10 - تۈركۈمدە مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرى، مەركەز كارخانىلىرىنىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خىزمىتىنى خۇلاسىلەش، تەقدىرلەش ھەم 11 - تۈركۈمدە مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرى، مەركەز كارخانىلىرىدىن شىنجاڭغا ياردەم بېرىدىغان كادىرلار، ئىختىساسلىقلارنى قارشى ئېلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى
يېڭى دەۋردىكى شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىدە يېڭى ۋەزىيەت يارىتىشقا تۈرتكە بولۇپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ سەھىپىسىنى پۈتۈپ چىقىش ئۈچۈن كۈچ مۇجەسسەملەش كېرەك
ما شىڭرۇي، ماۋ دىڭجى سۆز قىلدى، ۋاڭ گوشېڭ، نۇرلان ئەبىلمەجىن، يۈ جيادۇڭ، خې جۇڭيوۋ قاتناشتى، ئەركىن تۇنىياز رىياسەتچىلىك قىلدى
7 - ئاينىڭ 18 - كۈنى، 10 - تۈركۈمدە مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرى، مەركەز كارخانىلىرىنىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خىزمىتىنى خۇلاسىلەش، تەقدىرلەش ھەم 11 - تۈركۈمدە مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرى، مەركەز كارخانىلىرىدىن شىنجاڭغا ياردەم بېرىدىغان كادىرلار، ئىختىساسلىقلارنى قارشى ئېلىش يىغىنى ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلدى. □ ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى سۈي جىجيەن فوتوسى
شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 7 - ئاينىڭ 18 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋاڭ شىڭرۇي خەۋەر قىلىدۇ: 7 - ئاينىڭ 18 - كۈنى، 10 - تۈركۈمدە مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرى، مەركەز كارخانىلىرىنىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خىزمىتىنى خۇلاسىلەش، تەقدىرلەش ھەم 11 - تۈركۈمدە مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرى، مەركەز كارخانىلىرىدىن شىنجاڭغا ياردەم بېرىدىغان كادىرلار، ئىختىساسلىقلارنى قارشى ئېلىش يىغىنى ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلدى، يىغىندا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزى، مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھى ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرى چوڭقۇر ئۆگىنىلدى، ئىزچىللاشتۇرۇلدى، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى تولۇق، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇلۇپ، 8 - قېتىملىق مەملىكەتلىك شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھى ئىزچىللاشتۇرۇلۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈپ، يېڭى دەۋردىكى شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىدە ئۈزلۈكسىز يېڭى نەتىجىنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇنۇپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ سەھىپىسىنى پۈتۈپ چىقىش ئۈچۈن كۈچ مۇجەسسەملەندى.
ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى پارتىيە كومىتېتىنىڭ 1 - شۇجىسى، 1 - جېڭۋېي ما شىڭرۇي، مەركىزىي كومىتېت تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ بۆلۈم ئىشلىرى ھەيئىتى، قوشۇمچە كادىرلار 1 - ئىدارىسىنىڭ ئىدارە باشلىقى ماۋ دىڭجى يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى. باش تېما تەربىيەسى مەركەز 15 - يېتەكچىلىك گۇرۇپپىسىنىڭ گۇرۇپپا باشلىقى ۋاڭ گوشېڭ، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى نۇرلان ئەبىلمەجىن، ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى يۈ جيادۇڭ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى خې جۇڭيوۋ يىغىنغا قاتناشتى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.
يىغىندا 10 - تۈركۈمدە مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرى، مەركەز كارخانىلىرىنىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خىزمىتىدىكى ئىلغار كوللېكتىپلارنى تەقدىرلەش توغرىسىدىكى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش ۋە 10 - تۈركۈمدە مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرى، مەركەز كارخانىلىرىنىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خىزمىتىدىكى مۇنەۋۋەر شەخسلەرنى تەقدىرلەش توغرىسىدىكى قارار ئوقۇپ ئۆتۈلدى ھەم ئىلغار كوللېكتىپ ۋە مۇنەۋۋەر شەخسلەر ۋەكىللىرىگە مۇكاپات تارقىتىپ بېرىلدى.
ما شىڭرۇي سۆزىدە ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى، خەلق قۇرۇلتىيى، ھۆكۈمەت، سىياسىي كېڭەش، بىڭتۇەن ۋە پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىغا ۋاكالىتەن، تەقدىرلەنگەن ئىلغار كوللېكتىپلار ۋە مۇنەۋۋەر شەخسلەرنى قىزغىن تەبرىكلىدى، شىنجاڭ خىزمىتىگە مۇھىم تۆھپە قوشقان 10 - تۈركۈمدە مەركەز ئورۇنلىرىدىن شىنجاڭغا ياردەم بەرگەن كادىرلار، ئىختىساسلىقلارغا ئالىي ئېھتىرام بىلدۈردى، يېڭى بىر تۈركۈمدە مەركەز ئورۇنلىرىدىن شىنجاڭغا ياردەم بېرىدىغان كادىرلار، ئىختىساسلىقلارنى قىزغىن قارشى ئالدى، ئۇزاقتىن بۇيان شىنجاڭ خىزمىتىگە كۆڭۈل بۆلگەن ۋە قوللاپ كېلىۋاتقان مەركەز ئورۇنلىرىغا چىن كۆڭلىدىن رەھمەت ئېيتتى. ئۇ مۇنداق كۆرسەتتى: مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرى، مەركەز كارخانىلىرى ھەمدە 10 - تۈركۈمدە شىنجاڭغا ياردەم بەرگەن كادىرلار، ئىختىساسلىقلار «ئىككىنى تىكلەش»نى قەتئىي ھىمايە قىلىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى قەتئىي ئىشقا ئاشۇرۇپ، پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇپ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما بىلەن مۈرىنى مۈرىگە تىرەپ قول تۇتۇشۇپ، ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىپ، شىنجاڭنىڭ ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىقى ئۈچۈن گەۋدىلىك تۆھپە قوشتى. شىنجاڭغا ياردەم بەرگەن كەڭ كادىرلار، ئىختىساسلىقلار چېگرا رايوندا يىلتىز تارتىپ، پۇشايمانسىز ئۆزىنى بېغىشلاپ، شىنجاڭغا ياردەم بېرىشتە پارتىيە ۋە خەلق رازى بولغۇدەك جاۋاب قەغىزىنى تاپشۇردى، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما چىن كۆڭلىدىن مىننەتدار بولدى. ئۈچ يىللىق شىنجاڭغا ياردەم بېرىش جەريانىدا، سىلەر شىنجاڭغا ئۆمۈرلۈك رىشتە باغلىدىڭلار. شىنجاڭ باشتىن - ئاخىر كۆپچىلىكنىڭ مەڭگۈلۈك ئائىلىسى، كۆپچىلىكنىڭ دائىم قايتىپ كېلىپ ئايلىنىپ بېقىشىنى، كۆرۈپ بېقىشىنى سەمىمىي قارشى ئالىمىز، كۆپچىلىكنىڭ شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتىغا ئىلگىرىكىگە ئوخشاشلا كۆڭۈل بۆلۈشىنى، قوللىشىنى چىن كۆڭلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز.
ما شىڭرۇي مۇنداق بىلدۈردى: ھازىر شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭنى كۆزدىن كەچۈرگەنلىكىنىڭ بىر يىللىقىنى يېڭى كۈرەش باشلىنىش نۇقتىسى قىلىپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇپ، شىنجاڭ خىزمىتى باش نىشانىنى مەھكەم ئىگىلەپ، ئۆزىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورنىنى چىڭ كۆزلەپ، قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈشنىڭ شىنجاڭ سەھىپىسىنى جاسارەت بىلەن پۈتمەكتە. 11 - تۈركۈمدە مەركەز ئورۇنلىرىدىن شىنجاڭغا ياردەم بېرىدىغان كادىرلار، ئىختىساسلىقلارنىڭ شىنجاڭغا كېلىپ خىزمەت قىلىشى دەل ۋاقتىدا بولدى. كۆپچىلىكنىڭ باش شۇجىنىڭ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئۈمىدى ۋە مۇھىم تاپشۇرۇقىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، شىنجاڭدىن ئىبارەت بۇ بىپايان مېھىرلىك تۇپراقتا تۆھپە قوشۇپ چوڭ ئىشلارنى ۋۇجۇدقا چىقىرىپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتىنى ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن پائال كۈچ قوشۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن. سىياسىي يۈكسەكلىكنى ئۆستۈرۈپ، رولنى تېزدىن ئۆزگەرتىپ، ياخشى «شىنجاڭلىق» بولۇش كېرەك. بايراق روشەن ھالدا سىياسىيغا ئەھمىيەت بېرىشتە چىڭ تۇرۇپ، باشتىن - ئاخىر ئىدىيەدە، سىياسىيدا، ھەرىكەتتە يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاپ، قەتئىي بوشاشماي پارتىيەنىڭ ئىجادىي نەزەرىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، تولۇق ئۆزلەشتۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ رايون ئەھۋالى، جەمئىيەت ئەھۋالىنى تېزدىن پىششىق ئىگىلەپ، شىنجاڭغا ياردەم بېرىش سىياسىي ۋەزىپىسىنى پۇختا ئالغا سىلجىتىش كېرەك. مەۋقەنى ئۆز ئىش ئورنىغا قويۇپ، تىرىشىپ يول ئېچىپ يېڭىلىق يارىتىپ، «شىنجاڭنىڭ ئىشى»نى ياخشى قىلىش كېرەك. ئىدىيەدە ئازاد بولۇش، يول ئېچىپ يېڭىلىق يارىتىشتا چىڭ تۇرۇپ، چوڭقۇر تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، ياخشى مەسلىھەتچى - ياردەمچى بولۇپ، ئىدىيەدە يېڭىلىق يارىتىش، خىزمەتتە يېڭىلىق يارىتىش، ئەمەلىيەتتە يېڭىلىق يارىتىش، تۈزۈمدە يېڭىلىق يارىتىشنى زور كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتىپ، تۈرلۈك خىزمەتلەرنى يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك. ئۆز ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئاكتىپلىق بىلەن ۋاسىتىچى، كۆۋرۈك بولۇپ، «شىنجاڭ رىشتىسى»نى ياخشى باغلاش كېرەك. شىنجاڭنى پۈتۈن كۈچ بىلەن قوللاپ، شىنجاڭغا پائال سىڭىشىپ، سىياسەت، مەبلەغ، تېخنىكا، ئىختىساسلىقلار قاتارلىق تېخىمۇ كۆپ مۇھىم ئامىللارنىڭ شىنجاڭغا توپلىنىشىغا ماس تۈرتكە بولۇپ، شىنجاڭنىڭ ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىق ئىشلىرى ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ كۈچ توپلاش كېرەك. شىنجاڭدىكى ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەتلەر، ياردەمگە ئېرىشكۈچى ھەرقايسى ئورۇنلار سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، شىنجاڭغا ياردەم بېرىدىغان كادىرلار، ئىختىساسلىقلارغا سىياسىي جەھەتتە تولۇق ئىشىنىپ، خىزمەتتە زور كۈچ بىلەن قوللاپ، تۇرمۇشتا قىزغىن كۆڭۈل بۆلۈپ، باشقۇرۇشتا قاتتىق تەلەپ قويۇپ، تۇرالغۇ، داۋالاش، پەرزەنتلىرىنى ئوقۇتۇش قاتارلىق جەھەتلەردىكى تۈرلۈك تەمىنات - سىياسەتلەرنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئۇلارنىڭ ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇش، تالانتىنى نامايان قىلىش، كارامىتىنى كۆرسىتىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىپ، يېڭى دەۋردىكى شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىدە ئۈزلۈكسىز يېڭى ۋەزىيەت يارىتىشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك.
ماۋ دىڭجى مۇنداق كۆرسەتتى: پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى شىنجاڭ خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بەردى، باش شۇجى شى جىنپىڭ بىر قاتار مۇھىم بايانلارنى ئېلان قىلىپ، يېڭى دەۋردىكى شىنجاڭ خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش ئۈچۈن ئىلگىرىلەش يۆنىلىشىنى ئېنىق كۆرسىتىپ بەردى، تۈپ قوللانما بىلەن تەمىنلىدى. بىز سىياسىي يۈكسەكلىكنى ئۆستۈرۈپ، ئاڭلىق ھالدا ئىدىيە ۋە ھەرىكىتىمىزنى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مۇھىم، زور تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىغا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خىزمىتىنى ئىستراتېگىيە ۋە پۈتۈن ۋەزىيەت يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ تونۇش ۋە ئىگىلەشتە چىڭ تۇرۇپ، ئەمەلىي، ئەسقاتىدىغان تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خىزمىتىنى ھەقىقىي تۈردە تەرەققىياتقا تۈرتكە بولىدىغان، مىللەتلەرنى ئىتتىپاقلاشتۇرىدىغان، قەلبلەرنى مۇجەسسەملەيدىغان مۇھىم قۇرۇلۇشقا ئايلاندۇرۇشىمىز كېرەك.
ماۋ دىڭجى مۇنداق تەكىتلىدى: 10 - تۈركۈمدە مەركەز ئورۇنلىرىدىن شىنجاڭغا ياردەم بەرگەن كادىرلار، ئىختىساسلىقلار پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ بىرتۇتاش ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇپ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما بىلەن بىرلىكتە ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، ئەمەلىي ئىشلەپ، جاپاغا چىداپ ئىشلەپ، شىنجاڭنىڭ ئەبەدىي ئەمىنلىكى ۋە يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن پائال تۆھپە قوشتى. يېڭى بىر تۈركۈمدە مەركەز ئورۇنلىرىدىن شىنجاڭغا ياردەم بېرىدىغان كادىرلار، ئىختىساسلىقلارنىڭ مۇھىم تاپشۇرۇقنى يەردە قويماي، ئۇدا كۈرەش قىلىپ، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنى يەنە يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن. ئۆگىنىشنى كۈچەيتىشنى باش ۋەزىپە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئۆزلەشتۈرۈپ، پارتىيەنىڭ مىللەت، دىن سىياسىتىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، شىنجاڭنىڭ رايون ئەھۋالى، خەلق ئەھۋالى، جەمئىيەت ئەھۋالىنى ئىگىلەپ، خىزمەتلەرنى ئوڭۇشلۇق قانات يايدۇرۇشقا ياخشى ئاساس سېلىش كېرەك. تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى مۇھىم ئۇسۇل قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئاساسىي قاتلامغا چوڭقۇر چۆكۈپ ئەھۋال ئىگىلەپ، كەمتەرلىك بىلەن ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنى ئۇستاز تۇتۇپ، خىزمەتنىڭ قاراتمىلىقى، ئەمەلىي ئۈنۈمدارلىقىنى ئاشۇرۇش كېرەك. ئىش قىلىپ نەتىجە يارىتىشنى تولۇق ئادا قىلىشقا تېگىشلىك مەسئۇلىيەت قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ جەمئىيەت ئومۇمىي ۋەزىيىتىنىڭ مۇقىملىقىنى قوغداپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇپ، خەلق تۇرمۇشى جەھەتتە شىنجاڭغا ياردەم بېرىشنى كۈچەيتىپ، ئاساس سېلىش، يىراق كەلگۈسىگە پايدىلىق بولۇشقا داۋاملىق كۈچ سەرپ قىلىش كېرەك. ئۆزىگە قاتتىق تەلەپ قويۇشنى ئۆز رولىنى جارى قىلدۇرۇشنىڭ ئاساسى قىلىپ، سىياسىي ئىنتىزام ۋە سىياسىي قائىدىگە قاتتىق رىئايە قىلىپ، مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسى ۋە ئۇنى يولغا قويۇش تەپسىلىي قائىدىسىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، پاك - دۇرۇس بولۇشتا ئۈلگە تىكلەش، ئۈلگە بولۇش كېرەك. ئاپتونوم رايون ۋە بىڭتۇەندىكى ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتلار قاتتىق باشقۇرۇش بىلەن كۆيۈنۈشنى بىرلەشتۈرۈش، رىغبەتلەندۈرۈش بىلەن چەكلىمە قويۇشقا تەڭ ئەھمىيەت بېرىشتە چىڭ تۇرۇپ، «ئەمەلىي ۋەزىپىگە قويۇش، ئەمەلىي ئىش تەقسىملەش، ئەمەلىي مەسئۇلىيەتنى يۈكلەش» تەلىپىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، كادىرلار، ئىختىساسلىقلارنى باھالاشنى كۈچەيتىپ، چىن قەلب، چىن ھېسسىيات بىلەن ئەمەلىي قىيىنچىلىقنى ھەل قىلىشقا ياردەم بېرىپ، ھەقىقىي ئىشلىتىش، ھەقىقىي باشقۇرۇش، ھەقىقىي كۆڭۈل بۆلۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان كەڭ كادىرلار، ئىختىساسلىقلارنىڭ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ ئەبەدىي ئەمىنلىكى ۋە يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن يېڭى، تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشى كېرەك.
ئاپتونوم رايونلۇق پەن - تېخنىكا نازارىتىنىڭ مۇئاۋىن نازىرى چېن رۇبياۋ، قەشقەر ئىقتىسادىي تەرەققىيات رايونىنى باشقۇرۇش كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ما خەيتاۋ، شىخەنزە داشۆ تېببىي شۆيۈەنى قارىمىقىدىكى 1 - دوختۇرخانىنىڭ مۇئاۋىن دوختۇرخانا باشلىقى يەن يىڭ، تۇرالغۇ ۋە شەھەر - يېزا قۇرۇلۇشى مىنىستىرلىقى ئۆي - زېمىن بازىرىنى نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش مەھكىمىسىنىڭ مۇئاۋىن مەھكىمە باشلىقى ۋاڭ سې، جۇڭگو كېمىسازلىق گۇرۇھى ئىقتىسادىي تەپتىش بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى خۇ جيەنجۇڭ ئايرىم - ئايرىم ھالدا 10 - تۈركۈمدە، 11 - تۈركۈمدە مەركەز ئورۇنلىرىدىن شىنجاڭغا ياردەم بەرگەن كادىرلار، ئىختىساسلىقلارغا ۋاكالىتەن سۆز قىلدى.
جاڭ جۇ، ۋاڭ جيەنشىن، قادېن كەبىن، پىڭ شىنلەي، شۆ بىن، جاڭ ۋېنشېڭ، مەركىزىي كومىتېت تەشكىلات بۆلۈمى، ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقى، گوۋۇيۈەن دۆلەت مۈلكىنى نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش كومىتېتى، مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرى خىزمەت كومىتېتىدىكى ئالاقىدار يولداشلار، تەقدىرلەنگەن ئىلغار كوللېكتىپ، مۇنەۋۋەر شەخسلەر ۋەكىللىرى ۋە يېڭى بىر تۈركۈمدە مەركەز ئورۇنلىرىدىن شىنجاڭغا ياردەم بېرىدىغان قىسمەن كادىرلار، ئىختىساسلىقلار، ئاپتونوم رايونلۇق شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنى ماسلاشتۇرۇش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىغا ئەزا ئورۇنلاردىكى ئاساسلىق مەسئۇل يولداشلار قاتارلىقلار ئاساسىي يىغىن مەيدانىدا يىغىنغا قاتناشتى. يىغىن تېلېۋىزىيە - تېلېفون يىغىنى شەكلىدە ئېچىلدى، بىڭتۇەن ۋە ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى پارتىيە مەكتىپىدە شۆبە يىغىن مەيدانى تەسىس قىلىندى.