شىنجاڭ ئاكادېمىيە تورى
يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا يېتەكچىلىك قىلىشتا تېخىمۇ چوڭ قەدەم تاشلاش كېرەك
يوللانغان ۋاقىت :2023-07-25 |   ئاپتور :   |   مەنبە : شىنجاڭ گېزىتى

ئەركىن تۇنىياز، لى يىفېي، جاڭ چۇنلىن، خې جۇڭيوۋ قاتناشتى

7 - ئاينىڭ 22 - كۈنى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى، پەن - تېخنىكا مىنىستىرلىقى، جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسى، شېنجېن شەھىرىنىڭ «تۆت تەرەپ ھەمكارلىقى» خىزمىتىنى ئالغا سىلجىتىش يىغىنى ئۈرۈمچىدە ئېچىلدى. □ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى سۈي جىجيەن فوتوسى

شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 7 - ئاينىڭ 22 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋاڭ شىڭرۇي خەۋەر قىلىدۇ: شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى، پەن - تېخنىكا مىنىستىرلىقى، جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسى، شېنجېن شەھىرىنىڭ «تۆت تەرەپ ھەمكارلىقى» خىزمىتىنى ئالغا سىلجىتىش يىغىنى 7 - ئاينىڭ 22 - كۈنى ئۈرۈمچىدە ئېچىلدى، يىغىندا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش توغرىسىدىكى تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش چۆرىدىلىپ، يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش ئىستراتېگىيەسى، شىنجاڭنى پەن - تېخنىكا ئارقىلىق روناق تاپقۇزۇش ئىستراتېگىيەسى ۋە ئىختىساسلىقلار كۈچلۈك رايونى ئىستراتېگىيەسىنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، يېڭى بىر نۆۋەتلىك «تۆت تەرەپ ھەمكارلىقى»نى ئورتاق تەتقىق قىلىپ، پىلانلاپ، شىنجاڭنىڭ پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشىغا قول تۇتۇشۇپ تۈرتكە بولۇپ، كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلاپ، ئاجىز تۈرلەرنى كۈچەيتىشنى تېزلىتىپ، پەن - تېخنىكىنىڭ تىرەكلىك ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، ئىقتىساد، جەمئىيەتنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا يېتەكچىلىك قىلىشتا تېخىمۇ چوڭ قەدەم تاشلاپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىگە مۇلازىمەت قىلىش ۋە سىڭىشىشتە تېخىمۇ زور نەتىجىلەرنى نامايان قىلىش تەلەپ قىلىندى.

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ما شىڭرۇي، پەن - تېخنىكا مىنىستىرلىقى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، مىنىستىر ۋاڭ جىگاڭ، جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ باشلىقى، پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى خوۋ جيەنگو، شېنجېن شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، شەھەر باشلىقى چىن ۋېيجۇڭ يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى.

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، بىڭتۇەننىڭ جېڭۋېيسى لى يىفېي، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى جاڭ چۇنلىن، خې جۇڭيوۋ يىغىنغا قاتناشتى. پەن - تېخنىكا مىنىستىرلىقى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن مىنىستىر ۋۇ چاۋخۇي يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

