ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش مەخسۇس تېمىلىق كېڭىشىش يىغىنى ئاچتى
ئاساسىي قاتلام جەمئىيەت ئىدارە قىلىش خىزمىتىنى يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك
شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 7 ـ ئاينىڭ 19 ـ كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاڭ يۈنمېي خەۋەر قىلىدۇ: 7 ـ ئاينىڭ 18 ـ كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش مەخسۇس تېمىلىق كېڭىشىش يىغىنى ئېچىپ، «ئاساسىي قاتلام جەمئىيەت ئىدارە قىلىشتا يېڭىلىق يارىتىشنى كۈچەيتىپ، ئورتاق قۇرۇش، ئورتاق ئىدارە قىلىش، ئورتاق بەھرىلىنىشتىن ئىبارەت جەمئىيەت ئىدارە قىلىش سىستېمىسىنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈش»نى چۆرىدەپ كېڭىشىپ، ھاكىمىيەت ئىشلىرىنى مۇھاكىمە قىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى نۇرلان ئەبىلمەجىن يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم سۆز قىلدى.
يىغىندا ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ 11 ئەزاسى، ئالاقىدار تارماقلارنىڭ مەسئۇللىرى، مۇتەخەسسىسلەر باش تېمىنى چۆرىدەپ تەكلىپ ۋە مەسلىھەت بەردى. كۆپچىلىك مۇنداق قارىدى: ئاساسىي قاتلام ئىدارە قىلىش دۆلەت ئىدارە قىلىشنىڭ ئۇل تېشى، پارتىيەنىڭ ئۇزاق مۇددەت ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشى، دۆلەتنىڭ ئەبەدىي ئەمىنلىكى ۋە كەڭ خەلق ئاممىسىنىڭ جانىجان مەنپەئىتىگە مۇناسىۋەتلىك. كۆپچىلىك مۇنداق تەكلىپ بەردى: ئاساسىي قاتلام جەمئىيەت ئىدارە قىلىشتا يېڭىلىق يارىتىشنى كۈچەيتىپ، ئورتاق قۇرۇش، ئورتاق ئىدارە قىلىش، ئورتاق بەھرىلىنىشتىن ئىبارەت جەمئىيەت ئىدارە قىلىش سىستېمىسىنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك؛ ئاساسىي قاتلامنىڭ قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنىڭ ئاساسىي قاتلام ئۇلىنى پۇختىلاش كېرەك؛ ئاساسىي قاتلام مەدەنىيەت مەھسۇلاتلىرى بىلەن تەمىنلەشنى بېيىتىپ، ئىلغار مەدەنىيەت ئارقىلىق ئاساسىي قاتلام ئىدارە قىلىشنىڭ ئەخلاق ئارقىلىق ئىدارە قىلىش كۈچىنى زورايتىش كېرەك؛ ئاساسىي قاتلام دېموكراتىك كېڭىشىش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، پۈتۈن جەريانلىق خەلق دېموكراتىيەسىنى ئاساسىي قاتلامغىچە ئۇزارتىشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك؛ ئاقىل مەھەللە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، مەھەللە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىش كېرەك.
نۇرلان ئەبىلمەجىن مۇنداق كۆرسەتتى: شىنجاڭدا ئاساسىي قاتلام ئىدارە قىلىشنى كۈچەيتىش، جەمئىيەت ئىدارە قىلىش سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشتە، پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە باشتىن ـ ئاخىر چىڭ تۇرۇپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، جەمئىيەت ئىدارە قىلىش ئىدىيەسى، خىزمەت ئورۇنلاشتۇرمىسى، تۈزۈلمە ـ مېخانىزمى، شەكىل ـ ۋاسىتىسىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، سىياسىي يېتەكچىلىك، قانۇنچىللىق كاپالىتى، ئەخلاق ئارقىلىق ئىدارە قىلىشتا تەربىيە بېرىپ تەسىرلەندۈرۈش، ئۆزىنى ئۆزى ئىدارە قىلىش ئارقىلىق ئاساسنى كۈچەيتىش، ئەقلىي جەھەتتىن ئىدارە قىلىشنى تىرەك قىلىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، جەمئىيەت ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسىنىڭ سۈپىتىنى تېخىمۇ ئاشۇرۇش، بەخت تۇيغۇسىنى تېخىمۇ ئىمكانىيەتلىك سىجىل قىلىش، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى تېخىمۇ كاپالەتكە ئىگە قىلىش كېرەك.
