ما شىڭرۇي، يى ليەنخۇڭ، ئەركىن تۇنىياز، زۇمرەت ئوبۇل پائالىيەتكە قاتناشتى
7 ـ ئاينىڭ 18 ـ كۈنىدىن 19 ـ كۈنىگىچە، جېجياڭ ئۆلكىسى پارتىيە، ھۆكۈمەت ۋەكىللەر ئۆمىكى شىنجاڭغا كېلىپ نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنى تەكشۈردى، ئۇدۇللاشتۇردى. 7 ـ ئاينىڭ 18 ـ كۈنى، جېجياڭ ئۆلكىسى . شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ھەم شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش ـ قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى ئارال شەھىرىدە ئېچىلدى. □ ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى سۈي جىجيەن فوتوسى
شىنجاڭ گېزىتى، ئاقسۇ، 7 ـ ئاينىڭ 19 ـ كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى ۋاڭ شىڭرۇي، ليۇ شياڭ خەۋەر قىلىدۇ: 7 ـ ئاينىڭ 18 ـ كۈنىدىن 19 ـ كۈنى چۈشتىن بۇرۇنغىچە، جېجياڭ ئۆلكىلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، ئۆلكىلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى يى ليەنخۇڭ جېجياڭ ئۆلكىسى پارتىيە، ھۆكۈمەت ۋەكىللەر ئۆمىكىنى باشلاپ شىنجاڭغا كېلىپ نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنى تەكشۈردى، ئۇدۇللاشتۇردى، جېجياڭ بىلەن شىنجاڭ سۆھبەت يىغىنى ئېچىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش توغرىسىدىكى تەدبىر ـ ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ھەر تەرەپلىمە ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خىزمىتىدە ئۈزلۈكسىز يېڭى ۋەزىيەت يارىتىشقا، يېڭى پەللىگە قەدەم قويۇشقا تۈرتكە بولدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش ـ قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى پارتىيە كومىتېتىنىڭ 1 ـ شۇجىسى، 1 ـ جېڭۋېي ما شىڭرۇي، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى زۇمرەت ئوبۇل ئالاقىدار پائالىيەتكە قاتناشتى.
7 ـ ئاينىڭ 18 ـ كۈنى چۈشتىن كېيىن، جېجياڭ ئۆلكىسى . شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ھەم شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش ـ قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى ئارال شەھىرىدە ئېچىلدى. ما شىڭرۇي ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى، ھۆكۈمەت، بىڭتۇەن ۋە پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىغا ۋاكالىتەن، جېجياڭ ئۆلكىسىنىڭ ئۇزاقتىن بۇيان شىنجاڭنى زور كۈچ بىلەن قوللىغانلىقىغا ۋە شىنجاڭغا خالىس ياردەم بەرگەنلىكىگە چىن كۆڭلىدىن رەھمەت ئېيتتى. ئۇ مۇنداق كۆرسەتتى: جېجياڭ ئۆلكىلىك پارتىيە كومىتېتى، ئۆلكىلىك ھۆكۈمەت باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر ـ ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، دىققەتنى پارتىيە 20 ـ قۇرۇلتىيىدا بېكىتىلگەن نىشان ـ ۋەزىپىلەرگە مەركەزلەشتۈرۈپ، «ئىككى سەككىز ئىستراتېگىيەسى»نى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، «ئىككىدە ئالدىن يۈرۈش» ئارقىلىق «مۇھىم كۆزنەك» بەرپا قىلىشتا يېڭى نەتىجىلەرنىڭ قولغا كەلتۈرۈلۈشىگە تۈرتكە بولدى. جېجياڭ ئۆلكىسى شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنى مۇھىم ئورۇنغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ئەمەلىي مەبلەغ سېلىپ، چىن مېھىر ـ مۇھەببىتىنى سىڭدۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ ئىسلاھاتى، تەرەققىياتى، مۇقىملىقى ئۈچۈن پائال تۆھپە قوشتى. ھازىر، شىنجاڭ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭنى كۆزدىن كەچۈرگەنلىكىنىڭ بىر يىللىقىنى يېڭى كۈرەش باشلىنىش نۇقتىسى قىلىپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇپ، تەرەققىيات ئىستراتېگىيەلىك ئورنىنى چىڭ كۆزلەپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ سەھىپىسىنى جاسارەت بىلەن پۈتمەكتە. بىز جېجياڭ بىلەن شىنجاڭنىڭ ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىشىشىنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىشنىڭ ئۇنىۋېرسال ئۈنۈمىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، قول تۇتۇشۇپ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئالغا سىلجىتىمىز. بىرتۇتاش پىلانلاش سالمىقىنى زورايتىپ، ئەبەدىي ئەمىنلىككە مۇناسىۋەتلىك نېگىزلىك، ئۇللۇق، ئۇزاق مەزگىللىك خىزمەتلەرنى چۆرىدەپ دىققەتنى مەركەزلەشتۈرۈپ كۈچەپ، شىنجاڭغا خەلق تۇرمۇشى ئارقىلىق ياردەم بېرىش، شىنجاڭغا ئەقلىي كۈچ ئارقىلىق ياردەم بېرىش، شىنجاڭغا كەسىپلەر ئارقىلىق ياردەم بېرىش، شىنجاڭغا ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئارقىلىق ياردەم بېرىش، شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش خىزمەت سالمىقىنى زورايتىپ، ياردەمگە ئېرىشىۋاتقان جايلارنىڭ كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلاپ، ئاساسنى پۇختىلىشىغا ياردەم بېرىپ، كەسىپلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇپ كىرىمنى ئاشۇرۇشقا كۈچ قوشىمىز. ئىستراتېگىيەلىك ئۇدۇللاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، چاڭجياڭ دېلتىسىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ تەرەققىي قىلدۇرۇش، غەربكە ئېچىۋېتىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇش قاتارلىق مۇھىم، زور ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىلارنى چۆرىدەپ، سىرتقا ئېچىۋېتىش ھەمكارلىق بوشلۇقىنى كېڭەيتىپ، ئېنېرگىيەنى ئايلاندۇرۇش، توشۇش، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى سېتىش، مەدەنىيەت ـ ساياھەت قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئەۋزەللىكلەر ئارقىلىق ئۆزئارا تولۇقلاش، ماس تەرەققىي قىلىشنى ئىشقا ئاشۇرىمىز. ئالاقىلىشىش، ئالماشتۇرۇش، يۇغۇرۇلۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇشنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، جېجياڭ بىلەن شىنجاڭدىكى كادىرلار، ئاممىنىڭ كەڭ دائىرىدە ئالاقىلىشىشى، ئومۇميۈزلۈك ئالماشتۇرۇشى، چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملەيمىز. شىنجاڭ ئاساسىي گەۋدىلىك رولىنى ھەقىقىي جارى قىلدۇرۇپ، شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇش ئۈچۈن پۈتۈن كۈچ بىلەن ياخشى مۇھىت يارىتىپ بېرىپ، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش ۋە جېجياڭ بىلەن شىنجاڭنىڭ ھەمكارلىقىدا ئۈزلۈكسىز يېڭى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولىدۇ.
يى ليەنخۇڭ جېجياڭ ئۆلكىلىك پارتىيە كومىتېتى، ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتكە ۋاكالىتەن شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ۋە شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش ـ قۇرۇلۇش بىڭتۇەنىنىڭ ئۇزاقتىن بۇيان جېجياڭنىڭ خىزمىتىنى زور كۈچ بىلەن قوللاپ كەلگەنلىكىگە، جېجياڭ ئۆلكىسىنىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان كادىرلىرى، ئىختىساسلىقلىرىغا كۆڭۈل بۆلگەنلىكى ۋە كۆيۈنگەنلىكىگە رەھمەت ئېيتتى. ئۇ مۇنداق دېدى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان شىنجاڭ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدا قىلغان بىر قاتار مۇھىم سۆزى ۋە بەرگەن يوليورۇقى، تەستىقىي يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىتتىپاق ـ ئىناق، ئاۋات ـ باي، مەدەنىي بولغان، تەرەققىي قىلغان، خاتىرجەم ياشاپ خۇشال ـ خۇرام ئىشلەيدىغان، ئېكولوگىيەسى ياخشى بولغان گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىشنى تېزلەتتى، قولغا كەلتۈرگەن يېڭى مۇۋەپپەقىيەتلەر كىشىنى ھاياجانلاندۇرىدۇ، كىشىنىڭ دىققىتىنى تارتىدۇ، كىشىنى قايىل قىلىدۇ. جېجياڭ ئاپتونوم رايون ۋە بىڭتۇەننىڭ شىنجاڭنى مۇقىم قىلىپ چېگرانى مۇستەھكەملەپ، ئومۇمىي ۋەزىيەتكە مۇلازىمەت