شىنجاڭ ئاكادېمىيە تورى
جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ جېجياڭ سەھىپىسىنى جاسارەت بىلەن پۈتۈش
يوللانغان ۋاقىت :2023-07-11 |   ئاپتور :   |   مەنبە : شىنجاڭ گېزىتى

− «ئىككى سەككىز ئىستراتېگىيەسى» يولغا قويۇلغانلىقىنىڭ 20 يىللىقى پەيتىدە

□شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرلىرى

بۇ، ئېگىزدە تۇرۇپ يىراققا نەزەر سېلىنغان مۇھىم، زور ئورۇنلاشتۇرما بولۇپ، ئۆلكە رايونىنىڭ ئۇزاق مەزگىللىك تەرەققىياتىنىڭ ئومۇميۈزلۈك يىرىك پىلانى ۋە يۇقىرى قاتلاملىق لايىھەسىگە ئايلاندى؛

بۇ، تەسىرى چوڭقۇر بولغان مۇھىم، زور ئىستراتېگىيە بولۇپ، جېجياڭنى ھەر تەرەپلىمە، سىستېمىلىق، چوڭقۇر قاتلاملىق قالتىس كېپىنەكسىمان ئۆزگىرىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا يېتەكلىدى.

2003 ـ يىلى 7 ـ ئايدا، ئەينى چاغدىكى جېجياڭ ئۆلكىلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى شى جىنپىڭ يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا سەككىز جەھەتتىكى ئەۋزەللىكنى جارى قىلدۇرۇش، سەككىز جەھەتتىكى تەدبىرنى ئالغا سىلجىتىشنى، يەنى «ئىككى سەككىز ئىستراتېگىيەسى»نى ئوتتۇرىغا قويۇپ، جېجياڭنى ئىسلاھات، يېڭىلىق يارىتىش، ئېچىۋېتىش، قۇدرەت تېپىش يولىنى ئېچىشقا يېتەكلىدى.

چوڭ دولقۇن چيەنتاڭجياڭ دەرياسىدا كۆتۈرۈلدى، داغدام يول چيەنتاڭجياڭ دەرياسى بويىدىن باشلاندى.

20 يىلدىن بۇيان، ھەر نۆۋەتلىك جېجياڭ ئۆلكىلىك پارتىيە كومىتېتى، ئۆلكىلىك ھۆكۈمەت «ئىككى سەككىز ئىستراتېگىيەسى»نى ئومۇمىي پىروگرامما قىلىپ، بىر ئۇلۇغۋار پىلاننى ئاخىرغىچە داۋاملاشتۇرۇپ، بىر نۆۋەت يەنە بىر نۆۋەتكە ئۇلاپ ئىشلەپ، «ئىككى سەككىز ئىستراتېگىيەسى»نىڭ جەۋھىرى، مۇھىم مەزمۇنىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈش ئاساسىدا، تۈرلۈك ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىلارنى ئىجادىي ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، جېجياڭنىڭ ئورتاق بېيىش ۋە جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش مۇساپىسىدە ئۈلگە كۆرسىتىپ ئالدىن يۈرۈشىگە تۈرتكە بولدى.

«ئىككى سەككىز ئىستراتېگىيەسى» ئۆلكە رايونىنى ئومۇميۈزلۈك پىلانلاش ۋە يۇقىرى قاتلامدىن لايىھەلەش بولۇپ، جېجياڭنى ھەر تەرەپلىمە، سىستېمىلىق، چوڭقۇر قاتلاملىق قالتىس كېپىنەكسىمان ئۆزگىرىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا يېتەكلىدى

«تاغ ـ دەريالىرىدا گۈزەل باھار مەنزىرىسى نامايان بولدى، تېرىقچىلىققىمۇ، مائارىپقىمۇ ئەھمىيەت بېرىلىپ داستان پۈتۈلدى...» ئۆزگىچە ئالاھىدىلىككە ئىگە «بابەنسۈن» كەنت ناخشىسى خۇجوۋ شەھىرى دېچىڭ ناھىيەسى دۇڭخېڭ كەنتىنىڭ سەھرا مەنزىرىسىنى سۈرەتلەپ بەردى. ھالبۇكى، ۋاقىتنى 20 نەچچە يىل ئىلگىرىگە قايتۇرغاندا، دۇڭخېڭ كەنتىنىڭ مەنزىرىسى باشقىچە ئىدى: ھەممە ئائىلە كان ئېچىش بىلەن ئالدىراش ئىدى، ھەممە يەردە ماشىنىلار گۈرۈلدەيتتى، كەنتنىڭ مۇھىتى «مەينەت، قالايمىقان، ناچار» ئىدى.

21 ـ ئەسىرنىڭ باشلىرىدا، جېجياڭنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىيات سۈرئىتى «زەپەر مارشىنى ياڭرىتىپ تېز ئالغا ئىلگىرىلىگەن»دەك كۆرۈنسىمۇ، لېكىن كۆك بولمىغان ئاسمان، سۈزۈك بولمىغان سۇ، يېشىل بولمىغان تاغلارنى ھەممىلا يەردە ئۇچراتقىلى بولاتتى، بايلىق كەمچىل بولۇش مەسىلىسىمۇ گەۋدىلىنىشكە باشلىغانىدى، تەڭپۇڭ بولمىغان، ماس بولمىغان تەرەققىيات ئەندىزىسىنى داۋاملاشتۇرۇش تەسكە توختىغانىدى.

