شىنجاڭ ئاكادېمىيە تورى
تۈمەنلىگەن گۈزەل يېزا - كەنت بەرپا قىلىنىپ، تۈمەنلىگەن دېھقان ئاممىغا بەخت يارىتىلدى
يوللانغان ۋاقىت :2023-07-11 |   ئاپتور :   |   مەنبە : شىنجاڭ گېزىتى

​− مەركىزىي كومىتېت مالىيە - ئىقتىساد كومىتېتى ئىشخانىسى، مەركىزىي كومىتېت يېزا خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى ئىشخانىسىنىڭ مەسئۇللىرى «جېجياڭنىڭ <مىڭ، ئونمىڭ قۇرۇلۇشى> تەجرىبىسىنى كۈچلۈك، تەرتىپلىك، ئۈنۈملۈك كېڭەيتىش توغرىسىدىكى يېتەكچى پىكىر» توغرىسىدا مۇخبىرنىڭ سوئالىغا جاۋاب بەردى

□شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى

«مىڭ كەنتتە ئۈلگە كۆرسىتىش، ئونمىڭ كەنتنى تۈزەش» قۇرۇلۇشى (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «مىڭ، ئونمىڭ قۇرۇلۇشى» دېيىلدى) باش شۇجى شى جىنپىڭ جېجياڭدا خىزمەت قىلغاندا ئۆزى پىلانلىغان، ئۆزى ئورۇنلاشتۇرما قىلغان، ئۆزى تۈرتكە بولغان مۇھىم، زور تەدبىر. 20 يىلدىن بۇيان، جېجياڭ ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇپ، قەتئىي بوشاشماي ئالغا سىلجىتىپ، يېزا ئىگىلىكى، يېزىلارنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك تەجرىبىسى ۋە ئەمەلىيەت ئۈلگىسىنى ياراتتى. يېقىندا، مەركىزىي كومىتېت مالىيە - ئىقتىساد كومىتېتى ئىشخانىسى، مەركىزىي كومىتېت يېزا خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى ئىشخانىسى، يېزا ئىگىلىكى - يېزا مىنىستىرلىقى، دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى «جېجياڭنىڭ <مىڭ، ئونمىڭ قۇرۇلۇشى> تەجرىبىسىنى كۈچلۈك، تەرتىپلىك، ئۈنۈملۈك كېڭەيتىش توغرىسىدىكى يېتەكچى پىكىر» (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «پىكىر» دېيىلدى)نى بېسىپ تارقاتتى، مەركىزىي كومىتېت مالىيە - ئىقتىساد كومىتېتى ئىشخانىسى، مەركىزىي كومىتېت يېزا خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى ئىشخانىسىنىڭ مەسئۇللىرى ئالاقىدار مەسىلىلەر توغرىسىدا شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرىنىڭ سوئالىغا جاۋاب بەردى.

سوئال: جېجياڭنىڭ «مىڭ، ئونمىڭ قۇرۇلۇشى» تەجرىبىسىنى كېڭەيتىشنىڭ قانداق مۇھىم، زور ئەھمىيىتى بار؟

جاۋاب: بۇ يىل «مىڭ، ئونمىڭ قۇرۇلۇشى» يولغا قويۇلغانلىقىنىڭ 20 يىللىقى. باش شۇجى شى جىنپىڭ تۈزۈپ بەرگەن ئۇلۇغۋار پىلاننىڭ يېتەكچىلىكىدە، «مىڭ، ئونمىڭ قۇرۇلۇشى» جېجياڭ يېزىلىرىنىڭ قىياپىتىنى چوڭقۇر ئۆزگەرتىپ، ھازىرقى زامان نۇسخىسىدىكى «فۇچۇنشەن تېغى تۇرالغۇ مەنزىرىسى»نى بارلىققا كەلتۈرۈپ، شۇ جايدىكى دېھقانلار ئاممىسى تەرىپىدىن «مەھسۇلاتقا بىرلەشتۈرۈپ ئائىلىلەرگىچە ھۆددىگە بېرىش مەسئۇلىيەت تۈزۈمى يولغا قويۇلغاندىن كېيىنكى، پارتىيە ۋە ھۆكۈمەت دېھقانلار ئۈچۈن قىلىپ بەرگەن ئەڭ قارشى ئېلىنغان، ئەڭ نەپ بەرگەن بىر ئەمەلىي ئىش» دەپ تەرىپلەندى. «مىڭ، ئونمىڭ قۇرۇلۇشى» يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش، گۈزەل جۇڭگو قۇرۇشنىڭ ئەمەلىيەت مەنبەسى بولۇپ، ئۈنۈمى كۆرۈنەرلىك، تەسىرى چوڭقۇر بولدى، پۈتۈن مەملىكەتكە نىسبەتەن ئۈلگە كۆرسىتىش رولىنى ئويناپلا قالماي، خەلقئارادىمۇ ئېتىراپ قىلىشقا ئېرىشتى.

يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدە «مىڭ، ئونمىڭ قۇرۇلۇشى» تەجرىبىسىنى ئومۇملاشتۇرۇش شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى، بولۇپمۇ شى جىنپىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشتىكى جانلىق ئەمەلىيەت ۋاسىتىسى بولۇپ، مۇھىم، زور رېئال ئەھمىيەتكە ۋە چوڭقۇر تارىخىي ئەھمىيەتكە ئىگە. بىرىنچىدىن، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇشتىكى مۇھىم، زور تەدبىر. «يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار» ساھەسىدە يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىش، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشقا پايدىلىق. ئىككىنچىدىن، شەھەر - يېزىلارنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىنى تېزلىتىشنىڭ ئۈنۈملۈك يولى. يېڭىچە ئىشچى - دېھقان، شەھەر - يېزا مۇناسىۋىتىنى تېزدىن شەكىللەندۈرۈپ، يېزىلاردا زامانىۋى تۇرمۇش شارائىتىنى ئاساسىي جەھەتتىن ھازىرلاشقا تۈرتكە بولۇشقا پايدىلىق. ئۈچىنچىدىن، گۈزەل جۇڭگو قۇرۇشتىكى كۈچلۈك ھەرىكەت. يېزا ئاھالىلىرىنىڭ ئولتۇراقلىشىش مۇھىتىنى سىجىل ياخشىلاپ، گۈزەل يېزا - كەنت قۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، گۈزەل جۇڭگو قۇرۇش ئۈچۈن پۇختا ئاساس سېلىشقا پايدىلىق. تۆتىنچىدىن، يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى پۇختا ئالغا سىلجىتىشنىڭ مۇقەررەر تەلىپى. ئولتۇراقلىشىشقا، كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىشقا ماس كېلىدىغان ئىناق، گۈزەل يېزا - كەنت قۇرۇشنى تەرتىپلىك، تەدرىجىي ئىلگىرى سۈرۈپ، دېھقانلار ئاممىسىنىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئىنتىلىشىنى ئۈزلۈكسىز ئىشقا ئاشۇرۇشقا پايدىلىق.

سوئال: «مىڭ، ئونمىڭ قۇرۇلۇشى» تەجرىبىسى قانداق ئىلمىي ئۇسۇللارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان؟

جاۋاب: «مىڭ، ئونمىڭ قۇرۇلۇشى» باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئاجايىپ جاسارەت بىلەن يېڭى يول ئېچىشتەك يىراقنى كۆرەرلىكى ۋە ئىستراتېگىيەلىك نەزەرىنى تولۇق نامايان قىلدى، ئۇنىڭغا مۇجەسسەملەنگەن ئىلمىي ئۇسۇل شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىدىكى دۇنيا قاراش ۋە مېتودولوگىيە بىلەن باشتىن - ئاخىر ئىزچىللىقنى ساقلىغان، تومۇرداش بولۇپ، «پىكىر»دە ئالتە جەھەتكە يىغىنچاقلاپ رەتلەنگەن.

بىرىنچىدىن، خەلقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىش، ئورتاق قۇرۇش، ئورتاق بەھرىلىنىش. خەلقنىڭ ئىلتىماس - تەلىپى ۋە مەنپەئىتىنى «مىڭ، ئونمىڭ قۇرۇلۇشى»دىكى ئەڭ مۇھىم ئورۇنغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ئاممىنىڭ رازى بولۇش دەرىجىسىنى خىزمەت ئۈنۈمىنى باھالاشتىكى ئەڭ يۇقىرى ئۆلچەم قىلىپ، ئاممىنى قۇرۇلۇشقا ئاڭلىق ئاتلىنىپ، گۈزەل ماكاننى ئورتاق قۇرۇش، ئورتاق بەھرىلىنىشكە يېتەكلەش.

ئىككىنچىدىن، يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تۈرتكە بولۇش، يېشىل تەرەققىي قىلىش. ئادەم بىلەن تەبىئەتنىڭ ئىناق بىللە ئۆتۈشىنى ئىلگىرى سۈرۈش داۋامىدا، يېزا - كەنتلەرنىڭ كۆپ خىل فۇنكسىيەسى، كۆپ مەنبەلىك قىممىتىنى قېزىپ، يېڭى كەسىپ، يېڭى كەسىپ ھالىتى، يېڭى ئەندىزىنى يېتىلدۈرۈپ، ئىمكانىيەتلىك سىجىل ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچنى ئاشۇرۇپ، «گۈزەل يېزا - كەنت»تىن «گۈزەل ئىگىلىك»كىچە بولغان قالتىس كېپىنەكسىمان ئۆزگىرىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش.

ئۈچىنچىدىن، بىرتۇتاش پىلانلاپ ماسلاشتۇرۇش، مۇھىم نۇقتىنى گەۋدىلەندۈرۈش. ئاھالىلەرنىڭ ئولتۇراقلىشىش مۇھىتىنى تۈزەشنى كىرىش نۇقتىسى قىلىپ، كەنتنى گۈزەللەشتۈرۈش بىلەن كەنتنى بېيىتىشنى تەڭ ئىلگىرى سۈرۈشكە، ئوبراز يارىتىش بىلەن روھنى تاۋلاشقا تەڭ ئەھمىيەت بېرىشتە چىڭ تۇرۇپ، «گۈزەل يېزا - كەنت، ئورتاق بېيىغان يېزا - كەنت، ئادىمىيەت يېزا - كەنتى، ياخشى ئىدارە قىلىنغان يېزا - كەنت، رەقەملىك يېزا - كەنت» قۇرۇلۇشىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىپ، يېزا - كەنتلەردە كەسىپ، ئىختىساسلىقلار، مەدەنىيەت، ئېكولوگىيە، تەشكىلاتلارنىڭ ئومۇميۈزلۈك گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش.

تۆتىنچىدىن، شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈش، تۈرگە ئايرىپ تەدبىر قوللىنىش. ئەمەلىيەتنى چىقىش قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، تەرەققىي قىلغان رايونلار بىلەن تەرەققىي قىلمىغان رايونلار، شەھەر ئەتراپىدىكى كەنتلەر بىلەن ئەنئەنىۋى دېھقانچىلىق رايونلىرىنى پەرقلەندۈرۈپ، شۇ جاينىڭ تەرەققىيات سەۋىيەسى، مالىيەنىڭ بەرداشلىق بېرىش ئىقتىدارى، دېھقانلارنىڭ قوبۇل قىلىش دەرىجىسىگە بىرلەشتۈرۈپ خىزمەتلەرنى ئالغا سىلجىتىپ، يۇقىرى ئۆلچەممۇ، تۆۋەن ئۆلچەممۇ بولۇش، ھەممىنى پۈتۈنلەي ئوخشاش قىلىۋەتمەسلىكنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ھەقىقىي تۈردە ئەمەلىي ئىشنى ياخشى قىلىش، ياخشى ئىشنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش.

