شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 7 - ئاينىڭ 18 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋاڭ شىڭرۇي خەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ما شىڭرۇي، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز 7 - ئاينىڭ 18 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن ئۈرۈمچىدە شىنجاڭغا ئېكسكۇرسىيە - زىيارەتكە كەلگەن پاكىستان دىنىي زاتلار ۋەكىللەر ئۆمىكىدىكىلەر بىلەن كۆرۈشتى.
ما شىڭرۇي ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەتكە ۋاكالىتەن ۋەكىللەر ئۆمىكىدىكىلەرنىڭ جۇڭگو شىنجاڭغا ئېكسكۇرسىيە - زىيارەتكە كەلگەنلىكىنى قارشى ئالدى. ئۇ مۇنداق دېدى: رەئىس شى جىنپىڭ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى شىنجاڭ خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى بېكىتىپ، شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ توغرا يۆنىلىشنى بويلاپ ئالغا ئىلگىرىلىشىگە يېتەكچىلىك قىلدى. شىنجاڭ رەئىس شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭنى كۆزدىن كەچۈرگەندە قىلغان مۇھىم سۆزى، بەرگەن مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇپ، جەمئىيەت مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى مەھكەم ئىگىلەپ، شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش، شىنجاڭنى ئىتتىپاقلىشىپ مۇقىم قىلىش، شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش، خەلقنى بېيىتىپ شىنجاڭنى روناق تاپقۇزۇش، شىنجاڭنى ئۇزاققىچە گۈللەندۈرۈشنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىپ، جەمئىيەت ئومۇمىي ۋەزىيىتىنىڭ سىجىل مۇقىم بولۇشىنى ساقلاپ، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ جۇڭخۇا مىللىتى چوڭ ئائىلىسىدە ئىناق بىللە ئۆتۈشىگە تۈرتكە بولۇپ، دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئاممىنىڭ دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىنى قانۇن بويىچە قوغداپ، دىننى سوتسىيالىزم جەمئىيىتىگە ئۇيغۇنلىشىشقا يېتەكلەپ، خەلق تۇرمۇشىغا زىچ يېقىنلىشىپ ئىقتىساد، جەمئىيەتنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، تۈرلۈك خىزمەتلەردە ئۈزلۈكسىز يېڭى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى. ھازىر، قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈشتە شىنجاڭ ئۆزىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورنىنى چىڭ كۆزلەپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتىنى پۇختا ئالغا سىلجىتىۋاتىدۇ. بىر مەزگىلدىن بۇيان، ئامېرىكا قاتارلىق غەربتىكى بىر قىسىم كۈچلەر ئاتالمىش «مىللەت» «دىن» «كىشىلىك ھوقۇق» قاتارلىق مەسىلىلەردىن پايدىلىنىپ، شىنجاڭغا ئالاقىدار كىشىنى ھاڭ - تاڭ قالدۇرىدىغان يالغان - ياۋىداق سۆز ۋە بىمەنە سەپسەتىلەرنى ئۈزلۈكسىز ئويدۇرۇپ چىقىرىپ، شىنجاڭنىڭ مۇقىم بولغان، تەرەققىي قىلغان ئىنتايىن ياخشى ۋەزىيىتىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىشقا ئۇرۇندى. لېكىن ھەر قانچە كۆپ يالغان - ياۋىداق سۆزمۇ شىنجاڭدا جەمئىيەت تىنچ بولغان، گۈللەنگەن، خەلق خاتىرجەم ياشاپ خۇشال - خۇرام ئىشلەۋاتقانلىقىدەك پاكىتنى يوققا چىقىرالمايدۇ. ھەرقايسى دىنىي زاتلار بۇ قېتىم زىيارەتكە كېلىپ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ھەقىقىي تۇرمۇشىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرۈپ، مۇقەررەر ھالدا جۇڭگونىڭ مىللەت، دىن سىياسىتىنىڭ شىنجاڭدىكى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئەمەلىيىتىنى ھەقىقىي ھېس قىلالايدۇ. جۇڭگو شىنجاڭ − جۇڭگو - پاكىستان ئىقتىساد كارىدورىنىڭ باشلىنىش نۇقتىسى ۋە يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى بولۇش سۈپىتى بىلەن، پاكىستان بىلەن بولغان ئالماشتۇرۇش ۋە ھەمكارلىقى قويۇق. بىز دۆلىتىڭلار بىلەن بولغان يەرلىكلەر ئارا ئالاقىلىشىش، ئالماشتۇرۇشنى يەنىمۇ كېڭەيتىپ، ئەمەلىي ھەمكارلىقنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىككى تەرەپ خەلقلىرىگە تېخىمۇ ياخشى بەخت يارىتىشنى خالايمىز.
ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ ئۆمەك باشلىقى، پاكىستان ئىسلام ئىدېئولوگىيە كومىتېتىنىڭ رەئىسى ئاياز، پاكىستان دارۇل قۇرئان دىنىي مەكتىپىنىڭ مۇدىرى تايىپ، ئىسلام دىن ئىلمى جەمئىيىتى(فەيزۇللا ئېقىمى)نىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك مۇئاۋىن رەئىسى ئەلى، ئىسلام ئىشلىرى ئىلگىرى سۈرۈش جەمئىيىتىنىڭ تاشقى ئىشلار مۇدىرى كاچى، مۇسۇلمانلار تەتقىقات ئورنىنىڭ رەئىسى سۇلتان ئەلى ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ سۆز قىلدى. ئۇلار مۇنداق بىلدۈردى: پاكىستان جۇڭگونىڭ ياخشى قوشنىسى، ياخشى دوستى، ياخشى ھەمراھى، ياخشى قېرىندىشى، باشتىن - ئاخىر جۇڭگو بىلەن بىر سەپتە تۇرىدۇ. بۇ قېتىم جۇڭگو شىنجاڭغا كېلىپ ئېكسكۇرسىيە - زىيارەتتە بولۇپ، شىنجاڭنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىدا قولغا كەلتۈرگەن غايەت زور مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى، ھەر مىللەت خەلقنىڭ تەرەققىيات نەتىجىلىرىدىن ئورتاق بەھرىلىنىۋاتقانلىقىنى كۆردۇق، بولۇپمۇ جۇڭگونىڭ مىللەت، دىن سىياسىتىنىڭ يېتەكچىلىكى، كاپالەتلەندۈرۈشىدە، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئىناق بىللە ئۆتۈۋاتقانلىقى، دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىدىن تولۇق بەھرىمەن بولۇۋاتقانلىقى، دىنىي پائالىيەتلەرنى قانۇن بويىچە قانات يايدۇرۇۋاتقانلىقى، ھەرقايسى مىللەتلەر مەدەنىيىتىنىڭ ياخشى ۋارىسلىق قىلىنىش ۋە قوغداشقا ئېرىشكەنلىكىنى ئۆز كۆزىمىز بىلەن كۆرۈپ، جۇڭگو تەرەپنىڭ شىنجاڭغا ئالاقىدار مەسىلىلەردىكى ھەققانىي مەيدانىنى قوللىشىمىز تېخىمۇ مۇستەھكەملەندى. جۇڭگو - پاكىستان ئىقتىساد كارىدورى «بىر بەلباغ، بىر يول»نىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى، جۇڭگو - پاكىستان دوستلۇقىنىڭ مۇھىم نامايەندىسى. جۇڭگو - پاكىستان ئىقتىساد كارىدورى قۇرۇلۇشىنى قەتئىي قوللايمىز، جۇڭگو بىلەن، بولۇپمۇ جۇڭگو شىنجاڭ بىلەن بولغان نۇقتىلىق ساھەلەردىكى ئالماشتۇرۇش ۋە ھەمكارلىقنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئىككى تەرەپنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىدا تېخىمۇ زور نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، جۇڭگو - پاكىستان مۇناسىۋىتىنى مۇستەھكەملەش، راۋاجلاندۇرۇشقا كۈچ قوشۇشنى ئۈمىد قىلىمىز.
ئېلزات ئەخمەتجان، ئابدۇرېقىپ تۆمۈرنىياز، دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىدىكى ئالاقىدار خادىملار، پاكىستاندىكى دىنىي زاتلار ۋەكىللىرى، ئاپتونوم رايوننىڭ ئالاقىدار تارماقلىرىدىكى مەسئۇل يولداشلار كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.
مەنبە: