شىنجاڭ ئاكادېمىيە تورى
​سىستېما تەپەككۇرىدا، ئۇنىۋېرسال تەدبىر قوللىنىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئىسلاھاتقا تۈرتكە بولۇش كېرەك
يوللانغان ۋاقىت :2023-07-25 |   ئاپتور :   |   مەنبە : شىنجاڭ گېزىتى

ئاپتونوم رايوننىڭ يېڭى دەۋردىكى مائارىپنى باھالاش ئىسلاھاتى خىزمىتىنى ئالغا سىلجىتىش يىغىنى ئېچىلدى​

سىستېما تەپەككۇرىدا، ئۇنىۋېرسال تەدبىر قوللىنىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئىسلاھاتقا تۈرتكە بولۇش كېرەك

شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 7 - ئاينىڭ 23 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ليۇ شياڭ خەۋەر قىلىدۇ: 7 - ئاينىڭ 21 - كۈنى، ئاپتونوم رايوننىڭ يېڭى دەۋردىكى مائارىپنى باھالاش ئىسلاھاتى خىزمىتىنى ئالغا سىلجىتىش يىغىنى ئېچىلدى. يىغىندا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مائارىپ توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرى چوڭقۇر ئۆگىنىلدى، ئىزچىللاشتۇرۇلدى، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش باش تېما تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇشقا بىرلەشتۈرۈپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرما، تەلەپلىرى بويىچە ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ مائارىپنى باھالاش ئىسلاھاتى خىزمىتىنىڭ ئەمەلىيلىشىپ ئۈنۈم ھاسىل قىلىشىغا تۈرتكە بولۇش تەلەپ قىلىندى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مائارىپ خىزمىتى كومىتېتىنىڭ شۇجىسى جاڭ چۇنلىن يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى.

يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: مائارىپنى باھالاش مائارىپنىڭ تەرەققىيات يۆنىلىشىگە مۇناسىۋەتلىك، مائارىپنى ئىسلاھ قىلىش مائارىپ ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولىدىغان تۈپ ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ. پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى ئالاقىدار تارماقلار، ھەرقايسى مەكتەپلەر ھەقىقىي تۈردە سىياسىي يۈكسەكلىكنى ئۆستۈرۈپ، مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، مەسىلە يۆنىلىشى، نىشان يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، مائارىپنى باھالاش ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ ئەمەلىي ئۈنۈمى ئارقىلىق، ئاپتونوم رايونىمىز مائارىپىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا كۈچ قوشۇشى كېرەك.

يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: سىستېما تەپەككۇرى، ئۇنىۋېرسال تەدبىر يۈرگۈزۈشتە چىڭ تۇرۇپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ مائارىپنى باھالاش ئىسلاھاتى خىزمىتىگە دائىر تۈرلۈك ۋەزىپىلەرنى جايىدا، پۇختا ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتىش كېرەك. پارتىيەنىڭ مائارىپ خىزمىتىگە بولغان ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىپ، مەسئۇلىيەتنى ئىلمىي ئادا قىلىشنى گەۋدىلەندۈرۈپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا پارتىيە كومىتېتى بىرتۇتاش رەھبەرلىك قىلىدىغان، پارتىيە كومىتېتى، ھۆكۈمەت تەڭ تۇتۇپ ئورتاق باشقۇرىدىغان، تارماقلار ھەرقايسىسى ئۆز مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىدىغان مائارىپ رەھبەرلىك تۈزۈلمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇش، مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. ئەخلاق ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەشتە چىڭ تۇرۇپ، ھەر دەرىجىلىك، تۈرلۈك مەكتەپلەرنىڭ باھالاش خىزمىتىنى ياخشىلاپ، مەكتەپ باشقۇرۇش، مەكتەپ ئىدارە قىلىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. دىققەتنى ئادەم تەربىيەلەش بۇرچىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، ئوقۇتقۇچىلىق ئەخلاقى، ئوقۇتقۇچىلىق ئىستىلى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، مائارىپ ئوقۇتۇشى ئەمەلىي نەتىجىلىرىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، ئوقۇتقۇچىلارنى باھالاش خىزمىتىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. ئەتراپلىق يېتىلدۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىپ، ئەخلاقىي، ئەقلىي، جىسمانىي، گۈزەللىك، ئەمگەك جەھەتتە جەريان خاراكتېرلىك باھالاش ئۇسۇلىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تولۇق ئوتتۇرىغا ئۆرلەش ئىمتىھانى ئىسلاھاتى ۋە ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى ئۇنىۋېرسال ئىسلاھاتىنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، ئالىي مەكتەپلەرنىڭ تولۇق كۇرس ۋە ئاسپىرانتلار مائارىپى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئوقۇغۇچىلارنى باھالاش خىزمىتىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. قېلىپلاشتۇرۇش، يېتەكلەشنى كۈچەيتىپ، ئادەم ئىشلىتىشنى باھالاش خىزمىتىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئاپتونوم رايونىمىزدا مەمۇر قوبۇل قىلىش، كارخانا، كەسپىي ئورۇنلار تەكلىپ قىلىش قاتارلىق جەھەتلەردە ئەخلاق ۋە ئىقتىدار يۆنىلىش قىلىنغان، ئىش ئورنى ئېھتىياجى نىشان قىلىنغان ئىختىساسلىقلارنى ئىشلىتىش مېخانىزمىنى ئورنىتىشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك.

يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: مائارىپنى باھالاش ئىسلاھاتى بىر تۈرلۈك سىستېما قۇرۇلۇشى بولۇپ، تەشكلىي رەھبەرلىكنى كۈچەيتىپ، مەسئۇلىيەتنى چىڭىتىپ ۋە پۇختىلاپ، خىزمەت تەدبىرلىرىنى ئىنچىكىلەشتۈرۈپ، تەشۋىق قىلىش، يېتەكلەشنى كۈچەيتىپ، خىزمەت بىرىكمە كۈچىنى شەكىللەندۈرۈپ، مائارىپنى باھالاش ئىسلاھاتىنى ئالغا سىلجىتىشنى كۈچلۈك كاپالەت بىلەن تەمىنلەش كېرەك.

يىغىندا، سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى، قاراماي شەھىرى، ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتى، شىنجاڭ داشۆ، لوپ ناھىيەلىك ئوتتۇرا دەرىجىلىك كەسپىي تېخنىكا مەكتىپى قاتارلىق بەش ئورۇن پىكىر ئالماشتۇرۇپ سۆز قىلدى.

مەنبە:

مەسئۇل مۇھەررىر: رەشىدە مامۇت