2003 ـ يىلى 7 ـ ئايدا، جېجياڭ ئىقتىسادىنىڭ كۆپ يىللىق تەرەققىيات تەجرىبىلىرىنى يەكۈنلەش ئاساسىدا، ئەينى چاغدا جېجياڭ ئۆلكىلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى بولغان شى جىنپىڭ ئۆلكىلىك 11 ـ نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 4 ـ ئومۇمىي يىغىنىدا، جېجياڭ تەرەققىياتىنىڭ سەككىز جەھەتتىكى ئەۋزەللىكىنى ئومۇميۈزلۈك، سىستېمىلىق بايان قىلىپ ۋە چۈشەندۈرۈپ، كەلگۈسىگە قارىتىلغان سەككىز تۈرلۈك تەدبىر − «ئىككى سەككىز ئىستراتېگىيەسى»نى ئوتتۇرىغا قويدى. 20 يىلدىن بۇيان، ھەر نۆۋەتلىك جېجياڭ ئۆلكىلىك پارتىيە كومىتېتى، ئۆلكىلىك ھۆكۈمەت بىر ئۇلۇغۋار پىلاننى ئاخىرغىچە داۋاملاشتۇرۇپ، «ئەمەلىي ئىشلەش، ئالدىنقى قاتاردا مېڭىش، باتۇرلۇق بىلەن دەۋرنىڭ ئالدىدا تۇرۇش»ىن تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىدا يېڭى تارىخىي مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈردى.

− جېجياڭنىڭ تۈزۈلمە ـ مېخانىزم ئەۋزەللىكى يەنىمۇ جارى قىلدۇرۇلۇپ، ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكنى ئاساسىي گەۋدە قىلغان كۆپ خىل مۈلۈكچىلىك ئىگىلىكىنىڭ ئورتاق تەرەققىياتىغا زور كۈچ بىلەن تۈرتكە بولۇنۇپ، سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكى تۈزۈلمىسى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈلدى. 20 يىلدىن بۇيان، جېجياڭنىڭ رايون ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى 2002 ـ يىلىدىكى 800 مىليارد يۈەندىن 2022 ـ يىلىدىكى 7 تىرىليون 770 مىليارد يۈەنگە تېز ئۆرلىدى، پۇقراۋى ئىگىلىكنىڭ ئالتۇن خەتلىك داڭلىق ماركىسى تېخىمۇ جۇلالاندى، نۆۋەتتە 107 كارخانا جۇڭگودىكى 500 كۈچلۈك پۇقراۋى كارخانا قاتارىدا بولۇپ، مەملىكەت بويىچە 1 ـ ئورۇندا تۇردى.

− جېجياڭنىڭ رايون ئورنى ئەۋزەللىكى يەنىمۇ جارى قىلدۇرۇلۇپ، شاڭخەي بىلەن تەشەببۇسكارلىق بىلەن جىپسىلاشتۇرۇلۇپ، چاڭجياڭ دېلتىسى رايونى ھەمكارلىقى ۋە ئالاقىسىگە پائال قاتنىشىلىپ، ئىچكى ـ تاشقى ئېچىۋېتىش سەۋىيەسى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈلدى. 20 يىلدىن بۇيان، جېجياڭ چاڭجياڭ دېلتىسى رايونى تەرەققىيات قۇرۇلۇشىغا پائال سىڭىشىپ، تاشقى سودىدا كۈچلۈك ئۆلكە قۇرۇشنى تېزلىتىپ، خەلقئارا ۋە دۆلەت ئىچى بازىرىنى پائال كېڭەيتىپ، تاشقى سودا رىقابەت يېڭى ئەۋزەللىكىنى يېتىلدۈرۈپ، تاشقى سودا قۇرۇلمىسىنى ئەلالاشتۇرۇپ، سۈپەت دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش، داڭلىق ماركا دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، بىر قاتار سىرتقا ئېچىۋېتىش سۇپىلىرىنىڭ ئىقتىدار دەرىجىسىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈشكە تۈرتكە بولدى.

− جېجياڭنىڭ بۆلەكسىمان خاس كەسىپ ئەۋزەللىكى يەنىمۇ جارى قىلدۇرۇلۇپ، ئىلغار ياسىمىچىلىق بازىسى قۇرۇلۇشى تېزلىتىلىپ، يېڭىچە سانائەتلەشتۈرۈش يولىدا مېڭىلدى. 20 يىلدىن بۇيان، جېجياڭ ئەنئەنىۋى كەسىپلەرنى ئۆزگەرتىش، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە قەتئىي تەۋرەنمەي تۈرتكە بولۇپ، «نەتىجىسىگە قاراپ قابىللارنى باھالاش»نى ئالغا سىلجىتىپ، «قەپەسنى بوشىتىپ قۇشنى ئالماشتۇرۇش، سۇمۇرغنى ئوتتا تاۋلاپ قايتا ھاياتلىققا ئېرىشتۈرۈش» ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش ھەرىكىتىنى يېڭىلاپ يولغا قويۇپ، يۇقىرى ئىقتىدار دەرىجىلىك يېڭىلىق يارىتىش سۇپىسى قۇرۇلۇشىغا پائال تۈرتكە بولدى، نۆۋەتتە يەككە تۈردىكى چېمپىيون كارخانىدىن 189ى، دۆلەتنىڭ كەسپىي، تۈجۈپىلىك، ئۆزگىچە، يېڭىچە «كىچىك گىگانت» كارخانىسىدىن 1067سى بار بولۇپ، بىردەك مەملىكەت بويىچە 1 ـ ئورۇندا تۇردى.

− جېجياڭنىڭ شەھەر ـ يېزىلارنىڭ ماس تەرەققىيات ئەۋزەللىكى يەنىمۇ جارى قىلدۇرۇلۇپ، شەھەر ـ يېزىلارنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش تېز ئالغا سىلجىتىلدى. 20 يىلدىن بۇيان، جېجياڭنىڭ شەھەر ـ يېزا ئاھالىلىرى ئىلكىدىكى ئوتتۇرىچە كىرىم مەملىكەت بويىچە ئۆلكە، ئاپتونوم رايونلار ئىچىدە سىجىل 1 ـ ئورۇندا تۇرۇپ كەلدى، شەھەر ـ يېزا ئاھالىلىرىنىڭ كىرىم ھەسسىلىك پەرقى 2.37دىن 1.90گە كىچىكلەپ، مەملىكەت بويىچە ھەسسىلىك پەرقى ئەڭ كىچىك ئۆلكە بولۇپ قالدى. ئاممىۋى مۇلازىمەت تېخىمۇ ئەلا سۈپەتلىك، ئومۇمي مەنپەئەتدار بولۇپ، ئەڭ تۆۋەن تۇرمۇش كاپالەت ئۆلچىمى ھەرقايسى ئۆلكە، ئاپتونوم رايونلار ئىچىدە 1 ـ ئورۇندا تۇردى.

− جېجياڭنىڭ ئېكولوگىيە ئەۋزەللىكى يەنىمۇ جارى قىلدۇرۇلۇپ، ئېكولوگىيەلىك ئۆلكە بەرپا قىلىنىپ، «يېشىل جېجياڭ» بەرپا قىلىندى. 20 يىلدىن بۇيان، جېجياڭنىڭ ئۆلكە تىزگىنلەيدىغان كەسمە يۈزىنىڭ ئەلا سۇ سۈپىتى نىسبىتى %42.9تىن %97.6كە ئۆرلىدى، تۇرمۇش ئەخلەتلىرىدە «نۆل ئېشىش»، ئەسلىي ئەخلەتلەردە «نۆل تىندۇرۇش» ئىشقا ئاشۇرۇلدى. جېجياڭ «سۈزۈك سۇ، يېشىل تاغنىڭ ئۆزى بىر بايلىق» ئىدىيەسىدە باشتىن ـ ئاخىر چىڭ تۇردى، ئاممىنىڭ ئېكولوگىيە ـ مۇھىتتىن رازى بولۇش دەرىجىسى ئۇدا 11 يىل ئاشتى، ياخشى ئېكولوگىيە ـ مۇھىت جېجياڭنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنىڭ ئەۋزەللىكى، ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى ۋە زاپاس كۈچىگە ئايلاندى.

− جېجياڭنىڭ تاغلىق رايونلار ـ دېڭىز بويىدىكى رايونلار بايلىق ئەۋزەللىكى يەنىمۇ جارى قىلدۇرۇلۇپ، دېڭىز ـ ئوكيان ئىقتىسادى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇلۇپ، تەرەققىي قىلمىغان رايونلارنىڭ ھالقىما تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇنۇپ، تىرىشىپ دېڭىز ـ ئوكيان ئىقتىسادى ۋە تەرەققىي قىلمىغان رايونلارنىڭ تەرەققىياتى جېجياڭ ئىقتىسادىنىڭ يېڭى ئېشىش نۇقتىسىغا ئايلاندۇرۇلدى. 20 يىلدىن بۇيان، جېجياڭ تاغلىق رايونلار ـ دېڭىز بويىدىكى رايونلار ھەمكارلىقىنىڭ دەرىجىسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈشكە سىجىل تۈرتكە بولۇپ، «تاغ ـ دەريالار دەستۇرى»نى سىجىل ياخشى ئوقۇپ، تەرەققىي قىلغان 50 ناھىيە (شەھەر، رايون)نىڭ تاغلىق رايوندىكى 26 ناھىيە بىلەن قوشماقلىشىپ ياردەم قىلىش ـ يۆلىشىگە تۈرتكە بولۇپ، تاغلىق رايونلار ـ دېڭىز بويىدىكى رايونلار ھەمكارلىقى ئارقىلىق خاس كەسىپ تۈرىدىن 12 مىڭدىن كۆپرەكنى كىرگۈزۈپ، 740 مىليارد يۈەندىن ئارتۇق مەبلەغنى ئەمەلىيلەشتۈردى.