نۇرلان ئەبىلمەجىن مۇنداق تەكىتلىدى: پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر دەرىجىلىك سىياسىي كېڭەش، سىياسىي كېڭەشكە قاتناشقان ھەرقايسى ئورۇنلار ۋە ھەر مىللەت، ھەر ساھە ئەزالار باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئاساسىي قاتلام ئىدارە قىلىش توغرىسىدىكى مۇھىم يوليورۇقى، تەستىقىي يوليورۇقىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئۆزلەشتۈرۈپ، «ئىككىنى تىكلەش»نىڭ ھەل قىلغۇچ ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، «ئىككىنى قوغداش»نى قەتئىي ئىشقا ئاشۇرۇپ، ھەقىقىي تۈردە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئاساسىي قاتلام ئىدارە قىلىشنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى تەدبىر ـ ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى جەمئىيەتتىكى ھەر ساھەنىڭ ئورتاق تونۇشىغا ئايلاندۇرۇشى كېرەك؛ مەخسۇس كېڭىشىش ئاپپاراتلىرىنىڭ خاسلىقىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، ھەر مىللەت، ھەر ساھەدىكى ئەزالار ۋە مۇتەخەسسىس، ئالىملارنى چوڭقۇر تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشقا تەشكىللەپ، ئورتاق تونۇشنى كەڭ دائىرىدە مۇجەسسەملەپ، قىممىتى بار، مەشغۇلاتچانلىققا ئىگە، ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە بولىدىغان تېخىمۇ كۆپ پىكىر ـ تەكلىپلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇشى كېرەك؛ سىياسىي كېڭەشنىڭ كېڭىشىشى بىلەن ئاساسىي قاتلام ئىدارە قىلىشنىڭ ئۆزئارا يۇغۇرۇلۇشى، ئۆزئارا كۈچ تولۇقلىشىنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، ھەر مىللەت ئاممىنى جەمئىيەت ئىدارە قىلىشنىڭ ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزگۈچىلىرى، قاتناشقۇچىلىرى، تۈرتكە بولغۇچىلىرىدىن بولۇشقا يېتەكلەپ، سىياسىي كېڭەش تۈزۈمى ئەۋزەللىكىنىڭ شىنجاڭنىڭ جەمئىيەت ئىدارە قىلىش ئۈنۈم ـ ئىقتىدارىغا ئايلىنىشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك.
ليۇ سۇشې يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى. جارۇللا ھېسامىدىن، كۇڭ شىڭلۇڭ، دوۋ ۋەنگۇي، ياڭ يۇڭ، نۇرۇم ئىسمايىلقان، ليۇ خۇيجۈن، پۇ شۆمېي، ھەسەنجان ئەخمەت قاتارلىقلار يىغىنغا قاتناشتى. ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ئىشلىرى نازارىتىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى ئاپتونوم رايوننىڭ ئاساسىي قاتلام جەمئىيەت ئىدارە قىلىشقا ئالاقىدار ئەھۋاللىرىنى تونۇشتۇردى. ئاپتونوم رايونلۇق ئەدلىيە نازارىتى، يېزا ئىگىلىكى، يېزىلارنى ماشىنىلاشتۇرۇش تەرەققىيات مەركىزى، مەدەنىيەت ۋە ساياھەت نازارىتىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇللىرى يىغىنغا قاتناشقۇچىلار ئىنكاس قىلغان مەسىلە ۋە تەكلىپلەرگە جاۋاب بەردى.