شىنجاڭ ئاكادېمىيە تورى
شى جىنپىڭ تېلېگرامما ئەۋەتىپ مىرزىيويېفنىڭ ئۆزبېكىستان زۇڭتۇڭلۇقىغا سايلانغانلىقىنى تەبرىكلىدى
يوللانغان ۋاقىت :2023-07-12 |   ئاپتور :   |   مەنبە : شىنجاڭ گېزىتى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 7 - ئاينىڭ 10 - كۈنى تېلېگراممىسى دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 7 - ئاينىڭ 10 - كۈنى شەۋكەت مىرزىيويېفقا تېلېگرامما ئەۋەتىپ، ئۇنىڭ ئۆزبېكىستاننىڭ زۇڭتۇڭلۇقىغا سايلانغانلىقىنى تەبرىكلىدى.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، بىزنىڭ ئورتاق يېتەكچىلىكىمىزدە، جۇڭگو - ئۆزبېكىستان مۇناسىۋىتىدە ھالقىما تەرەققىيات ئىشقا ئاشۇرۇلۇپ، ھەرقايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىق ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىلدى. مەن سىز بىلەن ئورناتقان ياخشى خىزمەت مۇناسىۋىتى ۋە شەخسىي دوستلۇقنى ئىنتايىن قەدىرلەيمەن، سىز بىلەن بىرلىكتە تىرىشىپ، جۇڭگو - ئۆزبېكىستاننىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنىڭ سىجىل تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، جۇڭگو - ئۆزبېكىستان تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشۇشنى خالايمەن.

مەنبە:


مەسئۇل مۇھەررىر: 沙衣力克