بەشىنچىدىن، رەھبەرلىكنى كۈچەيتىش، مېخانىزمنى مۇكەممەللەشتۈرۈش. «بىرىنچى قول رەھبەر» ئۆزى تۇتىدىغان، مەسئۇل رەھبەر بىۋاسىتە تۇتىدىغان، دەرىجىمۇدەرىجە تۇتىدىغان، قاتلاممۇقاتلام ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تۇتىدىغان، رەھبەرلىك تۈزۈلمىسىنى بەرپا قىلىپ، ئىلمىي پىلانلاش، تەدرىجىي كېڭەيتىش، مەبلەغ سېلىپ قۇرۇش، تۈزۈمدە يېڭىلىق يارىتىش قاتارلىق بىر يۈرۈش ئالغا سىلجىتىش مېخانىزمىنى بەرپا قىلىپ، رەھبەرلەر قوماندانلىق قىلىدىغان، تارماقلار ماسلىشىدىغان، دەرىجە بويىچە مەسئۇل بولىدىغان خىزمەت ئەندىزىسىنى شەكىللەندۈرۈش.

ئالتىنچىدىن، قەتئىي بەل قويۇۋەتمەسلىك، بوشاشماي كۈرەش قىلىش. ئۇلۇغۋار پىلاننى ئاخىرغىچە داۋاملاشتۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ئىشلارنى ئارقا - ئارقىدىن بېجىرىپ، يىلنى يىلغا ئۇلاپ ئىشلەپ، قارىغۇلارچە ئىش قىلماي، تەۋرەنمەي، ئۈزلۈكسىز كىچىك غەلىبىلەرنى جۇغلاپ چوڭ غەلىبىنى قولغا كەلتۈرۈش.

سوئال: «مىڭ، ئونمىڭ قۇرۇلۇشى» تەجرىبىسىنى كېڭەيتىشتە قانداق ۋەزىپە - تەلەپلەر بار؟

جاۋاب: «مىڭ، ئونمىڭ قۇرۇلۇشى» تەجرىبىسىنى ئۆگىنىشنىڭ مەقسىتى پۈتۈنلەي كېڭەيتىش ۋە قوللىنىشتا، «پىكىر»دە ئاساسلىقى ئالتە جەھەتتىن ئورۇنلاشتۇرۇلدى، ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى.

بىرىنچىدىن، يېزا ئاھالىلىرىنىڭ ئولتۇراقلىشىش مۇھىتىنى تۈزەشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش. يېزا ھاجەتخانا ئىنقىلابى، تۇرمۇش يۇندىلىرى ۋە ئەخلەتلىرىنى تۈزەش، قارا سېسىق سۇلارنى تۈزەش، كەنت قىياپىتىنى ياخشىلاشنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، يېزا ئاھالىلىرىنىڭ ئولتۇراقلىشىش مۇھىت سۈپىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈش.

ئىككىنچىدىن، شەھەر - يېزىلارنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش. يېزا - كەنت ئۇل ئەسلىھەلىرىنىڭ سۈپىتىنى ئاشۇرۇپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، ئاممىۋى مۇلازىمەتنىڭ يېزىلارغا كېڭىيىشى، جەمئىيەت ئىشلىرىنىڭ يېزىلارنى قاپلىشىغا تۈرتكە بولۇپ، يېزا - كەنت ئىقتىسادىنىڭ كۆپ مەنبەلىشىشىنى ئالغا سىلجىتىپ، تۈرلۈك ئامىللارنىڭ يېزا - كەنتلەرگە تېخىمۇ كۆپ تەرتىپلىك يۆتكىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش.

ئۈچىنچىدىن، يېزا - كەنتلەرنىڭ ئەۋزەل، خاس كەسىپلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش. كۈچنى توپلاپ «يەرلىك خاس مەھسۇلاتلار»غا دائىر ئىشلارنى كۈچنى مۇجەسسەملەپ ياخشى ئىشلەپ، يېزا ئىگىلىك كەسىپلىرىنىڭ يېڭى فۇنكسىيەسى، يېزا ئېكولوگىيەسىنىڭ يېڭى قىممىتىنى ئېچىپ، رىقابەت ئەۋزەللىكىگە ئىگە خاس كەسىپلەرنى بەرپا قىلىش.

