شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى يېقىندا، باش تېما تەربىيەسى بويىچە مەركەز 15 ـ يېتەكچىلىك گۇرۇپپىسىنىڭ گۇرۇپپا باشلىقى ۋاڭ گوشېڭ ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرى ئالتاي ۋىلايىتى، قاراماي شەھىرى، تارباغاتاي ۋىلايىتى، بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى ۋە شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش ـ قۇرۇلۇش بىڭتۇەنىنىڭ 5 ـ شى، 9 ـ شى، 10 ـ شىلىرىغا بېرىپ نەق مەيداندا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، نەزەرىيە ئۆگىنىش، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش، تەكشۈرۈش ـ تۈزىتىش قاتارلىق مەزمۇنلارنى نۇقتىلىق چۆرىدەپ، 1 ـ تۈركۈمدە باش تېما تەربىيەسىنى قانات يايدۇرغان قىسمەن ئورۇنلارنىڭ پىكىر ۋە تەكلىپلىرىنى ئاڭلىدى، ئاساسىي قاتلامدىكى پارتىيەلىك كادىرلار ۋە ئامما بىلەن سۆھبەتلىشىپ، پىكىر ئالماشتۇرۇپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ باش تېما تەربىيەسى پائالىيىتىگە بولغان ئىنكاسى ۋە باھاسىنى چۈشىنىپ، ئىگىلەپ، باش تېما تەربىيەسىدە ھەرىكەتكە كېلىپ، ئۈنۈم ھاسىل قىلىشقا يەنىمۇ تۈرتكە بولدى.
مەركەز 15 ـ يېتەكچىلىك گۇرۇپپىسى كۆكتوقاي كان رايونىدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، پېشقەدەم بىر ئەۋلاد قۇرغۇچىلارنىڭ ۋەتەننى قەلبىگە پۈكۈش، باتۇرلۇق بىلەن مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىش، پارتىيەگە سادىق بولۇشتەك يۈكسەك مەنزىلىنى ھېس قىلدى؛ شىنجاڭ نېفىتلىك شىركىتى چارلاش ـ ئېچىش تەتقىقات ئورنى، قاراماي نېفىت خىمىيە شىركىتى ۋە بۇلۇت ھېسابلاش كەسىپلەر باغچىسىدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، پەن ـ تېخنىكا نەتىجىلىرىنى رېئال ئىشلەپچىقىرىش كۈچىگە ئايلاندۇرۇشنى تېزلىتىش، پەن ـ تېخنىكا ئىختىساسلىقلار قوشۇنى قۇرۇلۇشى، بايلىق ئەۋزەللىكىنى ئىقتىسادىي تەرەققىيات ئەۋزەللىكىگە ئايلاندۇرۇش قاتارلىق مەسىلىلەر توغرىسىدا كارخانا ئىشچى ـ خىزمەتچىلىرى بىلەن يۈزتۇرا پىكىر ئالماشتۇردى؛ چۆچەك شەھىرىنىڭ شىڭچېڭ كوچا باشقارمىسى قارادۆڭ مەھەللىسىدە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، مەملىكەت بويىچە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ـ تەرەققىياتىدىكى نەمۇنىچى سالىقجان ئىمىننىڭ ئىلغار ئىش ئىزلىرىدىن ئۆگىنىپ، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ «ئۆزئارا ئارىلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدىن بولۇش»تىن ئىبارەت يۇغۇرما تەرەققىيات ئەھۋالىنى ئىگىلىدى؛ بىڭتۇەن «1 ـ ئىيۇل ئوردېنى»غا ئېرىشكۈچى ۋېي دېيوۋنى يوقلىدى ۋە ئۇنىڭدىن ھال سورىدى، چاغانتوقاي ناھىيەسىدىكى كىچىك ئاق تېرەك كادىرلارنى تەربىيەلەش بازىسىنى ئېكسكۇرسىيە قىلدى، بۇرچىن ناھىيەسى خۇتوۋ ئورمان بايلىقىنى باشقۇرۇش ـ قوغداش پونكىتىنىڭ ئورمان مۇھاپىزەتچىلىرى، بورتالا شەھىرى سەيلىكې ئورمانچىلىق باشقۇرۇش ـ قوغداش پونكىتى ۋە يۈكېكې ئورمانچىلىق