ما شىڭرۇي ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى، ھۆكۈمەت ۋە بىڭتۇەنگە ۋاكالىتەن، پەن - تېخنىكا مىنىستىرلىقى، جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسى، شېنجېن شەھىرىنىڭ ئۇزاقتىن بۇيان شىنجاڭنىڭ پەن - تېخنىكا ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا كۆڭۈل بۆلۈپ ۋە قوللاپ كېلىۋاتقانلىقىغا رەھمەت ئېيتتى. ئۇ مۇنداق دېدى: «تۆت تەرەپ ھەمكارلىقى» قانات يايدۇرۇلغاندىن بۇيان، بىز خىزمەت مېخانىزمىنى سىجىل مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئەمەلىي ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئەلا سۈپەتلىك بايلىقلارنى توپلاپ، شىنجاڭدا «ئىككى رايون»نى ئورتاق ئورۇنلاشتۇرما قىلىپ، ئورتاق ئالغا سىلجىتىدىغان ئىجادىي تەرەققىيات ئەندىزىسىنى شەكىللەندۈرۈشكە بىرلىكتە تۈرتكە بولدۇق. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇپ، پەن - تېخنىكىنىڭ ئېچىۋېتىش، ھەمكارلىشىش تەرەققىياتىنى تېزلىتىپ، «تۆت تەرەپ ھەمكارلىقى»نى ئۈزلۈكسىز يۇقىرى سۈپەتتە ئالغا سىلجىتىش كېرەك. شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش قاتارلىق دۆلەتنىڭ ئالاھىدە قوللاش سىياسەتلىرىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، يېڭىلىق يارىتىش بايلىقلىرىنىڭ يۇقىرى ئۈنۈملۈك توپلىنىشى، رايون ھالقىپ ھەمتۈرتكە بولۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ئاساسىنى پۇختىلاپ، يېڭىلىق يارىتىش، ئىجاد قىلىش ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇش كېرەك. «سەككىز چوڭ كەسىپ توپى» قۇرۇلۇشىنى نىشانلاپ، دىققەتنى تەرەققىياتتا جىددىي ئېھتىياجلىق بولۇۋاتقان ۋە يېڭىلىق يارىتىپ بۆسۈش ھاسىل قىلىشقا جىددىي ئېھتىياجلىق بولۇۋاتقان نۇقتىلىق ساھەلەرگە مەركەزلەشتۈرۈپ، ئاچقۇچلۇق، يادرولۇق تېخنىكىلاردا بىرلىشىپ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىشنى قانات يايدۇرۇپ، پەن - تېخنىكا نەتىجىلىرىنى ئايلاندۇرۇش، قوللىنىش ۋە كەسىپلەشتۈرۈش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشىغا چوڭقۇر سىڭىشىپ، ئەتراپتىكى دۆلەتلەر بىلەن بولغان پەن - تېخنىكا ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بەش دۆلەتكە يۈزلەنگەن يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى رايون پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش مەركىزى قۇرۇش كېرەك. شىنجاڭ پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشنى گەۋدىلىك ئورۇنغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، سۇپا مېخانىزمىدىن ھەقىقىي ياخشى پايدىلىنىپ، ئاساس تەتقىقاتى سېلىنمىسىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، كارخانىلارنىڭ يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، پەن - تېخنىكا ئىختىساسلىقلىرىنى جەلپ قىلىش - يېتىشتۈرۈشنى كۈچەيتىپ، «تۆت تەرەپ ھەمكارلىقى»نىڭ ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلىشىشى، پۇختا بولۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى تېخىمۇ كۈچلۈك پەن - تېخنىكا تىرىكى بىلەن تەمىنلەيدۇ.

ۋاڭ جىگاڭ مۇنداق كۆرسەتتى: شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەت پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشقا تۈرتكە بولۇشتا يېڭى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، «تۆت تەرەپ ھەمكارلىقى» مېخانىزمى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللىشىپ، پەن - تېخنىكا ھەمكارلىقىنىڭ ئاساس تەتقىقاتى، تېخنىكا تەتقىق قىلىش - يارىتىش، ئۈلگە كۆرسىتىپ قوللىنىش پۈتۈن زەنجىرىنى، تۈر ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش، سۇپىنى بىرلىشىپ قۇرۇش، بايلىقتىن ئورتاق بەھرىلىنىش، ئىختىساسلىقلارنى ئالماشتۇرۇشنىڭ ھەرقايسى تەرەپلىرىنى، ھۆكۈمەت، كارخانا، ئالىي مەكتەپ، پەن تەتقىقات ئاپپاراتى، پۇل مۇئامىلە، مۇلازىمەت، نەتىجىلەرنى ئايلاندۇرۇشقا دائىر ھەرقايسى ساھەلەرنى قاپلىشىغا ماس تۈرتكە بولۇپ، شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا كۈچلۈك تىرەك بولدى. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرى ۋە شىنجاڭ توغرىسىدىكى بىر قاتار مۇھىم سۆزى، مۇھىم يوليورۇقى، تەستىقىي يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، جەمئىيەت مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى چۆرىدەپ، پەن - تېخنىكا ئېھتىياجى بىلەن يۇقىرى سۈپەتلىك تەمىناتنىڭ ئۈنۈملۈك جىپسىلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئەۋزەل يېڭىلىق يارىتىش بايلىقىنىڭ شىنجاڭغا توپلىنىشىغا، يېڭىلىق يارىتىش مۇھىم ئامىللىرىنىڭ تەرتىپلىك يۆتكىلىشى، يۇقىرى ئۈنۈملۈك تەقسىملىنىشىگە تۈرتكە بولۇش كېرەك. شىنجاڭنىڭ ئىستراتېگىيەلىك قېزىلما بايلىق، يېڭى ئېنېرگىيە، يېڭى ماتېرىيال قاتارلىق ساھەلىرىنى چۆرىدەپ، يېڭىلىق يارىتىش زەنجىرى، كەسىپ زەنجىرىنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئاچقۇچلۇق، يادرولۇق تېخنىكىلاردا ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىشنى تېزلىتىپ، پەن - تېخنىكا نەتىجىلىرىنى ئايلاندۇرۇش ۋە كەسىپلەشتۈرۈشنى يۇقىرى سەۋىيەدە قانات يايدۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ خاس كەسىپلىرىنىڭ تەرەققىياتى ۋە خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشقا كۈچ قوشۇش كېرەك. ماسلاشتۇرۇش، ئالاقىلىشىش خىزمىتى مېخانىزمىنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈپ، خىزمەت بىرىكمە كۈچىنى مۇجەسسەملەپ، «تۆت تەرەپ ھەمكارلىقى»نىڭ يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈلۈشىگە تۈرتكە بولۇپ، پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشنىڭ تىرەكلىك، يېتەكچىلىك رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن يېڭى تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇش كېرەك.