قىلىدىغان يۈكسەكلىكىنى، ئەۋزەللىكنى زورايتىپ، ئېچىۋېتىپ ئۆزىنى كۈچەيتىدىغان كەڭ نەزەر دائىرىسىنى، ئىدارە قىلىشتا يېڭىلىق يارىتىپ، ئىتتىپاقلىقنى مۇستەھكەملەيدىغان ياخشى تەدبىرلىرىنى، جاپاغا چىداپ نەتىجە يارىتىپ، قەيسەرلىك بىلەن ئېلىشىپ ئۆزىنى بېغىشلايدىغان زور مېھىر ـ مۇھەببىتىنى ئۆگىنىدۇ ۋە ئۇنىڭدىن ئۆرنەك ئالىدۇ. جېجياڭ بىلەن شىنجاڭنىڭ دوستلۇق مېھرى ئۇزاق تارىخقا ئىگە، نىشانلىق ياردەم بېرىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش داۋامىدا ئۈزلۈكسىز ۋارىسلىق قىلىنىپ، ۋاقىت ئۇزارغانسېرى يېڭىلىنىپ، مول نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى. جېجياڭ قەتئىي تەۋرەنمەي باش شۇجى شى جىنپىڭ كۆرسىتىپ بەرگەن يولنى بويلاپ باتۇرانە ئالغا ئىلگىرىلەپ، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىشتىكى سىياسىي مەسئۇلىيىتىنى قەتئىي زىممىگە ئېلىپ، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنى «ئىككى سەككىز ئىستراتېگىيەسى»نىڭ چوڭقۇرلىشىشى، پۇختىلىنىشىغا تۈرتكە بولۇشتىكى مۇھىم ئورۇنغا قويۇپ، ئاقسۇ ۋىلايىتى ۋە بىڭتۇەن 1 ـ شى ئارال شەھىرىگە نىشانلىق ياردەم بېرىشتىكى سىياسىي ئاڭلىقلىقنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئاپتونوم رايون ۋە بىڭتۇەن بىلەن قول تۇتۇشۇپ شىنجاڭغا كەسىپلەر ئارقىلىق ياردەم بېرىش بىرىكمە مۇشتىنى ياخشى ئېتىپ، ھەمكارلىشىپ تەڭ نەپ ئېلىش سۈرئىتىنى تېزلىتىپ، خەلق تۇرمۇشى بەخت ـ سائادىتىدىن ئىبارەت چوڭ ئىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، جەمئىيەت ئىدارە قىلىش يېڭى يولى ئۈستىدە ئىزدىنىپ، شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش ئالتۇن كارتىسىنى جۇلالاندۇرۇپ، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىشتە تېخىمۇ كۆپ بەلگە خاراكتېرلىك نەتىجىلەرنى يارىتىپ، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش ئەمەلىي نەتىجىلىرى ئارقىلىق «ئىككىنى تىكلەش»نى قەتئىي قوغداپ، «ئىككىنى قوغداش»نى قەتئىي ئىشقا ئاشۇرۇپ، بىرلىكتە قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۈچۈن تېخىمۇ زور تۆھپە قوشىدۇ.
سۆھبەت يىغىنىدا، ئالاقىدار مەسئۇل يولداشلار ئاپتونوم رايون ۋە بىڭتۇەننىڭ ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىق ھەم نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمەت ئەھۋالى، جېجياڭ ئۆلكىسىنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى ۋە نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمەت ئەھۋالىنى تونۇشتۇردى.
شىنجاڭدىكى مەزگىلدە، جېجياڭ ئۆلكىلىك پارتىيە، ھۆكۈمەت ۋەكىللەر ئۆمىكى بىڭتۇەن 1 ـ شى ئارال شەھىرى جىنيىنچۈەن يولى كوچا باشقارمىسىنىڭ خۇياڭ مەھەللىسى، تارىم كەسپىي تېخنىكا شۆيۈەنىگە كەلدى، ئاقسۇ كۆكيار خاتىرە سارىيى، ئاقسۇ ۋىلايەتلىك 1 ـ خەلق دوختۇرخانىسى، چىمىڭ مەكتىپىگە كىردى، شىنجاڭغا ياردەم بېرىش تۈرلىرىنىڭ ئالغا سىلجىتىلىش ئەھۋالىنى چوڭقۇر تەكشۈرۈپ، شىنجاڭغا داۋالاش ئارقىلىق ياردەم بېرىش، شىنجاڭغا مائارىپ ئارقىلىق ياردەم بېرىش، شىنجاڭغا ئېكولوگىيە ئارقىلىق ياردەم بېرىش ۋە ئاساسىي قاتلام بازا قۇرۇلۇشى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتىشكە ئالاقىدار خىزمەتلەرنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، ئاساسىي قاتلامدىكى ئاممىنى يوقلىدى. جېجياڭ ئۆلكىسىنىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىش قوماندانلىق ئىشتابىنى زىيارەت قىلىپ، شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان كادىرلار، ئىختىساسلىقلارنى يوقلىدى ۋە ئۇلاردىن ھال سورىدى.
جېجياڭ ئۆلكىسىنىڭ رەھبەرلىرىدىن ليۇ جيې، پېڭ جياشۆ، ليۇ شياۋتاۋ، شۈ ۋېنگۇاڭ، ئاپتونوم رايون ۋە بىڭتۇەن رەھبەرلىرىدىن چېن ۋېيجۈن، قادېن كەبىن، شۆ بىن، لى جېنگو قاتارلىقلار ئالاقىدار پائالىيەتلەرگە قاتناشتى.
مەنبە: