شىنجاڭ ئاكادېمىيە تورى
«شىنجاڭلىق دوستۇم بولۇشىنى بەكمۇ ئارزۇ قىلىمەن»
يوللانغان ۋاقىت :2023-07-12 |   ئاپتور :   |   مەنبە : شىنجاڭ گېزىتى

​− دوۋيىن بىلوگچىسى @ لۇرېنجيا لۈشىڭجىنىڭ بۇ سىن كۆرۈنۈشى نېمە ئۈچۈن 10 مىڭدىن ئارتۇق تورداشنى تەسىرلەندۈردى

سىكاننېرلاپ سىننى كۆرۈڭ

□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ھەبىبە

«قوزا كۆرگۈڭىز بارمۇ؟» «شۇنداق!» «كېلىڭە!»

نارات يايلىقىدا، بىرنەچچە ئېغىز ئاددىي پاراڭ ئارقىلىق، مىليون مەستانىسى بار دوۋيىن بىلوگچىسى @ لۇرېنجيا لۈشىڭجى يېڭى بىر دوست − بەش يېرىم ياشلىق قىزچاق ئۇكىلاي پاراسات بىلەن تونۇشتى ھەم تەكلىپ بىلەن بۇ قىزچاقنىڭ ئۆيىگە بېرىپ بىللە تاماق يەپ، بىللە پاراڭلىشىپ، بىللە ئويناپ، «پۈتۈن شىنجاڭدىكى ئەڭ گۈزەل مەنزىرە»نى كۆردى. «ئەسلىدە بۇلارنىڭ ھەممىسىنى ھەق ئېلىنىدىغان تۈر دەپ ئويلىغانىدىم، چارۋىچىلارنىڭ بىزنى يىراقتىكى دوستى قاتارىدا كۈتۈۋالىدىغانلىقىنى ئويلاپمۇ باقماپتىكەنمەن» دېدى @ لۇرېنجيا لۈشىڭجى.

7 - ئاينىڭ 9 - كۈنى، ئۇ «يايلاقتىكى كىشىلەر نېمە ئۈچۈن بۇنچە سەمىمىي، بۇنچە ئاق كۆڭۈل، بۇنچە خۇشال» دېگەن تېمىدا بۇ كەچۈرمىشى مەزمۇن قىلىنغان سىن كۆرۈنۈشىنى توردا ئېلان قىلغاندىن كېيىن، 10 مىڭدىن ئارتۇق تورداش ئىنكاس قايتۇردى، 330 مىڭدىن ئارتۇق كىشى ئالقىشلىدى.

تورداشلار ھەۋەس قىلىپ بەس - بەستە سۆز قالدۇردى: «شىنجاڭلىق دوستۇم بولۇشىنى بەكمۇ ئارزۇ قىلىمەن» «شىنجاڭلىقلار بەكلا مېھماندوست» «ساياھەتتىكى ئەڭ ياخشى تەسىرات دەل مۇشۇ بولسا كېرەك»...

@ لۇرېنجيا لۈشىڭجى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا مۇنداق دېدى: خوتۇنۇم ئىككىمىز قىزىمىز ئەنئەننى ئېلىپ 6 - ئاينىڭ ئاخىرلىرى شىنجاڭغا ساياھەتكە كەلدۇق، يېرىم ئايدىن كۆپرەك ۋاقىتتا، بىز گۈزەل مەنزىرىلەرنى كۆرۈپلا، نۇرغۇن مەززىلىك تائامغا ئېغىز تېگىپلا قالماي، يەنە شىنجاڭلىقلارنىڭ قىزغىنلىقى ۋە سەمىمىيلىكىنى ھېس قىلدۇق، «كىشىلەر دائىم مەنزىرىنى ئەڭ گۈزەل دېيىشىدۇ، لېكىن شىنجاڭدا ئەڭ گۈزەل بولغىنى بۇ جايدا ياشاۋاتقان كىشىلەر. مەن بۇ ساياھەت سىن كۆرۈنۈشلىرىنى تەھرىرلەپ ئېلان قىلىپ، تېخىمۇ كۆپ كىشىگە ھەقىقىي، گۈزەل شىنجاڭنى كۆرسەتمەكچى».

