شىنجاڭ ئاكادېمىيە تورى
خې جۇڭيوۋ ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىدىكى ياش رەھبەرلەر ۋەكىللەر ئۆمىكىدىكىلەر بىلەن كۆرۈشتى
يوللانغان ۋاقىت :2023-07-25 |   ئاپتور :   |   مەنبە : شىنجاڭ گېزىتى

شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 7 - ئاينىڭ 23 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى گۇەن مېڭيىڭ خەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى خې جۇڭيوۋ 7 - ئاينىڭ 23 - كۈنى چۈشتىن كېيىن ئۈرۈمچىدە شىنجاڭغا زىيارەتكە كەلگەن «كەلگۈسىدىكى كۆۋرۈك» جۇڭگو − ئوتتۇرا ئاسىيا ياش رەھبەرلەر مۇھاكىمە - ئالماشتۇرۇش لاگېرىدىكىلەر بىلەن كۆرۈشتى.

خې جۇڭيوۋ ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەتكە ۋاكالىتەن ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ كەلگەنلىكىنى قارشى ئالدى. ئۇ مۇنداق دېدى: پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى شىنجاڭ خىزمىتىنى ئىستراتېگىيە جەھەتتىن كۆزىتىپ ۋە پىلانلاپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىق خىزمىتى ئۈچۈن تۈپ يۆنىلىشنى ئېنىق كۆرسىتىپ بەردى. رەئىس شى جىنپىڭنىڭ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما تاپشۇرۇقنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، مىننەتدار بولۇپ جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈشتىكى ئىستراتېگىيەلىك ئورنىنى چىڭ كۆزلەپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇشنىڭ شىنجاڭ سەھىپىسىنى جاسارەت بىلەن پۈتۈپ چىقماقتا. ھازىر شىنجاڭ يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، «بىر بەلباغ، بىر يول» لىنىيەسى بويىدىكى دۆلەتلەر، بولۇپمۇ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بەش دۆلەت بىلەن بولغان ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىشىشنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرماقتا. كۆپچىلىكنىڭ كۆپرەك ئايلىنىپ، كۆپرەك كۆرۈپ، شىنجاڭدا زىيارەتتە بولغان مەزگىلدە كۆرگەن - ئاڭلىغانلىرىنى تېخىمۇ كۆپ كىشىگە بەھرىلەندۈرۈپ، جۇڭگو شىنجاڭ ھېكايىسىنى ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدىگەن ھالدا ياخشى سۆزلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. شۇنىڭ بىلەن بىللە كۆپچىلىكنىڭ جۇڭگو شىنجاڭدىكى ياشلار بىلەن بولغان ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىشىشنى كۈچەيتىپ، ھەرقايسى دۆلەت ياشلىرىنىڭ يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشىغا پائال قاتنىشىشىغا زور كۈچ بىلەن تۈرتكە بولۇپ، ياخشى دوستلۇق ئەلچىسى ۋە ھەمكارلىق كۆۋرۈكى بولۇشىنى قارشى ئالىمەن.

ۋەكىللەر ئۆمىكىدىكىلەر مۇنداق بىلدۈردى: شىنجاڭغا زىيارەتكە كەلگەندىن كېيىن، تىنچ - ئىناق، گۈللەپ ياشناۋاتقان شىنجاڭنى كۆردۇق، شىنجاڭنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيىتى جۇش ئۇرۇپ راۋاجلىنىۋېتىپتۇ، ھەرقايسى مىللەتلەر ئېجىل - ئىناق ئۆتۈۋېتىپتۇ، كەلگۈسى تەرەققىيات ئىستىقبالى پارلاق، يوشۇرۇن كۈچى چەكسىز ئىكەن، ۋەكىللەر ئۆمىكىمىز ئۆز رولىمىزنى پائال جارى قىلدۇرۇپ، ياخشى كۆۋرۈك، ۋاسىتە بولۇپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى يۇقىرى سۈپەتتە ئورتاق قۇرۇشنى چۆرىدەپ، ھەرقايسى دۆلەت ياشلىرىنىڭ ئالماشتۇرۇشى، ھەمكارلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىغا كۈچ قوشۇپ، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ ئورتاق نەپ ئېلىشنى ئىشقا ئاشۇرىمىز.

مەنبە:

مەسئۇل مۇھەررىر: رەشىدە مامۇت