنىشىپ، نەق مەيداندا زىيارەت قىلىشقا تەكلىپ قىلىپ، دۇنياغا ھەقىقىي جۇڭگونى، ھەقىقىي شىنجاڭنى كۆرسەتتى.
پۈتۈن توردا 10 مىليوندىن ئارتۇق مەستانىسى بار بولغان پەننى ئومۇملاشتۇرۇش بىلوگ ئىگىسى بى شياۋتيەن مۇنداق دېدى: شىنجاڭ قىزغىنلىق، جاسارەتكە تولغان جاي، بۇ قېتىمقى قاراماي سەپىرى ئارقىلىق «بىر بەلباغ، بىر يول» لىنىيەسى بويىدىكى ھەرقايسى دۆلەتلەردىن كەلگەن تور دارېنلىرى ئۆزلىرىنىڭ نەزەرىدىكى ھەقىقىي شىنجاڭنى نامايان قىلدى، بۇ چوقۇم تېخىمۇ كۆپ كىشىنى شىنجاڭغا كېلىپ كۆرۈپ بېقىشقا جەلپ قىلىدۇ.
ئىككىنچى مەيدان يۇمىلاق ئۈستەل سۆھبەتلىشىش، ئالماشتۇرۇشتا، جۇڭگو تاراتقۇ داشۆسى ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى تەتقىقات ئورنىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى جى دېچياڭ، شىنخۇا ئاگېنتلىقى شىنجاڭ شۆبىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى دېڭ يۈشەن، جۇڭگو يازغۇچىسى سۇ چىن، بېنگال تەۋەلىكىدىكى تور بىلوگ ئىگىسى Nazmus Sakib (جوۋ كەيبى) قاتارلىق كىشىلەر «مەدەنىيەت ئەلچىسى . گۈللىنىشنى ئورتاق سۈرەتلەش» تېمىسىنى چۆرىدەپ مۇھاكىمە قىلدى.
جى دېچياڭ مۇنداق دېدى: ھازىرقى جەمئىيەت تېخىمۇ ئېچىۋېتىلگەن، تېخىمۇ سىغدۇرۇشچان، تېخىمۇ رەڭدار تور خەلقئارا تارقىتىشىغا موھتاج، ھەربىر شەخس ئۆزىنىڭ مەدەنىيەت ساپاسىنى ئۆستۈرۈپ، مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىشنىڭ رەقەملىك ئەلچىسىگە ئايلىنىشى كېرەك. دېڭ يۈشەن مۇنداق دېدى: بارلىق تارقىتىشنىڭ ھەممىسى خەلقئارا تارقىتىش؛ پۈتۈن توردا 50 مىليون مەستانىسى بار سۇ چىن مۇنداق دېدى: شىنجاڭ ئۆزىدىلا تور تۇيغۇسى بار جاي، خەلقئارا تارقىتىشنىڭ سالمىقى، سۈرئىتى ۋە ئىللىقلىقى بولۇشى كېرەك...
يىغىن ئاخىرلىشىدىغان چاغدا، چوڭ ئېكراندا ئۆتكەن بەش كۈندە ئەزىز مېھمانلار تور سىرتىدا زىيارەت قىلىش پائالىيىتىگە قاتناشقان چاغدىكى ئېسىل كۆرۈنۈشلەر كۆرسىتىلدى، نەق مەيداندا قىزغىن ئالقىش ساداسى ياڭرىدى، جۇشقۇن، خۇشال ۋە ئىناق شىنجاڭ كۆپچىلىكتە ئۇنتۇلغۇسىز تەسىرات قالدۇردى.