شۇ كۈندىكى ئەھۋالنى ئەسلەپ@ لۇرېنجيا لۈشىڭجى مۇنداق دېدى: ئۇ كۈنى قۇربان ھېيتلىق دەم ئېلىشنىڭ تۇنجى كۈنى ئىدى، بىز كۈنەس ناھىيەسى نارات ساياھەت مەنزىرە رايونىدىكى توردا ئالقىشلانغان كۆۋرۈككە بېرىپ ئويناشقا تەييارلاندۇق، يولدا يايلاقتىكى «سالمىچى ئەزىمەت»لەرنى كۆرۈۋاتقاندا، بىر كىچىك قىزچاق سەكرىگىنىچە كېلىپ بىز بىلەن پاراڭلاشتى، شۇنداقلا بىزنى ئۆيىگە بېرىپ «قوزا كۆرۈش»كە قىزغىن تەكلىپ قىلدى. مەن ئەسلىدە كىچىك بالا بولغاچقا ئىش ئۇقماي، ناتونۇش كىشىلەرنى ئۆيىگە باشلاپ ماڭدى دەپ ئويلىغانىدىم، ئويلىمىغان يەردىن قىزچاقنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر مېۋە - چېۋە ۋە قوي گۆشى ئەكېلىپ بىزنى ناھايىتى قىزغىنلىق بىلەن كۈتۈۋالدى. «مەنزىرە رايونىدىكى ھەممە نەرسىگە ھەق ئېلىنىدۇ دەپ ئاڭلىغانىدىم، بىز بۇ يەردە ھەم يەپ، ھەم ئىچىپ، ھەم سۈرەتكە چۈشتۇق، مەن ئۇلارنىڭ بىردەمدىن كېيىن ماڭا پۇل تاپشۇرۇش كودىنى چىقىرىپ بېرىشىگە تەييارلىق قىلىپ قويغانىدىم، لېكىن ئەڭ ئاخىرىدا ئۇنداق بولمىدى، ئەسلىدە ئۇلار مېنى دوست قاتارىدا كۆرۈپتىكەن».

ئۇكىلاينىڭ ئانىسى لازىرە قوشانباي مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: قىزىم يالغۇز بالا، ناھايىتى جانلىق، مىجەزى خۇددى ئويناقشىپ سەكرەپ تۇرىدىغان قوزىغا ئوخشايدۇ. ئۆيىمىزنىڭ چارۋا بېقىش نۇقتىسى دەل نارات بوشلۇق گۈلزارلىقى ئەتراپىدا بولۇپ، دائىم ساياھەتچىلەرنى ئۇچراتقىلى بولىدۇ. ئۇكىلاي ھەمىشە ساياھەتچىلەر بىلەن پاراڭلىشىشنى ياخشى كۆرىدۇ، كىچىك ساياھەتچىلەرنى كۆرسىمۇ ئۇلار بىلەن بىللە ئوينايدۇ، يەنە دائىم ئۆيگە باشلاپ كېلىدۇ. «بۇ ساياھەتچىلەر بىزنىڭ تۇرمۇشىمىزغا ئىنتايىن قىزىقىدۇ، بىزمۇ يىراقتىن كەلگەن بۇ مېھمانلارنى قىزغىن كۈتۈۋالىمىز» دېدى لازىرە.

تورداشلارنىڭ بۇ بىر ئائىلە كىشىلىرىنى توردا ئالقىشلىغانلىقىنى بىلگەندىن كېيىن، ئۇكىلاينىڭ دادىسى پاراسات نۇركېلدى خىجىل بولۇپ قالدى. «ئورنىمىزدا باشقا چارۋىچىلار بولغان بولسىمۇ، شۇنداق قىلغان بولاتتى.» ئۇ مۇنداق دېدى: شۇنچە كۆپ ساياھەتچى ئارىلىقنى يىراق كۆرمەي شىنجاڭغا كېلىپ ساياھەت قىلىپ، ئەتراپتىكى چارۋىچىلار ئارامگاھى، ئائىلىۋى قونالغۇ قاتارلىقلارنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولدى، چارۋىچىلارنىڭ تۇرمۇشىمۇ بارغانسېرى ياخشىلاندى، «ساياھەتچىلەر چارۋىچىلارنىڭ تۇرمۇشىنى ھېس قىلىشنى ياخشى كۆرىدۇ، ئۇلار دوستانىلىك بىلەن كېلىدۇ، بىزمۇ دوستانىلىك بىلەن كۈتۈۋېلىشىمىز كېرەك. يايلاقتا <ئەجدادلار قالدۇرغان مىراستا مېھمانلارنىڭمۇ تېگىشلىك ئۈلۈشى بار> دەيدىغان ماقال بار، ئۆز ئۆيىمىزدە يىراقتىن كەلگەن دوستلارنى كۈتۈۋېلىش قائىدە - يوسۇنىمىزدا بار ئىش».

@لۇرېنجيا لۈشىڭجى ئۇكىلاي بىر ئائىلە كىشىلىرى بىلەن ئالاقىنى ئىزچىل ساقلاپ كەلدى. بۇ سىن كۆرۈنۈشىنىڭ ئىنكاس رايونىدا@ ئۇكىلاينىڭ ئاپىسى سۆز قالدۇرۇپ: «ئۇكىلاي كۈندە دېگۈدەك ئەنئەن سىڭلىسى بىلەن يەنە بىللە ئويناشنى ئويلايدۇ، قاچان يەنە ئەنئەننى ئېلىپ ناراتقا كېلىسىلەر؟» دېدى.@ لۇرېنجيا لۈشىڭجى جاۋاب قايتۇرۇپ: «كېلەر يىلى بىز يەنە كېلىمىز، مەن تېخى ئەنئەننى ئېلىپ بېرىپ سۈت ساغماقچى» دېدى.

مەنبە:


مەسئۇل مۇھەررىر: 沙衣力克