شىنجاڭ ئاكادېمىيە تورى
​شىنجاڭنىڭ تۈرلۈك ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن خەلق قۇرۇلتىيى كۈچىنى قوشۇش كېرەك
يوللانغان ۋاقىت :2023-07-19 |   ئاپتور :   |   مەنبە : شىنجاڭ گېزىتى

زۇمرەت ئوبۇل ئۈرۈمچى شەھىرىدە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندا مۇنداق تەكىتلىدى

​شىنجاڭنىڭ تۈرلۈك ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن خەلق قۇرۇلتىيى كۈچىنى قوشۇش كېرەك

شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 7 - ئاينىڭ 17 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاڭ يۈنمېي خەۋەر قىلىدۇ: 7 - ئاينىڭ 14 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى زۇمرەت ئوبۇل ئۈرۈمچى شەھىرىدە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، باش تېما تەربىيەسىنى پۇختا قانات يايدۇرۇپ، پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئاساسىي قاتلام خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش سۇپا قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تېخىمۇ ياخشى تۈرتكە بولۇش كېرەك.

ئۈرۈمچى شەھىرى تىيانشان رايونى جەنۇبىي شىنخۇا يولى تەۋەلىك رايونى، تىيانشان رايونى ئېرداۋچياۋ كوچا باشقارمىسى گۇيۈەنشياڭ مەھەللىسى، تىيانشان رايونى بەيگە مەيدانى كوچا باشقارمىسى قىزىلبايراق مەھەللىسىدە، زۇمرەت ئوبۇل ۋەكىللەر ئالاقىلىشىش پونكىتى قۇرۇلۇشى، ۋەكىللەرنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇش قاتارلىق ئەھۋاللارنى نەق مەيداندا ئىگىلىدى ھەم ۋەكىللەر بىلەن يۈزتۇرا پىكىر ئالماشتۇردى. ئۇ مۇنداق كۆرسەتتى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭنى كۆزدىن كەچۈرگەنلىكىنىڭ بىر يىللىقىنى يېڭى كۈرەش باشلىنىش نۇقتىسى قىلىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭنى كۆزدىن كەچۈرگەندە قىلغان مۇھىم سۆزى، بەرگەن مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، پۈتۈن جەريانلىق خەلق دېموكراتىيەسىنى ئەمەلدە كۆرسىتىپ، ۋەكىللەر خىزمىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، كېڭەيتىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك ۋەكىللەر خىزمىتى ئارقىلىق شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا كۈچ قوشۇش كېرەك. «ئونمىڭ ۋەكىل ئونمىڭ ئائىلىگە كىرىش» باش تېمىلىق ئەمەلىيەت پائالىيىتى، ۋەكىللەر «ئائىلىسى، ئىشخانىسى، پونكىتى»نى قېلىپلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىپ، شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشقا تۈرتكە بولۇش، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش، ئىقتىساد، جەمئىيەتنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا كۈچ قوشۇش، ئاساسىي قاتلام ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى ئالغا سىلجىتىش قاتارلىق جەھەتتە، ۋەكىللەرنىڭ رولىنى پائال جارى قىلدۇرۇش كېرەك. «ئىككى بىلەن قويۇق ئالاقە باغلاش»نى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ۋەكىللەرنى تەشكىللەپ يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى توغرىسىدىكى تەشۋىقاتنى زورايتىپ، مىننەتدارلىق تەربىيەسىنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ھەر مىللەت ئاممىنى پارتىيە بايرىقى ئاستىغا زىچ ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، قەتئىي تەۋرەنمەي پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ، پارتىيەدىن مىننەتدار بولۇپ، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىش كېرەك. ۋەكىللەرگە مۇلازىمەت قىلىش ئېڭىنى پۇختا تۇرغۇزۇپ، ۋەكىللەرنىڭ ئۆگىنىش، تەربىيەلىنىشىنى سىجىل ياخشى تۇتۇپ، ۋەكىللەرنىڭ ئىقتىدار قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىپ، ۋەكىللەرنىڭ قانۇن بويىچە مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىش ۋە ئۇنى قوللاش كېرەك.

ئۈرۈمچى شەھىرى تىيانشان رايونى بەيگە مەيدانى كوچا باشقارمىسى قىزىلبايراق مەھەللىسىنىڭ ئاممىۋى قانۇن مۇلازىمىتى مەركىزىدە، زۇمرەت ئوبۇل بۇ مەركەزنىڭ خەلق مۇرەسسەسى، مەمۇرىي قايتا قاراپ چىقىش، قانۇن ياردىمى بېرىش قاتارلىق كۆزنەكلەردىكى كەسپىي خىزمەتلەرنىڭ قانات يايدۇرۇلۇش ئەھۋالىنى ئەستايىدىل ئىگىلىدى. ئۇ مۇنداق كۆرسەتتى: شى جىنپىڭ قانۇنچىللىق ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، سوتسىيالىستىك قانۇنچىللىق بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، قانۇنچىللىق روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، قانۇنچىللىق پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ، دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش تەلىپىنى شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ ھەرقايسى ساھەلىرىدە ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. خەلقنىڭ مەيدانىدا چىڭ تۇرۇپ، ھەر مىللەت ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىپ، خەلق ئاممىسىغا ئادىللىق، ھەققانىيلىقنىڭ يېنىدىلا ئىكەنلىكىنى ھەقىقىي ھېس قىلدۇرۇش كېرەك. قانۇنچىللىق تەشۋىقات - تەربىيەسىنى كۈچەيتىپ، ئومۇمىي خەلقنىڭ قانۇنچىللىق ئېڭىنى ئۆستۈرۈپ، ھەر مىللەت ئاممىنى ئىش بېجىرىشتە قانۇنغا ئاساسلىنىش، مەسىلىگە يولۇققاندا قانۇننى ئىزدەش، مەسىلىنى ھەل قىلىشتا قانۇنغا تايىنىشقا يېتەكلەپ، پۈتكۈل جەمئىيەتتە قانۇنغا ھۆرمەت قىلىدىغان، قانۇننى ئۆگىنىدىغان، قانۇنغا رىئايە قىلىدىغان، قانۇندىن پايدىلىنىدىغان ياخشى كەيپىياتنى بەرپا قىلىش كېرەك.

مەنبە:

مەسئۇل مۇھەررىر: رەشىدە مامۇت