− جېجياڭنىڭ مۇھىت ئەۋزەللىكى يەنىمۇ جارى قىلدۇرۇلۇپ، «بەش چوڭ 10 مىليارد يۈەن»لىك قۇرۇلۇش ئاساسىي مەزمۇن قىلىنغان نۇقتىلىق قۇرۇلۇش پائال ئالغا سىلجىتىلىپ، قانۇنچىللىق قۇرۇلۇشى، ئىناۋەت قۇرۇلۇشى ۋە ئورگانلارنىڭ ئۈنۈم ـ ئىقتىدار قۇرۇلۇشى ھەقىقىي كۈچەيتىلدى. 20 يىلدىن بۇيان، جېجياڭ ئورگانلارنىڭ ئۈنۈم ـ ئىقتىدار قۇرۇلۇشى خىزمىتىنى پائال ئورۇنلاشتۇرما قىلىپ، «تۆت تىزىملىك، بىر تور»نى يولغا قويۇپ، «فېڭچياۋ تەجرىبىسى» «پۇجياڭ تەجرىبىسى»گە ۋارىسلىق قىلىپ ۋە ئۇنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، جېجياڭنىڭ ئاساسىي قاتلام جەمئىيەت ئىدارە قىلىش قۇرۇلۇشىنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇردى، 2022 ـ يىلى جېجياڭدىكى ئاممىنىڭ بىخەتەرلىك تۇيغۇسى %99.28 بولۇپ، ئۇدا كۆپ يىل مەملىكەت بويىچە ئالدىنقى قاتاردا تۇردى.

− جېجياڭنىڭ ئادىمىيەت ئەۋزەللىكى يەنىمۇ جارى قىلدۇرۇلۇپ، پەن ـ مائارىپى گۈللەنگەن ئۆلكە، ئىختىساسلىقلار كۈچلۈك ئۆلكىسى قۇرۇلۇشى پائال ئالغا سىلجىتىلىپ، مەدەنىيەت چوڭ ئۆلكىسى قۇرۇش تېزلىتىلدى. 20 يىلدىن بۇيان، 8000دىن ئارتۇق «15 مىنۇتلۇق سۈپەتلىك مەدەنىيەت تۇرمۇش چەمبىرىكى» جېجياڭدا ماكانلىشىپ، مەدەنىيەت قۇرۇلۇشى نەتىجىلىرى ھەممە يەردە ھەمبەھرىلەندى. ئالىي مائارىپتا ئوقۇشقا كىرىش ئومۇمىي نىسبىتى %66.3كە يېتىپ، 20 يىل ئىلگىرىكىگە سېلىشتۇرغاندا 46 پىرسەنت پوئېنت ئاشتى. جېجياڭ مائارىپ ئىسلاھاتىنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، مەنىۋى بايلىقنى بەلگە قىلغان مەدەنىيەت تەرەققىيات ئەندىزىسىدە يېڭىلىق يارىتىپ ۋە ئۇنى ئالغا سىلجىتىپ، شەھەر ـ يېزا بىر گەۋدىلەشكەن، رايونلارغا تەكشى جايلاشتۇرۇلغان يۇقىرى سۈپەتلىك ئاممىۋى مەدەنىيەت مۇلازىمەت سىستېمىسىنى كۈچەپ بەرپا قىلىپ، ياخشى ئۈنۈمگە ئېرىشتى.

«ئىككى سەككىز ئىستراتېگىيەسى» ماركسىزمنىڭ سىستېما تەپەككۇرى، دىيالېكتىك ئۇسۇلى، ئىلمىي يولىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، جېجياڭنىڭ كەلگۈسىدىكى غەلىبىنى يارىتىدىغان ئالدىن تەرەققىي قىلىش ئەۋزەللىكىگە يېتەكچىلىك قىلدى

«ئىككى سەككىز ئىستراتېگىيەسى» يولغا قويۇلغان 20 يىلدىن بۇيان، جېجياڭ «ئىككى سەككىز ئىستراتېگىيەسى» ئارقىلىق جېجياڭنىڭ يېڭى ئەۋزەللىكىنى يارىتىپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتىن ئۈچ «1 ـ نومۇرلۇق قۇرۇلۇش»نى ئالغا سىلجىتىشقىچە، «ئىككىدە ئالدىن يۈرۈش» ئارقىلىق «مۇھىم كۆزنەك» بەرپا قىلىپ، ئۈزلۈكسىز يېڭى سەھىپە پۈتتى.

− «پۈتۈن ۋەزىيەت ئېڭى، يىراق كەلگۈسى ئېڭى، بىرتۇتاش پىلانلاپ ماسلاشتۇرۇش»تىن ئىبارەت سىستېمىلىق تەپەككۇردا چىڭ تۇرۇش.

