جاڭ چۇنلىن ئۈرۈمچى شەھىرى، سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستىدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندا مۇنداق تەكىتلىدى
نۇقتىلىق تۈر قۇرۇلۇشىنى ياخشى تۇتۇپ، ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك
شىنجاڭ گېزىتى، جىمىسار، 7 - ئاينىڭ 17 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ليۇ شياڭ خەۋەر قىلىدۇ: 7 - ئاينىڭ 16 - كۈنىدىن 17 - كۈنىگىچە، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مالىيە - ئىقتىساد ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى جاڭ چۇنلىن ئۈرۈمچى شەھىرى، شەرقىي جۇڭغار ئىقتىساد - تېخنىكا تەرەققىيات رايونىدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ 1 - ئاۋغۇست پولات - تۆمۈر پاي چەكلىك شىركىتى، جۇڭگو نېفىتى ئۈرۈمچى نېفىت خىمىيە سانائىتى شىركىتى، شىنجاڭ خۇاتەي ئېغىر خىمىيە سانائىتى چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى قاتارلىق كارخانىلارغا بېرىپ، نەق مەيداندا شەرقىي جۇڭغار جياڭجۈنمياۋ - نوم تۆمۈريولى قۇرۇلۇشىنىڭ ئەھۋالى، نۇقتىلىق كارخانىلاردا «بىر كارخانىغا بىر تەدبىر» بويىچە ئاتموسفېرا بۇلغىنىشىنى تىزگىنلەش تۈرىنىڭ ئەمەلىيلىشىشى ھەم «تاشيولدا توشۇشنى تۆمۈريولدا توشۇشقا ئۆزگەرتىش» مەخسۇس لىنىيە قۇرۇلۇشىنىڭ ئەھۋالىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى ھەم مەخسۇس تېمىلىق يىغىن ئېچىپ نۇقتىلىق تۈر قۇرۇلۇشى قاتارلىق خىزمەتلەرنى ئالغا سىلجىتىشنى ماسلاشتۇردى.
جاڭ چۇنلىن مۇنداق تەكىتلىدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزى، مۇھىم يوليورۇقى، تەستىقىي يوليورۇقىنىڭ روھىنى سىجىل چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇپ، سىستېما تەپەككۇرىدا چىڭ تۇرۇپ، دىققەتنى نۇقتىلىق ۋەزىپىلەرگە مەركەزلەشتۈرۈپ، مەسىلە يۆنىلىشىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، دەل جايىدا كۈچەشنى نىشانلاپ، ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك. نۇقتىلىق كارخانىلاردا «بىر كارخانىغا بىر تەدبىر» بويىچە ئاتموسفېرا بۇلغىنىشىنى تىزگىنلەش تۈرىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ۋە تېخنىكا ئۆزگەرتىش سېلىنمىسىنى زورايتىپ، كارخانىلارنىڭ بۇلغىما قويۇپ بېرىش ئومۇمىي مىقدارىنى ئازايتىپ، كارخانىلارنىڭ رىقابەت كۈچىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. سانائەت باغچە رايونلىرىدىكى تۆمۈريول مەخسۇس لىنىيەلىرى ۋە كارخانىلارنىڭ خام ئەشيا تىرانسپورت كارىدورى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، شەھەرلەردىكى كۆچمە مەنبەلىك بۇلغىنىشنى ئازايتىش كېرەك. بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى لايىھەلەش تەلىپى ۋە تېخنىكا ئۆلچەملىرىگە قاتتىق ئەمەل قىلىپ ئىشلەپچىقىرىشنى تەشكىللەپ، كارخانىلارنىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش مۇداپىئە لىنىيەسىنى مۇستەھكەملەش كېرەك. قۇرۇلۇش مۇددىتى نىشانىنى چىڭ كۆزلەپ، شەرقىي جۇڭغار جياڭجۈنمياۋ - نوم تۆمۈريولىدا ئىمكانقەدەر بالدۇر قاتناش باشلاپ، بۇ يول بۆلىكىدە 2 - لىنىيەنى كۆپەيتىپ ياساش يىرىك پىلان قۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇشنى تېزلىتىپ، شىنجاڭنىڭ كۆمۈرىنى سىرتقا توشۇش ئىقتىدارىنى تېز ئۆستۈرۈپ، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئېنېرگىيە تەمىنات كاپالىتى ۋە دۆلەتنىڭ ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكى ئۈچۈن تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇش كېرەك.
جىن جىجېن قاتارلىقلار تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشقا قاتناشتى.