خوۋ جيەنگو مۇنداق بىلدۈردى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئاكادېمىيە - رايون ئىككى تەرەپ ئورتاق ھەمكارلىشىپ، مۇھىم، زور پەن - تېخنىكا ۋەزىپىلىرىنى ئۈستىگە ئېلىشنى تەشكىللەش، ئەسلىي يېڭىلىق يارىتىش ۋە ئاچقۇچلۇق، يادرولۇق تېخنىكىلاردا ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىشنى قانات يايدۇرۇش، يېڭىلىق يارىتىش ئىختىساسلىقلار قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش، پەن - تېخنىكا نەتىجىلىرىنى يۆتكەش، ئايلاندۇرۇشنى تېزلىتىش، ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى ئىلگىرى سۈرۈش قاتارلىق جەھەتلەردە ياخشى ئىلگىرىلەش ۋە نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى. «تۆت تەرەپ ھەمكارلىقى» خىزمەت مېخانىزمى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى بىر قاتار مۇھىم يوليورۇقى، تەستىقىي يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشتىكى مۇھىم تەدبىر، ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ ئۆز ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ئوخشاش يۆنىلىشتە ئىلگىرىلەپ، ھەمكارلىشىپ يېڭىلىق يارىتىپ، تېخىمۇ كۆپ يېڭىلىق يارىتىش بايلىقىنى شىنجاڭغا توپلىنىشقا يېتەكلەپ، شىنجاڭنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى تېخىمۇ كۈچلۈك پەن - تېخنىكا تىرىكى بىلەن تەمىنلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسى سىستېمىلىشىش، ئىشتاتلىشىش ئەۋزەللىكى ۋە شىنجاڭدىكى ئاپپاراتلىرىنىڭ پەن - تېخنىكا، ئىختىساسلىقلار ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىيات ئېھتىياجىنى كۆزلەپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش سۇپىسى ئورۇنلاشتۇرۇش، قۇرۇشنى قوللاپ، ئاچقۇچلۇق، يادرولۇق تېخنىكىلاردا ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىشنى كۈچەپ ئالغا سىلجىتىپ، پەن - تېخنىكا نەتىجىلىرىنى ئايلاندۇرۇش ۋە قۇرۇلۇشلاشتۇرۇش بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىشكە تۈرتكە بولۇپ، پەن - تېخنىكا ئىختىساسلىقلىرى ۋە ئەقلىي كۈچ مەدىتى بىلەن تەمىنلەپ، پائال تۈردە شىنجاڭنىڭ پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ئىشلىرى ۋە ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىغا يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشۇپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك پەن - تېخنىكىدا ئۆزىگە تايىنىش، ئۆزىنى قۇدرەت تاپقۇزۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى تېزلىتىش ئۈچۈن يېڭى تۆھپە قوشىدۇ.