نىڭبو جوۋشەن پورتىنىڭ مال كىرگۈزۈش ـ چىقىرىش مىقدارى ئۇدا 14 يىل يەرشارى بويىچە 1 ـ ئورۇندا تۇردى، يۈك ساندۇقى كىرگۈزۈش ـ چىقىرىش مىقدارى يەرشارى بويىچە 3 ـ ئورۇندا مۇقىم تۇردى. نىڭبو جوۋشەن پورتىنىڭ مەسئۇلى مۇنداق بىلدۈردى: «ئىككى سەككىز ئىستراتېگىيەسى» پورتنى ئىقتىسادىي تەرەققىياتتىكى زور تەدبىر قىلىپ، ئېگىزدە تۇرۇپ يىراققا نەزەر سېلىپ سىستېمىلىق پىلانلاش ئارقىلىق، نىڭبو جوۋشەن پورتىنىڭ بىر گەۋدىلەشتۈرۈش ئىسلاھاتى ئوڭۇشلۇق ئالغا سىلجىتىلىپ، دۇنيادىكى چوڭ پورتنىڭ بۈگۈنكى ھەيۋەتلىك قىياپىتىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈردى.

«ئىككى سەككىز ئىستراتېگىيەسى» جېجياڭ ئۈچۈن ئىجادىي، ماس، يېشىل، ئوچۇق، ھەمبەھرە تەرەققىياتنىڭ يېڭى مەنزىلىنى ئاچتى. جېجياڭ ئۆلكىسى «ئىككى سەككىز ئىستراتېگىيەسى»نى باھالاش تەتقىقات مەركىزىنىڭ ئالاقىدار تېما گۇرۇپپىسى تەتقىق قىلىپ مۇنداق قارىدى: 20 يىلدا، جېجياڭدىكى ھەر دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلار بىرتۇتاش پىلانلاپ تەڭ ئېتىبار بېرىش ئۇسۇلىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، رەقەملەشكەن جېجياڭ، گۈزەل جېجياڭ، قانۇنچىل جېجياڭ، تىنچ ـ ئامان جېجياڭ مەدەنىيەت ئېگىزلىكى قۇرۇلۇشىنى ماس ئالغا سىلجىتتى.

− «ئەۋزەللىكنى جارى قىلدۇرۇش، كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلاش، تايىنىش نۇقتىسىنى پۇختىلاش»تىن ئىبارەت دىيالېكتىك ئۇسۇلدا چىڭ تۇرۇلدى.

سۇنى تىزگىنلەش تىپنى ئۆزگەرتىشنى ئىلگىرى سۈردى، تەيجوۋ شيەنجۈنىڭ «خىمىيە ـ سانائەت دەرياسى» سۈزۈكلەشتى، يېشىللاشتى؛ خاڭجوۋدىكى شىشى سۇلۇق يېرى «شەھەر ئۆپكىسى»نى سىجىل ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، مەملىكەت بويىچە تۇنجى دۆلەت سۇلۇق يەر باغچىسى بەرپا قىلدى؛ چۈجوۋ كەيخۇا «ئېكولوگىيەسى ياخشى ناھىيە بەرپا قىلىش»تا چىڭ تۇردى، چيەنجياڭيۈەن چاڭجياڭ دېلتىسىدىكى دۆلەت باغچىسى تۈزۈلمىسىنى نۇقتىدا سىناق قىلىش بويىچە بىردىنبىر رايون قىلىپ بېكىتىلدى... «ئىككى سەككىز ئىستراتېگىيەسى»نى ئومۇمىي پىروگرامما قىلىپ، جېجياڭ بىر يۈرۈش سۇنى تىزگىنلەشنى بۆسۈش ئېغىزى قىلىش، مۇھىت بۇلغىنىشىنى تۈزەش ھەرىكىتى قاتارلىقلارنى ئاساسىي مەزمۇن قىلغان تىپنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش بىرىكمە مۇشتىنى ئاتتى.

جېجياڭ ئۆلكىلىك پارتىيە كومىتېتى تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ دائىمىي مۇئاۋىن بۆلۈم باشلىقى شيې جىيۈەن مۇنداق دېدى: «ئىككى سەككىز ئىستىراتېگىيەسى» زور مىقداردىكى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشتىن كەلگەن بولۇپ، ھەم ئۆز ئەۋزەللىكىنى تولۇق تونۇپ ۋە ئىگىلەپ، ھازىر بار بولغان ئەۋزەللىكنى ئۈزلۈكسىز يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ھەم تىرىشىپ يوشۇرۇن ئەۋزەللىكنى قېزىپ، ئۈزلۈكسىز ھالدا كېيىنكى تەرەققىيات ئەۋزەللىكىنى يېڭى تەرەققىيات ئەۋزەللىكىگە ئايلاندۇرۇپ، «ئىككى تاغ» «ئىككى خىل ئادەم» «ئىككى قول» قاتارلىق دىيالېكتىك مۇناسىۋەتلەرنى ياخشى بىر تەرەپ قىلىپ، ئارتۇقچىلىقلارنى جارى قىلدۇرۇپ كەمتۈكلۈكلەردىن ساقلىنىش، ئارتۇقچىلىقلارنى قوبۇل قىلىپ كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلاش داۋامىدا يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنىڭ ئاساسىنى مۇستەھكەملىدى.

− «ئاساسلىق زىددىيەت، تۈپ مەسىلە، نۇقتىلىق بۆسۈش»تىن ئىبارەت ئىلمىي يولدا چىڭ تۇرۇلدى.

ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى ئالدىن يولغا قويغان جاي بولۇش سۈپىتى بىلەن، جېجياڭدىكى بىر قىسىم زىددىيەت، مەسىلىلەر بۇرۇنلا ئەرزىيەت يوللىرى ئارقىلىق گەۋدىلەندى. 2003 ـ يىلى 9 ـ ئايدا، جېجياڭ ئۆلكىلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ ئاساسلىق رەھبەرلىرى تۇنجى قېتىملىق تۆۋەنگە چۈشۈپ زىيارەت قىلىش نۇقتىسىنى جىنخۇا پۇجياڭغا ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئۆلكە دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلارنىڭ تۆۋەنگە چۈشۈپ زىيارەت قىلىش، ئەرزىيەت قوبۇل قىلىش يولىنى ئاچتى. 20 يىلدا، جېجياڭدىكى ھەر دەرىجىلىك رەھبەرلەر جەمئىي 150 مىڭ ئادەم قېتىم تۆۋەنگە چۈشۈپ زىيارەت قىلىپ ئاممىنى كۈتۈۋالدى، جەمئىي 200 مىڭدىن ئارتۇق تۈركۈمدە 700 مىڭدىن ئارتۇق ئادەم قېتىم ئاممىنى كۈتۈۋالدى.

جېجياڭ ئۆلكىسى شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى تەتقىقات مەركىزى تېما گۇرۇپپىسى تەتقىق قىلىپ مۇنداق قارىدى: «ئىككى سەككىز ئىستراتېگىيەسى»دە جېجياڭنىڭ تەرەققىيات داۋامىدا يولۇققان نېگىزلىك، چوڭقۇر قاتلاملىق زىددىيەت ۋە مەسىلىلىرىگە قارىتا، «ئۆسۈپ يېتىلىش داۋامىدىكى غەم» ھەل قىلىنىپ، مەسىلە يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇلۇپ، قىيىنچىلىقنى يېڭىپ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىشقا ئەھمىيەت بېرىلدى. جېجياڭدىكى ھەر دەرىجىلىك كادىرلار «ئىككى نۇقتا نەزەرىيەسى» «مۇھىم نۇقتا نەزەرىيەسى»نى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، پۇقراۋى ئىگىلىك، رەقەملىك ئىقتىساد قاتارلىق «ئالتۇن ئىسىم كارتىسى»نى سىجىل جۇلالاندۇردى، جېجياڭنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات يولى ماڭغانسېرى مۇقىم بولدى.

«ئىككى سەككىز ئىستراتېگىيەسى» جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ تەرەققىيات لوگىكىسىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، ئۈزلۈكسىز ھالدا جېجياڭنى جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ ئۆلكە رايونى يېڭى سەھىپىسىنى داۋاملىق پۈتۈشكە يېتەكلىدى

20 يىلدىن بۇيان، ھەر نۆۋەتلىك جېجياڭ ئۆلكىلىك پارتىيە كومىتېتى، ئۆلكىلىك ھۆكۈمەت «ئىككى سەككىز ئىستراتېگىيەسى»نى بىرتۇتاش يېتەكچى قىلىپ، جەۋھىرى، مۇھىم مەزمۇنىنى ئىگىلەپ، بوشاشماي كۈرەش قىلىپ، قەتئىي تەۋرەنمەي، «مىخ قېقىش» روھى بىلەن چوڭقۇر پىلانلاپ، ئىنچىكە تۇتۇپ ئەمەلىيلەشتۈرۈپ ھەم ئەمەلىيەت داۋامىدا «ئىككى سەككىز ئىستراتېگىيەسى»نى ئۈزلۈكسىز بېيىتىپ ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ ئۆلكە رايونى يېڭى سەھىپىسىنى داۋاملىق پۈتتى.

− مەسىلىنى يۆنىلىش قىلىپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ئېلىپ بېرىشتا باشتىن ـ ئاخىر چىڭ تۇرۇلۇپ، پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن ئەمەلىي ئىش قىلىنىپ، ئەمەلىي تەدبىر قوللىنىلىپ، ئەمەلىي ئۈنۈم كۆزلەندى. بۇ يىلقى «باش باھاردىكى تۇنجى يىغىن»دا، جېجياڭ ئۆلكىلىك پارتىيە كومىتېتى يېڭىلىق يارىتىش، ئىسلاھ قىلىش، ئېچىۋېتىشتىن ئىبارەت ئۈچ چوڭ ساھەدىكى ئۈچ «1 ـ نومۇرلۇق قۇرۇلۇش»نى يولغا قويۇشنى ئورۇنلاشتۇرما قىلدى. بۇنىڭ ئىچىدە، ئېچىۋېتىش ساھەسىدە، «تاتلىقياڭيۇ ئىقتىسادى»نىڭ ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش بويىچە «1 ـ نومۇرلۇق ئېچىۋېتىش قۇرۇلۇشى»نى يولغا قويۇپ، تېخىمۇ ئېلاستىكلىققا، ھاياتىي كۈچكە، رىقابەت كۈچىگە ئىگە «تاتلىقياڭيۇ ئىقتىسادى»نى بەرپا قىلدى.

پېلەك تەرەپ ـ تەرەپكە سوزۇلۇپ، تېخىمۇ كۆپ قۇياش نۇرى، يامغۇر، شەبنەم ۋە ئوزۇق قوبۇل قىلىدۇ، يىلتىزنى تىرەپ تۇرىدىغان تۈگۈنەك غول تېخىمۇ توم ۋە يوغان ئۆسىدۇ... بۇ خىل بىر ماكان، بىر زاماندىن ھالقىپ چىققان، ئېچىۋېتىلگەن شەكىلدىكى تەرەققىيات ھالىتى «تاتلىقياڭيۇ ئىقتىسادى» دەپ ئاتىلىدۇ.

«تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەلىك ئېچىۋېتىشكە تۈرتكە بولۇش تەرەققىياتنىڭ ئېھتىياجى، تېخىمۇ مۇھىمى تەشەببۇسكار بولۇش.» يەرشارىۋى خىمىيەۋى تالا باشلامچى كارخانىسى تۇڭكۇن گۇرۇھىنىڭ باش مۇدىرى چېن شىلياڭ مۇنداق دېدى: «قابىللار سىنىشىشى»دا چوقۇم يەرشارىۋى نەزەر دائىرىنى ھازىرلىغاندىلا، ئاندىن كەلگۈسىدىكى ئۇزاق مەزگىللىك تەرەققىياتقا تىرەك بولغىلى بولىدۇ.

تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ئارقىلىق يول ئېچىپ، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ئىستىلىنى كەڭ ئەۋج ئالدۇرۇش كېرەك. يېڭى ۋەزىيەت ۋە يېڭى مەسىلە ئالدىدا، ئۈچ «1 ـ نومۇرلۇق قۇرۇلۇش» دەل مەركەزنىڭ روھى بىلەن يەرلىكنىڭ ئەمەلىيىتىنى ئۆزئارا بىرلەشتۈرۈپ، ئۆلكە ئەھۋالى، شەھەر ئەھۋالى، ناھىيە ئەھۋالىنى چوڭقۇر ئىگىلەپ، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ئارقىلىق چىقىرىلغان يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولىدىغان تەدبىر ـ ئورۇنلاشتۇرمىدىن ئىبارەت.

− «تۆھپە يېزىشتا مەن بولمىساممۇ بولىدۇ» دېگەن مەنىۋى مەنزىلدە باشتىن ـ ئاخىر چىڭ تۇرۇپ، بىر نۆۋەت يەنە بىر نۆۋەتكە ئۇلاپ ئىشلىدى. لىشۇي شەھىرى سۇڭياڭ ناھىيەسىنىڭ سىدۇ يېزىسى پىڭتيەن كەنتى يىل بويى تۇمان بىلەن قاپلىنىپ تۇرىدىغان بولۇپ، كەنتتىكى ئۆيلەر پەلەمپەيسىمان، قات ـ قات ئېگىز ـ پەس بولغاچقا، «بۇلۇتتىكى پىڭتيەن» دەپمۇ ئاتىلىدۇ. 2016 ـ يىلى، سۇڭياڭ ناھىيەسى «كونا ئۆيلەرنى قۇتقۇزۇش ھەرىكىتى»نى يولغا قويۇپ، ئەنئەنىۋى كەنتلەرنى قوغداش خاراكتېرلىك قۇتقۇزۇش ۋە ئېچىش ئېلىپ باردى.

ھەم كەنتنىڭ ئەسلىي ئۇسلۇبىنى ساقلاپ قالدى، ھەم كەسپىي زاتلارنى تەكلىپ قىلىپ بوشلۇقنى قايتا قۇردى ۋە دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ ئۆزگەرتتى. ھازىر پىڭتيەن كەنتىگە كىرگەندە، ھەممىلا يەردە قەدىمىي ئۇسلۇبتىكى ئاھالىلەر تۇرالغۇسى ۋە ئىجادىيەت دۇكانلىرى بار. سۇڭياڭ ناھىيەلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى مو لياڭ مۇنداق دېدى: «مىڭ، ئونمىڭ قۇرۇلۇشى» ھەممە كەنتنىڭ قىياپىتى بىر خىل بولۇش دېگەنلىك ئەمەس، بەلكى شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ، جانلىق قوغداپ، ئورگانىك تەرەققىي قىلدۇرۇپ، يېزا ـ كەنتلەرنى كىشىلەرنىڭ قەلب ماكانىغا ئايلاندۇرۇشتىن ئىبارەت.

2003 ـ يىلى 6 ـ ئايدا، جېجياڭ ئۆلكىلىك پارتىيە كومىتېتى «مىڭلىغان كەنتتە ئۈلگە كۆرسىتىش، ئونمىڭلىغان كەنتنى تۈزەش» قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇش ئىستراتېگىيەلىك تەدبىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ھەر نۆۋەتلىك جېجياڭ ئۆلكىلىك پارتىيە كومىتېتى، ئۆلكىلىك ھۆكۈمەت «مىڭ، ئونمىڭ قۇرۇلۇشى»نى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇردى، 20 يىلدىن بۇيان، «مىڭلىغان كەنت كەلگۈسىگە يۈزلىنىش، ئونمىڭلىغان كەنت ئورتاق بېيىشقا ئاتلىنىش، شەھەر ـ يېزىلارنىڭ يۇغۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، پۈتۈن رايوندا ئىناقلىق ۋە گۈزەللىك بەرپا قىلىش»تەك تەسىرلىك يۆگىمە رەسىم تەدرىجىي شەكىللەندى.

− باشتىن ـ ئاخىر خەلق بىلەن قەلبداش بولۇپ، جاپادىمۇ، ھالاۋەتتىمۇ بىللە بولۇپ، ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىپ، خەلقنىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئىنتىلىشى ئۈزلۈكسىز رېئاللىققا ئايلاندى. خاڭجوۋ شەھىرى شىخۇ رايونى سۈييۈەن 1 ـ رايون مەھەللىسىدە، ياشانغانلارنىڭ تاماقلىنىشىدىكى قىيىن مەسىلىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن، مەھەللە تەمى ياخشى، باھاسى ئەرزان ياشانغانلار ئاشخانىسى ئاچتى؛ ياشانغانلارنى يوقلاپ كەلگەن پەرزەنتلەرنىڭ ئاپتوموبىل توختىتىش قىيىن بولۇش مەسىلىسىگە قارىتا، مەھەللە يەنە مەخسۇس ئاپتوموبىل ئورنى بەلگىلىدى. بۇنىڭدىن باشقا، مەھەللىدىكى كۆلچەكلەرگە يەنە ئېكولوگىيەلىك سۇ ئايلىنىش سىستېمىسىنى كىرگۈزۈپ، كىچىك مەنزىرە ئارقىلىق كونا ئولتۇراق رايون مۇھىتىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈردى.

سۈييۈەن 1 ـ رايون مەھەللىسى خاڭجوۋنىڭ «خەلقنىڭ ساداسىغا قۇلاق سېلىپ، ئۇلار ئۈچۈن خىزمەت قىلىمەن»نى ئەمەلدە كۆرسىتىشنىڭ ئىخچام كارتىنىسى. خاڭجوۋ دىققەتنى ئامما ئالدىراۋاتقان، قىينىلىۋاتقان، غەم قىلىۋاتقان، تەقەززا بولۇۋاتقان مەسىلىگە مەركەزلەشتۈرۈپ، «خەلقنىڭ ساداسىغا قۇلاق سېلىپ، ئۇلار ئۈچۈن خىزمەت قىلىمەن»نى كونكرېت ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئۈستىدە پائال ئىزدىنىپ، ئەمەلىي ئىش قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، خەلق تۇرمۇشى مەسىلىسىنى ھەل قىلىشقا تۈرتكە بولۇپ، بەختنى ھېس قىلغىلى، بىلگىلى، ئېرىشكىلى بولىدىغان قىلدى.

20 يىلدىن بۇيان، ھەر نۆۋەتلىك جېجياڭ ئۆلكىلىك پارتىيە كومىتېتى، ئۆلكىلىك ھۆكۈمەت خەلقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىشتە چىڭ تۇرۇپ، خەلققە بەخت يارىتىشقا ئىرادە باغلاپ، تىرىشىپ جېجياڭنى يېڭى دەۋردە جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىنىڭ ئەۋزەللىكىنى ئومۇميۈزلۈك نامايان قىلىدىغان مۇھىم كۆزنەككە ئايلاندۇردى.

جېجياڭ ئۆلكىلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى يى ليەنخۇڭ مۇنداق دېدى: يېڭىلىق ياراتقۇچىلار قۇدرەت تاپىدۇ، ئىسلاھاتچىلار ئىلگىرىلەيدۇ، ئېچىۋەتكۈچىلەر غەلىبە قىلىدۇ. «ئىككى سەككىز ئىستراتېگىيەسى»دىن ئىبارەت بۇ چوڭ ئىشنى داۋاملىق ياخشى قىلىش ئۈچۈن، جەزمەن يېڭى، تېخىمۇ يۇقىرى باشلىنىش نۇقتىسىدا، يېڭىلىق يارىتىش، ئىسلاھ قىلىش، ئېچىۋېتىشتە تېخىمۇ زور بۆسۈش ھاسىل قىلىشقا تۈرتكە بولۇپ، ئومۇميۈزلۈك ھالدا ھاياتىي كۈچنى ئۇرغۇتۇپ، ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشۇپ، يېڭىلىق يارىتىش كۈچى، رىقابەت كۈچىنى ئاشۇرۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنىڭ يېڭى ئەۋزەللىكىنى تىرىشىپ بەرپا قىلىپ، جاسارەت بىلەن يېڭى دەۋرنىڭ يېڭى شان ـ شەرىپىنى پۈتۈش كېرەك.

(مۇخبىرلار خې لىڭلىڭ، يۈەن جېنيۈ، شاڭ يىيىڭ، ۋاڭ جۈنلۇ، گۇ شياۋلى)

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، خاڭجوۋ، 7 ـ ئاينىڭ 9 ـ كۈنى تېلېگراممىسى)

مەنبە:



مەسئۇل مۇھەررىر: 沙衣力克