تۆتىنچىدىن، يېزا ئىگىلىكى، يېزىلارنىڭ يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش. مۇھىم ئېكولوگىيە سىستېمىسىنى قوغداش ۋە ئەسلىگە كەلتۈرۈش مۇھىم، زور قۇرۇلۇشىنى ياخشى يولغا قويۇپ، تاغ، دەريا، ئورمان، ئېتىز، كۆل، ئوتلاق، قۇمنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ قوغداش ۋە سىستېمىلىق تۈزەشنى ئالغا سىلجىتىپ، «ئىككى بايلىق» ئىدىيەسىنى ئايلاندۇرۇش يولىنى ئومۇميۈزلۈك ئېچىپ راۋانلاشتۇرۇش.

بەشىنچىدىن، يېزىلارنىڭ مەنىۋى مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش. جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ۋە جۇڭگو ئارزۇسى تەشۋىق - تەربىيەسىنى كەڭ قانات يايدۇرۇپ، يېزا مەنىۋى مەدەنىيلىك بەرپا قىلىش پائالىيىتىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، دېھقانلارنىڭ مەدەنىيەت تۇرمۇشىنى ئۈزلۈكسىز بېيىتىش. تېرىقچىلىق مەدەنىيەت مىراسلىرىنى كۈچلۈك، ئۈنۈملۈك قوغداپ، يېزىلاردا كونا ئۆرپ - ئادەتلەرنى ئۆزگەرتىشنى سىجىل ئالغا سىلجىتىش.

ئالتىنچىدىن، يېزا - كەنت ئىدارە قىلىش ئۈنۈم ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش. پارتىيە تەشكىلاتى رەھبەرلىكىدىكى ئۆزى ئىدارە قىلىش، قانۇن ئىدارە قىلىش، ئەخلاق ئىدارە قىلىش بىرلەشتۈرۈلگەن ئىدارە قىلىش سىستېمىسىنى كۈچەپ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يېزا - كەنت ئىدارە قىلىشنىڭ تۇتقىسى، ۋاسىتىسىدە يېڭىلىق يارىتىپ، يېزىلارنى ھەم ھاياتىي كۈچكە تولدۇرۇش، ھەم مۇقىم، تەرتىپلىك قىلىش.

سوئال: «مىڭ، ئونمىڭ قۇرۇلۇشى» تەجرىبىسىنى كېڭەيتىشتە ھەقىقىي ئۈنۈم ھاسىل قىلىشقا قانداق ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىنىدۇ؟

جاۋاب: «پىكىر»دە «مىڭ، ئونمىڭ قۇرۇلۇشى» تەجرىبىسىنى كېڭەيتىشكە قارىتا ئېنىق بولغان تۆۋەن چەك قىزىل سىزىقى سىزىپ بېرىلدى، بۇنى «ئۈچنى قىلماسلىق»قا يىغىنچاقلاشقا بولىدۇ.

بىرىنچىدىن، تەرەققىيات باسقۇچىدىن ھالقىپ كەتمەسلىك. قۇربىنىڭ يېتىشىچە ئىشلەش، چامىنىڭ يېتىشىچە ئىش كۆرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، خىزمەتلەرنى پۇختا تەدرىجىي ئىلگىرى سۈرۈپ، تۈزەش سالمىقى، قۇرۇلۇش چوڭقۇرلۇقى، ئالغا سىلجىتىش سۈرئىتى بىلەن مالىيە كۈچىنىڭ بەرداشلىق بېرىش دەرىجىسى، دېھقانلارنىڭ قوبۇل قىلىش دەرىجىسىنىڭ مۇناسىۋىتىنى ياخشى ئىگىلەپ، يېزا - كەنت قۇرۇلۇشىنىڭ باشتىن - ئاخىر يېزا ئىقتىسادىنىڭ تەرەققىيات سەۋىيەسىگە ئۇيغۇنلىشىشىغا، شۇ جاينىڭ مەدەنىيىتى ۋە تەبىئىي شارائىتى، ئۆرپ - ئادەتلىرىگە ماسلىشىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش.