چىن ۋېيجۇڭ مۇنداق دېدى: شېنجېن باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى ۋە نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇپ، «تۆت تەرەپ ھەمكارلىقى»دىكى تۈرلۈك ۋەزىپىلەرنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، شېنجېننىڭ پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ۋە يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، رايون ھالقىغان پەن - تېخنىكا، كەسىپ ھەمكارلىقىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، يېڭىلىق يارىتىش سۇپىسىنى ئۇدۇللاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئاچقۇچلۇق، يادرولۇق تېخنىكا ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش، پەن - تېخنىكا نەتىجىلىرىنى ئۈلگە كۆرسىتىپ كېڭەيتىش ۋە كەسىپلەشتۈرۈپ قوللىنىشنى قول تۇتۇشۇپ قانات يايدۇرۇپ، شېنجېننىڭ «8 + 20» ئىستراتېگىيەلىك يېڭىدىن گۈللەنگەن كەسىپلەر توپى ۋە كەلگۈسى كەسىپلىرىنىڭ شىنجاڭنىڭ «سەككىز چوڭ كەسىپ توپى» بىلەن بولغان ھەمكارلىقى، ھەمتۈرتكىلىكى، ئەۋزەللىكلەر ئارقىلىق بىر - بىرىنى تولۇقلىشىغا تۈرتكە بولۇپ، ھاسىلىي ئېنېرگىيە، يورۇقلۇق ۋولت، زاپاس ساقلاش، توك قاچىلاشنى بىرگەۋدىلەشتۈرۈش، رەقەملىك ئېنېرگىيە قاتارلىق ساھەلەردىكى چوڭقۇر ھەمكارلىقنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، باغچە رايوننى ھەمكارلىشىپ ئورتاق قۇرۇش ۋە ئىختىساسلىقلار ئالماشتۇرۇشى، ئالاقىسىنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش سىناق رايونى، ئۈرۈمچى - سانجى - شىخەنزە دۆلەت ئۆز ئالدىغا يېڭىلىق يارىتىش بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش رايونى قۇرۇلۇشىغا تېخىمۇ ياخشى مەدەت بېرىپ، مۇلازىمەت قىلىپ، تىرىشىپ شىنجاڭنىڭ جەمئىيەت مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈش، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى قول تۇتۇشۇپ ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن تېخىمۇ زور تۆھپە قوشىدۇ.

يىغىندا، ئەركىن تۇنىياز، شۆ بىن ئايرىم - ئايرىم ھالدا ئاپتونوم رايون، بىڭتۇەننىڭ «تۆت تەرەپ ھەمكارلىقى»نى چوڭقۇرلاشتۇرۇش نەتىجىلىرىنى تونۇشتۇردى، ھەم پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ھەمكارلىقىنى يەنىمۇ كۈچەيتىش، شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تېخىمۇ ياخشى تىرەك بولۇش، يېتەكچىلىك قىلىش توغرىسىدا تەكلىپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى.

يىغىندىن ئىلگىرى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى بىلەن جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسى ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالىدى.

جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ مۇئاۋىن ئاكادېمىيە باشلىقى ۋاڭ كېچياڭ، ئاپتونوم رايون ۋە بىڭتۇەن رەھبەرلىرىدىن چېن ۋېيجۈن، قەيسەر ئابدۇكېرىم، خا زېڭيوۋ؛ پەن - تېخنىكا مىنىستىرلىقى، جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسى، شېنجېن شەھىرىدىكى ئالاقىدار تارماقلاردىكى مەسئۇل يولداشلار ۋە ئالاقىدار كارخانىلارنىڭ مەسئۇللىرى، ئاپتونوم رايوندىكى ئالاقىدار تارماقلار، ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەر ۋە بىڭتۇەننىڭ ئالاقىدار شى، شەھەرلىرىدىكى مەسئۇل يولداشلار ھەم نۇقتىلىق كارخانىلارنىڭ ۋەكىللىرى قاتارلىقلار يىغىنغا قاتناشتى.

مەنبە:

مەسئۇل مۇھەررىر: رەشىدە مامۇت