جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسى شىنجاڭ فىزىكا - خىمىيە تېخنىكىسى تەتقىقات ئورنى:
ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى بىلەن بولغان بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇردى
شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى 7 - ئاينىڭ 22 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جېڭ جو خەۋەر قىلىدۇ: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسى شىنجاڭ فىزىكا - خىمىيە تېخنىكىسى تەتقىقات ئورنى ئۆزبېكىستاننى ھەمكارلىق مەركىزى قىلىپ باشقا دۆلەتلەرگە تەسىر كۆرسىتىپ، پەن - تېخنىكا جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىشىشنى سىجىل قانات يايدۇردى. ھازىرغا قەدەر، جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسى شىنجاڭ فىزىكا - خىمىيە تېخنىكىسى تەتقىقات ئورنى ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ 12 دۆلەت، چېگرا سىرتىدىكى 20دىن ئارتۇق پەن تەتقىقات ئاپپاراتى ۋە ئالىي مەكتەپ بىلەن 36 تۈردە ھەمكارلىق ئەسلەتمىسى ئىمزالاپ، ئون تۈردە خەلقئارا پاتېنت ھوقۇقى بېرىپ، كۆپلىگەن خەلقئارا پەن - تېخنىكا ھەمكارلىق مۇھىم سۇپىسى قۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىپ، بىر قاتار مول ھەمكارلىق نەتىجىلىرىنى قولغا كەلتۈردى.
تونۇشتۇرۇلۇشىچە، جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسى شىنجاڭ فىزىكا - خىمىيە تېخنىكىسى تەتقىقات ئورنى «بىر بەلباغ، بىر يول» لىنىيەسى بويىدىكى دۆلەتلەر بىلەن دورا ساھەسىدە يېڭىلىق يارىتىشتا ئۈنۈملۈك بولغان خەلقئارا پەن - تېخنىكا ھەمكارلىقىنى قانات يايدۇرغان بولۇپ، نۆۋەتتە، ئاياللار كېسىلىنى داۋالايدىغان يېڭى دورا − ئانار پوستى پولىفېنول يېلىمى، ئەرلەر كېسىلىنى داۋالايدىغان يېڭى دورا − ئەيلا تابلېتكىسى، كۆز كېسىلىنى داۋالايدىغان يېڭى دورا − سابيا تابلېتكىسى بويىچە ئۆزبېكىستاندا نەتىجىلىرىنى ئايلاندۇرۇشنى تاماملاپ، مۇرەككەپ رېتسېپلىق جۇڭيى دورىلىرىنىڭ كۆپ خىل تىپىنى ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىدە تەتقىق قىلىپ ياساش ۋە تىزىمغا ئالدۇرۇش بويىچە تېخنىكا ئۈلگىسىنى شەكىللەندۈرگەن. شۇنىڭ بىلەن بىللە، C تىپلىق جىگەر ياللۇغى ۋىرۇسىغا قارشى دورا SOVONTA ئۆزبېكىستاننىڭ ئىشلەپچىقىرىش تەستىقىغا ئېرىشىپ، ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىدىكى C تىپلىق جىگەر ياللۇغىغا گىرىپتار بولغان 2 مىليونغا يېقىن ئاغرىققا خۇش خەۋەر ئېلىپ كەلگەن.
2022 - يىلى، جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسى شىنجاڭ فىزىكا - خىمىيە تېخنىكىسى تەتقىقات ئورنى «پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشچان جۇڭگو» يېڭىلىق يارىتىش بازىسى ۋە ئۈرۈمچى بىيوتېببىي دورىگەرلىك كەسپى بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى تىجارەت مەركىزى بولۇپ تەستىقلاندى، «جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسى شىنجاڭ فىزىكا - خىمىيە تېخنىكىسى تەتقىقات ئورنى بۇنى پۇرسەت بىلىپ، يېڭىلىق يارىتىش، تەتقىق قىلىپ ئېچىش سالمىقىنى يەنىمۇ زورايتىپ، پەن - تېخنىكا نەتىجىلىرىنى ئايلاندۇرۇش نىسبىتىنى ئۆستۈرۈپ، يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تۈرتكە بولىدىغان كەسىپ زەنجىرىنى تۇتاشتۇرۇپ تەرەققىي قىلدۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، تېببىي دورا كەسپىنىڭ تەرەققىياتىنى چەكلەپ تۇرۇۋاتقان بىر تۈركۈم ئاچقۇچلۇق تېخنىكىلاردا بۆسۈش ھاسىل قىلىپ، بىر تۈركۈم مۇھىم، زور يېڭى دورا نەتىجىلىرىنى ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىدە ئەمەلىيلەشتۈرۈش، ئايلاندۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرىدۇ» دېدى جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسى شىنجاڭ فىزىكا - خىمىيە تېخنىكىسى تەتقىقات ئورنىنىڭ باشلىقى پەن شىليې.