شىنجاڭ ئاكادېمىيە تورى
​خەلقنى مەركەز قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئالغا سىلجىتىش كېرەك
يوللانغان ۋاقىت :2023-07-25 |   ئاپتور :   |   مەنبە : شىنجاڭ گېزىتى

ئەركىن تۇنىياز ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستىدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى ھەم ئەرز ئېيتىپ كەلگەن ئاممىنى نەق مەيداندا كۈتۈۋالدى​

خەلقنى مەركەز قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئالغا سىلجىتىش كېرەك

شىنجاڭ گېزىتى، غۇلجا، 7 - ئاينىڭ 23 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لى ياڭ خەۋەر قىلىدۇ: 7 - ئاينىڭ 22 - كۈنىدىن 23 - كۈنىگىچە، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ غۇلجا شەھىرى، قورغاس ناھىيەسى، موڭغۇلكۈرە ناھىيەسىگە بېرىپ، مۇھىم، زور ئۈل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى، ساياھەتچىلىكنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، سىرتقا ئېچىۋېتىش قاتارلىقلار توغرىسىدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى ھەم ئەرز ئېيتىپ كەلگەن ئاممىنى نەق مەيداندا كۈتۈۋالدى. ئەركىن تۇنىياز مۇنداق تەكىتلىدى: باش تېما تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇشنى پۇرسەت بىلىپ، «ئىدىيەنى ئۆگىنىش، پارتىيەۋىلىكنى كۈچەيتىش، ئەمەلىيەتكە ئەھمىيەت بېرىش، يېڭى تۆھپە يارىتىش»قا بىرلەشتۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇپ، خەلقنى مەركەز قىلغان تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، خەلق تۇرمۇشىغا زىچ يېقىنلىشىپ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتتا يېڭى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك.

ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستلىق ئەرزىيەت ئىدارىسى خەلق ئاممىسى ئەرزىيەت مۇلازىمەت مەركىزىدە، ئەركىن تۇنىياز غۇلجا شەھىرى يىخې جىڭيۈەن . يىخې ياجۈ ئولتۇراق رايونىدىكى ئۆي ئىگىلىرى ۋەكىللىرىنى كۈتۈۋېلىپ، كۆپچىلىكنىڭ ئۆينى ۋاقتىدا تاپشۇرۇش، توك، سۇ، گازنى تۇتاشتۇرۇش قاتارلىق جەھەتلەردىكى ئىلتىماس - تەلەپلىرىنى يۈزتۇرا ئاڭلاپ، ئالاقىدار مەسئۇل ئورۇنلار، كارخانىلارنىڭ ئۆينى تېزدىن تاپشۇرۇشى ھەم سۇ، توك، يول، گاز، خەۋەرلىشىش قاتارلىق ئۈل ئەسلىھەلەرنى مۇكەممەللەشتۈرۈشىگە ھەيدەكچىلىك قىلىپ، ئاممىنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق - مەنپەئىتىنى ھەقىقىي قوغدىدى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ خەلق ئەرزىيەت خىزمىتىنى كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاش توغرىسىدىكى مۇھىم ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، مەسىلە يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، تۈزۈلمە - مېخانىزمنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى «فېڭچياۋ تەجرىبىسى»نى ئەمەلدە كۆرسىتىپ، «پۇجياڭ تەجرىبىسى»نى ئۆگىنىپ ۋە كېڭەيتىپ، باش تېما تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇشقا بىرلەشتۈرۈپ، بىر تەرەپتىن ئۆگىنىش، بىر تەرەپتىن سېلىشتۇرۇش، بىر تەرەپتىن تەكشۈرۈش، بىر تەرەپتىن تۈزىتىشتە چىڭ تۇرۇپ، ئەرزىيەتتىن ئىبارەت بۇ «ئىشىك ئالدىغا كەلگەن ئاممىۋى خىزمەت»نى چىن قەلب، چىن ھېسسىيات، پۈتۈن كۈچ بىلەن ياخشى ئىشلەش كېرەك.

غۇلجا ئايرودۇرۇمىنى كۆچۈرۈپ قۇرۇش تۈرىگە تاللىماقچى بولۇۋاتقان يېڭى ئورۇندا، ئەركىن تۇنىياز ئورۇن تاللاش لايىھەسى، قۇرۇلۇش يىرىك پىلانىنى تەپسىلىي ئىگىلەپ، تۈرنى ئالغا سىلجىتىش جەريانىدا ساقلانغان قىيىنچلىق ۋە مەسىلىلەرنى تەتقىق قىلىپ ھەل قىلدى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: غۇلجا ئايرودۇرۇمىنى كۆچۈرۈپ قۇرۇش خىزمىتى «بىر بەلباغ، بىر يول» تەشەببۇسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش، خەلقئارا تىرانسپورت چوڭ يولىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشتىكى مۇھىم تەدبىر. ۋاقىت ساقلاپ تۇرمايدۇ دېگەن تەخىرسىزلىك تۇيغۇسى بىلەن ئالدىنقى مەزگىللىك خىزمەتلەرگە تېزدىن تۈرتكە بولۇپ، يىرىك پىلاننى ئالدىن يولغا قويۇش، يۈرۈشلەشتۈرۈش يېتىشىپ مېڭىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئۇدۇللاشتۇرۇش خىزمىتىنى ۋاقتىدا بېجىرىپ، مۇھىم ئامىل كاپالىتىنى ياخشى ئىشلەپ، مەسئۇلىيەتنى قاتلاممۇقاتلام چىڭىتىپ، ئايرودۇرۇمنى كۆچۈرۈپ قۇرۇش تۈرىنىڭ قەرەلىدە ئالغا سىلجىتىلىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

G219 لىنىيەسىدىكى موڭغۇلكۈرە - ئونسۇ تاشيولى تۈرىنىڭ باشلىنىش نۇقتىسىدا، ئەركىن تۇنىياز مۇنداق تەكىتلىدى: بۇ تۈر شىنجاڭنىڭ غەربىي قىسمىدىكى جەنۇبىي شىنجاڭ بىلەن شىمالىي شىنجاڭنى تۇتاشتۇرىدىغان مۇھىم يول بولۇپ، ئىچكى - تاشقى ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىش، لىنىيە بويىنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. تۈرنىڭ ئىلگىرىلەش سۈرئىتىنى تېزلىتىپ، نازارەت قىلىش - باشقۇرۇشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، سۈپەت قىزىل سىزىقى ۋە بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش تۆۋەن چېكىنى مۇستەھكەملەپ، ئېكولوگىيە - مۇھىتنى قوغداشقا ئەھمىيەت بېرىپ، تۈر قۇرۇلۇشىنىڭ سالماق يولغا قويۇلۇشىغا پۇختا تۈرتكە بولۇش كېرەك. مۇزارت پورتىدا، ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: پورتنى ئېچىۋېتىش قۇرۇلۇشىغا تېز تۈرتكە بولۇپ، يۇقىرى سەۋىيەدە سىرتقا ئېچىۋېتىشنى ئالغا سىلجىتىش كېرەك. ئەركىن تۇنىياز يەنە تۈكە قۇملۇقى، ئۇيسۇن تېغى ساياھەت مۇلازىمەت مەركىزى قاتارلىقلارغا بېرىپ، شىنجاڭنى ساياھەت ئارقىلىق گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇپ، ئۈل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، نۇقتىلىق مەنزىرە رايونلىرىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، تېخىمۇ ئەلا سۈپەتلىك مۇلازىمەت ئارقىلىق تېخىمۇ كۆپ ساياھەتچىنى جەلپ قىلىشنى تەكىتلىدى.

تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش داۋامىدا، ئەركىن تۇنىياز مۇنداق تەكىتلىدى: ئىلىنىڭ شىنجاڭنىڭ تەرەققىيات ئومۇمىي ۋەزىيىتىدىكى ئورنى ۋە رولىنى دەل جايىدا تېپىپ، ھەر تەرەپلىمە ئېچىۋېتىش ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، ئېچىۋېتىش سۇپىسىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ، ئېچىۋېتىش مۇھىتىنى ئەلالاشتۈرۈپ، سىرتقا يۈزلەنگەن ئىقتىسادنىڭ تەرەققىيات سەۋىيەسىنى تېز ئۆستۈرۈش كېرەك. ئۈنۈملۈك سېلىنمىنى كۈچەپ كېڭەيتىپ، قاتناش، ئېنېرگىيە قاتارلىق مۇھىم، زور ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشلىرىنى تېز ئالغا سىلجىتىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئۈنۈملۈك تىرەك بىلەن تەمىنلەش كېرەك. كەسىپ زەنجىرىدىكى ئاجىز ھالقىلارنى كۈچەپ تولۇقلاپ، كۈچەيتىپ، كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ «سەككىز چوڭ كەسىپ توپى» بەرپا قىلىپ، ساياھەتچىلىك، ئاشلىق - ياغ، يېشىل ئورگانىك مېۋە - كۆكتات قاتارلىق خاس ئەۋزەل كەسىپلەرنى ياخشى تۇتۇپ، زامانىۋىلاشقان كەسىپ سىستېمىسىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن بەرپا قىلىش كېرەك.

ليۇ سۇشې تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشتا بىللە بولدى.

مەنبە:

مەسئۇل مۇھەررىر: رەشىدە مامۇت