شىنجاڭ ئاكادېمىيە تورى
«پارتىيە بايرىقى ئاستىدا ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئۈچۈن كۈرەش قىلىش − يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ يېڭى دەۋردىكى خەلق ئارمىيەسىدە پارتىيە رەھبەرلىكى ۋە پارتىيە قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىشقا رەھبەرلىك قىلغانلىقى توغرىسىدا بايان»
يوللانغان ۋاقىت :2023-07-21 |   ئاپتور :   |   مەنبە : شىنجاڭ گېزىتى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى چوڭ ھەجىملىك تەپسىلىي خەۋەر تارقاتتى

«پارتىيە بايرىقى ئاستىدا ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئۈچۈن كۈرەش قىلىش − يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ يېڭى دەۋردىكى خەلق ئارمىيەسىدە پارتىيە رەھبەرلىكى ۋە پارتىيە قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىشقا رەھبەرلىك قىلغانلىقى توغرىسىدا بايان»

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 7 ـ ئاينىڭ 19 ـ كۈنىدىكى تېلېگراممىسىغا ئاساسلانغان شىنخۇا ئاگېنتلىقى 7 ـ ئاينىڭ 19 ـ كۈنى «پارتىيە بايرىقى ئاستىدا ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئۈچۈن كۈرەش قىلىش − يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ يېڭى دەۋردىكى خەلق ئارمىيەسىدە پارتىيە رەھبەرلىكى ۋە پارتىيە قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىشقا رەھبەرلىك قىلغانلىقى توغرىسىدا بايان» ناملىق تەپسىلىي خەۋەرنى ئېلان قىلدى.

«پارتىيە رەھبەرلىكى ۋە پارتىيە قۇرۇلۇشى ئارمىيەمىزنىڭ قۇرۇلۇشى، تەرەققىياتىدىكى ئاچقۇچ بولۇپ، ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىشلىرىنىڭ گۈللىنىشى ياكى خارابلىشىشى، مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشى ياكى مەغلۇپ بولۇشىغا مۇناسىۋەتلىك، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ ئەبەدىي ئەمىنلىكىگە مۇناسىۋەتلىك».

ماقالىدە مۇنداق كۆرسىتىلدى: پارتىيە 18 ـ قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ئارمىيەمىزدە پارتىيە رەھبەرلىكى ۋە پارتىيە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشنى پارتىيە قۇرۇلۇشىدىن ئىبارەت يېڭى ئۇلۇغ قۇرۇلۇشنى ئالغا سىلجىتىش داۋامىدا ئويلىنىش، قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىشنىڭ تارىخىي مۇساپىسىگە قويۇپ پىلانلاشتا چىڭ تۇردى −

يېڭى دەۋردىكى پارتىيە قۇرۇلۇشى ئومۇمىي تەلىپىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ تەشكىلىي لۇشيەنىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى كۈچەيتىشنى ئەڭ ئالىي پىرىنسىپ قىلىپ، سادىقلىق بىلەن پارتىيەگە ئۆزىنى بېغىشلاش، پارتىيەنى ھىمايە قىلىش، پۈتۈن كۈچ بىلەن پارتىيەنى گۈللەندۈرۈش، پارتىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇشنى تۈپ بۇرچ قىلىپ، چوڭ پارتىيەگىلا خاس قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇشنى مۇھىم، زور ۋەزىپە قىلىپ، پارتىيەنىڭ ئارمىيەگە بولغان مۇتلەق رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، دىققەتنى ئۇرۇشقا تەييارلىق كۆرۈش، ئۇرۇش قىلىشقا مەركەزلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، ئارمىيەمىزدە پارتىيە رەھبەرلىكى ۋە پارتىيە قۇرۇلۇشىدا ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇر ئۆزگىرىش ھاسىل قىلىپ، ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىشلىرىدا تارىخىي مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرۈش، تارىخىي ئۆزگىرىش ھاسىل قىلىشنى كۈچلۈك سىياسىي كاپالەت بىلەن تەمىنلىدى.

جۇڭگوچە ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش يولى شۇنى چوڭقۇر ئۇقتۇرىدۇكى − يېڭى دەۋردىكى ئارمىيەمىزدە پارتىيە رەھبەرلىكى ۋە پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىش پارتىيە قۇرۇلۇشىدىن ئىبارەت يېڭى ئۇلۇغ قۇرۇلۇشنى ئالغا سىلجىتىشنىڭ مۇقەررەر تەلىپى، دۆلەتنى، ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇشنى ئالغا سىلجىتىشنىڭ مۇقەررەر تەلىپى.

بۇمۇ ئارمىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىق كۈرەش نىشانىنى قەرەلىدە ئىشقا ئاشۇرۇپ، خەلق ئارمىيەسىنى دۇنيادا بىرىنچى قاتاردا تۇرىدىغان ئارمىيە قىلىپ قۇرۇپ چىقىشنى تېزلىتىشتىكى ئاچقۇچلۇق تەدبىر − خەلق ئارمىيەسىدە پارتىيە قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىپ، مىلتىقنىڭ پارتىيەنىڭ قوماندانلىقىغا مەڭگۈ بويسۇنۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش.

ماقالە بەش قىسىمغا بۆلۈنگەن: «پارتىيەنىڭ ئارمىيەگە بولغان مۇتلەق رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش ئارمىيەمىزدە پارتىيە رەھبەرلىكى ۋە پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتىنى كۈچەيتىشتىكى باش ۋەزىپە» − خەلق ئارمىيەسى يادرونى قەتئىي قوغداپ، پارتىيەنىڭ قوماندانلىقىغا قەتئىي بويسۇنۇپ، يىلتىزى ۋە روھىنى چىڭ ساقلىدى؛ «ئارمىيەدە پارتىيە قۇرۇلۇشى جەزمەن ئۇرۇش قىلالايدىغان، غەلىبىلىك ئۇرۇش قىلالايدىغان بولۇشنى زىچ چۆرىدەپ قانات يايدۇرۇلۇپ، قىسىمنىڭ جەڭگىۋارلىقىنى ئاشۇرغۇچ ۋە قۇۋۋەت كۈچەيتكۈچكە ئايلىنىشى كېرەك» − خەلق ئارمىيەسى جەڭگىۋارلىقتىن ئىبارەت بۇ بىردىنبىر تۈپ ئۆلچەمنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، زامانىۋىلاشتۇرۇش سەۋىيەسى ۋە ئەمەلىي ئۇرۇش قىلىش ئىقتىدارىنى كۆرۈنەرلىك ئۆستۈردى؛ «پارتىيەنىڭ كۈچى تەشكىلدىن كېلىدۇ، تەشكىل كۈچلۈك بولسا ئارمىيە كۈچلۈك بولىدۇ» − خەلق ئارمىيەسىنىڭ ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ رەھبەرلىك كۈچى، تەشكىللەش كۈچى، ئىجرا قىلىش كۈچى ئۈزلۈكسىز كۈچىيىپ، ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش، ئارمىيەنى گۈللەندۈرۈشتىكى خاس ئەۋزەللىكى سىجىل مۇستەھكەملەندى؛ «كادىرلارنى تەربىيەلەش، ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلەشنى تېخىمۇ گەۋدىلىك ئورۇنغا قويۇپ، سادىق، پاك، مەسئۇلىيەتچان يۇقىرى ساپالىق كادىرلار قوشۇنىنى كۈچەپ بەرپا قىلىش، ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇپ ئۇرۇشتا غەلىبە قىلىشقا ئىرادە باغلىغان ھەرقايسى تەرەپلەردىكى مۇنەۋۋەر ئىختىساسلىقلارنى كۈچەپ توپلاش كېرەك» − خەلق ئارمىيەسى پارتىيە كادىرلارنى باشقۇرۇش، پارتىيە ئىختىساسلىقلارنى باشقۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش مۇھىم ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالالايدىغان ئىختىساسلىقلار چاسا سېپىنى تېز قەد كۆتۈرگۈزدى؛ «مەڭگۈ داۋاملىشىدىغان قەتئىيلىك ۋە چىدامچانلىق ئارقىلىق قاتتىق بولۇشنى باش ئورۇنغا قويۇش، ئومۇميۈزلۈك قاتتىق بولۇش، ئاخىرغىچە قاتتىق بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ئارمىيەمىزنىڭ پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشىنى ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىش كېرەك.» − خەلق ئارمىيەسى سىياسىي ئېكولوگىيەدە تۈپتىن ياخشىلىنىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، يېڭى ئىستىل، توغرا كەيپىياتنى ئۈزلۈكسىز ئەۋج ئالدۇردى.

ماقالىدە مۇنداق دېيىلدى: يېڭى مۇساپە شان ـ شەرەپ ۋە ئارزۇغا تولغان ئۇزۇن سەپەر. خەلق ئارمىيەسى يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئۇيۇشۇپ، «ئىككىنى تىكلەش»نىڭ ھەل قىلغۇچ ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ھەربىي كومىتېت رەئىسى مەسئۇل بولۇش تۈزۈمىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئارمىيەمىزدە پارتىيە رەھبەرلىكى ۋە پارتىيە قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىپ، روھىي ھالەتنى ئۇرغۇتۇپ، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەش كۈچىنى مۇجەسسەملەپ، ئارمىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش، دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيەنى زامانىۋىلاشتۇرۇشتا يېڭى ۋەزىيەت يارىتىشنى كۈچلۈك سىياسىي كاپالەت بىلەن تەمىنلىشى كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر: رەشىدە مامۇت