ئىككىنچىدىن، ئوبراز قۇرۇلۇشى قىلماسلىق. راستچىل - ئەمەلىيەتچىل بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ساننى سۈپەتكە بويسۇندۇرۇش، سۈرئەتنى ئەمەلىي ئۈنۈمگە بويسۇندۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، تېز بولۇشنى كۆزلىمەي ياخشى بولۇشنى كۆزلەش. ئەمەلىيەتتىن ئايرىلغان «ئۈلگە كۆرسىتىش قۇرۇلۇشى» «سىياسىي نەتىجە قۇرۇلۇشى» قىلىشنى قاتتىق چەكلەپ، تارىخ ۋە ئاممىنىڭ سىنىقىغا بەرداشلىق بېرەلەيدىغان بولۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش.

ئۈچىنچىدىن، مەجبۇرىي بۇيرۇق قىلماسلىق. دېھقانلارنىڭ ئارزۇسىغا ھۆرمەت قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، دېھقانلارنىڭ سۇبيېكتلىق ئورنى ۋە تۇنجى ئىجادكارلىق روھىغا ھۆرمەت قىلىپ، ھۆكۈمەت قىلىش بىلەن دېھقانلار قىلىشنىڭ چېگراسىنى ئېنىق ئايرىپ، دېھقانلارنى يېزا - كەنتلەرنىڭ تەرەققىياتى، قۇرۇلۇشى، ئىدارە قىلىنىشىغا قاتناشقۇچى ۋە ئۇنىڭدىن مەنپەئەتلەنگۈچىگە ئايلاندۇرۇش.

سوئال: «مىڭ، ئونمىڭ قۇرۇلۇشى» تەجرىبىسىنى كېڭەيتىشنىڭ ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزمى قانداق تاكامۇللاشتۇرۇلىدۇ؟

جاۋاب: تەشكىلىي رەھبەرلىك، تەشۋىق قىلىش - ئالماشتۇرۇش، كېڭەيتىپ قوللىنىشتىن ئىبارەت ئۈچ تەرەپ نۇقتىلىق ياخشى تۇتۇلىدۇ:

− «مىڭ، ئونمىڭ قۇرۇلۇشى» تەجرىبىسىنى ئومۇميۈزلۈك كېڭەيتىشنى يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىش، يېزا ئىگىلىك كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇشنى تېزلىتىشنىڭ پۈتۈن جەريانىدا ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئولتۇراقلىشىشقا، كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىشقا ماس كېلىدىغان ئىناق، گۈزەل يېزا - كەنت قۇرۇش، گۈزەل جۇڭگو قۇرۇش، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىشنىڭ ھەرقايسى ساھەلىرىدە، ھەرقايسى تەرەپلىرىدە ئەمەلىيلەشتۈرۈش.

− «مىڭ، ئونمىڭ قۇرۇلۇشى» تەجرىبىسىنى نەزەرىيە جەھەتتىن تەتقىق قىلىش ۋە تەشۋىق قىلىش، چۈشەندۈرۈشنى كۈچەيتىپ، پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنىڭ ئۆگىنىش، ئەمەلدە كۆرسىتىش ئىقتىدارى ۋە سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش. «مىڭ، ئونمىڭ قۇرۇلۇشى» يولغا قويۇلغانلىقىنىڭ 20 يىللىقى تەشۋىقاتىنى كۆپ خىل شەكىلدە قانات يايدۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو يېزا - كەنتلىرىنىڭ گۈزەل تۇرمۇش ئوبرازىنى تولۇق نامايان قىلىش.

− شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش باش تېما تەربىيەسىگە بىرلەشتۈرۈپ، «مىڭ، ئونمىڭ قۇرۇلۇشى» تەجرىبە مىساللىرىنى ئۆگىنىشنى ئەستايىدىل تەشكىللەپ قانات يايدۇرۇپ، پارتىيەنىڭ ئىجادىي نەزەرىيەسىدىن پايدىلىنىپ مەسىلىلەرنى تەھلىل قىلىش، ھەل قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، ئۆگىنىش، تەتبىقلاشنىڭ ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلىشىشى، ئەمەلىيلىشىشىگە تۈرتكە بولۇش.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 7 - ئاينىڭ 5 - كۈنى تېلېگراممىسى)

مەنبە:


مەسئۇل مۇھەررىر: 沙衣力克