شىنجاڭ ئاكادېمىيە تورى
ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى مۇدىرلار يىغىنى ئۆتكۈزدى
يوللانغان ۋاقىت :2023-07-21 |   ئاپتور :   |   مەنبە : شىنجاڭ گېزىتى

ئاپتونوم رايونلۇق 14 ـ نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 4 ـ يىغىنىنى 7 ـ ئاينىڭ 26 ـ كۈنىدىن 28 ـ كۈنىگىچە ئېچىش قارار قىلىندى

شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 7 ـ ئاينىڭ 19 ـ كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاڭ لېي خەۋەر قىلىدۇ: 7 ـ ئاينىڭ 19 ـ كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى مۇدىرلار يىغىنى ئۆتكۈزدى. يىغىندا ئاپتونوم رايونلۇق 14 ـ نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 4 ـ يىغىنىنى 7 ـ ئاينىڭ 26 ـ كۈنىدىن 28 ـ كۈنىگىچە ئۈرۈمچىدە ئېچىش قارار قىلىندى.

ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى زۇمرەت ئوبۇل يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

يىغىندا ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى 4 ـ يىغىنىنىڭ قارالما لايىھەسى قاراپ چىقىلدى. مۇدىرلار يىغىنىنىڭ تەكلىپ قارالمىسىغا ئاساسەن، دائىمىي كومىتېت 4 ـ يىغىنىدا «ئاپتونوم رايوننىڭ كۆچمە ئاھالىگە مۇلازىمەت قىلىش ۋە ئۇلارنى باشقۇرۇش نىزامى(لايىھەنىڭ تۈزىتىلگەن نۇسخىسى)» «ئاپتونوم رايوننىڭ كوللېكتىپ كېڭىشىش نىزامى(لايىھەنىڭ تۈزىتىلگەن نۇسخىسى)» «ئاپتونوم رايوننىڭ ئۆلچەملەشتۈرۈش نىزامى(لايىھەنىڭ تۈزىتىلگەن نۇسخىسى)» قاراپ چىقىلىدۇ، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى قاراپ چىقىشقا سۇنغان «ئاپتونوم رايوننىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش نىزامى(ئۆزگەرتىلگەن لايىھە)»، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى مالىيە ـ ئىقتىساد كومىتېتى قاراپ چىقىشقا سۇنغان «ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ھۆكۈمەت قەرزىنى تەكشۈرۈش ـ نازارەت قىلىشنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى قارارى(لايىھە)»، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى يېزا ئىگىلىكى ۋە يېزا كومىتېتى قاراپ چىقىشقا سۇنغان «ئاپتونوم رايوننىڭ <جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ سۇ قانۇنى>نى يولغا قويۇش چارىسى(تۈزىتىلمە لايىھە)» قاراپ چىقىلىدۇ؛ سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستلىق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى تەستىقلاشقا سۇنغان «سانجى ئوبلاستىنىڭ يەر ئاستى سۈيىنى قوغداش ـ باشقۇرۇش نىزامى»، بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستلىق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى تەستىقلاشقا سۇنغان «بايىنغولىن ئوبلاستلىق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ <بايىنغولىن ئوبلاستىنىڭ چىلانچىلىق كەسپىنى ئىلگىرى سۈرۈش نىزامى> <بايىنغولىن ئوبلاستىنىڭ كورلا نەشپۈتى كەسپىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش نىزامى>غا تۈزىتىش كىرگۈزۈش توغرىسىدىكى قارارى»، قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستلىق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى تەستىقلاشقا سۇنغان «قىزىلسۇ ئوبلاستلىق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ كانچىلىق ھوقۇقىنى نازارەت قىلىش ـ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى قارارى»، باركۆل قازاق ئاپتونوم ناھىيەلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى تەستىقلاشقا سۇنغان «باركۆل قازاق ئاپتونوم ناھىيەسىنىڭ نىزام چىقىرىش نىزامى» تەكشۈرۈلىدۇ؛ ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ 2023 ـ يىلى ئالدىنقى يېرىم يىللىق ئاپتونوم رايوننىڭ خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات پىلانىنىڭ ئىجرا قىلىنىش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتى، 2023 ـ يىلى ئالدىنقى يېرىم يىللىق ئاپتونوم رايون خامچوتىنىڭ ئىجرا قىلىنىش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتى، 2022 ـ يىللىق ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك نەق چوت دوكلاتى ئاڭلاپ ئۆتۈلىدۇ ۋە قاراپ چىقىلىدۇ، 2022 ـ يىللىق ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك نەق چوت(لايىھە)، 2022 ـ يىللىق ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك خامچوتنىڭ ئىجرا قىلىنىشى ۋە باشقا مالىيە كىرىم ـ چىقىمىنى ئىقتىسادىي تەپتىش قىلىش خىزمىتى توغرىسىدىكى دوكلات، 2023 ـ يىللىق ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك خامچوتنى تەڭشەش لايىھەسى(لايىھە) توغرىسىدىكى دوكلات تەكشۈرۈپ تەستىقلىنىدۇ، 2023 ـ يىللىق ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك خامچوتنى تەڭشەش لايىھەسى(لايىھە) تەكشۈرۈپ تەستىقلىنىدۇ؛ ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى رېۋىزىيە ۋە ئەدلىيە كومىتېتىنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق 14 ـ نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 1 ـ يىغىنى ھەيئەت رىياسىتى قاراپ چىقىشقا تاپشۇرغان ۋەكىللەر بەرگەن تەكلىپلەرنى قاراپ چىقىش نەتىجىسى توغرىسىدىكى دوكلات قاتارلىقلار ئاڭلاپ ئۆتۈلىدۇ ۋە قاراپ چىقىلىدۇ؛ كادىرلارنى تەيىنلەش ـ قالدۇرۇش ئىشلىرى قاراپ چىقىلىدۇ.

يىغىندا يەنە باشقا قارالمىلار قاراپ چىقىلدى.

ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرلىرىدىن لى نىڭپىڭ، توختى ياقۇپ، مۇقىيات جارمۇقامەت، دىلشات قېدىرخان، پىڭ شىنلەي، ۋاڭ گوخې، مەمتىمىن قادىر، باش كاتىپ مۇتەللىپ روزى يىغىنغا قاتناشتى.

مەنبە:

مەسئۇل مۇھەررىر: رەشىدە مامۇت