شىنجاڭ ئاكادېمىيە تورى
«جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ پۇقراۋى ئىگىلىكنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ زورايتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى پىكرى» ئېلان قىلىندى
يوللانغان ۋاقىت :2023-07-21 |   ئاپتور :   |   مەنبە : شىنجاڭ گېزىتى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 7 ـ ئاينىڭ 19 ـ كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىرلار چېن ۋېيۋېي، يەن فۇجىڭ) «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ پۇقراۋى ئىگىلىكنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ زورايتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى پىكرى» 7 ـ ئاينىڭ 19 ـ كۈنى ئېلان قىلىندى.

پىكىردە مۇنداق كۆرسىتىلدى: پۇقراۋى ئىگىلىك جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىشتىكى جەڭگىۋار قوشۇن، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنىڭ مۇھىم ئاساسى، دۆلىتىمىزنىڭ سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان قۇدرەتلىك دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇپ چىقىشىغا، ئىككىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشىغا تۈرتكە بولىدىغان مۇھىم كۈچ.

پىكىردە مۇنداق تەلەپ قىلىندى: شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، پارتىيە 20 ـ قۇرۇلتىيى روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت باش رىتىمىدا چىڭ تۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا كۈچەپ تۈرتكە بولۇپ، سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكى ئىسلاھاتى يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، «ئىككىدە قىلچە تەۋرەنمەسلىك»تە چىڭ تۇرۇپ، بازارلاشقان، قانۇنچىللاشقان، خەلقئارالاشقان ئالدىنقى قاتاردىكى تىجارەت ـ سودا مۇھىتى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىپ، پۇقراۋى ئىگىلىكنىڭ تەرەققىيات مۇھىتىنى ئەلالاشتۇرۇپ، پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ مۈلۈك ھوقۇقى ۋە كارخانىچىلارنىڭ ھوقۇق ـ مەنپەئىتىنى قانۇن بويىچە قوغداپ، يېقىن، پاك ھۆكۈمەت ـ سودىگەرلەر مۇناسىۋىتىنى ئومۇميۈزلۈك بەرپا قىلىپ، تۈرلۈك مۈلۈكچىلىكتىكى ئىگىلىكنى ئىشلەپچىقىرىش مۇھىم ئامىللىرىنى قانۇن بويىچە باراۋەر ئىشلىتىش، بازار رىقابىتىگە ئادىل قاتنىشىش، قانۇن تەرىپىدىن ئوخشاش قوغدىلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىپ، پۇقراۋى كارخانىلارنى ئۆزىنى ئىسلاھ قىلىش، تەرەققىي قىلدۇرۇش، بەلگىلىمىگە ئۇيغۇن تىجارەت قىلىش، تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش ئارقىلىق تەرەققىيات سۈپىتىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈشكە يېتەكلەپ، پۇقراۋى ئىگىلىكنىڭ زورىيىشى، سەرخىللىشىشى، كۈچىيىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش يېڭى مۇساپىسىدە پائال تۆھپە قوشۇپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىش تارىخىي مۇساپىسىدە تېخىمۇ زور بۇرچنى زىممىگە ئېلىش، تېخىمۇ ئېغىر مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىش، تېخىمۇ زور رولىنى جارى قىلدۇرۇش كېرەك.

پىكىردە مۇنداق ئوتتۇرىغا قويۇلدى: پۇقراۋى ئىگىلىكنىڭ تەرەققىيات مۇھىتىنى داۋاملىق ياخشىلاپ، پۇقراۋى ئىگىلىكنى سىياسەت جەھەتتىن قوللاش سالمىقىنى زورايتىپ، پۇقراۋى ئىگىلىكنىڭ تەرەققىياتىغا بولغان قانۇنچىللىق كاپالىتىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، پۇقراۋى ئىگىلىكنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇشىغا كۈچەپ تۈرتكە بولۇپ، پۇقراۋى ئىگىلىك زاتلىرىنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، پۇقراۋى ئىگىلىكنىڭ تەرەققىي قىلىپ زورىيىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە كۆڭۈل بۆلىدىغان جەمئىيەت كەيپىياتىنى سىجىل يارىتىش كېرەك.

تەشكىللەپ يولغا قويۇشنى كۈچەيتىش جەھەتتە، پىكىردە مۇنداق تەلەپ قىلىندى: پارتىيە رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى كۈچەيتىپ، رىغبەتلەندۈرۈش، چەكلەش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، خۇلاسىلەش ۋە باھالاش خىزمىتىنى ۋاقتىدا ياخشى ئىشلەش كېرەك.

مەنبە:

مەسئۇل مۇھەررىر: رەشىدە مامۇت