باشقۇرۇش ـ قوغداش پونكىتىدىكى ئەر ـ خوتۇن ئورمان مۇھاپىزەتچىلىرى، تاستى چېگرا مۇداپىئە ليەنىدىكى جەڭچىلەر بىلەن سۆھبەتلىشىپ، ئۇلارنى ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق سۈزۈك سۇ، يېشىل تاغنى ياخشى قوغداشقا ئىلھاملاندۇردى؛ باقتۇ پورتى ۋە ئالاتاۋ پورتىدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، جۇڭگو ـ ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزىنىڭ قاتنىشى، پورت ئىقتىسادىنىڭ تەرەققىياتى، ئۇنىۋېرسال باجدىن خالىي رايون قۇرۇلۇشىنىڭ تىجارەت ئەھۋالىنى ئىگىلىدى؛ سۇلۇق يەرلەرنى قوغداش، ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئەھۋالىنى نەق مەيداندا تەكشۈرۈپ، تاغ، دەريا، ئورمان، ئېتىز، كۆل، ئوتلاق، قۇملۇقنى سىستېمىلىق تۈزەش، سۇلۇق يەرنىڭ ئېكولوگىيەلىك ئىقتىدارىنى قوغداش ۋە ئۆستۈرۈش قاتارلىق مەسىلىلەر توغرىسىدا شۇ جايدىكى پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇپ، شۇ جايدىكى ئاممىنى ئىختىيارىي زىيارەت قىلىپ، يېزا ـ كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئۈنۈمى ۋە مەدەنىيەت بىلەن ساياھەتنىڭ يۇغۇرما تەرەققىيات ئەھۋالىنى ئىگىلىدى؛ بىڭتۇەندىكى تۇەن ـ مەيدان ۋە ليەندۈيلەردە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ شۇجىلىرى ۋە كارخانىلارنىڭ تىجارەت باشقۇرۇش خادىملىرى بىلەن سۆھبەتلىشىپ، زامانىۋى يېزا ئىگىلىك كەسپىنىڭ تەرەققىيات سەۋىيەسى، پارتىيە قۇرۇلۇشى ئارقىلىق كەسىپلەرنىڭ گۈللىنىشىگە يېتەكچىلىك قىلىش ئەھۋالىنى تەپسىلىي ئىگىلەپ، يېزا ئىگىلىكىدە ھوسۇلنى، كىرىمنى ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇشقا رىغبەتلەندۈردى.
ۋاڭ گوشېڭ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش جەريانىدا مۇنداق كۆرسەتتى: باش تېما تەربىيەسى يېتەكچىلىك گۇرۇپپىسى شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى باشلامچىلىق بىلەن ئۆگىنىپ، چوڭقۇر ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش داۋامىدا سىياسىي ھۆكۈم قىلىش ئىقتىدارى، سىياسىي ئۆزلەشتۈرۈش ئىقتىدارى، سىياسىي ئىجرا قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشى كېرەك. بىر قەدەم ئالدىدا ئۆگەنگەندىلا، چوڭقۇرراق ئۆگەنگەندىلا، ئاندىن يېتەكچىلىك خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش سالاھىيىتىنى ھازىرلىغىلى بولىدۇ؛ ئاۋۋال تەربىيە ئالغاندىلا، ئاندىن كادىرلار ۋە ئاممىنى توغرا يېتەكلىگىلى بولىدۇ؛ بىرىنچى قول ئەھۋالنى كۆپرەك ئىگىلىگەندىلا، ئاندىن يەرلىك بىلەن ئوخشاش سوئالغا ئورتاق جاۋاب بەرگىلى بولىدۇ. قولغا كەلتۈرۈلگەن نەتىجىلەرنى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملەپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ ياخشى پىكىرلىرى ۋە ياخشى تەكلىپلىرىنى ئاڭلاشقا ئەھمىيەت بېرىپ، باشتىن ـ ئاخىر ياخشى ئىستىل ئارقىلىق باش تېما تەربىيەسىنىڭ چوڭقۇرلىشىشى، پۇختا بولۇشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك.
مەنبە: